- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3137
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
ئۆسۈش
  37.9%
|
3 . پاراگىراف . ئۈچىنچى ئەۋلاد ۋاڭ ئىمىن
ئۈچىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭ ئىمىن ( 1711 - يىلىدىن 1740 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) . كاڭشىنىڭ 50 - يىلى ( 1711 - يىلى ) گوپا بەگنىڭ چوڭ ئوغلى ئىمىن 1 - دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىككە ۋارىسلىق قىلىدۇ .
كاڭشىنىڭ 54 - يىلى ( 1715 - يىلى ) نىڭ بېشىدا سېۋىن ئارۇبدان قۇمۇلغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا 2000 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتىدۇ . ئىمىن ۋاڭ ئوردا قوشۇنىنى باشلاپ ، قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق مۇداپىئە قوشۇنىدىكى تورغاق بەگ پەن جىشەن باشچىلىقىدىكى 200 نەپەر چىڭ ئەسكىرى بىلەن بىرلىكتە دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ ، نەتىجىدە جۇڭغار قوشۇنى مەغلۇب بولۇپ ، شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە 20 چاقىرىم چېكىنىدۇ . سۇجۇنىڭ باش بۇغى لۇجېنشېڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ زور قوشۇن باشلاپ ياردەمگە كېلىدۇ . سېۋىن ئارۇبدان بۇنى ئاڭلاپ بەدەر تىكىۋېتىدۇ ، بۇ قېتىمقى جەڭدە چىڭ قوشۇنى جۇڭغار قوشۇنىنىڭ 90 ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ ، ئۈچ ئادىمىنى تىرىك تۇتۇۋالىدۇ . كاڭشى خان ئىمىن ۋاڭ ، پەن جىشەن ۋە ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن ئەمەلدارلارغا 15 مىڭ سەر تەڭگە مۇكاپات بېرىدۇ ھەم ئۇرۇش تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغان پۇقرالارغا ئاشلىق ، قوي ، كالا ياردەم قىلىدۇ . ئەسىرلەرنى يالاپ بېيجىڭغا ئېلىپ بارغان سۇمۇن زەڭگى زۇپەر قاتارلىقلارغا تون ، تاۋار - دۇردۇن ، كىيىم - كېچەك ئىنئام قىلىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ، كاڭشى خان ھەمىشە ئاز ئادەم بىلەن كۆپ ئادەمنى يېڭىشتەك بۇ جەڭ مىسالى ئارقىلىق جۇڭغارلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ ۋە جايلاردىكى مۇداپىئە قوشۇنلىرىغا ئىلھام بېرىدۇ .
چىڭ ھۆكۈمىتى سېۋىن ئارۇبداننىڭ قۇمۇلغا يەنە تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، بارىكۆل قاتارلىق جايلاردا تۇرۇشلۇق مۇداپىئە قىسىملىرىنى كۆپەيتىدۇ . ئەمما ، قاتناشنىڭ قولايسىزلىقىدىن قوشۇن ئوزۇق - تۆلۈكتىن قىسىلىپ قالغاندا ، ئىمىن ۋاڭ ئۆزىنىڭ زاپاس ئاشلىقى ۋە مال - چارۋىلىرىنى چىڭ ئەسكەرلىرىگە ئارىيەتكە بېرىدۇ . كاڭشىنىڭ 57 - يىلى ( 1718 - يىلى ) ئىمىن ۋاڭ قۇمۇلدىكى بىر تۈركۈم دېھقانلارنى تاشۋېلىققا ( تالناچىنغا ) بېرىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ . كېيىنكى يىلى 600 دادەندىن ئارتۇق ئارپا يىغىۋېلىنىپ ، ئۇنىڭ ھەممىسىنى يۇقۇرىغا تاپشۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق مۇداپىئە قوشۇنى ئوزۇق - تۆلۈكتىن قىسىلىپ قېلىشتەك ، قىيىن ۋەزىيەت ئوڭشىلىدۇ . قۇمۇلنىڭ ۋەزىيىتىمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ سەل - پەل ياخشىلىنىدۇ . كاڭشىنىڭ 61 - يىلى ( 1722 - يىلى ) ئىمىن ۋاڭ قۇمۇللۇق ئۇيغۇرلاردىن 400 كىشىنى تۇرپانغا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلاپ بارىدۇ .بۇ ئادەملەر ئۇ يەرنىڭ شارائىتىغا كۆنەلمىگەنلىكتىن ، ئاخىرى قۇمۇلغا قايتىپ كېلىدۇ . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۇلار يەنە تالناچىنغا بېرىپ تېرىقچىلىق قىلىدۇ . يۇڭجېڭنىڭ 5 - يىلى ( 1727 - يىلى ) 2 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى ئىمىن ۋاڭنى << تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئالاھىدە كۈچ چىقاردى ، ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ بېرىپ بوز يەې ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىپ ، قوشۇنىمىزغا ياردەم بەردى ، ئالاھىدە مۇكاپاتلاشقا ئەرزىيدۇ >> دەپ ، ئۇنى 1000 سەر تەڭگە بىلەن مۇكاپاتلايدۇ ھەم << دۆلەتنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن بەگ >> دېگەن ئۇنۋاننى بېرىدۇ . تېرىقچىلىق قىلىشقا قاتناشقان 400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقانمۇ مۇكاپاتلىنىدۇ . يۇڭجېڭنىڭ 7 - يىلى ( 1730 - يىلى ) 12 - ئايدا ئىمىن ۋاڭغا << خوشۇن بېيزى >> دەپ نام بېرىلىدۇ .
داۋامى بار
مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى |
|