- تىزىملاتقان
- 2011-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9497
- نادىر
- 1
- يازما
- 568
ئۆسۈش
89.94%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdulquddus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-8 21:21
koktash يوللىغان ۋاقتى 2016-2-7 13:25
زېمبابۇۋى قاتارلىق دۆلەتلەر غەرب مۇستەملىكىسىدىن قۇ ...
مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىم ئۈزە بولۇپ قالدىمۇ، قانداق؟
مەنمۇ ئۆزلىشىپ ئومۇملىشىپ كەتكەن ئىسىم-ناملارنى ئۆزگەرتىش تەرەپتارى ئەمەس. ئەگەر ئۆزگەرتىلىدىغان بولسا ھەقىقىتەن نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلار چىقىدۇ. بۇنى ئالدىنقى ئىنكاسىمدا دېگەن ئىدىم.
ئەمما «ئات ئوقۇرىنى تاپىدۇ.» شۇنىڭچىلاپ ، بەزى قىسمەنلىككە ياتىدىغان ئەھۋاللار زاماننىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئومۇمىيەتكە ئايلىنىشى تارىخىي مۇقەررەرلىك، دەپ قارايمەن.
ئەمدى مونۇ گەپلىرىمىزگە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، ئىنكاسىڭىزدا بىر مەسىلىنى بايقاپ قالدىم، دەپ ئۆتەي. ئۇ بولسىمۇ ، تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىش قانۇنىيىتىگە چۈشمەيدىغان «تىل- يېزىقىغا» دېيىلگەن سۆزلەم مەسىلىسى. ئۇ سۆزلەم ئەسلىدە «تىل- يېزىغىغا» دەپ يېزىلىشى كېرەك ئىدى. سىزنىڭ يازغىنىڭىزدا قايسى قائىدىنى ئاساس قىلغانلىغىڭىزنى بىلىشكە بولامدۇ؟ |
|