قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7267|ئىنكاس: 21

ئاقھۇن: شاھزادىلەر شەھىرىدىكى ئۇيغۇر بازىرى (تولۇق)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1461

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42327
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 490
توردىكى ۋاقتى: 380
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-3 17:09:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھزادىلەر شەھىرى ئاماسيا ۋە «ئۇيغۇر بازىرى» دا كۆرگەنلىرىم
زىيارەت خاتىرىسى (تولۇق)

ئاقھۇن| باغداش مۇنبىرى | 2015- يىلى 4 - دېكابىر


ئاماسيادا كۆرگەنلىرىم:
   28، 29- نويابىر (2015) كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا قارا دېڭىز رايونىنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان شاھزادىلەر شەھىرى (ئوسمان ئىمپېرىيەسى پادىشاھلىرىنىڭ كۆپىنچە شاھزادىلىرى تەربىيەلىنىش ئۈچۈن بۇ شەھەرگە ئەۋەتىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ نام بىلەن ئاتىلىدىكەن) ئاماسيا ۋىلايىتىدە زىيارەتتە بولۇش پۇرسىتىگە نائىل بولدۇم. تاغۇ – تاشلىرى، كوچا – كويلىرى، يول بويلىرىدىن تارتىپ ھەممىلا يېرىدىن تارىخ ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان بۇ شەھەرنى زىيارەت قىلىشىمدىكى تۈپ مەقسەت، شەھەرنىڭ 32 كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان ئاماسيا – توكات يولى بويىدىكى تارىخىي «ئۇيغۇر بازىرى» نى ۋە ئۇيەرنىڭ ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشى، مائارىپى، دىنىي –ئېتىقادى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى يېقىندىن تونۇش، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى شۇلارنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن بىۋاسىتە ئاڭلاشتىن ئىبارەت ئىدى.
   28 – چىسلا ئەتىگەن سائەت 7 ئەتراپىدا دوستۇم م.تۇرسۇن بىلەن بىرلىكتە ئاماسيا ۋىلايىتىنىڭ چەترەك بىر يېرىگە سېلىنغان ئاپتوبۇس بېكىتىگە چۈشۈپ، يولدا قازا قىلىۋەتكەن بامدات نامىزىمىزنى ئوقۇۋالغاندىن كېيىن، ئاپتوبۇس شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت مىنىبۇسىغا ئولتۇرۇپ، شەھەر مەركىزىگە يېتىپ باردۇق. پىلانىمىز ئۇدۇللا جەنۇب تەرەپتىكى تاغنىڭ چۇققىسىغا سېلىنغان مېھمانخانىدىكى ئالدىن ئايرىتىلغان ياتىمىزغا كېتىش بولسىمۇ، شەھەرنىڭ ئەتىگەندىكى جانغا ئارامبەخش ساپ ھاۋاسى ئوسمان ئىمپېرىيەسى شاھزادىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش، قوغدىنىش مەركىزىي بولۇپ كەلگەن، ئوسمان ئىمپېرىيەسى پادىشاھى قانۇنى سۇلتان سۇلايمانمۇ بىۋاسىتە بېرىپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزكۇر شەھەر كوچىلىرىدىكى ئادەمگە ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئۇيغۇر يېزىلىرىنى ئەسلىتىدىغان مەدەنىيەت ئىزلىرى بىزنى ئىختىيارسىزلا شەھەرنى سۆيۈپ ئۆتىدىغان «يېشىل ئىرماق (يېشىل دەريا)» بويىدىكى سېپىللار، پۈتۈنلەي تاشتىن ياسالغان تارىخىي ئىمارەتلەر، شاھزادىلەرنىڭ تۇرالغۇلىرى، جامەلەر، ھەيكەللەر ... دېگەندەك بىر – بىرىدىن جەلىپكار يادىكارلىقلار بىلەن قورشالغان سىرلىق ئۆتەڭگە باشلاپ كىردى.

ئاماسيا كوچىلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش

ئاماسيا كوچىلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش

يېشىل دەريا بويىدا

يېشىل دەريا بويىدا




ئاماسيا شەھەر مەركىزىدىكى بىر كونا ئۆينىڭ دەرۋازىسى

ئاماسيا شەھەر مەركىزىدىكى بىر كونا ئۆينىڭ دەرۋازىسى


يېشىل دەريانىڭ جەنۇبىي قىرغىقى - ئاماسيا

يېشىل دەريانىڭ جەنۇبىي قىرغىقى - ئاماسيا


IMG_6773.JPG


IMG_6778.JPG


IMG_6780.JPG


IMG_6783.JPG


IMG_6794.JPG


   ئىككى قىرغىقىدىكى رىم ئىمپېرىيەسى، موڭغۇللار، ئىلخانلىلار، سەلچۇقلار، ئوسمانلىلارنىڭ بەھەيۋەت ئىزنالىرى، ئىنسانلىرى ۋە پۈتكۈل سۇغا مۇھتاج مەۋجۇتلۇقلىرىنى مېھىر بىلەن سوغۇرۇپ كېلىۋاتقان يېشىل ئىرماق ئۈستىگە سېلىنغان تاش كۆۋرۈكتىن شىمال تەرەپتىكى سېپىللار تەرەپكە ئۆتۈۋېتىپ، قارماقلىرى بىلەن بېلىق تۇتۇۋاتقان بېلىقچىلار بىلەن بىر ئاز ھەمسۆھبەت بولدۇق؛ ئۇلار بېلىقنى تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن تۇتىدىكەن. يېشىل ئېرماق ماڭا تۈمەن، يۈرۈڭقاش، يەركەنت، كېرىيە دەريالىرىنى ئەسلەتتى... ئارقىدىن يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، تار، ئەمما ناھايىتى پاكىز كوچا بويلىرىدىكى %100 دېگۈدەك ئۇيغۇر ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىگە ئوخشايدىغان ئىشىكلەرنى كۆرۈپ، دەرھال سۈرەتكە ئالدۇق. ئەلۋەتتە يېشىل ئىرماق بويىدىكى شاھزادىلەرنىڭ ھەيكەللىرىنى، پەقەتلا بوشلۇق قالدۇرۇلماستىن سېلىنغان تۆلىمۇ كۆرگەم ئۆيلەرنى، تىك قىيالىقلارغا سېلىنغان ئوسمان ئىمپېرىيەسى شاھزادىلىرىنىڭ تۇرالغۇلىرىنى تارىخىي جامەلەرنى، ئەلەۋىيلەرنىڭ جەم ئۆيلىرى (ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يىغىلىدىغان ماكانلىرى) نىمۇ سۈرەتكە ئېلىشنى ئۇنتۇمىدۇق.
    سائەت 9 دىن ئاشقاندا، سۈيىنىڭ شۇنچە كۆپ بولۇشىغا قارىماي خىيال دېڭىزىغا غەرق بولغان بوۋايلاردەك جىمجىتقىنە ئاقىدىغان يېشىل ئېرماق بويىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ، ناشتا قىلىۋالدۇق-دە، ئۇ يەردىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ (ئارىلىق بەك يىراق بولسىمۇ، تاغ بەكلا تىك بولغاچقا مېڭىپ چىقىش ئىمكانسىزدەكلا قىلاتتى) تاغنىڭ ئۈستىدىكى مېھمانخانىمىزغا قاراپ ماڭدۇق. يولدا تاكسى شوپۇرىدىن «ئۇيغۇر بازىرى» نى بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئۇ يەرنى بىلىدىغانلىقىنى، لېكىن، ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىسىنىڭ بار – يوقلۇقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۇمەسىلىنىڭ شۇ كەمگىچە قىزىقىشىنى قوزغىمىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ياتاقلىرىمىزغا ئورۇنلىشىپ، چۈشلۈك تامىقىمىزنىڭ تەييار بولۇشىنى ساقلاۋاتقان ئەسنادا، مېھمانخانىدا ئۆمەرجان نۇرى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «سۇلتان ئالائىدىن ئەرەتنا» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى پىروفېسسور دوكتور كەمال گۆدە بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق. ئۇمۇ ئۇيغۇر بازىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ئۇيغۇر بازىرى› غا كۆچۈشىنىڭ 700يىللىقى: 1326- 2015» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن كەلگەنىكەن. پىروفېسسور كەمال گۆدە بىلەن ئۇچرىشىشىمىز بىز ئۈچۈن گويا ‹ساقىيىدىغان كېسەلنىڭ يېنىغا تېۋىپ ئۆزى كەپتۇ› دېگەندەكلا بىر ئىش بولدى. ئۇ بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاماسيانىڭ ئۇيغۇر ئاھالىلەر رايونىغا كېلىپ ئورۇنلىشىشى ۋە ئۇھەقتىكى تەتقىقاتلىرى ھەققىدە نۇرغۇن مەلۇماتلارنى بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ‹ئۇيغۇر بازىرى› غا ئورۇنلىشىشى مىلادىيە 1327- يىلى ئۆكتەبىر ئېيىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، شۇ مەزگىلدىكى ئىچكى ئاناتولىيە (ئىچ ئانادولۇ) رايونىنىڭ مەركىزىدىكى سىۋاس، قەيسەرى قاتارلىق جايلاردا ھۆكۈمرانلىق تەختىگە ئولتۇرغان ئۇيغۇر خانى سۇلتان ئالائىدىن (ئالائۇددىن) ئەرەتنا ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنى بۇ جايغا ئورۇناشتۇرغانىكەن (ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايغا ئورۇنلىشىشى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا دائىر ئۇيغۇرچە مەنبەلەر خېلى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە تەكرارلاپ ئولتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم).

ئۇيغۇر بازىرىدا:
   شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەردە مېھمانخانىدىن چىقىپ، ئۇيغۇر بازىرىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. ئۇيغۇر بازىرىغا  مېڭىش يولىنىڭ سول تەرىپىگە ياسالغان رىۋايەتلەردىكى ئەزەربەيجان يىگىتى پەرھات بىلەن ئەرمېنىيە قىزى شىرىننىڭ، شۇنداق «پەرھات – شىرىن» نىڭ قەبىرىسىنى ۋە ئۇنىڭ قازغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۋاتقان ئەپسانىۋىي قىيا تاشلار ئارىسىدىكى ئېرىقلارنى بويلاپ، ئۇيغۇر بازىرىغا قەدەم باستۇق...






    بازارنىڭ مەركىزىدىكى توي زالىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمىزدە بىزنىڭ كېلىدىغانلىقىمىزدىن خەۋەردار نەچچە ئون كىشى كۈتۈپ تۇرغانىكەن. ئۇلار بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، ياشلىرى يەتمىشلەرگە يېتىپ قالغان بىر قانچە موماينىڭ تۈركچە «يېزىمىزغا خوش كەلدىڭلار!» دېگەن ھالدا ھەر بىرىمىزگە ئېتىزلىقلاردىن تېرىپ تەييارلىغان سېرىق سەمبە چىچەك دەستىلىرىنى سۇنۇشى ھەممىمىزنى تەسىرلەندۈردى. پىروفېسسور كەمال گۆدە سۆز باشلاشتىن ئىلگىرى سېرىق سەمبەلەرنى بۇرنىغا يېقىن ئەكىلىپ تۇرۇپ، مومايلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. ئۆزئارا ھال – ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن يىغىلغان ئونلارچە كىشى كەمال ئەپەندى باشلىق تۈرك، ئۇيغۇر پىروفېسسور ۋە دوكتورلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى...كەچتە مېھمانخانىغا قايتىپ كېلىپ ئارام ئالدۇق...


    ئاماسيادىكى ساياھىتىمىزنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن مېھمانخانىدا ناشتىمىزنى قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ساياھەت ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئەلى فۇئات ئەر ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر بازىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىلىرىنى ئاسراش ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھۈسەيىن يىلدىرىمنىڭ يول باشلىشى ئارقىسىدا ئاماسيا شەھەر مەركىزىدىكى بىر قاتار تارىخىي ماكانلارنى، جەم ئۆيلىرى (بۇھەقتە ئايرىم توختىلىمەن) نى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق.
   بىرىنچى بولۇپ ئۆز ۋاقتىدا سەلجۇقىيلار بارگاھ قۇرغان، ھازىر بولسا، تۈركىيە ئارمىيەسى ھەربىي رايون سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقان جاينى زىيارەت قىلدۇق. 9، 10 ئەسىردىن بېرى پېتىنى بۇزماي قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ جاينى سۈرەتكە ئالاي دېدىم – يۇ، توختاپ قالدىم. چۈنكى، ئۇ قانچىلىك تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولسا بولسۇن، يەنىلا بىر ھەربىي رايون ئىدى. ئۇيەردىن ئۆتۈپ، ئاماسيا ئۇيغۇر بازىرى ئاھالىسى ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان ئاماسيا مەركەزدىكى ھەمدۇللاھ ئەفەندى دەرگاھى (ئەلەۋىيلەرنىڭ ئىبادەتخانىسى) نى زىيارەت قىلدۇق. دەرگاھنىڭ ئىچى كەڭ – كۇشادە بولۇپ، يۇمىلاق شەكىللىك گۇمبەزنىڭ تۆۋەن قىسمىغا ئىككى مېتىر ئەتراپىدا بوشلۇق قالدۇرۇلغان ھالەتتە ئون ئىككى ئىمامنىڭ چوڭ قىلىپ سىزىلغان رەڭلىك رەسىملىرى ئايلاندۇرۇپ ئېسىقلىق ئىكەن. ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئىبادەتخانا قىسمىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ئىككى خانىنىڭ بىرى بۇ دەرگاھنىڭ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسى، يەنە بىرى ‹كۇرسانتلارغا باغلاما (ئۇيغۇرلارنىڭ دۇتارىغا ئوخشاش بىر چالغۇ) ئۆگىتىلىدىغان سىنىپ› ئىكەن. بۇ ئەسلىدە سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقتىنمۇ بەكرەك ئەلەۋىيلەرنىڭ ئىبادەتلىرىنى ساز ۋە ساما ئارقىلىق ئادا قىلىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىكەن.


    ئارقىدىن ئوسمان ئىمپېرىيەسى پادىشاھى قانۇنى سۇلتان سۇلايمان ئاماسياغا كەلگەندە چۈشكەن ساراينىڭ كونىراپ قالغان بىناسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ، تۇنجى قېتىم مەخسۇس مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى يولغا قويغان سابۇنجۇئوغلۇ شەرەفىددىن شىفاخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، سابۇنجۇئوغلۇ شەرەفىدىننىڭ ھەيكىلى، شىفاخانا بىناسى، ئۆز ۋاقتىدا داۋالاشتا ئىشلەتكەن تېببىي ئۈسكۈنىلەر، يازغان كىتابى، مۇزىكا ئەترىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەيكەللەر ۋە سابۇنجۇئوغلۇنىڭ بىمارلارنى داۋالاۋاتقان ھالىتىگە دائىر كۆرۈنۈشلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق ۋە ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ئۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلىدۇق. (ساياھەت يېتەكچىسى ھېكايە قىلىپ بەرگەن بىر قىستۇرما:سابۇنجۇئوغلۇ ئۆز ۋاقتىغا زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ياساپ چىقىدۇ ۋە بىر خورۇزدا سىناق قىلىپ ئۇتۇققا ئېرىشىدۇ. ئەمما، ئۇ دورىنى بىمارلارغا ئىشلىتىش مەسىلىسىدە ئىككىلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۆزىنى بىر زەھەرلىك يىلانغا چاقتۇرۇپ، ئارقىدىن ئۇ دورىنى ئىشلىتىدۇ. ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن باشقا بىمارلارغا ئىشلىتىشكە باشلايدۇ...)










    ئۇ يەردىن چىقىپ ئالدىنقى كۈنى زىيارەت قىلغان جايلارنى يەنە بىر قاتار ئايلىنىپ، يېشىل دەريا بويىدىكى بىر چايخانىدا بىرەر بارداق (پىيالە) چاي ئىچكەندىن كېيىن، يەنە ئۇيغۇر بازىرىغا قاراپ يول ئالدۇق. چىڭقى چۈش ۋاقتى بولغاندا، ئۇيغۇر بازىرىدىكى بىر ئۆيدە مېھمان بولدۇق. ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكىگە ئوخشاش كەڭ بىر ھويلىغا قەدەم باسقىنىمىزدا، تاشتىن ياسالغان ئوچاققا ئېسىلغان ئېگىزلىكى 40، 50 سانتېمىر كېلىدىغان قورسىقى كەڭ، ئېغىزى تارراق بىر قازان قايناۋاتاتتى. بىز ئۇ يەردىن ئۆتۈپ، خۇتەننىڭ بەزى يېزىلىرىدىكى (90 – يىللاردا شۇنداقتى) ئۆيلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان ھېلىقى ئۆينىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى مېھمانخانىسىغا كىردۇق. مېھمانخانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر ئۈستەل، ئەتراپىنى ئايلاندۇرۇپ ساپالار قويۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى تامغا 12 ئىمامنىڭ چوڭايتىلغان رەڭلىك رەسىمى ئېسىلغانىكەن... بىز ئۆيگە كىرىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىدىكى ئۈستەلگە بىر قىسىم تاتلىق – تۈرۈملەر تىزىپ قويۇلغانىكەن. بىز بىر قانچە ئۇيغۇر ۋە ئۇ يەرنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر بازىرىدىكىلەرنىڭ قانداق ئوخشاش تەرەپلىرىنىڭ بارلىقى ھەققىدە سۆزلىشىپ ئولتۇردۇق. گەرچە بىز ھاياجان ئىچىدە ئوخشاش دېيىشكە بولىدىغان تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى تېپىشقا ئۇرۇنغان بولساقمۇ، ماڭا ‹ھە، توغرا، بىزدىمۇ شۇنداق› دېگەنلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى شەرق ئەللىرىنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتىدەكلا تۇيۇلدى. بىز كېلىشتىن بۇرۇن بىر پاقلان سويۇلغانىكەن (بىزگە ئاتاپ ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ قۇربانلىق (نەزىرنى قۇربانلىق، دەپ ئاتايدىكەن) ى ئىكەن)، ئۇنىڭ تۈركىيە ئۇسۇلى قورۇلغان گۆشلىرى بىلەن بۇلغۇر پولوسى كەلتۈرۈلدى. تائاملار كەلتۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، ئارىمىزدىكى ئەلى فۇئات ئەرئەپەندى تائامغا ئېغىز تېگىشىمىز ئۈچۈن ئۆي ساھىبىنىڭ دۇئا قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۆي ئىگىسى ئەلەۋىيلەرنىڭ ئادىتى بويىچە (مەن شۇنداق ئويلىدىم) ناھايىتى قاپىيەلىك سۆزلەردىن تەشكىل تاپقان بىر دۇئانى ئوقۇدى. ئۇ دۇئا ئوقۇۋاتقاندا، دىققىتىمنى تارتقىنى بىزدىن (سىرتتىن كەلگەن مېھمان ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن) باشقا ھەممەيلەننىڭ داستىخاننىڭ بىر بولۇڭىنى تۇتۇپ تۇرۇشى بولدى (بۇنىڭ سىرىنى سوراشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بولساممۇ، ئۆيدىن چىققاندىن كېيىنكى ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇپ قاپتىمەن). تاماقتىن كېيىن ئىستانبۇلدىن كەلگەن بىرئاكىمىز پەس ئاۋازدا ماڭا قاراپ، دۇئا قىلىۋېتەمدۇق؟ دەپ تۇراتتى، باشقىلار سىرتقا قاراپ مېڭىشقا باشلىدى. بىزمۇ بىر – بىرىمىزگە قاراپ قويۇپ، يەكچەكمىنىڭ شەھىرىدە بىر كۆزىمىزنى قىستۇق.


     ئارقىدىن ئالدىنقى كۈنىدىكى توي زالىغا بېرىپ، بۇرۇن كۆرۈشەلمىگەن شۇنداقلا ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇر بازىرىلىق كىشىلەر بىلەن ھال – مۇڭ بولۇش باشلىنىپ كەتتى. بۇ جەرياندا پىروفېسسور كەمال گۆدە ئەپەندىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئانادولۇ (ئاناتولىيە) غا كۆچۈشى، ئەرەتنا خانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بەردى. ئۇ سۆزى جەريانىدا، تارىخىي مەنبەلەردە ئەدىرنە ۋىلايىتىدىمۇ بىر ئۇيغۇر رايونىنىڭ بارلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارنىڭ بارلىقىنى، لېكىن، ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. بۇ جەرياندا مەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئۇ جاي ھەققىدە ئونلارچە ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان، ئۇيغۇر بازىرى تارىخچىسى ۋە ئەلەۋى - بەكتاشى دىن تەتقىقاتچىسى باھادىر ئەسەر بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيەسى ئەدلىيە ئارخىپى بويىچە كەسپىي تەربىيە ئېلىۋاتقان سادىق دۇران ئەپەندىنى بىر چەتكە تارتىپ، زىيارەتتىن ئىلگىرى تەييارلىۋالغان سوئاللىرىمنى بىر – بىرلەپ سورىدىم، ئۇلارمۇ زىرىكمەي – تېرىكمەي ناھايىتى ئەستايىدىل جاۋاب بېرىشتى.

نامى:
   بىر بوۋاينىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ جاينىڭ «ئۇيغۇر رايونى (UygurBölgesi)» دەپ ئاتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى خىل رىۋايەت بار ئىكەن: بىرى تارىخىي مەنبەلەردە (يۇقىرىدىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى) كۆرسىتىلگىنىدەك، ئۇيغۇر خانى سۇلتان ئالائىدىن (ئالائۇددىن) ئەرەتنا ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنى بۇجايغا ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن كېيىن كېلىپ چىققانمىش. يەنە بىر رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، سىۋاستىكى بەگلىككە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ئۈچ ئۇيغۇر ئائىلىسى بۇ تاغلىق رايونغا سۈرگۈن قىلىنغانمىش. ئۇلار بۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن باشقا ئۇيغۇرلارمۇ بۇيەرگە كېلىپ يەرلىشىشكە باشلىغانمىش ۋە بۇ جاينىڭ نامى ئۇ يەرگە يەرلەشكەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغانمىش. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇلارنى تارىخچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ بېقىشىغا ئەرزىيدىغان مۇھىم رىۋايەتلەردېيىشكە بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، كېيىنچە بۇ رايونغا تۈركمەنلەرمۇ كۆچۈپ كەلگەنىكەن.

نوپۇس ۋە تىل:
   تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە ئاھالىلەر رايونلىرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ۋىلايەت، ناھىيە، بازار، يېزا ۋە مەھەللە قاتارلىق مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاھالىلەر رايونى 1989 –يىلى يېزىدىن بازارلىق ھۆكۈمەتكە ئۆزگەرتىلگەن، 2014 – يىلىغىچە ناھىيەدىن تۆۋەن يېزىدىن يۇقىرى بىر بازارلىق ھۆكۈمەت سۈپىتىدە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان. 2014 –يىلى چىقىرىلغان نوپۇسى 2000 تۆۋەن بازارلارنىڭ يېزىغا ئۆزگەرتىلىشى توغرىسىدىكى قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر بازىرى قايتىدىن ئۇيغۇر يېزىسىغا ئۆگەرتىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بىز يېزا (بىز رايون ئاھالىسىنىڭ ئادەتلىنىپ قالغىنى بويىچە بازار، دەپ ئېلىۋەردۇق) ھېسابلىنىدىكەن. ئومۇمىي نوپۇسى 2000- يىللاردىكى 2069 دىن نۆۋەتتىكى 900 ئەتراپىغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇيغۇر بازىرى ئاھالىسىنىڭ 1995 – يىلىدىن كېيىن چوڭ شەھەرلەرگە، بىرىنچى قەدەمدە ئىستانبۇل، ئىككىنچى قەدەمدە ئەنقەرە ۋە ئاماسيا مەركىزىگە كۆچۈش سۈرئىتى ئېشىپ بارماقتا ئىكەن. يېزىدا ئۇچراشقان تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ ساياھەت ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، ئۇيغۇر يېزىسى پەرزەنتى ئەلى فۇئات ئەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر يېزىسى ئاھالىسى بۇ يېزىنى قايتىدىن بازارلىق ھۆكۈمەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر قاتارلىق شەھەرلەرگە كۆچۈپ كەتكەن ئۇيغۇر يېزىسى ئاھالىسىنى قايتىدىن بۇ يەرنىڭ نوپۇسىغا تىزىملىتىپ، بازارلىق ھۆكۈمەت سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كويىدا ئىكەن. (ئەسكەرتىش: نوپۇس ۋە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك رەسمىي مەلۇماتلاردۇر.)
    شۇ يەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ياشلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلار پەقەتلا يوق ئىكەن. تۈركچىنىڭ قويۇق قارا دېڭىز شىۋىسىدە سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇر بازىرى ئاھالىسىنىڭ ئۆزىنى ھەقىقىي ئۇيغۇر، دەپ قارايدىغان، چىراي – شەكلىدىن تارتىپ پۈتۈنلەي ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىغان ئاز بىر قىسمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆپىنچىسى ئۆزىنى ‹تۈركمەن› دەپ ھېسابلايدىكەن. بىز بۇنى تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تۈركمەن، شۇ جۈملىدىن ئۇغۇزلارغا باغلاپ چۈشەندۈرىدىغان ھۆكۈمران كۈلتۈرىنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك، دەپ چۈشەندۇق (بەلكى، راستىنلا شۇنداقتۇ).

تۇرمۇش ئەھۋالى:
    تاغ باغرىغا جايلاشقان بۇ يېزىنىڭ يەر كۆلىمى خېلىلا كەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن بولسا، ئۆي – ماكانلار تارقاق ھالەتتە سېلىنغان بولۇپ، بەزىلىرى ئادەتتىكىچە، يەنە بەزىلىرى ئىككى قەۋەتلىك ئىكەن. ئۆيلەر ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئۆيلەرگە ئوخشاپ كەتسىمۇ، ئۆي – ئىچىۋە ھويلا – ئاراملاردا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىللار بىزدە ‹ئۇيغۇر يېزىسى ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشى سىرتقى كۆرۈنىشى بىلەن ئوخشاش ئەمەسكەن› دېگەن تونۇشنى ئويغاتتى. مېھماندوستلۇق جەھەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش دېيىشكە بولىدىكەن.
    1939- يىلىدىكى بىر قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشتە ئۇيغۇر بازىرىدا بىرمۇ ئۆي – ماكان ساق قالماستىن، پۈتۈنلەي گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكى ئۈچۈن، رايوندىكى ئۆي – ماكانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 1939-يىلىدىن كېيىن سېلىنغانىكەن. ئۆي – ماكانلار سانى كۆپ بولسىمۇ، يەرلىك دىن ۋەتارىخ تەتقىقاتچىسى باھادىر ئەسەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرىدە ھېچكىم ئولتۇرمايدىكەن، ئادەم ئولتۇرىدىغان ئۆيلەردىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك ياشانغانلار تۇرىدىكەن، ياشلارنىڭ سانى بەكلا ئاز ئىكەن.








    باھادىر ئەسەرنىڭ دېيىشىچە، ئاماسيا شەھەر مەركىزى، ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە قاتارلىق جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ شىركەتلىرىنى قۇرۇپ، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىگەنلەرمۇ خېلى بار ئىكەن. ئۇ ‹ئۇيغۇر يېزىسىدىن كېتىپ مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىگەن كىشىلەرنىڭ رايوننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىشىگە ھەمدەم بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى، نامراتلارنى يۆلەيدىغان ياكى يۆلىمەيدىغانلىقى، مائارىپ – مەدەنىيەت ئىشلىرىغا تۆھپە – قوشىدىغان ياكى قوشمايدىغانلىقى› توغرىسىدىكى سوئالىمغا پۈتۈنلەي ئىجابىي جاۋاب بەردى ۋە مىسال قىلىپ بىز تۇرۇۋاتقان يەرگە يېقىنلا يەرگە سېلىنىۋاتقان «جەم ئۆيى (ئىبادەتخانا)» نى ئۇيغۇر بازىرىدىن چىققان سودا – سانائەتچىلەر، كارخانىچىلارنىڭ مەبلىغى بىلەن سېلىۋاتقانلىقلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى...


مائارىپ:
    ئۇيغۇر بازىرىدا تۇنجى بولۇپ 1930 - يىلى بىر باشلانغۇچ قۇرۇلغان، 1980- يىلىغا كەلگەندە بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئېچىلغان ئىكەن. ئۇيغۇر بازىرىدىن يېتىشىپ چىققان باھادىر ئەسەر ۋە سادىق دۇراننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر بازىرى ئاھالىسىنىڭ %99 ى ساۋاتلىق ئىكەن. 90- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگۈچە بۇ يەردىكى بالىلار ئاساسەن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، يەنە بىر قىسمى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن كېيىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرمىغانىكەن. 2015 – يىلىغا قەدەم باسقان مۇشۇ كۈنلەردە بولسا، ئالتە كىشىنىڭ ماگېستىرلىق ئوقۇۋاتقانلىقىنى، يۈزلەرچىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر يېزىسى ياشلىرىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.



   ئۇيغۇر بازىرىدىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يالغۇز بۇ يېزىنىڭ بالىلىرىنىلا ئەمەس، قوشنا يېزا – قىشلاقلارنىڭ بالىلىرىغىمۇ قۇچاق ئاچماقتا ئىكەن. ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاماسيا مەركىزىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە داۋاملاشتۇرىدىكەن.

دىنىي – ئېتىقادى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرى:
    دىنىي - ئېتىقادى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار بەزى ئۆرپ –ئادەتلەر: ئۇيغۇر بازىرى ئاھالىسنىڭ كۆپ سانلىقى ئەلەۋى بولۇپ، ئاز ساندا سۈننىي مۇسۇلمان بار ئىكەن. ئەلەۋىيلەرنىڭ ئىچىدىمۇ قۇرئان كەرىم ئوقۇيدىغانلىرى بار ئىكەن. رايون ئاماسيا ۋىلايىتىنىڭ ئەلەۋى نوپۇس ئەڭ كۆپ مەركەزلىشىپ ياشايدىغان رايونى ھېسابىلىنىدىكەن. ئەلەۋىيلىك ئەقىدىسى شىئەلىككە يېقىن ھەتتا بىر دەپ قارالسىمۇ، ئەھلى بەيت سۆيگۈسى (ھەزرىتى ئەلى، ھەسەن، ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ۋە ئون ئىككى ئىمام سۆيگۈسى) نى ھېسابقا ئالمىغاندا، نۇرغۇن جەھەتلەردە شىئەلەردىن پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، شىئەلەر ئىبادەتلىرىنى مەسچىت – جامەلەردە، ئەلەۋىيلەر جەم (يىغىلىش، جەم بولۇش) ئۆيلىرىدە ئادا قىلىدۇ؛ شىئەلەر ئىبادەتلىرىنى ئەرەبچە ياكى پارسچە ئادا قىلىدۇ، ئەلەۋىيلەر بولسا، ئىبادەتلەرنى ئانا تىلدا قىلىشنى تەرغىپ قىلىدۇ؛ شىئەلەردە ۋاقىت نامازلىرى بار، ئەلەۋىيلەرنىڭ ئىبادەتلىرى ساما ۋە ناخشا – مۇزىكىلار چالغان ھالدا رۇھىنى پاكلاشنى ئاساس قىلىدۇ؛ شىئەلەر ئىبادەت قىلغاندا سۈننىيلەرگە ئوخشاش ئەر – ئاياللارنىڭ ئايرىم جايلاردا تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەلەۋىيلەر ئەر – ئاياللار ئارىلاش ئولتۇرۇپ جەم ئىبادىتىنى ئادا قىلىدۇ، خۇلاسىلىگەندە، شىئەلەر شەرىئەت (توغرا ياكى خاتالىقى ئايرىم مەسىلە) چى، ئەلەۋىيلەر بولسا، تەسەۋۋۇپقا، سۇپىزمغا مايىل كېلىدۇ... قىسقىسى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سۈننى ياكى شىئە ئەمەس، بەلكى ئەلەۋىي ئىكەن.







   ئەلەۋىيلىك ئەقىدىسىنىڭ ئۇيغۇر بازىرى ئاھالىسى ئارىسىغا قانداق تارقالغانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللىرىمغا دېگەندەك قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالمىغان بولساممۇ، بۇ رايوننىڭ 11 - ئەسىردە باشلانغان ئەلەۋىيلىشىشىنى ئوتتۇرا ئاسىيالىق مەشھۇر مۇتەسەۋۋۇپ خۇجا ئەھمەد يەسەۋىي (1093-1166م) نىڭ شاگىرتلىرىدىن (ئاناتولىيەدە خۇراسان ئەۋلىيالىرى، دەپ ئاتىلىدۇ) ھاجى بەكتاشى ۋەلىينىڭ ئوتتۇرا قارا دېڭىزدىكى كېيىنچە نامى بەكتاشقا ئايلانغان جايغا ئورۇنلىشىشى ۋە ئەتراپتىكى رايون ئاھالىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمىسا كېرەك. ھاجى بەكتاشى ۋەلىينى سۈننىي، ئەلەۋىي ياكى شىئە، دەپ كېسىپ ئېيتالمىساقمۇ، ئۇنىڭ بىر ھىيۇمانىست ‹خۇراسان ئەۋلىياسى› ئىكەنلىكىنى، ئىنسان مەركەزلىك تەلىمات ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئەلەۋىيلىك ئەقىدىسىنىڭ بىخ تارتىشىغا ئاساس سالغانلىقىنى ۋە ئەلەۋىيلىكنىڭ ھاجى بەكتاشى ۋەلىي دەۋرىدە گۈللەنگەنلىكىنى ئېيتىش تامامەن مۇمكىن.
   ئەلەۋىيلىك ئەقىسىدە جۈمە كېچىلىرى مۇبارەك كېچە ھېسابلىنىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ (ئادەتتە جەم ئۆيلىرىگە) جەم ئىبادىتىنى ئادا قىلىدىكەن.
   ئەڭ قىزىقارلىقى مەھەللىدە مۇنارىسىز بىر جامە بار ئىكەن. بىنالارنىڭ بىرىنچى قەۋەتلىرى ياكى بىر خىزمەت ئورنى، شىركەت ۋەياكى سودا – سارايلىرىنىڭ بىر بولۇڭىدىكى نامازگاھلار، مەسچىتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۈركىيەدە مۇستەقىل قىلىپ سېلىنغان مۇنارسىز جامە (تۈركىيەدە بىر قانچە ئادەم ناماز ئۆتىيەلەيدىغان كىچىك ئورۇنلارلا مەسچىت دەپ ئاتىلىدۇ) لەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن، بۇ بازاردا مۇنارسىز بىر مەسچىت بار ئىكەن. دوستۇم م.تۇرسۇن جامەدىن كەلگەن ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئەتراپىدىكىلەردىن ‹بۇ يەردىمۇ جامە بارمۇ؟› دەپ سوراپتىكەن. ئۇلار بازاردا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىمام تەيىنلەپ بېرىلگەن بىر جامەنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. كېيىن باشقىلاردىن سورىسام، ئىمام ھەر كۈنى بەش ۋاقىت نامازغا ئەزان توۋلايدىكەن، كۆپىنچە نامازلارنى مەھەللىدىكى بىر قانچە ياشانغان كىشى بىلەن بىرلىكتە ئۆتەيدىكەن. مەھەللە ئاھالىسى ئىچىدىكى بىر قانچە مويسىپىتنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆپىنچىسى جامەگە بارمايدىكەن. پەقەت جۈمە كۈنلىرى ئەتراپتىن توپلانغان 20، 30 كىشى جۈمە نامىزى ئۆتەيدىكەن. مەن بىرىدىن ئىمام ھەققىدە سورىسام، ئىمامنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلىپ بەردى.

ئۇيغۇر بازىرىدىكى جامە (مەسچىت).

ئۇيغۇر بازىرىدىكى جامە (مەسچىت).


ئۇيغۇر بازىرىدىكى جامە (مەسچىت).

ئۇيغۇر بازىرىدىكى جامە (مەسچىت).


ئۇيغۇر بازىرىدىكى جامە (مەسچىت).

ئۇيغۇر بازىرىدىكى جامە (مەسچىت).

    ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، دىنىي – ئېتىقاد ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بۇ دائىرىدە ئۇيغۇر بازىرىدىكى كىشلەرئارىسىدىكى ئەڭ كۆپ قويۇلىدىغان ئىسىملارنىڭ ئەلى، ھەسەن، ھۇسەيىن ۋە جەئفەر ئىكەنلىكى ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىكەن. مەسىلەن، مەن تونۇشقان بەش – ئالتە كىشىنىڭ ئىچىدە بىر ئەلى، ئۈچ ھۇسەيىن، بىر جەئفەر بار.
     ئائىلىلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرمۇ ئاساسەن، ئەلەۋى – بەكتاشىيلىق ئەنئەنىسىگە ئاساسەن شەكىللىنىدىكەن. مەسىلەن، ئۈچ تۈرلۈك قېرىنداشلىق بار ئىكەن؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ‹بەل قېرىنداشلىقى = قان قېرىنداشلىق›، ‹مۇسەييىب = ئاخىرەتلىك قېرىنداشلىق›، ۋە ‹يول قېرىنداشلىقى› دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك قېرىنداشلىق بار ئىكەن. قان قېرىنداشنى ئىزاھلاشقا كېرەك بولمىسا كېرەك. مۇسەييىب دېگىنى سۈننىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىمۇ بار بولغان بىر خىل قېرىنداشلىق شەكلى بولسىمۇ، ئەلەۋىيلەردىكى شەكلى بىر ئاز پەرقلىق ئىكەن، مەسىلەن، نۆۋىتى كەلگەندە مۇسەييىب ھەمراھى سادىر قىلغان جىنايەت ئۈچۈن جازاغىمۇ تارتىلىدىكەن، ئۆيلىنىش جەھەتتە ئۆز قېرىنداشقا ئوخشاشلا مۇئامىلە قىلىنىدىكەن. يول قېرىنداشلىقى بولسا، ئىككى ئائىلە ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق ئىكەن، قېرىنداش بولغان ئىككى ئائىلە ھەرقانداق ئەھۋالدا قۇدا –باجىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتمايدىكەن، پۈتۈن مۇناسىۋەتلەر گويا بىر تۇغقاندەكلا بولىدىكەن... ۋاھاكازالار.
    تۆي – تۆكۈن: دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكىگە ئوخشاش بۇ يەردىمۇ قىز – يىگىتلەرنى كۆرۈش ئۇسۇلى بويىچە ئۆيلەندۈرۈلىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتلەر ئاستا – ئاستا يوقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى قىز  – يىگىتلەرنىڭ ئۆزئارا تېپىشىش، بىر – بىرىنى ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن ئۆيلەندۈرۈلىدىغان ئادەت ئىگىلەپتۇ. ئەمما، ھازىرمۇ قىزلار يەنىلا 17، 18 ياشلاردا بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆيلەندۈرۈلىدىكەن (قانۇنىي چەكلىمە 18 ياش). چاي ئىچۇرۇلۇپ ئارىدىن بىرھەپتە، ئون كۈن ئۆتمەيلا دەرھال تۆي قىلىنىدىكەن. باھادىر ئەسەر ئەپەندى «80- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە توي – تۆكۈن بىر ھەپتە داۋاملىشاتتى. توي تەييارلىقى بۇ يەكشەنبە باشلىسا، يەنە بىر يەكشەنبىگىچە ھەممە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلاتتى، تەييارلىق بىرلىكتە قىلىناتتى، يەنە بىر يەكشەنبىسى قىز يىگىتنىڭ ئۆيىگە يۆتكىلەتتى. ھازىر بولسا، توي زاللىرى پەيدا بولدى، توي بىر كۈندىلا تۈگەيدۇ» دېدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، توي كۈنى قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئوتتۇرىسىغا 7-8 ياشلاردا بىر كىچىك بالا ئولتۇرغۇزۇلىدىكەن، ئەگەر ئۇ قىز – يىگىتنىڭ پەرزەنتلىرى بولسا، ئۇ بالا بىلەن قان قېرىنداشتەكلا ھېسابلىنىدىكەن، بىر تۇغقانلار ئارا مۇناسىۋەت قانداق بولسا، ئۇمۇ شۇ قاتاردا سانىلىدىكەن، ئۆز – ئارا تويلىشالمايدىكەن، خۇسۇمەتلەشمەيدىكەن... كېلىن يىگىتنىڭ ئۆيىگە يۆتكەلدىن كېيىن، قىيىنئانا كېلىننىڭ، كېلىن قېيىنئانىنىڭ ئېغىزىغا تاغلىق بىر نەرسە سېلىپ قويىدىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزئارا چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىشىشنى ئارزۇلىشى ئىكەن.
   ئۆلۈم – يېتىم: ئۇيغۇر بازىرى ئاھالىسىمۇ باشقا ئەلەۋى ئېتىقادىغا مەنسۇپ كىشىلەرگە ئوخشاشلا مېيىتنى ئۇزۇن ساقلىتىشنى ياخشى كۆرمەيدىكەن. ئەتىگەن تۈگەپ كەتكەن بىر كىشىنىڭ جىنازىسى سائەت 8، 9 لاردا يەرلىككە قويۇۋېتىلىدىكەن. باھادىر ئەسەر ئەپەندى، يۇيۇپ – تاراش، جىنازا چۈشۈرۈش جەھەتتە سۈننىيلەر بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلىش بىلەن بىرگە، مېيىتنى يەرلىككە قويۇشتىن ئىلگىرى سۈننىيلەرگە ئوخشاشلا رازىلىق ئېلىش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. رازىلىق ئېلىش ئىككى خىل بولىدىكەن، كۆپىنچە مېيىت چىققان ئۆيدە ياكى قەبرە بېشىدا مېيىت ئۈچۈن رازىلىق ئېلىنىدىكەن. يەنە بىر خىلى بولسا، ‹داردىن چۈشۈرۈش› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل رازىلىق ئېلىش شەكلى بولۇپ، مېيىت ئۈچۈن ھەققى بار بارلىق كىشىلەردىن تولۇق رازىلىق ئېلىنمىغۇچە مېيىت داردىن چۈشكەن بولمايدىكەن.
    ھېيىت – بايرام: ئۇيغۇر بازىرىدىكى ئەلەۋىيلەرمۇ باشقا ئەلەۋىيلەرگە ئوخشاشلا قۇربان ھېيىتتا قۇربانلىق قىلىدىكەن. ئەمما، قۇربانلىقىنى ھېيت كۈنى ئەمەس، ھارپا كۈنى، يەنى بىر كۈن بۇرۇن مازارلىققا بېرىپ، قەبرە بېشىدا قىلىدىكەن. گۆشىنى شۇ يەردىلا پىشۇرۇپ، ئۆپچە يېيىشىدىكەن.
    ئۇيغۇر بازىرى تەۋەلىكىدە ئەرەب دەدە (ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا ئاساسەن، بىر دىنىي ئۇنۋان ئىكەن) قەبرىسى، جەئفەر دەدە قەبرىسى، ھاجى ھەسەن دەدە قەبرىسى، قابالاق دەدە قەبرىسى، قەمبەر دەدە قەبرىسى، قىزئوغلان قەبرىسى، سەييىد ئەلى خەلىل قەبرىسى، ياتىر بابا قەبرىسى، ئاياقباستى قەبرىسى... دېگەندەك بىر قاتار قەبرىلەر بار بولۇپ، بازار ئاھالىسى بەزى قەبرىلەرنىڭ تۇپرىقىنى، بەزى قەبرىلەرنىڭ بېشىدىكى سۇلارنى شىپالىق، دەپ بىلىدىكەن، بەزىلىرىنىڭ بېشىغا بېرىپ ھاجەتلىرىنى تىلەيدىكەن... بۇ ئادەت ئاساسلىقى ياشانغانلار تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلماقتا ئىكەن....
    ئىككى كۈنلۈك زىيارەتىمگە ئاران مۇشۇنچىلىكلا ئۇچۇرلارنى سىغدۇرالىدىم. كۆرگەنلىرىمنى مۇبالىغە قىلماستىن يېزىشنى پىرىنسىپ قىلدىم. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە يازغانلىرىنى ئوقۇغانىدىم. ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم ماڭا بەزى مەلۇماتلارنىڭ (نوپۇسنىڭ ئالاھىدە كۆپتۈرۈلۈشى، بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ناھىيە، دەپ ئېلىنىشى، تۈركىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كوردلار ۋە قارادېڭىز رايونىغا خاس ئومۇملاشقان بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ زورلاپ ئۇيغۇر بازىرى ئاھالىسىغا خاستەك قىلىپ كۆرسىتىلىشى ...ۋاھاكازالار) دېگەندەك توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇردى. ئەلۋەتتە، ئىلگىرى بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرەتكەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇنداق يېزىشىنىڭ مۇئەييەن سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. مەن ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭ بولغان، ئانادولۇ (ئاناتولىيە)، قارا دېڭىز ۋە ئاق دېڭىز رايونلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى كۆرگەن شۇنداقلا تۈركىيەدە ئۇزۇن يىل ياشىغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنداق ئېيتالايمەنكى، ئۇيغۇر بازىرى ئاھالىسىدە ‹ئۇيغۇر› دېگەن نام بېغىشلىغان ‹ئۇيغۇرلۇق ھاياجىنى› دىن باشقا ئۆرپ – ئادەت، دىنىي – ئېتىقاد ۋە تىل جەھەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر بازىرى ئاھالىسى ئوتتۇرىسىدا ئاساسەن دېگۈدەك ھېچقانداق ئورتاقلىق قالماپتۇ، دېيىشكە بولىدىكەن...
   ئەسكەرتىش: زىيارەت خاتىرەمنىڭ ئالدىنقى ئىككى بۆلۈكىدە كۆرۈلگەن بەزى ئىملا خاتالىقلىرى، خاتا مەزمۇنلارنى بۇ تولۇق قىسمىدا تۈزىتىشكە تىرىشتىم، بىر قىسىم مەزمۇنلارنى قولۇمدىكى كۆچۈرۈۋالغان ئاۋاز لىنتىسىنى قايتا ئاڭلاش ئاساسىدا ئىلاۋە قىلدىم. مەزمۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇرۇن تورداشلار ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان مەزمۇنلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مەن ئارزۇلىرىمنى ئەمەس، كۆرگەنلىرىمنى يازدىم. سەۋەنلىكلىرىمنى ئەپۇ قىلىشقايلا.
IMG_6784.JPG
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1904

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   90.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14498
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 572
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-4 12:35:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.بىزگە ياخشى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدىڭىز.....

0

تېما

5

دوست

426

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34130
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-4 21:18:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇردىن خەۋەردار بولۇۋالدىم، رەھمەت.

2

تېما

2

دوست

5042

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38188
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1454
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-5 13:55:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر
uyghuray

13

تېما

18

دوست

2918

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 858
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-7 22:38:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

13

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15823
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 4900
توردىكى ۋاقتى: 434
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-8 12:34:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسسىمىلىياتسىيە دىگەن بۇ سۆز نېمىدىگەن قورقۇنۇچلۇق ھە

0

تېما

0

دوست

2923

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34908
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 910
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-8 16:46:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەخمەت ! خېلى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق .

0

تېما

0

دوست

1030

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14250
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 313
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-20 10:58:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورنىڭ ئەجىرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )