- تىزىملاتقان
- 2014-8-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1000
- نادىر
- 0
- يازما
- 49
ئۆسۈش
0%
|
مۇشۇ سەۋەب بىلەن مەنمۇ ئىدىيەمدىن ئۆتمەي چۈشۈنەلمىگەن بىر قانچە سوئاللار بار سورىۋالاي
تورداشلارنىڭ مەقسەتلىك سورالغان سوئال دەپ تەنقىد قىلماسلىقىنى سورايمەن چۈنكى ئىسلام دىنى ھەق دىن بولسىلا بۇنداق سوئاللارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنى قىزغىن قارىشى ئالىدۇ ، ئىسلام قارىشى ئالىدىغان سوئاللارنى تورداشلارنىڭ قارىشى ئالمايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن.
1. سەھىھ ھەدىسلەردە ئىنسان بىلمەيدىغان غەيىب ئىشلاردىن بىرى قورساقتىكى بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللىقىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ دەپ كەلگەن . قۇرئاندىمۇ بۇ توغۇرسىدا ئايەت بار. ئايەتتە : <بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى قىزمۇ ياكى ئوغۇلمۇ ) ئاللاھ بىلىدۇ دەپ تىلغا ئېلىنغان > .
دىنىمىزدىكى بۇ مەلۇمات ئىلىم -پەن بىلەن بىردەك بولماي قالدىمۇ قانداق ؟ بۇنداق دېسەم بەزىڭلار قورساقتىكى بالا شەكىلگە كىرگۈزۈلۈشتىن بۇرۇن بىلگىلى بولمايدۇ ئەمما شەكىلگە كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ يۇقىردىكى مەزمۇن مۇشۇنىڭغا قارىتىلغان دېيىشىڭلار مۇمكىن لېكىن بۇگۈن ئامرىكا قورساقتىكى بىر ھەپتىلىك بولغان ھامىلىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللۇقىنى بىلىدىغان دەرىجىگە يېتىپتۇ .
ئەگەر بۇ ئۇچۇر توغرا ئۇچۇر بولمىغان تەغدىردىمۇ مەيلى ھامىلىگە جان كىرگۈزۈلىشتىن ئىلگىرى بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن ھەممىسى قورساقتىكى باسقۇچقا كىرىدۇ ئايەتتىمۇ ئېنىق قىلىپ قورساقتىكى دەپ بايان قىلىنغان .
قۇرئاندا ‹‹بەچچىداندىكىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى دەپ قەيد قىلىنغان ھەرگىزمۇ
،<بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى > دەپ قەيد قىلىنمىغان .
‹بەچچىدان ›دىكى دېگەن ئىبارىدىن ئەرنىڭ ئىسپىرمىسى بەچچىدانغا كىرگەندىن تارتىپ تاكى تۇغۇلغىچە بولغان ئارلىق ‹بەچچىدان› دىكىگە تەۋە بولىدىغان گەپ ئەلۋەتتە.
2. قۇرئاندا يەجۇج مەجۇجلەرنىڭ قىسسىسى ۋە ئۇلارغا سوقۇلغان توسما تىلغا ئېلىنغان ئۇنداقتا ئۇ يەجۇج مەجۇجلەر قېنى ؟ ئۇلار توسمىنى يېرىپ چىقىپ بولدىمۇ ياكى تېخىغىچە چىقمىدىمۇ؟
ئۇلار تېخىغىچە چىقمىغان بولسا بۇگۈنكى كۈندە ئۇلار ئىسپاتلانماي قالاتتىمۇ؟ بەزى كىتاپلاردا يەجۇج مەجۇجلەرنى تاتار ، موڭغۇل .....يەنە قايسىدۇر بىر مىللەتلەر دەپ تەفسىر قىلىنىپتۇ لېكىن خېلى كۆپ ھەدىسلەردە يەجۇج مەجۇجلەرنىڭ غەلىتە مەخلۇق ئىكەنلىكى ھەرخىل سۈپەتلىرى بىلەن ئوچۇق تىلغا ئېلىنغان
بۇ ھەدىسلەرگە ئاساسلانغاندا ئۇلارنىڭ ئادەم بولۇش مۇمكىنچىلىكى تولىمۇ يىراق ....يەنە كېلىپ ئۇلارغا سوقۇلغان توسمىچۇ ؟ ئۇ قېنى؟ بەزى كىتاپلاردا ئۇ توسمىنىڭ مەلۇم بىر ئورۇنلاردا مەلۇم بىر ۋاقىتلارغىچە ئىزنالىرى مەۋجۈد بولۇپ تۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ..... بۇ جاۋابمۇ كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ .
3.ئاللاھنىڭ 99 سۈپىتى ئىچىدە ئادىل دېگەن سۈپىتىمۇ بار ھەم شۇنداقلا ئاللاھ ھەربىر كىشىگە قىلمىشىغا يارىشا جازا بېرىدىغانلىقى ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمايدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان .
لېكىن مەن دوزاخقا مەھكۇم بولغان كاپىر ئىنسان ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم ئەگەر بىر كىشىدە زەررىچىلىك ئىمان بولماي قارا كاپىر بولسا ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ ، يەرشارىدا بۇنداق سالاھىيەتتىكى كىشلەر تالاي ئۆتكەن ھەم ئۆتىۋاتىدۇ نىسىپ بولسا بۇندىن كېيىن ھەم ئۆتكۈسى ......
مېنىڭ بۇ ئىنكاسىمنى ئوقۇۋاتقان ھەربىر ئوقۇرمەندىن تەلەپ قىلىدىغىنىم بىز <مەڭگۈ > دېگەن سۆزنى بىر قانچە مىنۇت پۈتۈن دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى بىر كاپىر ئىنسان دۇنيادىكى نەچچە ئون يىللىق ئۆمرىدە ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغانلىقى تۈپەيلى ئاخىرلاشمايدىغان، چەكسىز ، تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دوزاخ ئازابىغا مۇپتىلا بولسا بۇ ئاللاھنىڭ ھېچكىشىگە زۇلۇم قىلماسلىقتەك <ئادىل> دېگەن سۈپىتىگە نۇقسان يەتكۈزەمدۇ قانداق ؟
ئەمدى ئۆزى مۇسۇلمان ئەمما يامان ئەمەللىرى ياخشى ئەمەللىرىنى بېىسپ كېتىپ دوزاخقا مەھكۇم بولغان بىر مۇسۇلمان كىشىگە كەلسەك بۇنداق كىشى گۇناھىنىڭ بارابىرىدە جازالانغاندىن كېيىن ئاندىن دوزاختىن چىقىدۇ لېكىن ئۇ قانچىلىك ۋاقىت جازالىنىدۇ ئاخىرەتنىڭ بىر سائىتى دۇنيا ۋاقتنىڭ قانچىلىكىگە بارابەر كېلىدىغانلىقى نۇرغۇن كىشلىرىمىزگە ئايان .
بەزى دىنى ئالىملىرىمىز دوزاخمۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس ،جەننەتمۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس دەپ قارىغان لېكىن بۇ ئاجىز قاراش دىنىمىزدىكى كۈچلۈك قاراش دوزاخمۇ جەننەتمۇ ھەر ئىككىلىسى مەڭگۈلۈك دېگەن قاراشتۇر . بۇنى قۇرئاندىكى ئايەتلەر ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ....
4. سەھىھ ھەدىسلەردە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى توساقسىز شەكسىز ئىجابەت بولىدىغانلىقى قەيىد قىلىنغان بۇ مەزمۇن توغۇرسىدا خېلى كۆپ ساندىكى دىنى ئۆلىمالىرىمىز زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى مەيلى فاسىق كىشى بولسىمۇ دۇئاسى شەكسىز ئىجابەت بولىدۇ دەپ قارىغان .
ئۇنداقتا ئۆتمۈشتىكى ئۆزلىرىنى ناھەق زۇلۇمغا ئۇچرىدۇق دەۋاتقان كىشلەر قانچىلىك ؟......ئۇلار تۇرۇپ تۇرسۇن بىز بۇگۈنىمىز ئۈستىدە پەلەستىندىكى ، سۈرىيەدىكى ، ئېراقتىكى ، ئافغانىستاندىكى يەنە ئۇ ئەل بۇ ئەللەردىكى ئۇرۇش ئازابىنى تارتىۋاتقان ياكى ناھەق تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان كىشلىرىمىز ئۈستىدە ، ئاجىزلار ، قېرىلار ، ئاياللار ، نارىسىدە بالىلار ئۈستىدە ئويلىنىپ باقايلى ئۇلار زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ئەمەسمىدۇ ؟نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىلغان دۇئالىرى ئىجابەت بولمايدۇ ؟ ياكى ئۇلار دۇئا قىلمامدىغاندۇ ؟ بۇلارنىڭ جاۋابىنى ئاللاھنىڭ سىناقلىرى دەپلا تۈگەتسەك بولماس؟.......
5.سەھىھ ھەدىسلەردە بەزى ‹‹رۇقيە›› قىلىش (دىمىدە قىلىش) ئۇسۇللىرىنى ئۈگۈتۈپ بۇ خىلدىكى ‹رۇقيە› قىلىشنىڭ ئەجەللە كەلمىگەن كېسەللەر بولسا ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ ئۆتكەن .
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ھازىرقى دەۋرىمىزدە بىز كىشلەرنىڭ ‹‹رۇقيە ›› قىلىش ئارقىلىق كېسەللىرىگە شىپا تاپقانلىقىنى ئاڭلىمايمىز ، نېمە ئۈچۈن كىشلەر كېسەل بولسا ئاساسى جەھەتتىن دوختۇرخانىغا يۈگرەيدۇ؟
مېنىڭچە بىز ‹‹رۇقيە›› قىلىشتا تەقۋادارلىققا ئوخشاش بەزىبىر شەرتلەرنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالساق بولمايدۇ .
چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇقيە قىلىشتا بىردىنبىر شەرتنى ‹‹ئەجەل كەلمىگەن كىشىلا بولسىلا.....›› دەپ ئالاھىدە تىلغا ئالغان .
تەقۋادارلىقنىمۇ ‹‹رۇقيە›› قىلىشنىڭ بىر شەرتى دەپ تۇرساق ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بىز مەيلى سوزۇلما خاراكتىرلىق كېسەللەر بولسۇن ياكى جىددى خاراكتىرلىق كېسەللەر بولسۇن ياكى يەنە باشقا تۈردىكى كېسەللەر بولسۇن ‹‹رۇقيە ›› قىلىش ئارقىلىق ساقايغان بىرەر كىشىنى ئاڭلىمايمىز ؟ ياكى دۇنيادا تەقۋادار كىشى قالمىدىمۇ؟
6.ئاللاھ قۇرئاندا ھەرقانداق بىر كىشىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.
ئەمما دۇنيادا مەيلى روھى بېسىم سەۋەبىدىن بولسۇن ياكى جىسمانى ئاغرىق سەۋەبىدىن بولسۇن ئۆلىۋالغانلار ھەم ئۆلىۋىلىۋاتقانلار خېلى كۆپ . بۇ تۈردىكى كىشلەر روھى بېسىملارغا ياكى جىسمانى ئازابلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆلىۋالىدىغاندۇ ؟ بۇ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلىنغانلىق ئەمەسمۇ؟
بەلكىم بەزى تورداشلار مۇسۇلمانلار ئۆلىۋالمايدۇ ئۆلىۋالغانلار غەيرى مۇسۇلمانلار دېيىشىمۇ مۇمكىن،
بەلكىم مۇنداق مەزمۇندىكى بىر سەھىھ ھەدىسنى نۇرغۇنلىرىمىز بىلىشىمىز مۇمكىن .
ئەينى چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جەڭگە چىققان ساھابىلەردىن بىر ساھەبە جەڭدە ئىنتايىن قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن .....باشقا ساھابىلەر ئۇ ساھابىنىڭ جەڭدىكى باتۇرلىقىنى تىلغا ئېلىپ ماختاشقا باشلىغان لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەڭدە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن ئۇ ساھابىنى دەۋزىخى دېگەن ،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان باشقا ساھابىلەر ھەيران بولۇشۇپ قېلىشقان كېيىن بىر ساھابە ھېلىقى ساھابىنىڭ كەينىگە چۈشكەن ئۇ جەڭدە يارلانغانلىقتىن ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋالغان .
ئۇنداقتا ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان ئۇ ساھابىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا دۇچ كېلىپ قالغان دەپ چۈشەندىم ئەگەر ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلىگەن بولسا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋلىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۇبدان بىلىدىغان ئۇ ساھەبە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماس بولغىيتى؟
|
|