قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 8170|ئىنكاس: 58
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئا.ئايۇپ: كەبىنىڭ ئورنى

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

67

تېما

62

دوست

5773

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33614
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 164
تۆھپە : 1892
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-29 00:49:00 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
كەبىنىڭ ئورنى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
بەيتۇللاھقا قاراپ ماڭغىنىڭدا ھاياجاندىن كۆزۈڭگە ئالدىنىسەن، ئەڭ گۈزەل بىنا كەبىدەك كۆرۈنىدۇ، بىنالارنىڭ ئەڭ كاتتىسى كەبە بولۇشى كېرەكتەك تۇيۇلىدۇ، ئەمما يېقىنلاشقىنىڭدا تەسەۋۋۇرۇڭ قوبۇل قىلالمايدۇ. ئەگەر ئەرەبچە ئوقۇيالمىساڭ ئالدىنىشلىرىڭ داۋاملىشىدۇ. چۈنكى يىراقتىن نەزەرلەرنى رام قىلىدىغان، ھەر تەرىپى رەڭدار چىراقلار بىلەن يورۇتۇلغان،  مۇقەددەس خەتلەرنى جۇلالاندۇرۇپ گېدىيىپ تۇرغان ئىمارەت كەبە ئەمەس، بەلكى قەسىر مىھمانخانىسىدۇر. قەسىردىن كۆزۈڭنى يۆتكەپ ئەتراپقا باقساڭ شاھزادىلەرنىڭ نامىدا ئاتالغان ھەيۋەت سارايلارنى كۆرىسەن. ئىشەنمەسلىككە ئامالىڭ يوق. مۇبارەك كەبىمىز شۇ ھەشەمەتلەرنىڭ ئاستىدا، بىنالارنىڭ سايىسىدە.
ھەرەمنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ئالچىيىپ تۇرغان بىر قۇرۇلۇش كۆزگە چېلىقىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇمۇ سەئۇدى شاھلىرىدىن بىرىگە مەنسۇپ. پەيغەمبىرىمىز تۇغۇلغان ئۆي مىھمانساراي ۋە شاھ قەسىرلىرىگە سېلىشتۇرغۇسىز ئاددى بولۇپ كۈتۈپخانا قىلىنغان ئىكەن. بارغىنىمدا تاقاقلىق تۇرۇپتۇ. ئەپسۇسكى، تۆرت كۈن ئىچىدە ئېچىلغىنىنى كۆرمىدىم. ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىنىڭ "ئوقۇ!" بىلەن باشلانغانلىقىغا قارىماي مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدىكى بۇ تەۋەرۈك ئوقۇش ئىشىكىنىڭ مەھكەم قۇلۇپلانغانلىقى كىشىنى ئۇھ تارتقۇزىدۇ. ھەرەمدىن ئانچە ئۇزاققا بارمايلا يايمىلار كۆزگە چېلىقىدۇ، لېكىن ھىچ بىر يايمىدا كىتاب تىزىلمىغان، ئەتراپنى شۇنچە ئايلىنىپمۇ بىرەر كىتابخانىنى ئۇچراتمىدىم.
قەسىر مىھمانخانىسىنىڭ بىر كېچىلىكى بەش مىڭ رىيالمىشكەن. بۇ يەرگە كىرىپ چىقىۋاتقان پۇزۇر كىشىلەر بىلەن كەبىدە يىغلاپ دۇئا قىلىۋاتقان سۇلغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چېھرى كۆز ئالدىمدا سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ ھەسرەت بىلەن شۇلارنى ئويلىدىم، " نېمە ئۈچۈن ساناقلىق پۇلدارلارنىڭ چۆنتىكىنى كۆزلەپ سېلىنغان ساراي ساناقسىز مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسىدىن ئېگىز؟ نېمىشقا بىر يېرىم مىليارد مۆئمىننىڭ نىجاتكارى ئاللاھنىڭ ئۆيى ئاتالغان بەيتۇللاھ بىر قانچە شاھزادىنىڭ نامىغا ئاتالغان سارايلاردىن پاكار؟ ھەرەمنىڭ مەراسىنى ئىستىلا قىلىپ كېرىلىپ ياتقان شاھ قەسىرىدىن ھىچ بىرسىنىڭ كىرىپ چىققىنىنى كۆرمىدىم. بىرەر شاھ ئاندا مۇندا بېرىپ قويىدىغان ئوردا نېمە ئۈچۈن مىليۇنلىغان مۇسۇلماننىڭ كۈندە بارغۇسىنى، ئىبادەت قىلغۇسىنى كەلتۈرىدىغان ھەرەم مەيدانىنى قىستاڭ قىلىپ بېسىپ ياتىدۇ؟
ئېسىمگە قەشقەردىكى مازىدوڭ ھەيكىلى كەلدى. ھەيكەل ئالدىغا ھەرەمنىڭ مەيدانىدىن خېلى كەڭ سەينا قالدۇرۇلغان بولۇپ ئەتراپتا ھەيكەلدىن ئېگىز بىنا سېلىشقا ياساق-چەك قويۇلغان ئىكەن. مەقسەد كومۇنىستىك دۆلەت بەرپاچىسىنىڭ ھەيكىلىنى ھەيۋەتسىز، كەمسۇندۇرماسلىق ئۈچۈن ئىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، سەئۇدى پادىشاھلىرىنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن قالغان، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى تەلپۈنىدىغان، كۈندە مىلياردتىن ئارتۇق مۆئمىن يۈزلىنىپ سەجدە قىلىدىغان قىبلىگاھ ئەتراپىغا نەچچە ئون ھەسسە ئېگىز، ھەيۋەت مىھمانخانا ۋە شاھانە قەسىرلەرنى سېلىپ تايىنسىزلاشتۇرىشىنى قانداق چۈشنىش كېرەك؟ نېمىشقا يۈز نەچچە دۆلەتتىكى بىر يېرىم مىلياردتىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ قىبلىگاھى  كومۇنىستىك بىر دۆلەتنىڭ داھىسى ئېرىشكەنچلىك ھۆرمەتكە، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ؟
كاتتا مىھمانخانىلارنىڭ ۋەكىللىك قىلىۋاتقىنى بايلىق، شاھ ئوردىلىرى بولسا ھوقۇقنىڭ سىموۋۇلىدۇر. كەبىگە ئۈستىدىن غادىيىۋاتقىنىنى تەكەببۇر بايلىق دېسەك، بەيتۇلھەرەمگە ئېگىزدىن سىڭايان قاراۋاتقىنى شاھلارنىڭ نوپۇزىدۇر. ھوقۇق ۋە پۇلنىڭ سىمۇۋۇللىرى ئالدىدا كەمسۇندۇرلغىنى، بويۇن قىسقىنى، سايىغا مەھكۇم قىلىنغىنى قىبلىمىزدۇر، ئىتىقادىمىزدۇر، غۇرۇرىمىزدۇر. ئاللاھىمىز ئەزىز، مىھىرلىك ۋە مەئىشەتلىك قىلغان رەسۇلىمىزنىڭ دىيارىدا بايلىق بىلەن ھوقۇق ئىگىلىرى بىرلىشىپ شۇنداق بىر ئۈستۈلۈكنى ئىگىلىگەنكى، ئىتىقاد ئىگىلىرگە بىپەرۋا كۆرەڭلەيدىغان ھالغا كەلگەن. مۇستەبىت دۆلەتلەردە دائىم مۇشۇنداق ھوقۇق ۋە پۇل  پاسلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ھوقۇقدار بىلەن پۇلدارنىڭ قەسىرى بىر، داستىخېنى ئورتاق. ساقچى، سوت، ئارمىيە ۋە ساراي ئەللامىلىرى شۇلارنىڭ ھوزۇرىنى قوغۇدايدۇ. ھەرەمدىكى ساقچىلارنىڭ ئەرەبچىدىن باشقا ھىچ بىر تىلنى بىلمىگىنىدىن ئۇيالماي قەلبىنى چۈشەندۈرەلمەيۋاتقان مۇسۇلماننى تەڭقىس قىلىشى، كەبە ئىچىدىكى ئۆتۈشمە ۋە لېفتلەرنىڭ ھىچ بىر ئالدىن ئۇقتۇرۇلماي تاقىۋېتىلىشى، زەمزەم ۋە جەينامازنىڭ ھەممە يەردە تېپىلىپ تاھارەت ۋە ھاجەتكە يەر تېپىلماسلىقى، مەيداندىكى تازىلىقچىلارنىڭ تاشلانغان ئەخلەتكە ئەمەس، كولانغان يانچۇقتىكى سەدىقىگە تەلمۈرىشى...قاتارلىق مۇسۇلماننى قىينايدىغان بارلىق قولايسىزلىقلارنىڭ مەنبەسى ھوقۇق بىر كىشى ياكى بىر گورۇھ كىشىگە مەركەزلەشكەن مۇستەبىت تۈزۈمدۇر. مەمۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى، باشقۇرۇشتىكى قالايمىقانچىلىقلار، خىزمەتتىكى سۆرەلمەلىك، كىشىلەردىكى ھورۇنلۇق، تەرتىپسىزلىك، تەربىيەسىزلىك...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۈزۈمچىل كەمتۈكلۈكنىڭ ئىپادىلىرىدۇر.
مۇستەبىت تۈزۈمدە ھوقۇقدارلار نە قانۇننىڭ ئورنىنى ۋە باراۋەر ئىجراسىنى ھەقىقى ئۈستۈن تۇتمايدۇ، نە پۇقرانىڭ ھوقۇقىنى ۋە ئاخباراتنىڭ تەنقىدىنى نەزەرگە ئىلمايدۇ. مەككىدىكى ئۈستۈن قەسىرلەر ۋە ئاستىن كەبە بىزگە شۇنى ئۈنسىز جاكارلاۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ؛ پۇقرانىڭ ھوقۇقلىرى دەخلىسىز ھۆرمەتلەنمىگەن، پۇقرانىڭ ئىتىقادى ھاكىملىق ۋە پۇلدارلىقتىن يۈكسەك بولمىغان ئەلدە ئاللاھقا ئىتىقاد ئۈچۈن يىغىلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىگاھى، پۇلدار ۋە ھوقۇقدارلارنىڭ ھوزۇرلىشى ئۈچۈن سېلىنغان قەسىردىن پاكار بولىدۇ. بۇ كەبەنىڭ ئورنى شاھلار ۋە زەردارلارنىڭ قەسىرىدىن ئۈستۈن بولسا دىن ئۈستۈن بولاتتى، دېگەنلىك ئەمەس.  پەيغەمبىرىمىز مۇسۇلماننىڭ ھۆرمەتتە كەبىدىن ئۇلۇغلىقىنى تەكىتلىگەن.(سەھى ھەدىسلەر 3420) ھالبۇكى، كەبىمىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ئورنى دىنىمىزنىڭ رىياللىقتىكى ئورنىدىن، مۇسۇلماننىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە ھۆرمىتىنىڭ رەسۇلىمىزنىڭ دىيارىدا قانچىلىك بولۇۋاتقانلىقىدىن بىر بىشارەت خالاس.  
uyghuray

0

تېما

5

دوست

5628

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   12.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25958
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1792
توردىكى ۋاقتى: 305
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-18
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-29 01:22:41 |ئايرىم كۆرۈش
ئاللاھ قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن بورادەر .  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چاڭقىغان دىللىرىغا زەمزەم كەبى ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ ، يۈرەكلىرىگە مەلھەم بولىۋاتىسىز . ئەسەرلىرىڭىزدىكى ئىدىيەلەرنى بىر تەرەپلىمە چۈشىنىۋالغان بىر قىسىم مۇنبەرداشلارنىڭ چۈشەنمەسلىكتىن قىلىپ قويغان تەنتەكلىكلىرىنى كۆڭلىڭىزگە بەك ئېلىپ كەتمىگەيسىز . بىر مەسلىگە ئوخشىمىغان كىشلەرنىڭ تۇتقان چۈشەنچىسى ، مۇئامىلىسى ئوخشىمايدۇ . دىڭ شىياۋپىڭمۇ ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ، تا ھازىرغىچە  بۇ مەسلە تۇلۇق  ھەل قىلىنغىنى يوق . سەبىر قىلايلى ....

0

تېما

0

دوست

110

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   36.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53853
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-27
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-29 01:25:20 |ئايرىم كۆرۈش
ئاپىرىن...............!!!!
لىكىن كەئبىنىڭ  ئىگىز بىنالار ئەرىسىدا غىرىب بولغىنى بىلەن مىليون قەلىبتە ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ، شۇ كاتتا سارايلارنى پاكار كەئبىگەزىنھار تەڭ  كۆرمەيدىغانلىقىنى ، ئەڭ ياخشى ھۆرمەت ئىتقادتا ، تونۇشتا  بولىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق لازىم .

0

تېما

5

دوست

5628

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   12.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25958
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1792
توردىكى ۋاقتى: 305
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-18
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-29 01:26:43 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تىمىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم . ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيە بەك ياخشى .  لىكىن ماڭا سەل بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ قالغاندەك تەسىر بەردى . بەزى مەسلىلەرنى تەھلىل قىلغاندا سەۋەپ - نەتىجە مۇناسىۋىتى بۇيىچە تەھلىل قىلساق قانداق بولار دەيمەن . دىمەكچى بولغىنىم ، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بارمىكىن دەيمەن ....
uyghuray

0

تېما

0

دوست

635

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51185
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-6
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-29 01:28:59 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kamalet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-29 01:54  

ئ‍ېسىل يازما!سەئۇدىي ئ‍ەرەب-ھەرەم  ھەققىدىكى يازمىڭىز ناھايىتى ئ‍ېسىل كىتىۋاتىدۇ،مەنچە بولغاندىمۇ  كەئبىگە يېقىنلا زوراۋان-مۇتتەھەملەرچە سېلىنغان قەسىر بىناسى ھەقىقەتەن بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلماننى بوزەك قىلغاندەك،ياكى كۆزگە ئ‍ىلمىغاندەك سېلىنغان،95-يىلى بېيجىڭدىن ئ‍ۆزبىكىستان ئ‍ارقىلىق جىددەگە چۈشكىنىمدە بىر خىل(سىياسى ئ‍اتمۇسفىرا شۇنداقمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ بۇنى بىلمىدىم)كىشىلەردە بىر خىل ئ‍ىزىلەڭگۈ-ھارغىن،پاسسىپ كەيپىياتنى ھىس قىلغانىدىم،مەككىگە-ھەرەمگە كېرىپ خوتەن راباتنىڭ ئ‍الدىدىن ھەرەمنىڭ ئ‍ىچىگە كىرمەك بولۇپ قارىسام،ھەرەمنىڭدەرۋازىسى راستىنى دىسەم قەشقەر ھېيتكاھنىڭ دەرۋازىسىدەكمۇ ھەيۋەتلىك بىلىنمىگەن ئ‍ىدى،پايتەخىت بېيجىڭدىكى تىيەنئەنمىن مەيدانىغا سېلىشتۇرۇش تېخىمۇ مۇمكىن ئ‍ەمەس ئ‍ىدى،-(ئ‍اشۇ خىل سېلىشتۇرما كاللامنى ئ‍ۇزۇن مەزگىل ئ‍ىگەللىۋالغاچقىمىكىن بىر نەچچە قېتىملىق چۈشۈمدە ھەرەمنىڭ مەيدانلىرىنى لايىھەلەپ،كېچىك-كېچىك پاكار پويىزلارنى-جەنۇپنىڭ يېزا-بازارلىرىدا كىراكەشلىك قىلىدىغان ئ‍ۈچ چاقلىق موتوسىكلىتتەك كۇزۇپىنىڭ يان تاختايلىرى ئ‍ېلىۋىتىلگەن،يەنى پىڭبەن- تۆت ئ‍ەتراپىدىن قاتنىتىپ،ھەم شۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىپ چۈش كۆرۈپتىكەنمەن،شۇ چۈشلىرىم ئ‍ەمەلگە ئ‍اشتىمۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردا ھەرەم ئ‍ەتراپىنى يېقىش،قايتا ئ‍وڭشاش،رەتلەش ئ‍ۈچۈن جىددى ھەركەت باشلىنىپتۇ -دەپ ئ‍اڭلىدىم،)ئەمما ھەرەمنىڭ ئ‍ىچىگە كەئبىنى تاۋاپ قىلغىلىۋاتقاندا ئ‍ۇ تەسىراتلارنىمۇ ئ‍ۇنتۇپ كېتىپ تۈكۈلۈپ كەتكەنىكەنمەن،بۇ يازمىنى ئ‍ۇقۇپ شۇ چاغدىكى تەسىرات ئ‍ىسىمگە كەپ قالدى،يازما ئ‍ىگىسى قىلچە پەردازلىماي راستىنى دەپتۇ،تىما ئ‍ىگىسى ھارمىغاي….!

2

تېما

2

دوست

3329

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4406
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 95
تۆھپە : 1005
توردىكى ۋاقتى: 201
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-29 01:42:19 |ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل تېما

1

تېما

0

دوست

389

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   44.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53279
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-18
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-29 01:57:41 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   menuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-29 02:21  

كەئبىنىڭ يېنىغا قوتان، كەپە، گەمە، ئەخلەتخانا قاتارلىقلارنى سېلىش كېرەك زادى.
مۇسۇلمانلار ئېگىز بىنا سالسا بولمايدۇ؛ مۇسۇلمان پادىشاھلار پۇلدار بولسا بولمايدۇ؛ نەچچە يۈز قەۋەت بىنانى سالغاندىكىن، كەئبىنىمۇ ھېچ بولمىغاندا شۇنىڭ باراۋىرىدە ئېگىزلىتىش كېرەك؛ كەئبىنىڭ يېنىغا سېلىنغان ئېگىز بىنا مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئاسىنى ئاسمانغا ئۆرلەشتىن توسۇپ قويىدۇ؛ ئېگىز بىنالار ئامېرىكىدىلا بولۇشى كېرەك؛ ئېگىز بىنا دېگەن غەربنىڭ نەرسىسى، ئۇنى سەئۇدىيدەك بىر مۇستەبىت دۆلەتمۇ سېلىۋالسا، ئامېرىكىنىڭ ھەيۋىسى سۇنىدۇ. سەئۇدىيلىق بايلار، سەئۇدىينىڭ پادىشاھلىرى تۆگە مىنىشى، كەپىدە ياشىشى كېرەك. ماشىنا، بىنا دېگەنلەر ئامېرىكىنىڭ پاتنېتى. كەئبىنىڭ يېنىغا ئېگىز بىنا سېلىش ئىشىنى ب د ت غا ئەرز قىلىش كېرەك. سەئۇدىي پادىشاھلىرى، سەئۇدىي بايلىلىرى ئامېرىكىنىڭ پاتنېتىنى ئىشلىتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار مۇستەبىت، زالىم، بيۇكرات.

0

تېما

0

دوست

211

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   70.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53535
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-14
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-29 01:58:53 |ئايرىم كۆرۈش
، كەبىمىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ئورنى دىنىمىزنىڭ رىياللىقتىكى ئورنىدىن، مۇسۇلماننىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە ھۆرمىتىنىڭ رەسۇلىمىزنىڭ دىيارىدا قانچىلىك بولۇۋاتقانلىقىدىن بىر بىشارەت خالاس
~~~~~~~~~~~~~~
نەخ گەپنى قىپسىز!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )