قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: koktash

دۇنيادىكى يەر-جاي ناملىرى ئۆزگىرىۋاتامدۇ ياكى بىزنىڭ تىلىمىزمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

94

تېما

4

دوست

3981

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34763
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 198
تۆھپە : 1262
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-3 12:57:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nayip يوللىغان ۋاقتى  2016-2-2 23:38
ئەپەندى، سىزنى ب،د،ت نىڭ تىل يېزىق كومتېتىغا باشلىق ب ...

ئۆزىڭىزنى چاندۇرمىسىڭىز بولاتتى. خەنزۇلار 美利坚合众国نى قىسقارتىپ美国 دەپ ئاتايدۇ، 法兰西共和国نى قىسقارتىپ 法国 دەپ ئاتايدۇ، 中华人民共和国نى قىسقارتىپ 中国 دەپ ئاتايدى.
بۇ خۇددى بىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ب د ت، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ج ك پ دەپ قىسقارتقاندەكلا ئىش.
بىلسىڭىز بىر نېمە دەڭ، بولمىسا جىم ئولتۇرۇڭ، ئاساسى يوق گەپلەرنى قىلماي.
uyghuray

1

تېما

5

دوست

5763

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23932
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1772
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 07:48:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdulquddus يوللىغان ۋاقتى  2016-2-3 06:18
شۇنداق ، مەن قۇددۇس ھافىز. بىز بىۋاستە كۆرىشەلمىگ ...

ئاشۇ قىممەتلىك كىتابىڭىزنىڭ خەلقىمىز بىلەن تېزراق يۈز كۆرىشىشىگە تىلەكداشمەن!داۋاملىق غەيرەت قىلىڭ. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!
رەھمەت!

1

تېما

5

دوست

5763

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23932
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1772
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 08:00:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
O-B يوللىغان ۋاقتى  2016-2-3 12:57
ئۆزىڭىزنى چاندۇرمىسىڭىز بولاتتى. خەنزۇلار 美利坚合众国نى ق ...

كەچۈرۈڭ! سىزدىنمۇ بەزى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. مەن  美利坚合众国  ۋە 法兰西共和国دىگەن ئاتالغۇلارنى تۈنجى كۆرۈشىم. ھۆكۈمىتىمىز رەسمى نەشىر قىلغان خەنزۇ يېزىقىدىكى خەرىتىلەردىمۇ بۇ خىل ئاتىلىشنى ئەسكەرتمىگەنلىكى ئۈچۈن،بىلمەپتىمەن. يەر-جاي ناملىرىنى ئۆز تىلىدا قانداق ئاتاش ھەققىدىكى  كۆز قارىشىمىز ئوخشىمىسىمۇ، ئورتاقلىقىمىز كۆپ دەپ ئويلايمەن. كەچۈرۈڭ!

0

تېما

4

دوست

5136

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44495
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 1532
توردىكى ۋاقتى: 626
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 13:45:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
O-B يوللىغان ۋاقتى  2016-2-3 12:57
ئۆزىڭىزنى چاندۇرمىسىڭىز بولاتتى. خەنزۇلار 美利坚合众国نى ق ...

德国-德尔曼国,英国-英格兰国 ,韩国-؟
uyghuray

14

تېما

6

دوست

4250

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 527
تۆھپە : 1000
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 14:36:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdulquddus يوللىغان ۋاقتى  2016-2-1 13:38
ماقالە ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەلبەتتە يەر ناملىرى ۋە كىشى ئ ...

بەرگەن ياخشى باھايىڭىزغا تەشەككۈر!
لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، ئادەم ئىسىملىرىنى ئاتاش پرىنسىپى بىلەن يەر جاي ناملىرىنى ئاتاش پرىنسىپىدا پەرقلەر بار.
مەسىلەن: بىز يۈسۈپ دېسەك، چەتئەللەردە بۇنى يوسۇف، جوسۇق، جوسېف دېگەندەك ھەر مىللەت ھەر خىل تەلەپپۇزدا ئاتايدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئىسىمىنى ئۆز تەلەپپۇزى بويىچە ئېلىشقا تىرىشساق بولىدۇ. شۇنىسى ئىسىمى بار ئادەم ئۆلىدۇ، لېكىن يۇرت ۋە يەر جايلار ئاسان ئۆلمەيدۇ، ھەتتا نەچچە مىڭ يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا يەر- جاي ناملىرىنى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ كۆنگەن ئاتىشى بويىچە ماڭسا تامامەن بولىدۇ، ھەم شۇنداق بولىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئېنگلىزلار جۇڭگونى ھەرگىز جۇڭگو دېمەيدۇ، ئەكسىچە چاينا دەپ ئاتاۋېرىدۇ. فرانسوزلار ئۆز پايتەختىنى باغى دەپ تەلەپپۇز قىلغان بىلەن، بىزنىڭمۇ باغى دەپ قېلىپلاشتۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىز يوق، يەنىلا پارىژ دەپ ئاتاۋەرگىنىمىز ئەۋزەل.
ئانا تىلىمىزغا بولغان ئىشتىياقىڭىز ماڭا ئايان، ھەم شۇ جەھەتتە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئانا تىلىمىزغا تۆھپە قوشالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلىنىڭ ئادرېسى:
شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 654-قورو
پوچتا نومۇرى: 830049
تېلېفون: 0991- 8527942
خەت ساندۇقى: twt1982@aliyun.com
خەنزۇچە ئادرېسى:
新疆乌鲁木齐市新华南路654号
مەملىكەتلىك نەشىر نومۇرى: CN65-1016/H
خەلقئارالىق نەشىر نومۇرى: ISSN 1002- 9036

ئۆزەمنىڭ گېپىگە كەلسەم، مەنمۇ بىر تىل- يېزىق ھەۋەسكارى، ئارىلاپ تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلىغا ماقالە ئەۋەتىپ قويىمەن، بەزەنلىرىنى چىقىدۇ، بەزەنلىرى چىقمايدۇ، چىقماسلىقىدىكى سەۋەب، يىلدا بىر ئاپتورنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ماقالىسىنى ئېلان قىلىدىكەن. شۇڭا يازغان بەزى ماقالىلىرىمنى توربەتلىرىگە چىقىرىپ يۈرۈيمەن. لېكىن يېقىندىن بۇيان باشقا ئىشلار بىلەن ھەلەك بولۇپ، ماقالە يازغۇدەك ۋە ئۇ ھەقتە ئويلانغۇدەك ۋاقىت چىقىرالمىدىم. سىزدىكى تىل ئىشقىغا بولغان ھۆرمىتىم سەۋەبلىك، بۇلارنى ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
سىزنىڭ تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

2

تېما

49

دوست

9497

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   89.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2969
توردىكى ۋاقتى: 677
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 20:10:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
koktash يوللىغان ۋاقتى  2016-2-4 14:36
بەرگەن ياخشى باھايىڭىزغا تەشەككۈر!
لېكىن مېنىڭ قارىش ...

       قىممەتلىك ئىنكاسىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
       دەرۋەقە ئەھۋال سىز دېگەندەك. مۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە ئاساسەن شۇ يەرلىك ئاھالىنىڭ ئاتىشىغا سەل قاراش، چوڭ مىللەتچىلىك ۋە ھەتتا ھاكىم مۇتلەقلىق قىلىش سەۋەپ بولغان . «يىلتىز» ناملىق فىلىم ۋە مەن ئېلان قىلغان  «زېمبابۇۋى يەر ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىش ئەھۋالى» (./thread-22365-1-1.html) بۇنى قىسقىچە ئىسپاتلايدۇ. ئاندىن بىزنىڭ تەرجىمانلىرىمىزمۇ ئىسىم-ناملارنىڭ مۇنداق خاتا قوبۇل قىلىنىشىغا سەۋەپچى. چۈنكى ئۇلار ئەينى يىللاردا چەتئەل تىل-يېزىقلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلمىگەچكە، لاتىنچە يېزىقلارنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىدىكى ئوقۇلۇشىنى خاتا ھالدا «بىر تاياقتا ھەيدەپ» ، ئاخىرىدا مانا شۇنداق قالايمىقانچىلىق ۋە خاتالىقلارنى سادىر قىلغان بولدى.
       مانا شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى ، نۇرغۇن ئىسىم-ناملا ئەسلى ئاتىلىشىدىن ناھايىتى يىراقلاشقان ھالدا ئۆزلىشىپ كەتتى. بۇلارنى ئەمدى ئۆزگەرتىش كېرەك، دېيىلسە دەرۋەقە نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلار يۈز بېرىدۇ. مەن بۇ جەھەتتە پىكىرىڭىزگە قارشى ئەمەسمەن. ئەمما ئەسلىسىنى بىلىپ قويۇش خاتا ئەمەس، دەپ قارايمەن. كىشى ئىسىملىرىغا نىسپەتەن ،  يېزىلىشىنى ئاساس قىلماي، تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلىپ يېزىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.
       ئاخىرىدا ، ئۈمىدىمگە ئەھمىيەت بىرىپ ، ژورنال ئادرسىنى يوللاپ بەرگەنلىگىڭىزگە كۆپلەپ رەھمەت ئېيتىمەن.
       خەير، جەنابىي ئاللاھ تىنىڭىزنىڭ سالامەت، خىزمەت ۋە ئىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ ئىزچىل مۇۋاپپىقىيەتلىك بولىشىنى نېسىپ ئەيلىگەي!   

0

تېما

6

دوست

1617

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54591
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 21:00:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇڭتۇڭ-پىرزىنىت  ----زۇڭلى -مىنىستىر

14

تېما

6

دوست

4250

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 527
تۆھپە : 1000
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-7 13:25:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdulquddus يوللىغان ۋاقتى  2016-2-4 20:10
قىممەتلىك ئىنكاسىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
       دەرۋەقە ئە ...

زېمبابۇۋى قاتارلىق دۆلەتلەر غەرب مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، مىللىي ئاڭنىڭ تۈرتكىسىدە بۇرۇن غەربچە ئاتالغان يەر- جاي ناملىرىنى ھازىر ئۆزىنىڭ يەرلىك تىلىدا ئاتاۋاتىدۇ، ئۇلار شۇنداق قىلىشقا ھوقۇقلۇق. لېكىن بۇ بىر پەۋقۇلائادە ئەھۋال، يەنى قىسمەنلىككە ياتىدۇ، شۇڭا بۇنى ئومومىيلىققا كۆتۈرۈش مۇۋاپىق ئەمەس.
يەر- جاي ناملىرىنى يەرلىك ئاتىلىشى بويىچە ئېلىش توغرا، لېكىن قېلىپلىشىپ بولغاننى يەرلىكچە ئالىمەن دېيىش مېنىڭچە بولسا بىمەنىلىك. مەسىلەن: بىز ۋېرگىنىيە دەپ لۇغىتىمىزگە قېلىپلىشىپ بولغان ئاتالغۇنى ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇغانلار بەزىدە سىز ئېيتقان پرىنسىپ بويىچە ۋىرجىنىيە دەپ ئېلىۋاتىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ پرىنسىپىڭىز بويىچە بولغاندا ئامېرىكا دېگەن ئاتالغۇنى ئەمەرىكا، ئەنگلىيەنى برىتىش، فرانسىيەنى فىغەنس، گېرمانىيەنى دېچلەند، گوللاندىيەنى نىدىرلەند دەپ ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ.
ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇرلار چەتئەللەرگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇش، سودا ۋە ساياھەت ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىۋاتىدۇ، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بەزى يەر- جايلارنىڭ يەرلىك ئاتىلىشى بىلەن بىسۋاستە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ، ئەگەر بۇلارنى سىزنىڭ پرىنسىپىڭىزغا سېلىشقا توغرا كەلسە، تىلىمىزدىكى يەر- جاي ناملىرى قالايمىقان، توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، ھېچكىممۇ بىرەر يەر - جاي نامىنى توغرا يازالمايدىغان، بۇ يىل ئىملانى بۇنداق يازسا، كېلەر يىلى ئۇنداق يېزىپ، ئىملانىڭ تىكىشىمۇ توختىمايدىغان ھەم كۈلكىلىك ھەم ئېچىنىشلىك ئەھۋالغا قالىمىز.
دۇنيادىكى چوڭ مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىغا نەزەر سالسىڭىز، ھېچقايسىسى يەرلىك مىللەتنىڭ ئاھاڭىنى دەپ ئۆز لۇغىتىدىكى يەر- جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئەگەر بار دېسىڭىز، شۇ مىللەتتىن مىسال ئېلىپ بېرىڭ. لېكىن سىياسىي ئۆزگىرىش ياكى ھەقىقىي نام ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى قىسمەن ئۆزگەرتىشلەرنى مىسالغا ئالماڭ، بۇنداق ئەھۋالدا بىزمۇ تەڭ ئۆزگەرتىمىز، مەسىلەن: بۇرۇنقى زايىر دېگەن دۆلەتنى ھازىر كونگو دىمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتىغا ئۆزگەرتكەندەك.
شۇڭا بىز «ئۆردەكنى دورىغان غازنىڭ چاترىقى يىرتىلىپ كېتىپتۇ» دېگەندەك ئىشنى قىلمىساق دەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )