قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 992|ئىنكاس: 14

2015-يىلىدىن خۇلاسە 2016 ئۈچۈن تەۋسىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

----كىتابخۇمار----

9

تېما

80

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1512
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 4710
توردىكى ۋاقتى: 955
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 20:43:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2015-يىلىدىن قىسقىچە خۇلاسە- 2016-يىلى ئۈچۈن تەۋسىيە
كىتابخۇمار

2015-يىلىدىن قىسقىچە خۇلاسە ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك،ئەزىر قىرىنداشلار،تەقدىرداشلار ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن .
2015- يىلى روزى موھەممەد ئارتۇچ مۇئەللىمنىڭ تەشەببۇسى،تىرىشىشى ،تەشۋىق قىلىشى پۈتۈن جامائەتنىڭ قۇبۇل كۆرىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا كىتاب يىلى قىلىنغاندىن كىيىن ئىنتايىن زور خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى .
ئەمەلىيەتتە كىتاب ئوقوشتىن ئىبارەت بۇ خىل تەشەببۇس يىللاردىن بىرى بەزەن قىرىنداشلىرىمىز تەرپىدىن ھەر خىل شەكىلدە ئوتتورغا قويىلىۋاتقان،ئىجرا قىلنىۋاتقان تەشەببۇس بولوپ ،بۇ روزى مۇھەممەت قىرىندىشىمىزنىڭ تەشەببۇسى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن تىخىمۇ يۈكسەك پەللىگە يەتتى .ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن توغرا دەل جايىدا ئوتتورغا قويىلغان تەشەببۇس ئىدى .
بۇ كىتاب ئوقوش دىنىي نوقتىدىن تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان تۇنجى بۇيرىقى بولوش،پەننىي نوقتىدىن ئىنساننىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى شوتا،ئىنسان قەلبىنىڭ ئوزوقى بولوش سۈپىتى بىلەن ئىجرا قىلىش مۇرەسسىئەسىز ۋە ئىنتايىن تەقەززالىق بىر ئىش ئىدى.
كىتاب ئوقوشنى تەشەببۇس قىلىش قانداقتۇر تەشەببۇس قىلغۇچىغا ئالاھىدە بىر بىۋاستە پايدىسى بولوپ كىتىدىغان ئىش بولماستىن، ئەمەلىيەتتە بۇ پايدىسىنى كىتاب ئوقوغۇچى ئۆزى كۆرىدىغان ئىش ئىدى.بىراۋ ساغلاملىققا ئائىت كىتاب ئوقوسا ئۆزىنىڭ تىنىنى ئاسراش ۋە قوغداش ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە بولالايدىغان،ئىقتىسادقا ئائىت ياكى تارىخقا ئايىت كىتابلارنى ئوقوغاندا شۇ ھەقتىكى ساۋات ۋە بىلىمگە ئىرىشەلەيدىغان،پايدىسىنى كىتاب ئوقوغۇچى ئۆزى كۆرىدىغان جەريان بولوپ،بۇ كىتاب ئوقوشنى تەشەببۇس قىلىش ئەمەلىيەتتە ياخشىلىقنى،گۈزەللىكنى،بەخىت سائادەتنى تەشەببۇس قىلىش ئىدى.
بۇ بىر يىلدا كىرەم ئاتۇش ئاكىمىز باشلىق نۇرغۇن تويلاردا ،سورونلاردا كىتاب سوۋغات قىلىش پائالىيتى بولدى .بەزى پەرىشتە سۈپەت ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئۆزىنىڭ تويىلىقىغا ئالتۇننى ئەمەس كىتابنى تاللىدى .تىخى ئۆتكەن ھەپتە موڭغۇل كۆرە ناھىيلىك 4-ئوتتورا مەكتەپ ئوقوتقوچىسى مەريەم ئىلاخون ئانىنىڭ  پەرزەنىتلىرى ئانىسىنىڭ ۋەسىيتى بويىچە نەزىرگە كەلگەن كىشىلەرگە كىتاب سوۋغات قىلغان ...شۇ مەرھۇم ئانىمىزنىڭ،ئۇيغۇرنىڭ ئانىسىنىڭ يەرلىكى جەننەتتە بولسۇن... بۇ ئانىمىزنىڭ ۋەسىيتى ئىنشائاللا پۈتۈن ئۇيغۇرۇمنىڭ ۋەسىيتى بولوپ قالغۇسى،ئىنشائاللا بۇ ئانىمىزنىڭ نامى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ئاتىسى نوبىل،خارۋات ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلىنى سالغان خارۋارد كەبى مەڭگۈ تىللاردا داستاب بولغۇسى ...
ئۇيغۇرنىڭ ئۆلىمىدە كىتاب سوۋغات قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىدىغان شۈنچىلىك ئۇلۇغ ئانىلىرى،تويلىقىغا ئالتۇننى ئەمەس كىتابنى تاللىيالايدىغان شۈنچىلىك گۈزەل ۋە ئەقىللىك ئوماق قىزلىرى،تويلاردا زىيادە ھەشەم ئورنىغا كىتاب سوۋغات قىلالايدىغان ئەركەكلىرى،ھەقتىن تانمايدىغان،يانمايدىغان ،ئۆز يولىدىن تىنىقىنىڭ ئاخىرغىچە ۋاز كەچمەيدىغان باھادىر ئەزىمەتلىرى بولغانىكەن بۇ مىللەتنىڭ تارىخى ئىنشائاللا قايتىدىن يىزىلغۇسى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇ مىللەتنى قايتىدىن تونىغۇسى...
يىغىپ ئىيتقاندا توي-تۈكۈن،نەزىر-چىراق ۋە مىھماندارچىلىقتا داستىخاننى مول سالسىڭىز، ئۇلار ھەزىم قىلالمىسا ئىغىر بولغاندا گۆرگە بولمىسا دوختورخانىغا،قانداقلا بولمىسۇن زىيانغا باشلايسىز ،ئەگەر ھەزىم قىلالىغاندا بولسا ھاجەتخانىغا باشلايسىز،دىمەك بۇ ئاقىۋەتتە ھەزىم قىلالمىسا زىيانغا ،ھەزىم قىلالىغاندا ھاجەتخانىغا باشلايسىز .ئەمما كىتاب سوۋغات قىلسىڭىز ھەزىم قىلالمىسا ھىچقانداق زىيان بولمايدۇ.ھەزىم قىلالىسا ئۇنى بەخىت سائادەتكە،ھۆرمەت تەختىگە باشلايسىز ...
بۇ 2015- يىلىدا مىنى خۇشال قىلغان ۋە تەسىرلەندۈرگەن ئىشلار ئىنتايىن كۆپ بولوپ يۇقارقىلار شۇلاردىن قىسقىچە ئويلىغانلىرىم .بولوپمۇ مىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى مەريەم ئىلاخون ئانىمىز بولدى ...

2016-يىلى ئۈچۈن تەۋسىيە ....
دىمەك ئۆتكەن بىر يىل كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن ئىنتايىن غەلبىلىك ئاخىرلاشتى،ئىنشائاللا بۇ كىتاب ئوقوش تەشەببۇسى ۋە كىتاب ئوقوش يىلى بۇ بىر يىل بىلەن ئاخىرلىشىپ قالماي،بۇنى بىر باشلىنىش بىلىپ ئەبەدىي داۋاملاشقاي .
ئەمدى 2016-يىلى زادى نىمە يىلى بولىشى كىرەك؟ نىمە يىلى بولسا ئەڭ مۇۋاپپىق ۋە قىممەتلىك،رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ ؟
ياكى بەزىلەر دەۋاتقاندەك تەشەببۇسخۇمارلىق كىسىلىدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن ھىچنىمە يىلى بولماسلىقى كىرەكمۇ ؟
كارخانىچىلار يىلى،ئۈگىنىش ئىنقىلابى يىلى،كومپىيوتىر يىلى،تەنتەربىيە ساغلاملىق يىلى زادى،قانۇن يىلى زادى قايسىسى مۇۋاپىق ؟
يۇقارقى تەشەببۇسلار ئىچىدە ئەھمىيەتسىز تەشەببۇس يوق .خەلقىمىزگە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بارلىق ئەزىزلىرىمىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن .شۇنداقتىمۇ بۇ تەشەببۇسلارغا پىكىرىمنى بىرىپ باقسام،خاتا چۈشىنىلمىسە دىگەن ئۈمىتتە مەن .
يۇقارقى تەشەببۇسلار ئىچىدە كارخانىچىلار يىلى كەڭ ئاۋام تەرپىدىن قۇبۇل قىلىنىشى تەس چۈنكى ھەر كىشىنىڭ كارخانىچى بولالىشى ۋە بولوپ كىتىشى ناتايىن،مىنىڭچە بۇنىڭغا ھەر كىشى ئورتاق قاتنىشالايدىغان بولىشى كىرەك .شۇڭا مىنىڭچە بۇ مۇۋاپپىق ئەمەس .
ئۈگىنىش يىلى دىگەندە مەنچە سەل مەۋھۇم بولوپ قالدى دەپ قارىدىم،بۇ خۇددى ياخشى ئادەم بولايلى،ئىلىم ئالايلى دىگەندەك تەپسىلاتى يىشىمى كونكىرت بولمىغان تەشەببۇستەك ھىس قىلدىم .خەنزۇتىلى ئۈگىنىش يىلى ياكى ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىش يىلى ياكى كومپىيوتىر ئۈگىنىش يىلى دىگەندەك كونكىرتراق بولغان بولسا مۇۋاپپىقراق بولاتتى دەپ قارىدىم.
قانۇن يىلى قىلىش تەشەببۇسى نۆۋەتتىكىدەك ئادالەتكە ئىنتىزار يۈرەكلەر ۋە قەلىبلەر ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر ئىدى .بۇ تەشەببۇسنى ئوتتورغا قويالىغان دوستىمىز ئىسراپىلغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن.قانداقلا بولمىسۇن نۆۋەتتىكىدەك ئەھۋالدا ئەتراپىدىكىلىرى ئۈچۈن ئادالەتكە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان،قانۇننىڭ نۇپۇزىنى قوغداش ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ ئوتتورغا چىقالىغان مۇشۇنداق قىرىنداشلىرىمىزغا ئەلۋەتتە رەھمەت ئىيتماي تۇرالمايمىز .چۈنكى قانۇننى دەپسەندە قىلىپ خەلىقكە زورلوق زۇمبىلىق قىلىۋاتقان،قانۇنىمىزنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەۋاتقان،قانۇن تەشەببۇس قىلنىۋاتقان ئەھۋالدا بۇ بەك ياخشى تەشەببۇس ئىدى .ئەمما قانۇن دۆلىتىمىزنىڭ مەمۇرى ئورگانلىرى تەرپىدىن مەجبۇرى يۈرگىزىلىپمۇ يەنە مۇشۇنداق بولىۋاتقان،نۇرغۇن ئىشلار قانۇندىن بەكرەك يۇقىرى بىسىملىق سىياسەت بىلەن كىتىۋاتقان ئەھۋالدا قانۇن يىلى قىلىش مەنچە تازا ئاقىلانىلىك بولمىسا كىرەك.چۈنكى قانۇنىمىزنىڭ ئادالىتىگە ئىرىشىپ بولغىچە يەرلىكنىڭ يۇقىرى بىسىملىك سىياسەت بورىنى ئۇچۇرۇپ كىتىش ئىھتىماللىقىنى ھىچكىشى چەتكە قاقالمايدۇ.ئەڭ ئاددىيسى قانۇنغا،قانۇننىڭ ئادالىتىگە ئىشىنىپ ئەرز قىلغۇچىلارنى ئەرزخۇر نامى بىلەن تەنقىتلەش،كەمسىتىش ئەسلى قانۇننىمىزنىڭ يۈزىگە قارا سۈركىگەنلىك ئىدى.ئەمما بۇنى يىللاردىن بىرى كىملەر قىلىۋاتىدۇ؟
شۇڭا رەئىسىمىز شىجىنپىڭنىڭ بۇيرىقى ۋە قانۇنىمىزنىڭ مۇقەددەس نۇرى شۇ مەمۇرى ئورونلاردا تولوق نۇرچىچىپ،دىلى مۇستەبىتلىك بىلەن قىتىپ كەتكەن ھوقوقدارلارنىڭ دىلىنى يۇمشىتىپ بولغىچە ئالدىراپ كىتىشنىڭ ئۆزى بوراندا شام كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈپ چىققاندەك بولوپ قالارمىكى دەپ ئويلايمەن .كومپىيوتىر يىلى مەنچە رىئاللىقىمىزغا ئەڭ يىقىن ۋە رىئال تەكلىپ بولوپ ،ھەم بۇ مەن تەشەببۇس قىلماقچى بولغان تەشەببۇس بىلەن كىسىشىدۇ .
مەنچە 2016-يىلى ھەر كىشى ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپنى تىخىمۇ  ياخشى قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئۆزى ئىھتىياجلىق بولغان ۋە ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك دائىرىدىكى خەنزۇتىلى ۋە كومپىيوتىر ئۇچۇر بىلىملىرىنى ئۈگىنىش يىلى قىلساق دىگەن ئۈمىتتە مەن. مەن بۇنى يىغىنچاقلاپ خەنزۇتىلى ۋە كومپىيوتىر ئۈگىنىش يىلى دەپ ئالدىم ،ئەگەر بۇ پىكىر دوسلار ۋە ئاۋام تەرپىدىن قۇبۇل قىلىنغان ئەھۋالدا مۇۋاپپىق باشقا بىر ئىسىم بىرىلسىمۇ بولىدۇ. بۇ مەنچە چوڭ مەسىلە ئەمەس ،موھىم بولغىنى بۇ يىلدا نىمە ئىش قىلىش ۋە قانچىلىك،قانداق قىلىش مەسىلىسى ئەڭ موھىم دەپ ئويلايمەن.
شەخىس نوقتىسىدىن ھەر بىرىمىز كەسىپىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،ئىدارە -ئورگانلاردا ئىش بىجىرىش،ئىجتىمائى تۇرمۇش،ئىلىم-سىتىم،تاپاۋەت ۋە يىڭى-يىڭىدىن پەيدا بولىۋاتقان پەن -تىخنىكا يىڭىلىقىلىرى ۋە تۇرمۇش بويوملىرىغا قەدەر مەيلى يۇقىرى،مەيلى تۆۋەن،مەيلى ئىشچى-خىزمەتچى،ياكى سىتىقچى ھەممەيلەننىڭ بۇ خەنزۇتىلىغا بولغان ئىھتىياجىمىز بارغانسىرى يۇقىرى بولماقتا.پەرزەنىتلىرىمىز ئۈچۈن تىخىمۇ شۇنداق.چۈنكى پەرزەنىتلىرىمىز خەنزۇتىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىگىز تاغدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىلىم ئىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيدىغان ئەھۋالدا تۇرىۋاتىدۇ.خەنزۇتىلى ئاساسى بولغان سىتىقچى بىلەن خەنزۇتىلى ئاساسى بولمىغان سىتىقچى،ۋە شۇنىڭدەك ئىشچى خىزمەتچىلەرگە قاراپ بىقىڭ .مەكتەپلەردىمۇ ئوقوتقۇچىلاردىن خەنزۇتىلىغا بولغان بۇ تەلەپ بارغانسىرى يۇقىرلاپ ماڭماقتا،تەلەپكە چۈشەلمىگەن ئوقوتقۇچىلارنى كەنىت ۋە ئاساسىي قاتلامدىن ئۆزى خىزمەت تىپىش دىگەندەك ھەر خىل ئىشلار بار.ئۇنىڭسىزمۇ بىز دۇنيا تىلشۇناسلىقنىڭ تۇنجى ئاساسچىسى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ۋارىسلىرى بولوش سۈپىتىمىز بىلەن قوش تىلى ئۈگىنىشىمىز ۋە بۇ ئەنئەنىمىزنى داۋاملاشتۇرىشىمىز كىرەك ئەلۋەتتە ...
شۇڭا ھەممەيلەننىڭ خەنزۇتىلىنى ئورتاق ئۈگىنىشكە ،ھىچ بولمىغاندا ئۆزىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ۋە ئىھتىياجلىق بولىدىغان دائىرىدە ھاجىتىمىزدىن چىقالىغۇچىدەك دەرىجىدە ئۈگىنىش ئىھتىياجى ۋە زۆرۈرىيتى تۇغۇلماقتا دەپ قارايمەن .
1733-ئەنگىلىيدە دەسلەپكى ماشىنىلىشىشنىڭ ئاساسىي سىلىنىپ،1765-يىلى جىننىي يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى،1785-يىلى پار ماشىنىسى ياسىلىپ 1-دۇنيا سانائەت ئىنقىلابىنىڭ پارتىلىشى،1870-يىللىرى ئەتراپىدا ئىنككىنچى دۇنيا سانائەت ئىنقىلابى پارتىلاپ ئىنسانىيەتنىڭ توك،ئىلىكتىر دەۋرىگە قەدەم قويىشى ،1970-يىللىرى ئەتراپىدا باشلانغان كومپىيوتىر ۋە ئىنتىرنىت تىخنىكىسى ئارقىلىق 3-دۇنيا سانائەت ئىنقىلابىغا كىرىپ كەلگەن ئىنسانىيەت شۇئاندا 4-قىتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنى كۈتىۋىلىش ئالدىدا تۇرماقتا .ئەمما بىزگە 1785-يىلى ياسىلىشقا باشلىغان ماشىنا قاچان يىتىپ كەلدى ؟2-ۋە 3-قتىملىق سانائەت ئىنقىلابى نەتىجىلىرىچۇ ؟
بىزگە 1-قىتىملىق سانائەت ئىنقىلابى نەتىجىلىرى 3-قىتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدىن كىيىنكى ۋاقىتلاردا يىتىپ كەلدى ۋە ئوموملىشىشقا باشلىدى.بىزگە ھەر قىتىملىق سانائەت ئىنقىلابىي يىڭىلىقلىرى ۋە نەتىجىلىرى تولىمۇ كىچىكىپ يىتىپ كەلدى ۋە ئوموملىشىشى تىخىمۇ كىچىكىپ بولماقتا . بىز گەرچە 2-ۋە 3-دۇنيا سانائەت ئىنقىلابى نەتىجىلىرىگە ھەر ھالدا بىرىنجى قىتىمقىدىن تىزراق كىرىپ كەلگەن بولساقمۇ ئەمما بىز شۇئاندا بۇنىڭغا ماسلىشىپ بولالماي،يىتىشىپ بولالماي ،كۈندە دىگۈدەك يىڭى يىڭى پەن تىخنىكا يىڭىلىقلىرى كۆزلىرىمىزنى ئالاچەكمەن قىلماقتا.تولىمۇ ئەپسۇسكى نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىز تىخى كومپىيوتىردا خەت ئۇرۇش دىگەننىمۇ بىلمەيدىغان ھالەتتە،نۇرغۇنلىغان سەبىي ئوماق پەرزەنىتلىرىمىز ۋە ئوقوغوچىلارنىڭ بىلىم ئىلىش ئىشتىياقى ۋە ئارزۇسىنى خەنزۇتىلىدىن ئىبارەت بۇ تاغ توسوپ تۇرماقتا،ئايلىق مائاشى ياكى تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىنى پۇل ئالغۇدىن ئالالماي سوغوقتا بوينىنى قىسىپ تۇرىۋاتقان ھاجەتمەن كۆزلەر ئاز ئەمەس،خەنزۇتىلى ۋە كومپىيوتىر ئاساسىي بولمىغان بىر خىزمەتچى ياكى تىجارەتچى قىرىندىشىمىز قەدەمدە بىر بۇنىڭغا پۇتلىشىپ قىينالماقتا .بىز ئاز بىر قىسمىمىز كومپىيوتىر ۋە ئۈندىداردىن ئىبارەت بۇ پەن تىخنىكا يىڭىلىقلىرىدا ھىچبولمىغاندا جاھاندىكى خەۋەرلەردىن ئىمكان بولىشچە بەھىرلىنىۋاتقان بىلەن بۇلار بىزگە نىسبەتەن قانچىلىك نىسبەتتە ؟
شۇڭا خەنزۇتىلى ئۈگىنىش ۋە كومپىيوتىر ،ئۇچۇر تىخنىكىسىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئاساسى بىلىملەرنى ئۈگىنىش خىزمىتىمىزنىڭ تاپاۋىتىمىزنىڭ،ئىجتىمائىي ئالاقىمىزنىڭ،جاھان يىڭىلىقلىرىغا ماسلىشىشمىزنىڭ تەقەززاسى بولماقتا .بۇ مەيلى شەخىس ۋە پۈتۈن مىللەت نوقتىسىدىن بىر زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى دەپ قارايمەن.
يۇقارقى شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە ھەممەيلەن ئۆز كەسىپنى ئوبدان قەدىرلەپ خەنزۇتىلى ۋە كومپىيوتىر ،ئۇچۇر تىخنىكىغا ئائىت بىلىملەرنى قولىمىزدىن كىلىشچە
ئۈگىنىشكە ئوموميۈزلۈك كىرىشىمىز ۋە بۇنى تەشۋىق قىلىشىمىز كىرەك.بۇنىڭدا ئاساسى بارلار باشىقىلارغا ياردەم بىرىشقا تىرىشساق دەپ قارايمەن .
تۈگىدى .دوسلارغا رەھمەت .

uyghuray

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6129
توردىكى ۋاقتى: 1632
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 22:35:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ پىكىرىڭىزنى قوللايمەن. كومپىيۇتىر بىلىش بولسا دائىرسى بەك كەڭرى ئوقۇم.

0

تېما

0

دوست

1595

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34315
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 516
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-2 02:38:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپ، مەيلى قايسى تىل بولسۇن، ئۇنى ئۆگىنىش ئەسلى بىر گۇناھ  ئىش ئەمەس، ئەمما، ئورۇنسىز جاھىللىق ۋە نىشانسىزلىق تۇپەيلى ،بەزىبىر ئەسلىدە شۇنچە ئەقىللىق كىشىلەرمۇ بۇنى ئۆگەنمەيۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا ئالقىنىغا كىرەي دەپقالغان نۇرغۇن-نۇرغۇن پۇرسەتلەرنىمۇ قاچۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ،بۇ ئەمىلىيەت،  ئەڭ ئالدى بىلەن ماددى ئاساسنى تىكلىمەي تۇرۇپ،  مەۋجۇتلۇقنى كاپالەتلىك قىلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس،ھەممىگە ئايان،مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش دىگەن ئەڭ تۆۋەن تەلەپ، پۈتكۈل قەۋم مىقياسىدا كۈچلۈك سىلكىنىش ۋە ئويغىنىشقا تۈرتكە بولىدىغان ھەرقانداق تۈردىكى «*** يىل» تەشۇببۇسلىرى مېنىڭچە،ھەربىر مەسئۇلىيەتچان كېشىنىڭ قوش قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئەرزىيدۇ.

1

تېما

0

دوست

3195

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13257
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 977
توردىكى ۋاقتى: 363
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-2 09:18:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ 2016- يىلنى كومپىيۇتېر يىلى قىلىشنى قوللايمەن،چۈنكى  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كومپىيوتېردىن پايدىلنالماسلىقى،ئىدىيەجەھەتتە بېكىنمەھالەتتەقېلىشى  ئ‍ۇچۇردەۋرىدىكى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ئ‍ەھۋال
uyghuray
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

----كىتابخۇمار----

9

تېما

80

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1512
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 4710
توردىكى ۋاقتى: 955
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-2 11:45:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە يىل بولسا ئەھمىيەتلىك بولسىلا بولىدۇ ،پالتا پىچاق كۆتۈرۈپ ئادەم قورقىتىدىغاندەك گەپ قىلمايلى لىكىن …بۇ ئ‍ۈنچىۋالا جىدەل قىلىپ كەتكۈدەكمۇ ئ‍ىش ئەمەسقۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )