- تىزىملاتقان
- 2015-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2144
- نادىر
- 2
- يازما
- 71
ئۆسۈش
4.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qvshkvn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-31 13:11
1226 يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 00:50
دۇنيادا ھەممىدىن بەك ئىشەنگىلى بولمايدىغىنى پەيلوسوپ ...
بىر ئادەمدە، بىر مىللەتتە، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتتە، ئۆزى ئويلاپ يېتەلەيدىغان ئەڭ ياخشى بىر ھالەتنى تەسەۋۋۇر قىلالىغۇدەك جۈرئەت ۋە ئىنتىلىش بولۇشى كېرەك، مۇشۇ گۈزەل غايىنى تىكلىيەلىگەندىلا ئاندىن شۇنىڭغا قاراپ ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. پەيلاسوپلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى دەرۋەقە ھازىرقى رىئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار ئاشۇ گۈزەل غايىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇچىلاردۇر. رىئاللىققا ئۇيغۇن كېلىدىغان قىلىپ رىئاللىقنى قايتا نامايان قىلىپ بېرىش پەيلاسوپلارنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. ئەگەر بىر گۈزەل غايىنى تىكلەشكىمۇ جۈرئەت بولمىسا، ئۇنىڭغا ئىشىنىشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا ئۆز ئورنىدا چۆرگىلەيدىغانلا گەپ. پەيلاسوپ مۇتەپەككۇرلەرگە ئىشەنمىسىڭىز بولىدۇ، بۇ پۈتۈنلەي سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز. بىراق، سىزنىڭ، مېنىڭ، ھەممىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىز مەلۇم دەرىجىدە نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى يىراق-يىراق ئەللەردە ياشىغان پەيلاسوپلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان غايىۋى تەسەۋۇرلىرىنىڭ نەتىجىسى. ماركىس دەپ بىر كىشىنى ئاڭلىغانمۇ سىز؟ چوقۇم ئاڭلىغان. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزنىڭ ماركىسنىڭ مەلۇم تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ لۇكرىتۇس دەپ بىرسىنى ئاڭلىغانمۇ؟ ئۇ ئىنتايىن بۇرۇن، سىزدىن تولىمۇ يېراقتا ياشىغان بىر ئادەم، ئۇ ئادەمنىڭ ئىدىيىسى ماركىسقا تەسىر قىلىپ ماركىس ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان، بۇ ئادەممۇ بىر پەيلاسوپ ئىدى.
ھېلىمۇ ياخشى، بىز ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىككە ھەر ھالدا ئۆزىمىز ئەركىن قارار چىقىرالايدىغان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز. شۇڭا سىز ئىشەنمىسىڭىز، مېنىڭ باشقا گېپىم يوق. |
|