- تىزىملاتقان
- 2015-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 889
- نادىر
- 0
- يازما
- 46
ئۆسۈش
77.8%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: گۈلەن مۇئەللىم
مەن سىزنىڭ " دوللار قارىلار" ناملىق ماقالىڭىزدىكى ئۇتۇق بولىمەن. سالامەتمۇ سىز؟ اللە قىلغان ئۆمرىڭىزنى قوبۇل قىلسۇن!
سىز بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشكەندە ئەسكەرتكىنىم ۋە شەخسى ئۇچۇر بىلەن ئەرسكەرتكىنىمدەك ماقالىلىرىڭىز بارا-بارا تولىمۇ سۇبىكتىپ ھالەتتە يىزىلىۋاتىدۇ. ئۇدا ئىككى قىتىم ماقالە يوللىغاندىن كىيىن، بۇ ماقالىڭىزنى ئوقۇغان ھامان دەرھال ئىنكاس يىزىشنى توغرا تاپتىم.
سىز بەكلا سىياسىي پۇررىقى كۈچلۈك دۆلەتتىن يىڭى چىققاچقا ھەممىلا نەرسىنى سىياسىيلىق بىلەن چۈشىنىۋاتامسىزكىن. كەبىنىڭ 13 مىتىر بولىشى، ئەتراپىدىكى مىھمانخانىلارنىڭ ئىگىز بولىشىنىمۇ ھوقۇق، مۇستەبىتلىكنىڭ سىموۋولى قىلىپ چۈشەندۈرۈپسىز. گوياكى ئوقۇمىغان، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كىشىلەردەك تەھلىللەرنى يۈرگۈزۈپسىز. سىز ئەسلى مەككە-مەدىنىگە ئىبادەت قىلغىلى كەلگەندىكىن، شۇ ئىبادەتلەردىن ئالغان تەسىراتلىرىڭىزنى يازسىڭىزمۇ كۆپ يازالايتىڭىز. ئەمما بۇ ماقالىنىڭ بىشىنىلا سىياسىي بىلەن زورلاپ باغلاپ چۈشەندۈرگىنىڭىزگە ھەيرانمەن.
مەرھۇم پادىىشاھ ئابدۇللاھنىڭ اللە يولىدا سەدىقە جارىيە بولۇپ قالسۇن دەپ دادىسى ئابدۇلئەزىزنىڭ نامىدا ۋەقفە قىلىپ سالغان مەككە مۇنارىمۇ سىزنىڭ كۆزىڭىزگە ھوقۇق ۋە مۇستەبىتلىكنىڭ سىموۋولى بولۇپ كۆرۈنۈپتۇ، پۈتۈن ماقالە شۇ نۇقتىنى چۆرگىلەپ يىزىلىپتۇ. ئەسلى بۇ ئىمارەت سەدىقە-ئىھسان، دادىسىغا ۋاپادارلىقنىڭ نامايەندىسى ئىدى. مەككە مۇنارىنىڭ 5-قەۋىتىگە توغرا كىلىدىغان يىرىگە بۇ كاتتا ئىمارەتنىڭ ۋەفقە قىلىنغان بىنا ئىكەنلىكى يىزىلغان. ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ بىناغا كىرگەن بارلىق كىرىم، ئىجارە ھەقلىرى ئىككى ھەرەمگە تەمىنلىنىپ، مەككە ھەرەمنىڭ قۇرۇلۇش، تازىلىق، باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ قارار شۇ بىنا سلىنغاندىلا شۇنداق ئىلان قىلىنغان ۋە شۇنداق قىلىنماقتا.
كەبە شەرىفنىڭ ئەسلى ئورنى بۇرۇندىلا تاغ ئارىسىغا جايلاشقان ئويمان يەردە بولۇپ، ئەتراپى پۈتۈن تاغ ئىدى. ھاجىلارنىڭ خىزمىتى، ھەرەمنى كىڭەيتىش خىزمىتى ئۈچۈن ئەتراپتىكى تاغلار زور سوممىدىكى پۇلغا كىسىپ، يولۇنۇپ، تۈزلىنىپ ھەرەم كىڭەيتىلدى. ئەتراپىغا مىھمانخانىلار سىلىندى. بولمىسا ئۇنىڭ ئورنىدا ئەشۇ مىھمانخانىلارنىڭ بويىدا تاغلار بار ئىدى.
ھەرەمگە ۋەفقە قىلىنغان بۇ كاتتا مىھمانخانىنىڭ ئەڭ ئەرزان ياتىقى 200 دوللار ئەتراپىدا، 5000 رىيال ئەمەس.
دۇنيا بويىچە ئىككىنجى ئىگىز بولغان مۇنار مەككە مۇنارى كەبە ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. 30 كىلومىتىر يىراقلىقتىن ئۇنىڭ نۇرلۇق جۇلاسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئەتراپى ۋە ئىچ باغرى پۈتۈنلەي تاغ بولغان، يوللىرى ئەگرى-بۈگرى مەككىگە كەلگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن خۇددى بىر ماياك كەبى نىشان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىزىپ قالماي ھەرەمنى تاپالىشىغا ياردەمدە بولىدۇ.
دۇنيا بويىچە كۆلەم جەھەتتىن ئەڭ چوڭ بولغان مىھمانخانا ھىسابلانغان بۇ ئىمارەت جەمئىي 7 بىنادىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسمى مۇنار، ھاجەر، زەمزەم، سافا، مەرۋە، مۇقام قاتارلىقلار بولۇپ، سىز دىگەندەك شاھزادىلەرنىڭ نامىغا ئاتالغان ئەمەس. پادىشاھنىڭ قەسرىدىن پەقەت بىرىلا سافادىن چىقىش ئىغىزىدا بار، ئانچە كۆزگە چىلىقىپ كەتمەيدۇ. بۇ مىھمانخانىلاردا 100،00 كىشى ياتاق ۋە تاماقتىن بەھىرلىنەلەيدۇ. بۇ ساننىڭ كۆپ قىسمى ياشانغانلار بولغان ھاجىلارغا كۆپ قولايلىق ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلمىسڭىز كىرەك. بۇ بىنا مەككە ھەرەم ئالدىغا سىلىنغان بىلەن ھەج ۋە جۈمە كۈنلىرى كۆپلىگەن كىشىىلەرگە ناھايىتى قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلگەن. ئۇ ئىگەللىگەن يەر مەيدانىنى ئاق قويۇپ قويسا پىيادىلەر يولى بولغاندىن باشقا ئەھمىيىتى بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ ئاشۇ يوغان گەۋدىسى ئىچىگە كەم دىگەن100،000 كىشى ئۈچۈن ياتاق، تاماق، دۇكان، ھەقسىز دوختۇرخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا يەنە كىشىلەرگە تومۇز كۈنلىرى ناھايىتى سالقىن سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ بىنالارنى مىسفەلە كۆۋرۈكنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتكەندە بىچارە ھاجىلارنىڭ پىژژىغىم ئىسسىقتا سايىدايدىغان، ئارام ئالىدىغان، تاماق يەيدىغان يەرگە بىرىشى ئۈچۈن قانچىلىك جاپا تارتىدىغانلىقىنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟ كەم دىگەندە شۇ تومۇز ئىسسىقتا يىرىم سائەت ماڭمىسا ئىغىز تىىتىغۇدەك ئىسسىق تاماق ييەممەيدىغان گەپ. بۇ ياشانغان ھاجىلارغا ئېغىر كەلمەمدۇ؟ جۈمە نامىزىنى ھەرەمدە ئوقۇسىڭىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ شۇ بىنانىڭ سايىسىدا، سەيناسىدا ئارام ئىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. ھەج ۋاقىتلىرى بولسا ھەرەمگە پاتماي قالغان ھاجىلار ئەنە شۇ مىھمانخانانىڭ ئىچىدە، ھەرقايسى قەۋەتلىرىدە قاتارىسىغا تۇرۇپ ناماز ئوقۇيالايدۇ. ئەگەر قۇرۇق مەيدان قىلىنغان بولسا ئىدى، ئۇنچە كۆپ ئادەمنى سىغدۇرۇش مەسىلە بولغان بولاتتى. ئەمما قەۋەتمۇ-قەۋەت پايدىلىنىش بىلەن كۆپلىگەن پايدىلارنى قولغان كەلتۈرگەن
سىزنىڭ كۆزىڭىز ئىزدەپمۇ تاپالمىغان كىتابخانىلاردىن ئەنە شۇ بىنانىڭ ئىچىدىلا نەچچىسى بار ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان ئۆيى كۈتۈنخانا قىلىنغان، ئەمما ئىتىك بولىشى رەسۇلۇللاھنى ئۇلۇغلىمىغانلىق سەۋەبىدىن ئەمەس. بەلكى قاتناش راۋانلاشقاندىن كىيىن، ھەريەردىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى ئۆ مۇقامىدىن ئارتۇقچە ئۇلۇغلاپ، رەسۇلۇللاھ تۇغۇلغان ئۆينى زىيارەت قىلىشتا كىتاب كۆرۈش، كۆرۈپ كىتىشنى ئەمەس بەلكى تاملىرنى سىيلاش، سۆيۈش، بەرىكەت تىلەش قاتارلىق بىدئەت ئىشلارنى قىلغان. شۇ سەۋەبتىن ئەنە شۇنداق كۆزگە چىلىقمىغان، بىلىنمىگەن ھالەتتە قىلىپ قالغان. ئەگەر كىتابخانا كۆرۈش نىيىتىڭىز بار بولسا سىزنى ھەرەمنىڭ ئازادە ۋە ئارامبەخىش كۈتۈپخانىسىغا باشلاپ قويىدىغان ئادەممۇ چىقاتتى، ئۇ ھەرەمنىڭ ئىچىدىلا ئىدى. ئەپسۇس، رەڭلىك كۆزەينەك تاقىۋالغان كۆزىڭىزگە نە كىتابخانا، نە كۈتۈپخانا، نە ھاجەتخانا كۆرۈنمىگەنلىكىگە ھەيرانمەن. ھەرەمنىڭ سەيناسىدا شۇنچە كۆپ يەر ئاستى ھاجەتخانىلار تۇرسا كۆرمىدىڭىزمۇ؟ ياكى سىز ھەرەم مەسجىدنىڭ ئىچىدىمۇ ھاجەتخانا بولىشىنى خالامتىڭىز؟
سىزنىڭچە بولسا ئاشۇ ئىگىز بىنالار ئىگىزلىكى 13 مىتىر كىلىدىغان كەبە شەرىفتىن ئىگىز سلىنماسلىقى كىرەكمىدى؟ زامان-زاماندىن بۇيان، مەككە شەھەر بولۇشتىن بۇيان بۇنداق تەلەپنى ياكى پەيغەمبەر، ياكى ساھابىلەر تەلەپ قىلمىغان. مەيلى ئەرەب خەلىپىلكى دەۋرىدە بولسۇن ياكى ئوسمانلى خەلىپىلىكى دەۋرىدە بولسۇن كەبە شەرىفتىن ئىگىز بىنا سىلىنغان. بۇنىڭغا شۇ دەۋىردىكى رەسىملەرنى، 100 يىل ئاۋالقى رەسىملەرنى تەكشۈرۈپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدا مەيلى دىنىي جەھەتتىن ھىچقانداق بىر چەكلىمە يوق، بەلكى زىيارەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي مەنپەتىگە چوڭ نۇقتىدىن ئىيىتقاندا پايدىسى بار. كەبە شەرىفنىڭ مۇسۇلمانلار قەلبىدىكى ئورنى ئۇنىڭ ئىگىزلىكى، كەڭلىكى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۇنىڭ ئىگىزلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىسىدىمۇ مەككە فەتىھ قىلىنغاندا كەبىدىن ئىگىز ئۆيلەرنى ئۆرىمىگەن، بەلكى بۇدلارنى چاققان. تۆت خەلىپە زامانىسىدا ھەرەمنى كىڭەيتىش ئۈچۈن ھەرەم ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنى چاققان. ئوسمانلىلار سالغان ئىمارەتلەرنىڭ ئىزناسى ھىلىھەم بار، ئەنە شۇ ئىككى قەۋەتلىك قۇرۇلۇشلارمۇ كەبىدىن ئىگىز ئىدىغۇ، ئەجىبا شۇمۇ ئوسمانلى خەلىپىلىرىنىڭ ھوقۇقىنىڭ سىموۋولىمۇ؟
كىشنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى سىزنىڭ اللەنىڭ يولىدا سەدىقە جارىيە قىلىپ سىلىنغان ئىمارەت بىلەن كوممۇنىزىمنىڭ داھىيسى ماۋزىدۇڭنىڭ ھەيكىلىنى سىلىشتۇرۇپ ئۈلگۈرىشىڭىز. بۇ يەرلەرنى ئوقۇغاندا نەقەدەر ئاشقۇن، تىيىز پىكىر قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىزمۇ ھىس قىلالمىغان بولسىڭىز كىرەك، بەك بىر خىل روھىي ئاجىزلىقنىڭ سىموۋولىنى كۆرگەندەك بولدۇم. خۇددى دونكىخوتنىڭ كۆزىگە چاقپەلەكلەر دىۋە كۆرۈنگىنىدەك، سىزنىڭ كۆزىڭىزگە ئاشۇ بىنالار تەكەببۇر پادىشاھ بولۇپ كۆرۈنۈپتۇ.
مەدىنە ھەرەمنىڭ مۇنارلىرى ئەتراپتىكى بىنالاردىن ئىگىز، ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ سىلىشقىمۇ بولمايدۇ. سەۋەبى ھەرەمنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ مەدىنە ھەرەمنى ھەرجايدىن تىپىپ كىلەلىشى ئۈچۈن. شۇڭا مەدىنە ھەرەمنى سىز بىر كىچە قونغان ئۆيدىنمۇ كۆرەلەيسىز. مەككە ھەرەمدەك ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان ئويمان يەرگە مۇناردىن بىرنى سىلىپ، كىشىلەرگە ھەرەمنى، قىبلىنى بەلگىلەش ئىشلىرىدا نىشان بولسا نېمە زىيىنى بار؟
سىز بىلمىگەن نەرسىسى ئۈستىدە سۆزلىگەن كىشىلەرنى سۆزلەشكە ئىھتىياجى بار شۇڭا سۆزلەيدۇ دىگەن ئىدىڭىز. سىزنىڭ ئىككى ماقالىڭىزدىن قارىسام، سىزنىڭ يىزىشقا ئىھتىياجىڭىز بار شۇڭا يىزىۋاتقان ئوخشايسىز.
|
|