قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى
مەدەنىيەت ھەققىدە گەپ بولۇنغاندا، كىشىلەر ئەلبەتتە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ھەققىدە غۇلغۇلا قىلىشىدۇ ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئەسلىدىنلا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. بىراق، خېلى كۆپ كىشىلەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ نېمىلىكى، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنى، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، زامانىۋىلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى ۋە باشقا تەرەپلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
مەدەنىيەت بىربىرىگە ئۇلۇنۇپ تەرەققىي قىلىدىغان ۋە تولۇقلىنىدىغان ھەرىكەت جەريانىدىن ئىبارەت. ھەرقانداق مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ تۇغۇلۇش، تارقىلىش، تەرەققىي قىلىش، تولۇقلىنىش جەريانى، ئۇنىڭ تۉنۈگۈنى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى بولىدۇ. مەلۇمكى، مەدەنىيەت كۆرسەتكەن مەزمۇنى جەھەتتىن ئىككى چوڭ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ بىر قىسمى، يەنى مەدەنىيەت پائالىيىتى خۇلاسىلەنگەن قىسمى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بىرى، يەنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئۉزگەرتىدىغان، تولۇقلايدىغان، يېڭىلايدىغان قىسمى زامانىۋىلىق دەپ ئاتىلىدۇ. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت دېگەنىمىز، بىر مىللەت ياكى بىر دۆلەتنىڭ مىللىي بىرلىك ئاساسىدا تارىختىن بۇيان يارىتىپ كەلگەن ۋە ئۆزىگە خاس رەۋىشتە جۇغلىغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى، شۇنىڭدەك ياشاش ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئوخشىمىغان تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى، كىشىلىك دۇنيا قارىشىنى، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى، قائىدە – يوسۇنلىرىنى، باشقا مىللەتتىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان مەنىۋى، ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. روشەنكى، ‹‹ ئەنئەنىۋى ››دېگەن بۇ سۆز تارىخىي ئۇقۇمدىن ئىبارەت. ئۇ تارىخنىڭ داۋاملىشىشى ئارقىسىدا تۇراقلىققا ئىگە بولغان ھەمدە يەنە شۇ تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۆزگەرگەن ۋە تەرەققىي قىلىپ جۇغلانغان. ئەگەر ئۇنىڭدا داۋاملىشىش بىلەن تۇراقلىق بولمىسا ۋە ياكى ئوخشاشلا تەرەققىيات بىلەن ئۆزگۈرۈش، تەرەققىي قىلىپ جۇغلىنىش بولمىغان بولسا، ئەلبەتتە ئۇنىڭدا ئەنئەنىۋىلىك بولمىغان بولاتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوخشاشمىغان تارىخىي دەۋردە ئوخشاشمىغان ئەنئەنە بولىدۇ، ئوخشىمىغان ئەنئەنىدە يەنە ئوخشىمىغان مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرى بولىدۇ. گېرمانىيىلىك مەدەنىيەتشۇناس مىشىل لاندېرماننىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، بۇنداق ئەنئەنىدە مەدەنىيەتنىڭ ئىككى يۈزى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىر يۈزى، ئالدىنقىلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسى؛ يەنە بىر يۈزى، بىر خىل بىلىم، قىممەت، ئەھمىيەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئالدىنقىلارنىڭ ھايات پائالىيىتىدىكى ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر.
لېكىن، بىر قىسىم كىشىلەر، بولۇپمۇ بىر قىسىم رىيالىزمچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشى تازا يېتەرلىك ئەمەس. ئۇلار ‹‹ ئەنئەنە ›› سۉزىگە ئاساسلىنىپلا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتتىكى رولى، مىللەتنىڭ ئۉزلۈكىنى نامايان قىلىشىدىكى ئەھمىيىتىگە دوگمىچىلىق نەزىرىدە قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ زامانىۋىلىققا يۈزلىنىشىدىكى پۇتلىكاشاڭ ياكى بىر مىللەتنىڭ بۈگۈنكى دەۋردە زامانىۋىلىققا ئېرىشەلمەسلىكىنىڭ تۈپ سەۋەبكارى. بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرىلا ئېلىمىزدىكى بىر قىسىم خەنزۇ تەتقىقاتچىلار ۋە رىيالىزمچىلار كەسكىن ھالدا ‹‹ جۇڭگونىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ سەۋەبكارى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتۇر ›› دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇشقانىدى. ئەمما ئۇلار زامانىۋىلىقنىڭ ئەنئەنىۋىلىك ئاساسىدا تەرەققىياتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھەرقانداق دەۋر زامانىۋىلىقىنىڭ ئوخشاشلا ئەنئەنىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، قىسقىسى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تارىختىن بۇيان ئىزچىل جۇغلىنىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت غەزىنىسى ئىكەنلىكىگە ئېتىبار بەرمىگەنىدى. چۈنكى، ھەرقانداق مىللەت زامانىۋىيلىق ئىچىدە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن بەھىر ئالىدۇ، ئۉزىنى تولۇقلايدۇ، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى تەرەقىقياتى ئالدىدا ئۉزلۈكىنى، مەدەنىيەت قىممىتىنى نامايان قىلالايدۇ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئىچىدە ساقلىنىپ مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك تۇرمۇش بىلىملىرىنى، دۇنيا قارىشىنى، ئەقىدە – ئېتىقادلىرىنى، سەنئىتىنى، ئەخلاق ۋە ئەخلاق مىزانلىرىنى، قانۇن – تۈزۈملىرىنى، ئۉرپ – ئادەتلىرىنى، قائىدە – يوسۇنلىرىنى ئۉرنەك قىلىدۇ ۋە شۇ ئاساستا يېڭىلاپ، زامانىۋى تۈسكە كىرگۈزىدۇ. بۇ ھال بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئاستىنقى قاتلىمى يەنىلا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن تەركىب تاپقان، ئۇ ئۉزلىكىدىنلا پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن يىللىق تاۋلىنىش ئارقىلىقلا روياپقا چىققان. بىراق، بۇ دېگەنلىك پۈتۈنلەي ئەنئەنىگە سېغىنىش، ئۉلۈك ھالدا تۇرمۇشقا تەدبىقلاش ياكى قوللىنىش دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنىڭغا زامان ۋە ماكان نۇقتىسىدىن توغرا قاراش، ئىلمىي قىممىتى ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتىگە دېققەت قىلىش كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىچىدىكى ھەممىلا نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەۋېرىشكە ۋە ئۇنى گەۋدىلەندۈرۈۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى مۇنداق مەدەنىيەت ئىچىدە مىللەتنىڭ تەرەقىياتى ۋە زامانىۋىلىققا يۈزلىنىشىدە پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان بىر قىسىم ئەنئەنىلەر بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، خەنزۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خەنزۇلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇش قارىشىدىكى ‹‹ پۇت بوغۇش ›› تىن ئىبارەت قالاق ئەنئەنىنىڭ ساقىندىسى ئۇنىڭ خەنزۇلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى قالاقلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاز كەم بىر ئەسىر ئىچىدىمۇ يۈتۈپ كەتمەسلىكى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى فىئوداللىق ئىدىيە تىزگىنلىۋالغان ئەقىدە – ئېتىقادلارنىڭ ئارىمىزدىن يۈتمەسلىكى قاتارلىقلار ئەلبەتتە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىكى شاكاللارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.
مېنىڭچە، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ قىممىتىگە توغرا قاراش ۋە ئۇنىڭ مىللىي روھىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، بىر تەرەپتىن ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، يەنى ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمىزگە چوڭقۇر سىڭگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئېلىمىز ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تۇتقان ئورنى ۋە قىممىتىگە بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ يىلسېرى ئاشىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرشىمىز كېرەك. روشەنكى، بۇ بىزنى زور شەرەپكە ئىگە قىلىدۇ، پەخىرلەندۈرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ئاساستا ئىلمىي ئانالىز تەتقىقاتى ئېلىپ بارالايدىغانلىقىمىزنى، بىر قىسىم قالاق، زامانغا ماسلىشالمايدۇ دەپ قارالغان ئەنئەنىۋى ‹‹ مەدەنىيەت ››لەرنى زامانغا لايىقلاشتۇرالايدىغانلىقىمىزنى مۇئەييەنلشتۈرۈشىمىز كېرەك. لېكىن، تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش ۋە چوڭقۇرلانغان ئىلمىي ئانالىزدىن ئۆتمىگەن سەپسەتىلەرگە تايىنىۋېلىپلا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسى، ئۆزلۈك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتىكى رولىغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. ھازىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ (بالىلار بىلەن ياشلارنىڭ) ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن بارغانسېرى ياتلىشىۋاتقانلىقىنى، زامانىۋىلىقنى نام – نىشانسىز، قارغۇلارچە قوغلىشىپ، مىللىيەتلىكتىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمىز. ئالايلى، قەدىمدە ئۇيغۇرلار ئاياللارنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇشىنى ياخشىلىق ۋە ئەزگۈلۈكنىڭ، گۈزەللىكنىڭ نىشانى قىلغاندى، ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى ئۇزۇن تال – تال چاچلىرى چە بۇ چىرايلىق چاچلاردىكى رەڭگا – رەڭ چاچباغلىرى، جالاغالىرى بىلەن باشقا مىللەت خانىم – قىزلىرىدىن ھۆسىن، رەڭ، گۈزەللىك، لاتاپەتلىك، قىسقىسى مىللىيلىك ۋە مىللىي قىممەت تالاشقانىدى. ئۇزۇن ۋە يارىشىملىق ئەتلەس كۆڭلەكلىرى، ‹‹ گۈلىگە گۈل كەلگەندەك ›› ياراشقان دوپپا – تۇماقلىرى بىلەن مىللەتنىڭ ئۆزلۈك قىممىتىنى نامايان قىلغانىدى. ھازىرچۇ؟ ھازىر مىللىيلىق، مىللىي قىممەت، مىللىي ئۆزلۈك دېگەنلەرنى پەقەت يىراق – يىراق يېزىلاردىن، سەھنە – ئېكرانلاردىن كۆرەلەيدىغان بولدۇق. قىزلارنىڭ ئۇزۇن ھەم تال – تال چاچلىرى كېسىۋېتىلدى، چىرايلىق ھەم يارىشىم دوپپا – تۇماقلىرى نەلەردىدۇر تاشلىنىپ قالدى، ئەتلەس كۆڭلەكلەرنىڭ ئورنىنى قىسقا، ساغرا، كۆكسى گەۋدىلەندۈرىلىدىغان، يېرىمى ئوچۇق كىيىملەر ئىگىلىدى، بۇنىڭ بىلەن غەربنىڭ مۇشۇ دەۋردە مەدەنىيەت دەپ تونۇلغان جىنسىي ئەركىنلىكتىن ئىبارەت شاللاق قارىشى تۇرمۇشىمىزغا ئېقىپ كىردى؛ قەدىمكى بوز – قىر مىللەتلىرى — يايلاق مىللەتلىرىدە تەلەپ قىلىنغان قەيسەرلىك، مەرتلىك، كۆكسى – قارنىنى كەڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت ئەرلىك سۈپەت بۈگۈنكى كۈندە ئەرلىك سۈپەتنىڭ خۇنۈكلىشىشى ۋە نازۇكلىشىشىغا ئۆزگەردى، بۇ نازۇكلۇق ئەرلەرنىڭ ئورنىنى ئاياللارمۇ ئىگىلىيەلەيدىغان ( مەسىلەن، ئادەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودىدا ئاياللارمۇ قاسساپلىق قىلىدىغان، ياغاچچىلىق قىلىدىغان، ئاياللارمۇ ناۋايچىلىق قىلىدىغان؛ ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەپ ئائىلىنىڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى تولۇقلايدىغان ) ھالەت شەكىللەندى. كۆرىنىپ تۇرۇپتۇكى، ئەر – ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگۈرىشى ۋە ئاياللاردىكى ئەرلىك تەرەققىياتنىڭ سىلجىشى ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ناھايىتى ياخشى باشلىنىش. ئىنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ قىممىتى بۇ يەردىكى بايانلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ قىممەت سۈپىتى بارغانچە تارىيىدۇ. ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەنئەنىۋى قائىدە – يوسۇنلىرىمىز، تۇرمۇش قارىشىمىز، دۇنيا قارىشىمىز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئۇنىڭ قىممىتىدىن كەلگەن. ئۆرپ– ئادەتلەردىكى ئىلغار نۇقتىلارنى زامانىۋىلىققا ئىگە قىلماسلىق، يېڭى دەۋر بىلەن بىرلەشتۈرمەسلىك ۋە ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرماسلىق، روشەنكى زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭمۇ چۈنكۈنلىشىشىنى، خۇنۈكلىشىشىنى، مىللەتنىڭ يوقۇلىشىنى، تەپەككۇر ۋە مىللىيلىق قاتلىمىنىڭ ئۆزگۈرۈشىنىڭ تېزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەدەنىيەت پۈتۈن دۇنيا باغلىنىپ تۇرغان ئالتۇن ھالقا، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئەشۇ ھالقىنىڭ ئوتلۇق چەمبىرىكى، ئۇنىڭ قىممىتى شۇ چەمبىرەكنىڭ جۇلاسىدىن ئىبارەت. مانا بۇ بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا، ئىجتىمائىي، سىياسىي تۇرمۇشىدا ئەۋلادلارنى بىربىرىگە ئۆزلۈك ئېڭىدا ئۇلايدىغان لەيلىمە كۆۋرۈك، قايسى مىللەت شۇ لەيلىمە كۆۋرۈكنىڭ تەڭپۇڭلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنالايدىكەن، شۇ مىللەتتە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ قىممىتى يارىتىلىدۇ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېشىل چىرىقى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ نۇر دائىرىسى كېڭىيىدۇ.
بىراق، ئەنئەنىۋىلىكتىن ياتلىشىۋاتقان ئىككى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قىممەتنى نامايان قىلالماسلىقى كىشى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە چوڭقۇر دەرىجىدە ئېتىبار بەرمىگەنلىكىمىز ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن بالىلىرىمىزنى تەربىيىلىمەسلىكىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تېخىمۇ ئېنىغراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ قىممىتىگە سەل قارىغانلىق ۋە ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بىز ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي، مەنىۋىي، سىياسىي تۇرمۇشىمىزدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ئىبارەت مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ قىممىتىدىن يېتەرلىك پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى سىجىللىققا ئىگە قىلالىغان بولساق، ئۇ ھالدا ئەنئەنىنى قەدىرلەش، مىللەتنىڭ مەنىۋى قۇۋۋىتىنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت مەنىۋى تۈۋرۈك مەيدانغا كەلگەن بولاتتى. دۇنيادىكى ھەقىقىي تەرەققىي تاپقان ئەللەر، بولۇپمۇ مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئەھمىيەت بەرگەن ئەللەر ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ئەجدادىي تەۋەرۈك بىلىپ قوغداشقا، ئۇلارنى قەدىرلەپ قايتا نامايان قىلىشقا، پەرزەنتلىرىگە بىلدۈرۈشكە شۇنچە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە شۇ ئارقىلىق مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئۇيۇشچانلىقى، ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرغان. دېمەك، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت يەنىلا زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئانىسى، زامانىۋىلىقنىڭ يول باشچىسى. قايسى مىللەت قايسى دەۋردە بولسۇن ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئۆزىنى تارتىدىغان ياكى ئۇنىڭ قىممىتىدىن شۈبھىلىنىدىكەن، ئوخشاشلا زامانىۋىلىقتىنمۇ شاللىنىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ زامانىۋىلىقتىن شاللىنىشى تەبىئىي ھالدا مىللىي قىممىتى بىلەن ئۆزلۈك قىممىتىنىڭ خىرەلىشىشى ياكى يوقىلىشى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. مىللىي روھ ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت ئارقىلىقلا ۋىسال تاپالايدۇ، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ئەلبەتتە مىللىي قىممەت ئەندىزىسىگە يۇغۇرۇلغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن بەھىر ئالىدۇ ۋە ئۇنى شەرت قىلىدۇ. مىللىي ئىجادچانلىق يەنىلا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ چەمبىرىكىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ قىممىتىدىن پايدىلىنىدۇ.
قىسقىسى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئۇنىڭ قىممىتى ھەققىدە يەنىلا تەپسىلىي ئويلانغان ۋە ئۇنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا، ئىقتىسادىي، مەنىۋىي ۋە سىياسىي مەنپەئىتىمىزگە چېتىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ باققىنىمىز تۈزۈك. ئۇنى قانداق قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى قانداق قىلىپ دەۋردىن دەۋرگە ئۇلاش، تەرەققىياتقا لايىقلاشتۇرۇش بىزنىڭ مۇشۇ دەۋردىكى بۇرچىمىز دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز. چۈنكى، مەدەنىيەت ماكان ۋە زامان ئۇقۇمىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇلۇغ سېستىمىدا ھامان تەرەققىي قىلىپ ماڭىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا تۇتقان ئورنىنىڭ يۈكسېلىشىگە ئەگىشىپ كىشىگە لايىقلىشىدۇ. ئۇنىڭ شۇ تەرەققىيات جەريانى ۋە يۆنىلىشى ئوخشاشلا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ئىبارەت پۈتمەس ئېقىننى مەنبە قىلىدۇ. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ قىممىتى بۈگۈنكى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا رەڭگا – رەڭ كارتىنىلارنى سىزىۋېلىشى، شۇنىڭدەك ئادەملەرنىڭ ئېرەڭسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ يېنىدىن غايىپ بولۇشى ۋە ياكى ئۆزىنىڭ قىممىتىگە بولغان تونۇشقا يېتەكلىشى، ۋە ياكى مىللىيلىك قىممىتىگە زار قىلىشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، مۇنداق ئەندىزە بىزنى ئەنئەنىۋى مەدەنيەتنىڭ قىممىتىگە دەۋردىن دەۋرگە سەزگۈر بولۇشىمىزنى تەكىتلەيدۇ.
پايدىلانغان ماتېرىياللار
(1) جاڭ دەينيەن، فاڭ كېلى ‹‹ جۇڭگو مەدەنىيىتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان ››، بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرياتى، 1994 – يىل خەنزۇچە نەشرى.
(2) مىشىل لاندېرمان ‹‹ پەلىسەپە ئىنسانشۇناسلىقى ››، ئىشچىلار نەشىرياتى، 1988 – يىل خەنزۇچە نەشرى.
(3)ئەنۋەر مەتسەيدى ‹‹ ئەجدات ھېكمىتى ۋە ئەۋلاد خىسلىتى ››، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 2003 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.
(4)ئابدۇقادىر جالالىدىن ‹‹ ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى ››، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2000 – يىل ئۇيغۇرۋە نەشرى.
(5)جاڭ دەينيەن ‹‹ مەدەنىيەت ۋە قىممەت ››، شىنخۇا نەشىرياتى، 2004 – يىل خەنزۇچە نەشرى.
(6)چېڭ شۈجىڭ ‹‹ مەدەنىيەتشۇناسلىققا ئومۇمىي نەزەر ››، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرياتى، 2005 – يىل خەنزۇچە نەشرى.
|