قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 9092|ئىنكاس: 65
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىلىمخۇمار: ئىسلام زىيالىيلىقى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

221

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 954
نادىر تېمىسى: 24
مۇنبەر پۇلى: 1328
تۆھپە : 6379
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 05:30:48 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئىسلام زىيالىيلىقى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش

بىلىمخۇمار
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى



ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! بارلىق قېرىنداشلارغا سالامەتلىك ۋە ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

مەن 2015-يىلى كۈزدە چەت ئەللەردە ساياھەت قىلىش جەريانىدا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ۋە ئۇ يەردە بۇرۇن ئوقۇپ باققان بىر قانچە ئىنىلىرىمىز بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ھازىر مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 2000 - 3000 چىقىدىكەن. ئۇلاردىن باشقا، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مالايسىيا ۋە پاكىستان قاتارلىق باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىدە ئوقۇۋاتقان، ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئىنستىتۇتتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ ئالىي مەكتەپلەردە ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ، ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىمام، موللام قاتارلىق دىنىي ئۆلىمالىق رولىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. شۇنداقلا دىننى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ سانىمۇ خېلى كۆپ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىللەت ئۈچۈن بىر قىممەتلىك بايلىق بولۇپ، بىز ھەممىمىز ئۇلارنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسىدە ئۆز روللىرىنى ئۈنۈملۈك ۋە تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يۇقىرىقىدەك قېرىنداشلاردىن باشقا، ئۆزىنى بىر «مۇسۇلمان» ھېسابلايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى قانداقراق ئورۇنلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ باققۇسى كېلىدۇ.

مەن ياسىر قازى بىلەن ئويغاننىڭ لېكسىيە-دوكلاتلىرىنى ئاڭلاش جەريانىدا، ھازىر مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى دىنىي زىيالىيلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى جەھەتتە يېڭى ئېھتىياجلاردىن ئانچە چىقالمايۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى زامانغا ئانچە ماسلىشالمايۋاتقانلىقى، پەننىي زىيالىيلار بىلەن ئادەتتىكى مۇسۇلمانلار بولسا يېتەرلىك سەۋىيىدىكى دىنىي بىلىملەرگە ئىگە ئەمەسلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم يېڭى مەسىلىلەر تۇغۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئاڭلىدىم. ھازىر ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بۇ بىر ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە بولغاچقا، مەن ئۇلارنىڭ يولنى توغرا تاللىۋېلىشىغا ياردەم قىلىش، ھەمدە باشقا بارلىق قېرىنداشلارنىمۇ بىر قىسىم يېڭى چۈشەنچىلەر بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە مەزكۇر يازمىنى تەييارلاشنى قارار قىلدىم.

مېنىڭ بۇ قېتىم تونۇشتۇرىدىغىنىم ياسىر قازىنىڭ بىر قېتىملىق «شىمالىي ئامېرىكا مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيى» دا سۆزلىگەن نۇتۇقى بولۇپ، ئۇنىڭ تېمىسى «ئىسلامدىكى مائارىپ ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش: مۇسۇلمان زىيالىيلىرىنىڭ مىراسلىرىنى قايتىدىن كۆكەرتىش» ئىكەن. بۇ دوكلاتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 21 مىنۇت بولۇپ، ئۇ 2014-يىلى 23-ئۆكتەبىردە تورلارغا چىقىرىلىپتۇ.

ze1_muslim.jpg
1-رەسىم: دوكتور ياسىر قازى «شىمالىي ئامېرىكا مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيى» دا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندىكى بىر كۆرۈنۈش. مېنىڭ پەرىزىمچە بۇ قۇرۇلتاي 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن.

تۆۋەندىكىسى ياسىر قازى دوكلاتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى. ماقالىدىكى كىچىك تېمىلارنى مەن ئۆزۈم قويدۇم. ئەگەر ماقالىگە ئۆزۈمنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى كىرگۈزمەكچى بولسام، ئۇنى بىر «ئىلاۋە» شەكلىدە قىستۇرۇپ قويىمەن.


1. قۇرئاندىكى «ئوقۇغىن (ئىقرا)» دېگەن ئايەتلەر

ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى مۇنداق 5 ئايەتتىن باشلانغان: «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى (96:1 - 96:5).»

ئەرەب تىلىدا «ئىقرا» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بار. بىرىنچى مەنىسى بولسا بىر كىتابتىن ئوقۇش. ئىككىنچى مەنىسى بولسا يادلىۋالغان نەرسىنى دېيىش. پەرىشتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ھىرا غارىغا كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «ئىقرا» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ سۆزنىڭ پەقەت 1-مەنىسىنىلا بىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «مەن خەت ئۇقمايمەن، شۇڭا قانداق ئوقۇيمەن؟» دەپ سورىغاندا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام «مەن سىزنى كىتابتىن ئوقۇڭ، دېمىدىم، سىز ئاللاھتىن چۈشكەن ئايەتنى بىۋاسىتە ئوقۇيسىز. سىز ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى بىۋاسىتە ئوقۇپ بەرگۈچى بولىسىز. سىز ئاللاھنىڭ بىلىملىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بەرگۈچى بولىسىز»، دېگەن.

يۇقىرىدىكى 5 ئايەتتە «ئىقرا» دېگەن سۆز ئىككى قېتىم ئىشلىتىلگەن. ئۇ بىرىنچى قېتىم ئىشلىتىلگەندە يۇقىرىقىدەك مەنىلەرنى بىلدۈرگەن. ئىككىنچى قېتىم ئىشلىتىلگەندە بولسا «كىتاب ئوقۇغىن، چۈنكى ئاللاھ ئەڭ كەرەملىكتۇر»، دېگەن يەردە ئىشلىتىلگەن. بىرىنچى قېتىم «ئاللاھتىن بىۋاسىتە چۈشكەن بىلىملەرنى ئاۋاز چىقىرىپ ئوقۇغىن»، دېگەن بولسا، ئىككىنچى قېتىم «ئاللاھتىن چۈشكەن بىلىملەرنى ۋاسىتىلىك ئوقۇغىن»، دېگەن.

نېمە ئۈچۈن «ئاللاھ ئەڭ كەرەملىك» دېيىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇ ئىنسانلارغا قەلەم ئىشلىتىشنى ئۆگەتكەن. ئىنسانلارغا بۇرۇن بىلمىگەن بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەتكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دېيىشىچە، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە تۇنجى قېتىم قەلەم بىلەن خەت يازغان كىشى ئىدرىس ئەلەيھىسسالام ئىكەن. ئەگەر قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئىدرىس ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ ئۆگەتمىگەن بولسا، ئىنسانلار ئاغزىدىن چىققان ئاۋازنى قەلەم بىلەن يېزىشنى بىلمىگەن بولاتتى. قۇرئاندا دېيىلىشىچە، ئاللاھ نۇھ ئەلەيھىسسالامغا كېمە ياساشنى ئۆگەتكەن. ئەگەر ئاللاھ نۇھ ئەلەيھىسسالامغا ئۆگەتمىگەن بولسا، بىز كېمىنى قانداق ياساشنى بىلمىگەن بولاتتۇق. ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تۆمۈرنىڭ شەكلىنى قانداق ئۆزگەرتىشنى ئۆگەتكەن. ئەگەر ئاللاھ شۇنداق قىلمىغان بولسا، بىز ئۇنداق بىلىمنى بىلمىگەن بولاتتۇق. ئەمەلىيەتتە ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا قانداق گەپ قىلىشنى ئۆگەتكەن. ئەگەر ئاللاھ ئۇنداق قىلمىغان بولسا، بىز خۇددى ھايۋانلاردەك غىڭشىپ يۈرۈپ بىر-بىرىمىز بىلەن ئالاقە قىلىشقان بولاتتۇق.

دېمەك، بىزنىڭ بىلىملىرىمىز پەقەت ئاللاھتىنلا كەلگەن. ئەمما، بىلىمنىڭ ئىككى خىلى بار. بىرىنچى خىلدىكى بىلىملەر نازىل قىلىنغان، ياكى مۇقەددەس (sacred) بىلىملەر، شەرىئەتتىكى بىلىملەر، ئەخلاقىي بىلىملەر، قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى بىلىملەردۇر.

ئىككىنچى خىلدىكى بىلىملەر دۇنياۋى بىلىملەر، ۋە دىنغا تەۋە ئەمەس بىلىملەردۇر. بۇ ئىككى خىل بىلىملەرنىڭ ھەر ئىككىسى پەقەت ئاللاھتىنلا كەلگەن. ئەمما بىرى بىۋاسىتە، يەنە بىرى بولسا ۋاسىتىلىك كەلگەن. ئىككىنچى خىلدىكى بىلىملەر بىزنىڭ چۈشىنىۋېلىشىمىزغا، خاتالىقلىرىمىزدىن ئۆگىنىۋېلىشىمىزغا باغلىق. شۇڭلاشقا ئىلىم-پەن داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

ئەڭ دەسلىپىدە مۇسۇلمانلار بىلىمنىڭ مۇشۇنداق ئىككى خىلى بارلىقىنى چۈشەنگەن. مۇسۇلمان ئۈممەتلىرى بۇ ئىككى خىل بىلىملەرگە بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلمىغان. بىزنىڭ خەۋىرىمىزدە بولغىنىدەك، ئوتتۇرا ئەسىردە كاتولىك چېركاۋلىرى «ئۇ بىلىملەر پەقەت ئاقسۆڭەكلەرگىلا تەۋە، پۇقرالار ئىلىم-پەن ئۆگەنمىسىمۇ بولىدۇ، پۇقرالار فىزىكا ئۆگەنمىسىمۇ بولىدۇ، پۇقرالار ئاسترونومىيە ئۆگەنمىسىمۇ بولىدۇ»، دەپ قارىغان. ئەمما بىزنىڭ ئۈممەتلىرىمىزدە ئۇنداق چەكلىمىلەر ھەرگىزمۇ مەۋجۇت بولمىغان. چۈنكى، بىز ئۇ چاغدا ئاشۇ بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پەقەت ئاللاھتىنلا كەلگەنلىكىنى، مەيلى ئۇ قۇرئاندىكى بىلىملەر بولسۇن، ياكى ئۇ مۇشۇ دۇنيا ھەققىدىكى بىلىملەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەقەت ئاللاھتىنلا كەلگەنلىكىنى چۈشەنگەن ئىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز مەيلى ئىسلام دىنى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى ئىلىم-پەن جەھەتتىن بولسۇن، ھەر ئىككى جەھەتتە گۈللەنگەن ئىدى. ئۇ چاغدا بىز بۇ ئىككى خىل بىلىملەر ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق زىددىيەت يوقلۇقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدۇق.

ئەمما، ئەگەر بىز ئالدىنقى 100 - 150 يىلغا، ياكى ئالدىنقى 400 - 500 يىلغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئاشۇ زامانلاردا مۇسۇلمانلار ئىزچىل تۈردە چېكىنىپ ماڭغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ھەقتە قىلساق گەپ بەك كۆپ. ئەمما ئۇنىڭغا بۈگۈن ۋاقىت يوق. شۇڭلاشقا مەن بۇ يەردە پەقەت بىرلا سېلىشتۇرما (dichotomy) ئۈستىدە توختىلىمەن.

بىزنىڭ دىنىي بىلىم ئەھلىلىرىمىز بار. مەسىلەن، ئۆلىما، ئىمام، ۋە موللام قاتارلىقلار. بىزنىڭ پەننىي بىلىم ئەھلىلىرىمىزمۇ بار. مەسىلەن، ئىنژېنېرلىق، مېدىتسىنا، ماتېماتىكا، بىناكارلىق، ۋە مىللەتشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار. كلاسسىك ئىسلامدا بىرىنچىدىن دىن بىلەن پەندىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ باقمىغان. ئىككىنچىدىن يۇقىرىدىكى ئىككى خىل بىلىم ئەھلىلىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان. مەن بىلىمنىڭ يۇقىرىقىدەك ئىككى ساھەسىنىڭ ھەر ئىككىسىدە ئوقۇپ باقتىم. مېنىڭ خىمىيە ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە بىر ئۇنۋانىم بار. مېنىڭ مەدىنىدە ئېرىشكەن ئۇنۋانلىرىم بار. ھەمدە مېنىڭ ئامېرىكىدىكى يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېرىشكەن ئۇنۋانىممۇ بار. مەن ھەر ئىككى ساھەدە ئوقۇپ باققان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىرسىگە يان باسمايمەن. مېنىڭ فىزىكا، ئىنسانشۇناسلىق، خىمىيە ۋە ئىنژېنېرلىق كەسىپلىرىدە قوشۇمچە ئۇنۋانلىرىممۇ بار. شۇڭلاشقا مەن بىلىمنىڭ ھېلىقى ئىككى ساھەسىنىڭ ھەر ئىككىسىنى چۈشىنىمەن.

شۇڭلاشقا مەن بۇ يەردە ئوچۇق-ئاشكارا ۋە سەمىمىيلىك بىلەن گەپ قىلىدىغان بولسام، ھازىر بىلىمنىڭ ئىككى ساھەسىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىدە ناھايىتى ئېغىر مەسىلە مەۋجۇت. ئۆلىمالار ۋە دۇنياۋى پەنلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ھەر ئىككىسىدە ئېغىر مەسىلىلەر مەۋجۇت. مەن تۆۋەندە بىر قىسىم مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن. مەقسىتىم ھەممىمىز بىرلىشىپ ئۇلارنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىش.


2. دىنىي ئۆلىمالارنىڭ پەننىي بىلىملەرنى ئۆگەنمەسلىك مەسىلىسى

مەن بىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىز، ئىماملىرىمىز ۋە دىنىي زىيالىيلىرىمىزغا يۈكسەك دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىمەن. مەن ئۆزۈممۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەزا. ئەگەر گەپنى شۇلاردىن باشلىساق، ئۇلاردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە، ئۇلارنىڭ مۇشۇ دۇنيانىڭ ئىلىم-پەنلىرى ھەققىدىكى بىلىدىغىنىنىڭ ئىنتايىن ئاز بولۇشىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ بىئولوگىيە، خىمىيە، فىزىكا، ماتېماتىكا، ھازىرقى زامان دۇنياسى، ۋە سىياسەت قاتارلىق ساھەلەردە ھېچ قانداق بىلىمى يوق. شۇڭلاشقا ئۇلار بەزىدە ئىنتايىن دۆت (ludicrous) پەتىۋالار ۋە دىنىي كېسىملەرنى چىقىرىدۇ. ئۇلار بەزىدە ئىنتايىن قالاق ئىشلارنى قىلىپ، بىزنىڭ ئىچىمىزنى سىقىۋېتىدۇ، ئىچىمىزنى ئېچىشتۇرۇۋېتىدۇ، ۋە بىزنى ئۇلارنى تەنقىد قىلىشقا مەجبۇرى قىلىدۇ. ئۇلار بەزىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بىلىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئىنتايىن غەلىتە پەتىۋالارنى چىقىرىپ، تەبىئىي-پەن ساھەسىدە ئوقۇغان كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى چۈشىنىشلىك بولغان ئىنتايىن كۆپ ئىشلارغا قارشى چىقىدۇ. ھەمدە باشقىلارنى ناھايىتى ئاسانلا تەنقىد قىلىدۇ. تەنقىد قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان. ئەمما بىز باشقىلارغا تىل تەگكۈزۈشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزدىن مۇنداق بىر سوئالنى سوراپ باقايلى: نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ دىنىي زىيالىيلىرىمىز ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرىدىن ئاشۇنداق دەرىجىدە خەۋەرسىز؟

ئەگەر بىز كلاسسىك زىيالىيلىرىمىزغا قاراپ باقىدىغان بولساق، بىزنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام دەرسلىكلىرىمىزگە قاراپ باقىدىغان بولساق، بىر ئادەم ماتېماتىكىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئالىم بولالمىغانلىقىنى، ئاسترونومىيە، بىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنانى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئالىم بولالمىغانلىقىنى بايقايمىز. ئۇنىڭ بىر مىسالى ئىبن تەيمىيەدۇر. ئۇلار بىر دوكتور ئۇنۋانى بار كىشىگە مۇناسىپ سەۋىيىدىكى بىلىملەرگە ئىگە بولغان ئەمەس، ئەمما ئۇلار كۆپلىگەن ساھەلەرنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن. ئاندىن پەتىۋا چىقارغۇدەك سالاھىيەتكە ئېرىشكەن. ئۇلار بىر ساھەدە مۇتەخەسسىس دەرىجىسىگىچە ئوقۇمىغان، ئەمما ئۈستىدىن پەتىۋا چىقارماقچى بولغان نەرسىگە ئائىت ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلەپ، ئاندىن شۇ نەرسە ئۈستىدىن پەتىۋا چىقارغان.

ئىلاۋە: مەن 2014-يىلى 2-ئايدا تورلارغا «ئىماملار مۇسۇلمانلارنىڭ مارستا ياشىشىنى چەكلەيدىغان پەتىۋا چىقاردى» دېگەن تېمىدا بىر يازما يوللىدىم (./thread-23213-1-1.html). ئۇنىڭدا گوللاندىيەدىكى بىر شىركەت كەلگۈسىدە بىر قىسىم ئادەملەرنى مارسقا چىقىرىپ ياشىتىپ باقماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭغا قارىتا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا ئىماملار مۇسۇلمانلار مارسقا بېرىپ ياشىسا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە بىر پەتىۋا چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ يازدىم. گوللاندىيەدىكى ئۇ شىركەتنىڭ ھازىرقى پىلانى تۇنجى قېتىملىق ئادەملەرنى 2026-يىلى مارسقا چىقىرىش ئىكەن. ئۇ ئىش چوقۇم بولامدۇ-يوق، ھازىرچە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. ئەگەر رەسمىي بولدى، دېگەندىمۇ، مېنىڭ پەرىزىمچە ئەڭ دەسلىپىدە مارسقا ئوندەك ئادەمنى چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئىچىگە بىرەر مۇسۇلمان كىرەلەمدۇ-يوق، ئۇمۇ تېخى ئېنىق ئەمەس. مېنىڭچە «مارسقا ئادەم چىقىرىلىدۇ» دېگەن خەۋەر چىقىپ بولغۇچە بىر گۇرۇپپا ئىماملارنىڭ يۇقىرىقىدەك پەتىۋا چىقىرىشى مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان بىر كۈلكىلىك ئىش بولۇپ، بۇ ئىش ياسىر قازى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئەھۋالغا بىر مىسال بولالايدۇ. يەنە بىر مىسال: بىزنىڭ بىر تۇغقىنىمىز ئىنتايىن دىندار بولۇپ، ئىككى ئوغلىنى موللاملارغا ئوقۇغۇچىلىققا بېرىۋېتىپ، پەقەت دىندىلا ئوقۇتتى. ئۆزى ۋە ئايالى ھەج قىلىپ كېلىپ، ھاجىم بولدى. مەن ئۇ تۇغقىنىمىزغا ئۆزۈم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىن باشلاپ تاكى يېقىنقى يىللارغىچە «يەر شارىنىڭ شەكلى يۇمىلاق» دەپ، ئۇنى قەتئىيلا قايىل قىلالمىدىم. ئۇ تۇغقىنىمىز ئۆتكەن يىلى ئالەمدىن ئۆتتى (ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي).

ئەگەر بىز ھازىرقى زامان ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دەرسلىكلىرىگە قاراپ باقىدىغان بولساق، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. مەدىنە، ئەزھەر ۋە باشقا جايلاردىكى ئىسلامىي ئىنستىتۇتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پەقەت دىنىي دەرسلەرنىلا ئۆتىدۇ. پەننىي بىلىملەرنى بولسا قەتئىيلا ئۆتمەيدۇ. بىز ئۆتىدىغان دەرسلەردە ئېغىر مەسىلىلەر بار.

ئىلاۋە: مەن 2014-يىلى «دىن ۋە زامانىۋىلىق» [2] دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يازغان (./thread-23724-1-1.html) بولۇپ، مەن تېخى ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلارغا ئاشۇ ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. سەۋەبى، ئۇ ماقالىدە مەزكۇر ماقالىدىكى مەزمۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك خېلى كۆپ مەزمۇنلار بار. بولۇپمۇ مەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇكىلارغا مۇشۇ ئىككى پارچە ماقالىدىكى مەزمۇنلارنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قاتتىق ئويلىنىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر سىز كەلگۈسىدە بىر دىنىي يېتەكچى بولماقچى بولىدىكەنسىز، ئۇ ئىشنى ئۈنۈملۈك قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم ياسىر قازى ۋە «ئويغان» لار ماڭغان يول بىلەن ئوخشاش يوللارنى ماڭغىنىڭىز ياخشى. يەنى، شەرقتىمۇ ئوقۇپ، غەربتىمۇ ئوقۇشىڭىز، دىندىمۇ ئوقۇپ، پەندىمۇ ئوقۇشىڭىز كېرەك. بىزدە ھازىر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇكىلاردىن نەچچە مىڭ كىشى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 5 - 10 نەپەر «ياسىر قازى» ۋە «ئويغان» لار يېتىشىپ چىقسا، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلىنىدۇ. تۆۋەندىكىسى مەن «دىن ۋە زامانىۋىلىق» دېگەن ماقالىدىن ئالغان بىر ئابزاس مەزمۇن (نەقىل):


سوئال: سىزنىڭ ئوقۇش تارىخىڭىز ناھايىتىمۇ باشقىچە. شۇڭا سىز ئاشۇنداق ئوقۇپ توپلىغان بىلىملەرنى ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرىغا يەتكۈزۈشنى ئۆزىڭىزنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارامسىز؟

جاۋاب: شۇنداق. مەن ئۇنى يالغۇز مېنىڭ ئۈستۈمگىلا يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەت دەپ قارايمەن. بۇنىڭ سەۋەبى غەربنىڭ ئىلىم-پەنلىرىنى ئۆگەنگەن ئۆلىمالار ئاساسەن يوق. غەربتە ئىسلام تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بىلىملىرىدىن ئاساسەن خەۋەرسىز. غەربتىكى ئىسلام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پروفېسسورلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئانچە سادىق ئەمەس. مەن بىر ئادەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ناھايىتى سادىق بولۇپ تۇرۇپ، يەنە ئىسلام تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ماڭالايدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، شەيخ ۋە ئۆلىمالارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرىنى ئۆگىنىپ باقمىغان. شۇڭلاشقا ئۇلار ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر بىلەن ھەپىلىشەلمەيدۇ. مەسىلەن، تېخى ئالدىنقى ھەپتە بىر 20 نەچچە ياشلاردىكى ياش ئوقۇغۇچى ماڭا ناھايىتى ئۇزۇن خەتتىن بىرنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى گۇمانلىرىنى بايان قىلىپتۇ. بۇ ئىسلام تېئولوگىيىسىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە. مېنىڭ ئىسلام تېئولوگىيىسى كەسپى بويىچە بىر ماگىستىرلىق ئۇنۋانىم بار. شەرقتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان تېئولوگىيە ئىلمى بۇ ياش بالا سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. مەسىلەن، مەدىنە، ئەزھەر قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە دىنسىزلىق دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار ئۈستىدە دەرس بېرىشكە سالاھىيىتى توشمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ دەرسلىرىدە سۆزلىنىدىغىنى بۇنىڭدىن 500 يىل بۇرۇن، ياكى بۇنىڭدىن 1000 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن، ئىسلامدا تالاش-تارتىش قىلىنغان مەسىلىلەر. ماۋۇ گۇرۇپپا مۇنداق دېگەن، ئاۋۇ گۇرۇپپا ئۇنداق دېگەن، دېگەندەك مەزمۇنلار. مەن بۇ مەزمۇنلارنى پۈتۈنلەي قىممىتى يوق بىر نەرسىگە چىقارماقچى ئەمەسمەن. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزلىرىگە چۇشلۇق ئورنى، ئۆزلىرىگە چۇشلۇق قىممىتى بار. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئامېرىكىدا، ئەنگلىيەدە، كانادادا، ياكى ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇقىرىقىدەك بىر بالا بۇنىڭدىن 1000 يىل بۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ باققان ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارغا ئازراقمۇ قىزىقمايدۇ. ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، «ماڭا ھازىر بىئولوگىيە دەرسىدە دارۋىنىزملىقنى ئۆتۈۋاتىدۇ. بىئولوگىيە دەرسى بىزنى بۇرۇنقى ھاياتلىقلارنىڭ شەكلىدىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەن، دەيدۇ. بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟» دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر. تەدرىجىي تەرەققىيات ئىلمى باشقا ھەممە پەنلەرگە ئوخشاش بىر ناھايىتى مۇكەممەل پەن. ئەمما، قۇرئاندا «ئادەم بىلەن ھەۋۋا جەننەتتىن چۈشكەن» دېيىلىدۇ. شۇڭا ھېلىقى ياش بالا ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى گەپنىڭ قايسىسىغا ئىشىنىشىنى بىلەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرىنى ئۆگىنىپ باقمىغان بىر دىنىي زات ئۈچۈن بۇنداق سوئاللارغا جاۋاب بېرىش بىر ئاسان ئىش ئەمەس. شەخسەن مەن ئۆزۈم دارۋىنىزم ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردىنمۇ جىق كۆپ بولغان تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. (نەقىل تۈگىدى)



3. ئەڭ ئەقىللىق كىشىلىرىمىزنى دىندا ئوقۇتماسلىق مەسىلىسى

بىزدىكى يەنە بىر مەسىلە، بىز مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەرنى ئىسلام زىيالىيلىقىدا ئوقۇشقا ماڭدۇرمايمىز. ھازىرقى ئەمەلىيەت شۇكى، بىزدىكى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەر ئىسلامدا ئوقۇشنى خالىمايدۇ. ئۇلار ئىنژېنېرلىق ۋە دورىگەرلىككە ئوخشاش كەسىپلەردە ئوقۇش يولىنى تاللايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىسى بىر ئاز يېڭىلىققا مايىل كىشىلەر بولسا، بالىلىرىنىڭ ئىنسانشۇناسلىققا ئوخشاش كەسىپلەردە ئوقۇشىغا يول قويۇشى مۇمكىن. ئەمما مۇسۇلمان ئەللىرىدىن كېلىپ ئامېرىكىغا يەرلەشكەن ئوتتۇراھال ۋە يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيىسىدىكى مۇسۇلمان ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بىرەر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇشىغا قەتئىيلا يول قويمايدۇ.

بۇرۇنقى بىر ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەر ئىسلام زىيالىيلىقىدا ئوقۇغان. ئىسلام زىيالىيلىقى دېگەن نېمە؟ ئۇ بىر ئادۋوكاتلىق. «فەقىھ» دېگەن ئەمەلىيەتتە بىر ئادۋوكاتتىن ئىبارەت. ئىسلام قانۇنلىرىنى قانداق ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان ئادۋوكاتتىن ئىبارەت. سىز فىقھ ئۆگەنسىڭىز، بىر ئادۋوكات بولىسىز، بىر پروفېسسور بولىسىز، ياكى بىر شەيخ بولىسىز. «شەيخ» دېگەن نېمە؟ ئۇ بىر پروفېسسوردىن ئىبارەت. سىز «ئادۋوكات»، «پروفېسسور» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىسىڭىز، كۆڭلىڭىزدە ئۇ كىشىلەرگە دەرھاللا بىر خىل ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئەمما «ئالىم» ۋە «ئىمام» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىسىڭىز كۆڭلىڭىزدە ئۇلارنى ئانچە كۆزگە ئىلماسلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكى قىممىتى بىر دەمدىلا چۈشۈپ كېتىدۇ.

مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگىلى ھازىر 150 يىلدەك ۋاقىت بولدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىز ئۆزىمىزدىكى ئەڭ ياخشى كىشىلەرنى ئىسلام ئوقۇشقا ماڭدۇرغان ئىدۇق. ھازىر مۇسۇلمان ياشلار ئارىسىدىكى 90 نومۇردىن يۇقىرى ئېلىپ ئوقۇغانلار دوختۇر بولىدىغان كەسىپلەردە ئوقۇيدۇ. سەكسەن نومۇردىن يۇقىرى ئېلىپ ئوقۇيدىغانلار ئىنژېنېرلىقتا ئوقۇيدۇ. يەتمىشتىن يۇقىرى ئېلىپ ئوقۇيدىغانلار بوغالتىرلىق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش كەسىپتە ئوقۇيدۇ. پەقەت نورمال ئوقۇشتا مەغلۇپ بولغانلار، ياكى 70 تىن تۆۋەن نومۇر ئېلىپ ئوقۇغانلار ئىسلام مەكتەپلىرىگە بېرىپ ئوقۇيدۇ. مەن مۇشۇنداق ئەھۋالدىكى دۆلەتلەردىن خېلى كۆپلىرىنى بىلىمەن. ئىسلام مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان ئاشۇنداق كىشىلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، پەتىۋا چىقارغىلى تۇرسا، ۋە ھازىرقى زامان ئىشلىرى ھەققىدە سۆزلىگىلى تۇرسا، ئۇ ھالدا ئىنژېنېرلىق، سىياسەت، ۋە باشقا ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇشتا ئوقۇغان كىشىلەر ھېلىقى پەتىۋاچىلارغا نىسبەتەن «ئاھ خۇدا، بۇ نەدىن كەلگەن كىشىلەردۇر؟» دەپ، بېشىنى قاشلىماي قالامدۇ؟ بۇ بىر ھېچ قانداق ھەيران قالىدىغان ئىش ئەمەسقۇ؟ ئۇ ئادەملەر باشقا يەردىن كەلگەن ئەمەس. ئۇلار ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان. سىز ئىسلام مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇمىغاچقا، ئۇلار كىرىپ ئوقۇغان.

مېنىڭ ئىسلامدا ئوقۇشۇمغىمۇ ئاتا-ئانام سەۋەبچى بولغان ئەمەس. ئۇلارمۇ مەندىن داۋاملىق ئىنژېنېرلىق ياكى دورىگەرلىك كەسپىدە ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇڭلاشقا مەن دەسلىپىدە خىمىيە ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە بىر باكلاۋۇر ئۇنۋانى ئالغان. ئاندىن دادامغا «مەن سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى ئورۇنلاپ بولدۇم. مەن ئەمدى بىر چوڭ ئادەم بولدۇم. شۇڭا ئەمدى ئۆزۈم خالىغان ئىشنى قىلسام بولۇۋېرىدۇ»، دېدىم، ھەمدە مەدىنىگە بېرىپ، دىندا ئوقۇدۇم. مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، ئەگەر بىز ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەرنى ئىسلام مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىپ ئوقۇتمىساق، ئۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولماقچى؟


4. ئىسلام زىيالىيلىقىغا بېرىلگەن ئىجتىمائىي سالاھىيەتنىڭ تۆۋەنلىكى

سىز ئۆزىڭىز بىلەن بىر يەردە ياشايدىغان يەرلىك ئىمامغا قانداق قارايسىز؟ سىز مەسچىتتە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىسىز، ئۇچراشقاندا ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىسىز، بۇنىڭدا گەپ يوق. ئەمما ئۇ مەسچىت سىز ئۈچۈن «مېنىڭ بالام كەلگۈسىدە ئاشۇ يەردە ئىشلەپ قالسىمۇ بولۇپتىكەن» دەپ ئويلايدىغان بىر ئېسىل ئىنستىتۇت ئەمەس. سىز يەرلىك ئىماملارغا ئەل قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، نورمال ھۆرمەتنى بىلدۈرىسىز. ئەمما سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە ئاشۇ ئىماملاردەك بولۇشىنى خالىمايسىز. بىزنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى رېئاللىقىمىز شۇكى، بىز ئىسلام زىيالىيلىقىغا ھۆرمەت قىلمايمىز. ئۇنىڭ سەۋەبى، ھازىرقى ئىسلام زىيالىيلىرى بىز ئۈمىد قىلغان دەرىجىدە تەربىيە كۆرگەن ئەمەس، ئۇلار ھازىرقى دۇنيا بىلىملىرىدىن بىز ئۈمىد قىلغاندەك دەرىجىدە خەۋەردار ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىزدە بىر سەلبىي ھالقىسىمان ئايلىنىش جەريانى شەكىللەندى. يەنى، دىنىي زىيالىيلارنىڭ سەۋىيىسى داۋاملىق تۆۋەن تۇرغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئورنى ياكى سالاھىيىتىمۇ داۋاملىق تۆۋەن تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆز بالىلىرىڭىزنىڭ ئىسلام زىيالىيلىقى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى خالىمايسىز. بۇ ھالقىسىمان جەريان بۇزۇۋېتىلىشى كېرەك. ئاللاھقا شۈكرى، ھازىر شىمالىي ئامېرىكىدا مۇشۇ جەھەتتىكى ياخشىلىنىشلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىر قىسىم ئەقىللىق ياشلار ئىسلام زىيالىيلىقى ساھەسىگە كىرىشكە باشلىدى.


5. پەنچىلەرنىڭ دىنىي بىلىملىرىنىڭ ئاز بولۇشى

ئەمدى دۇنياۋى بىلىم ساھەلىرىدىكى كىشىلىرىمىزگە قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە كىشىلەرمۇ ئەڭ ئاساسىي دىنىي بىلىملەردىنمۇ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بەزى كىشىلەر 20 - 25 يىل ئوقۇپ، ئاندىن بىر دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولىدۇ. شۇنچىۋالا كۆپ كىتابلارنى ئوقۇپ تۈگىتىپ، ئاندىن بىر دوختۇر، بىنا لايىھىلىگۈچى، ياكى ئىنژېنېر بولىدۇ. ئەمما ئۇلار تاھارەت ئېلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنىمۇ بىلمەيدۇ. تاھارەتنىڭ قانداق ۋاقىتتا بۇزۇلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.

مەن ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، دەرسلىك كىتابلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كارىۋىتىمنىڭ بىر تەرىپىگە دۆۋىلەپ قوياتتىم. ئوقۇش پۈتتۈرىدىغاندا قارىسام، مەن نەچچە دۆۋە كەسپىي دەرسلىك كىتابلىرىنى ئوقۇپ تۈگىتىپ بولۇپتىمەن. ھەممە دەرسلەردە «A» ئېلىپ (يەنى ئەلاچى بولۇپ) ئوقۇپتىمەن. ئەمما قۇرئانغا كەلگەندە مەن بىر «جاھىل» ئىكەنمەن. قۇرئان ھەققىدە ھېچ نېمىنى بىلمەيدىكەنمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمدىن قاتتىق نومۇس قىلدىم. كۆڭلۈمدە «مەن ھازىرغىچە شۇنچىۋالا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ بولۇپتىمەن، ئەمما ئۆزۈمنىڭ دىنى ھەققىدە ھېچ نېمىنى بىلمەيدىكەنمەن. بۇنداق قىلىشىم توغرا ئەمەس»، دەپ ئويلىدىم. ئاشۇنداق ئىدىيە مېنىڭ شۇ ۋاقىتتا دىنىي ئوقۇشنى باشلىشىمغا تۈرتكە بولدى.

مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، سىز دىندا ئوقۇپ بىر ئالىم بولمىغان تەقدىردىمۇ، بىر «جاھىل» بولۇپ تۇرۇپ قالماڭ. دىن ھەققىدە ئازراق ئۆگىنىپ قويۇڭ. تەرەت ئېلىشنى، ناماز ئوقۇشنى، ۋە زاكات بېرىشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ. ھەج ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ئەقىدە ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ قويۇڭ.

بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا مەدرىسىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار دەسلىپىدە ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئاندىن پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، دوختۇر، ئىنژېنېر قاتارلىق ھەر خىل پەننىي كەسىپلەرگە كىرگەن. ئۇنداق سىستېما ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدى. شۇنىڭ بىلەن ھازىر كىشىلەر ئىلىم-پەندە ناھايىتى يۇقىرى ئۇنۋانغىچە ئوقۇغانلار بولۇپ يېتىشىۋاتقان بولسىمۇ، دىنغا كەلگەندە بىر «جاھىل» بولۇش ھالىتىدە تۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ.


6. ئىسلام ئىلمىنى كۆزگە ئىلماسلىق مەسىلىسى

بىز ھازىر دىنىي ئۆلىمالارنىڭ زىيالىيلىق سالاھىيىتىگە ھۆرمەت قىلماسلىق، زىيالىيلىق نۇقتىسىدىن ئۇلارنى كۆزگە ئىلماسلىق بىلەن بىللە، ئىسلام ئىلمىگىمۇ بىر تۆۋەن دەرىجىلىك نەرسە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق. ئىسلام ئىلمى دېگەن ئۆزى ئۆگىنىۋالسىمۇ بولىدىغان نەرسە، دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدۇق. بىز ئىسلام زىيالىيلىقىغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى يوقىتىپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن، گەرچە ئۆزىمىز ئىسلام ئىلمى ھەققىدە ھېچ نېمىنى ئۆگىنىپ باقمىغان بولساقمۇ، ئۆزىمىزنى ئىسلام ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەڭ لاياقەتلىك كىشى، دەپ ھېسابلايدىغان بولۇپ قالدۇق. ھەدىستىن ئازراق ئوقۇپ قويۇپ، ۋە قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئازراق ئوقۇپ قويۇپلا ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئىسلامىي ئەخلاققا ئائىت مەسىلىلەردە بىز ئۆزىمىز ھۆكۈم چىقارماقچى بولىمىز. بۇ شىمالىي ئامېرىكا مائارىپىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئىشلارنىڭ بىرى. بىز «ئىسلام بىلىملىرى بەك ئاددىي بىلىملەر، ئۇلارنى پەقەت ئۆزىمىز كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق، ياكى ئىنتېرنېتتا ئىزدىنىش ئارقىلىقلا ئۆگىنىۋېلىپ، دىنىي زىيالىي بولالايمىز»، دەپ ئويلايمىز.

مەن ئامېرىكىنىڭ ھيۇستون شەھىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە خىمىيە ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە ئەڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇپ، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالدىم. ئاندىن مەدىنىگە بېرىپ، ھەدىس كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالدىم. مەن ئاللاھ ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئىنژېنېرلىق ئۇنۋانى ئېلىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەن ھەدىستە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن كەم دېگەندە 5 ھەسسە قاتتىق تىرىشىپ ئوقۇدۇم. جەمئىي 4 يىل ھەر مەۋسۇمى 25 تىن دەرس تاللاپ ئوقۇدۇم. شۇنداق قىلىپ تۇرۇپمۇ، بەزى پەنلەردە ئىگىلىگەن بىلىمىمىز ئىنتايىن تېيىز بولۇپ قالدى. شۇڭلاشقا مەن ئىسلام زىيالىيلىقى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئۆزۈمنىڭ سەرگۈزەشتلىرى بىلەن ئوبدان بىلىمەن. ئىسلام زىيالىيلىقى سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىنژېنېرلىق، بىناكارلىق، ۋە دورىگەرلىك قاتارلىق پەننىي ساھەلەرنىڭ كەسىپ ئەھلى بولۇشتىن تەسرەك ئورۇندا تۇرسا تۇرىدىكى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن ئاسانراق ئورۇندا تۇرمايدۇ. سىز بىر قانچە پارچە كىتابنى ئوقۇپ قويۇپلا بىر بىنا لايىھىلىگۈچى بولالمايسىز. بىر قانچە كىتابنى ئوقۇپ قويۇپلا بىر مېڭە ئوپېراتسىيە دوختۇرى بولالمايسىز. ئىنتېرنېتتا ئازراق ئىزدىنىپ قويۇپلا بىر كەسىپنىڭ ئەھلى بولالمايسىز. بىر قانچە كىتابنى ئوقۇپ قويۇپلا ئىسلام ۋە ئىسلام زىيالىيلىقى ئۈستىدە گەپ قىلىش تېخىمۇ خەتەرلىك. قىسقىسى، بەزى كىشىلەر بىر قىسىم پەننىي بىلىملەرنى ئىگىلەپلا ئۆزلىرىنى ئىسلام زىيالىيلىقى ھەققىدە گەپ قىلىشقا سالاھىيىتى توشىدىغان كىشىلەر ھېسابلايدۇ. مانا بۇ بىزدە ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە.

ئەگەر سىز بىر ئىنژېنېر بولسىڭىز، سىز ھەرگىزمۇ دورىگەرلىك ھەققىدە گەپ قىلمايسىز. ئەگەر سىز ئىسلام ئىلمىنى ئۆگىنىپ باقمىغان بولسىڭىز، ئىسلامغا ئائىت ئىشلاردا ئۆزىڭىز ھۆكۈم چىقارماي، ئىسلام ئىلمىدە تەربىيە كۆرگەن كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، مەسلىھەتنى شۇلاردىن ئېلىڭ.

بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ھەر بىر ئىنژېنېر، ھەر بىر دوختۇر ۋە ھەر بىر ئادۋوكات بىر نورمال مۇسۇلمانلىق ھاياتىنى كەچۈرۈشكە زۆرۈر بولغان ئىسلام بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋېلىش. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر بىر ئالىم، ھەر بىر فەقىھ، ۋە ھەر بىر ئۆلىما مۇشۇ دۇنيا ھەققىدە يېتەرلىك دەرىجىدىكى بىلىملەرنى ئىگىلەپ، ھازىرقى زامان دۇنياسىدىكى ئىشلار ھەققىدە كۈلكىلىك پەتىۋالارنى چىقىرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش. ھازىر مۇشۇنداق بىر غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان نۇرغۇن ئىنستىتۇتلار بار. مەنمۇ شۇلارنىڭ بىرسىدە، يەنى «ئەل مەغرىپ ئىنستىتۇتى» (Al-Maghrib Institute) دا ئىشلەيمەن. مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان باشقا بىر قانچە زىيالىيلارمۇ ماڭا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. بىز ھەممىمىز ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمىز. ئاللاھ بۇيرۇسا بىز ئاشۇ مەسىلىلەرنى ئاستا-ئاستا ھەل قىلىپ، ئىككى زىيالىيلار توپى ئارىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىمىز. شۇنداقتىمۇ قەتئىي تەكىتلەپ قويمىساق بولمايدىغان بىر ئىش شۇكى، ئاشۇنداق غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىككى زىيالىيلار توپىنىڭ ھەر ئىككىسى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە بولمايدۇ. ھەر بىر تەرەپ ئۆزلىرى خاتا قىلىۋاتقان ئىشلارنى تېپىپ چىقىپ، ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ياردەملىشىپ، ئاشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلمىسا بولمايدۇ.

ئاللاھ بىزنى دىنىمىزنى ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئىگىلەشكە نېسىپ قىلسۇن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئاللاھقا دۇئا قىلغاندا ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنىڭ ئىلمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشنى تاپىلىغان ئىدى. بىز ھەممىمىز ئاللاھتىن ئۆزىمىزنىڭ ئىلمىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تىلەيلى.

ياسىر قازىنىڭ دوكلاتى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.


7. ئاخىرقى سۆز

«بىزنىڭ شۇنداق بىر زامانىمىز بار بولغان. ئۇ چاغدا بىلىم مەشئىلىنى ئەڭ ئالدىدا كۆتۈرۈپ ماڭغانلار ئىسلام زىيالىيلىرى ئىدى. دۇنيادىكى زىيالىيلىقنىڭ نۇر چېچىپ تۇرغان مىسالىمۇ ئىسلام زىيالىيلىرى ئىدى. ئۇ چاغدا مۇشۇ ئۈممەتنىڭ زىيالىيلىرى پەننىي بىلىملەر بىلەن دىنىي بىلىملەرنى تەڭ ئىگىلىگەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى لىدېرلار دىنىي بىلىم بىلەن پەننىي بىلىم ساھەسىنىڭ ھەر ئىككىسىدە مۇسۇلمان زىيالىيلارنى ئۈلگە قىلغان ئىدى.»

يۇقىرىدىكىسى مەن بۇ قېتىم پايدىلانغان سىن ھۆججىتى بار تور بېتىگە يېزىلغان بىر قانچە جۈملە سۆزنىڭ تەرجىمىسى.

يۇقىرىدىكى مەزمۇنلاردىن كۆرۈۋالغىنىمىزدەك، ئاللاھتىن تۇنجى قېتىم چۈشكەن 5 ئايەتنىڭ ئىچىدە «ئوقۇغىن» دېگەن سۆز ئىككى قېتىم ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭ بىرىنچىسى مۇسۇلمانلاردىن دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئىككىنچىسى بولسا مۇسۇلمانلاردىن پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداق بولغاچقا تاكى يېقىنغىچە، يەنى 100 - 150 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتلارغىچە مۇسۇلمانلار بىلىملەرنى «دىنىي بىلىم» بىلەن «پەننىي بىلىم» دەپ ئىككىگە ئايرىماي، ئىككى بىلىمنى تەڭ ئىگىلىگەن. ئىسلام دىنى زىيالىيلىرىمۇ ئۆزلىرىنى ئاشۇ ئىككى خىل بىلىمدە تەڭ يېتىلدۈرگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئارقىغا چېكىنىشى بۇنىڭدىن 100 - 150 يىللار بۇرۇن بىلىملەرنى «دىنىي بىلىم» بىلەن «پەننىي بىلىم» دىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلگەنلىكى، ھەمدە پەننىي بىلىملەرنى مەكتەپ دەرسلىكلىرىدىن چىقىرىۋېتىپ، ئۇلارنى ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە چەتكە قاققانلىقىدىن يۈز بەرگەن.

شۇنداق قىلىپ مەن ئۆزۈمنىڭ بىر مەزگىللىك ئىزدىنىشلىرى ئارقىلىق، ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم-پەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئىبادەتنىڭ ھەقىقىي ۋە تولۇق مەزمۇنلىرى، لاياقەتلىك مۇسۇلمان بولۇشنىڭ شەرتلىرى، ۋە دىنىي زىيالىيلار بىلەن پەننىي زىيالىيلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. مەن ئىزچىل تۈردە دىنىمىزنىڭ بىر ئۇلۇغ دىن، ۋە بىر ئادىل دىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە مەن ئىسلام دىنى ئىلىم-پەنگە زادى قانداق قارايدىغانلىقىنى ئانچە بىلمەيتتىم. بۇ قېتىم مەن ئاشۇ جەھەتتە ئۆزۈم ئۈچۈن خېلى يېتەرلىك بىلىم ھاسىل قىلدىم. دىنىي تېمىلاردا ئىزدىنىشنى ۋە يېزىشنى باشلىغان دەسلەپكى ۋاقىتتا ئۆزۈم كەتتۈرۈپ قويغان بىر قانچە ئىشنىمۇ تونۇپ يەتتىم. شۇڭلاشقا مەن ھازىر خېلىلا يېنىكلەپ قالدىم. مەن باشقا كۆپلىگەن قېرىنداشلارنىڭمۇ مەن ھازىرغىچە تەييارلىغان يازمىلاردىن خۇددى ئۆزۈمدەك مەنپەئەتكە ئېرىشكەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] Re-thinking Education in Islam: Reviving the Legacy of Muslim Scholars
https://www.youtube.com/watch?v=SE2ufcIhhlk

[2] بىلىمخۇمار: دىن ۋە زامانىۋىلىق
./thread-23724-1-1.html


«There was a time when Islamic Scholarship was a leading torch bearer of knowledge and a shining example to the world where the Scholars of this Ummah had mastered both the secular and religious sciences and the leaders of this world would look towards the Muslim Scholars for guidance in both religious and secular knowledge.»



بۇ ماقالىنى ئىنىمىز «پىداكار» تەھرىرلىدى.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.



uyghuray

0

تېما

0

دوست

3580

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32503
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1122
توردىكى ۋاقتى: 230
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 12:17:18 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا،سىزنىڭمۇ يېڭى-يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،تىنىڭىزنىڭ سالامەت،ئائىلىڭىزنىڭ شات-خوراملىق ئىچىدە ئۇتۇشنى ئۇمۇت قىلمەن.

0

تېما

0

دوست

3580

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32503
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1122
توردىكى ۋاقتى: 230
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 12:34:17 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشىمۇ-سىز

3

تېما

0

دوست

5587

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1742
توردىكى ۋاقتى: 437
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 12:45:46 |ئايرىم كۆرۈش
ھازىرقى دىننى زىيالىيلار  كىچىكىدىن تارتىپ مەلۇم ۋاقىتقىچە پەننى مەكتەپلەردە ئوقۇشنى تاماملاپ
ئاندىن يۇقۇرى ئۆرلەش داۋامىدا دىننى مەكتەپلەرنى
تاللىغانلاردۇر،
لىكىن پەننى زىيالىلارنىڭ كۆپىنچىسى دىننى بىلىم جەھەتتە كىچىكىدە ئۆيىدە ئۈگەنگەن بىلىملەر بىلەنلا
چەكلىنىپ قالغان،
uyghuray

0

تېما

5

دوست

4408

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1364
توردىكى ۋاقتى: 283
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 13:30:52 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تىما

10

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 3648
توردىكى ۋاقتى: 945
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-29
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 14:08:39 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىنىكا ،يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن .  ئاللاھ بىزلەرگە بۇ يىلنى خاتىرجەملىك ۋە سالامەتلىك يىلى قىلىپ بەرسۇن.

ھازىر مۇسۇلمانلار ئەڭ ئويلۇنۇشقا ۋە قۇبۇل قىلىشقا تىگىشلىك تىمىنى يوللاپسىز  . ئاللاھ ئەجرىڭىزنى ھەسسىلەپ بەرسۇن.

2

تېما

2

دوست

971

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   94.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33845
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-3
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 14:43:08 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئەپەندىم، بۇ تېمىنى ئوقۇپ كۆپ مەنپەئەتلەرگە ئىگە بولدۇم. مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىغان، ئامرېكىدا دوختۇرلۇق ئوقۇسا، باشتا بىرەر كەسىپتە باكلاۋۇرلۇق ئېلىپ ئاندىن دوختۇرلۇق كەسپىي بىلىملىرىنى ئۆگۈنىدىكەن، شۇڭا ئامرېكىدا دوختۇرلۇق ئوقۇش تولىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىكەن دەپ. بۇ گەپ راسمىدۇ، ئەگەر راست بولسا، ئالىي دىنى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇشىنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلسا بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم. يەنى دىنى ئۆلىما بولۇش ئۈچۈن ئالدىن بىر كەسپىي ئۇنۋانلىق تەلەپ قىلىنسا ياخشى بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.

0

تېما

1

دوست

656

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   31.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50919
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-1
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 14:54:51 |ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز   بىزدىكى مۇشۇ ئىككى قۇتۇپلىش مانا مۇشۇنداق

ھەق سۆزلەيدىغان تېمىنى ئوقۇغاندا ئىككى قۇتۇپلاشقان كىشلەرنىڭ  ئەقىدىسى ئۆزگىرىپ كاللىسى ئېچىلدۇ دەپ ئويلايمەن .

بۇ ئىككى قۇتۇپ نىمە دېگەندە بىرسى  ئىلىم پەنگە چوقۇنۇپ  دىننى سۆيمەيدىغان كىشلەر
يەنە بىرسى ئىدىيسى قاتمال  دىننى سۆيىدىغان  ئىلىم- پەننى  سۆيمەيدىغان كىشلەر  
ئەسلى دىننىمۇ ئىلىم پەننىمۇ ئاللاھ ياراتقانكەن ھەر ئىككىلىسنى سۆيىشىمىز كېرەك.

  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )