قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 5803|ئىنكاس: 39
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىلىمخۇمار: تۆت چوڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

221

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 954
نادىر تېمىسى: 24
مۇنبەر پۇلى: 1328
تۆھپە : 6379
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-5 10:18:40 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
«ئويغان» قوللانغان تۆت چوڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۇسۇلى

بىلىمخۇمار
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى


مەن ئالدىنقى ماقالىدە «ئويغان» ئوتتۇرىغا قويغان، مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ مۇسۇلمان بولۇپ قالغان ياشلار دۇچ كېلىدىغان مۇنداق 4 چوڭ قىيىنچىلىقنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم [1]:
--(1) قۇرئان مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
--(2) بۇ دىن ۋە بۇ كىتاب ناھايىتى قاتتىق ۋە ناھايىتى كەسكىن ئىكەن.
--(3) «نېمىشقا مەن بىر مۇسۇلمان بولۇشۇم كېرەك؟» دېگەن سوئالغا ھېچ كىم جاۋاب بەرمەيدىكەن.
--(4) قۇرئاننى ئوقۇپ چۈشىنىش بەك قىيىن ئىكەن.

ئويغان يۇقىرىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق دوكلات-لېكسىيەلىرى ۋە تېلېۋىزور پروگراممىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدا ئۆزىنىڭ قانداق جەريانلارنى بېسىپ، ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەن مەزكۇر يازمىدا ئويغان بېسىپ ئۆتكەن يوللارنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

بىر نەرسىنى چوڭقۇر ۋە توغرا چۈشەنمىگەن ئادەمنىڭ ئۇ نەرسىنى خاتا چۈشىنىۋېلىش ۋە ئۇنى خاتا قوللىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە، ھازىر ئىسلام دىنى ساھەسىدە ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان ناچار ئەھۋاللارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىمۇ ئەنە شۇ: خېلى كۆپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىيەت، ئىلاھىيەت، پەن-مەدەنىيەت، ۋە سەمىمىيەت ساپاسى تۆۋەن بولۇش، شۇڭلاشقا دىننىمۇ چوڭقۇر ۋە تولۇق چۈشەنمەسلىك. ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ بىر ئىشنى توغرا قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بىر ئادەمنىڭ دىننى چوڭقۇر ۋە توغرا چۈشىنىشنىڭ باشقا ھەممە كىشىلەرگە ماس كېلىدىغان بىر ئۇنىۋېرسال توغرا ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىدا قىلغىلى بولغان بىر قىسىم ئىشلارنى باشقا يەرلەردە قىلغىلى بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. شۇڭلاشقا مېنىڭ مەزكۇر يازمىدا تونۇشتۇرىدىغىنىم پەقەت بىر كىشىگە ئۈنۈم بەرگەن ئۇسۇل ياكى جەريانىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەر بىر ئادەم دىننى چوڭقۇر ۋە توغرا چۈشىنىشتە ئۆزىگە ئۈنۈم بېرىدىغان يولنى يەنىلا ئۆزى تېپىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. مەن بارلىق ئوقۇرمەنلەردىن بۇ نۇقتىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھازىر سادىر بولۇۋاتقان يەنە بىر ئېغىر ئەھۋال شۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر دىن ھەققىدە سەمىمىي ھالدا ئازراق ئىزدىنىپ باقماي تۇرۇپ، دىن ھەققىدە ئانچە بىلمەي تۇرۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ خىيالىغا ئاساسلىنىپلا دىن ھەققىدە ھۆكۈم پىچىۋاتىدۇ. ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ بىر مەسىلە ئۈستىدە ئوخشىمىغان كۆز-قاراشتا بولۇشى بىر نورمال ئەھۋال - ئاللاھ ئىنسانلارنى ئەنە شۇنداق ياراتقان. ئەمما ئۆزى بىلمەيدىغان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم پىچىش مەيلى دىنىي نۇقتىدىن بولسۇن ياكى ئىلمىي نۇقتىدىن بولسۇن بىر نورمال ئەھۋال ئەمەس. ئۇ بىر نورمال، مەدەنىيەتلىك ئىنسانغا ماس كېلىدىغان ئىش ئەمەس. دىن ھەققىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈنمۇ ئۇنى چوڭقۇر ۋە توغرا چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. سىز دىن ھەققىدە باشقىچە كۆز-قاراشتا بولسىڭىز بولۇۋېرىدۇ - ئۇ سىزنىڭ ئۆز ئىشىڭىز. ئەمما دىن ھەققىدە سۆزلىمەكچى بولىدىكەنسىز، سىز ئالدى بىلەن ئۇنى چوڭقۇر ۋە توغرا چۈشىنىپ ئاندىن سۆزلەڭ. مەن مەزكۇر يازمىدا بايان قىلىدىغان مەزمۇننىڭ يېتەرلىك دەرىجىدىكى سەمىمىيەتلىك بىلەن دىنىمىزغا ئەستايىدىل قاراپ چىقىش ئىستىكى بار قېرىنداشلارغىمۇ بىر ئاز ياردىمى تېگىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن ئەمدى رەسمىي مەزمۇننى باشلايمەن. مېنىڭ بۇ قېتىم تونۇشتۇرىدىغىنىم ئويغاننىڭ ئەنگلىيەدىكى ئىنگلىزچە «VIP Show» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تېلېۋىزور پروگراممىسىدا دېگەن سۆزلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ [2]، ئۇ پروگراممىدا باشقۇرغۇچى ئويغاندىن سوئال سورايدۇ. ئويغان بولسا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ. مەن بۇ يازمىدا سورالغان سوئاللارنى يازماي، پەقەت ئۇنىڭ جاۋابلىرىنىلا يازىمەن. مېنىڭ يازىدىغىنىمنىڭ ھەممىسى ئويغاننىڭ سۆزلىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۆز سۆزۈمنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇنى بىر «ئىلاۋە» شەكلىدە قىستۇرۇپ قويىمەن. بۇ پروگراممىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 31 مىنۇت بولۇپ، ئۇنىڭ سىن ھۆججىتى يۇتيۇب (YouTube) قا 2014-يىلى 16-مارتتا چىقىرىلىپتۇ. ئاشۇ يۇتيۇب تور بېتىدە ئويغان مۇنداق دەپ تونۇشتۇرۇلۇپتۇ:

«ئويغان 2005-يىلى ئەرەب تىلى ۋە قۇرئان ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باييىناھ ئىنستىتۇتىنى قۇرغان بولۇپ، ئۇ قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىرى ھەققىدىكى بىر مۇتەخەسسىستۇر. ئۇنىڭ ئىسمى دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك مۇسۇلمانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئەنگلىيە فىلىم ئىشلىگۈچىسى ھەسەن ئەلكاتىب (Hassan Alkatib) بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر سۆھبەتتە ئويغان ئەپەندى ئۆز ھاياتىغا بىر قېتىم قاراپ چىقىپ، قۇرئاننىڭ ئۆزىنى ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ.»

j01_nouman.jpg
1-رەسىم: ئەنگلىيەدىكى بىر تېلېۋىزور پروگراممىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ھەسەن ئەلكاتىب (سولدىكى كىشى) بىلەن ئويغان (ئوڭدىكى كىشى) سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر كۆرۈنۈش.


1. ئويغان دىندىن يىراق ياشىغان ۋاقىتلار


مەن بۇرۇنقى شەرقىي بېرلىن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ چاغدا دادام پاكىستاننىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى ئىدى. شۇڭلاشقا 6 ياشقا كىرگىچە مەن شۇ يەردە چوڭ بولدۇم. بۇ جەرياندا پاكىستاندا پەقەت 6 - 8 ئايدەك ۋاقىتلا تۇردۇم. مېنىڭ 1-تىلىم گېرمان تىلى بولۇپ، ئوردۇ تىلىنىمۇ ئازراق ئۆگەندىم. ئۇنىڭدىن كېيىن بىز سەئۇدىنىڭ رىياد شەھىرىگە كۆچتۇق. ھەمدە 1986-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە بىز شۇ يەردە ياشىدۇق. بۇ جەرياندا مەن دەرسلەر ئوردۇ تىلىدىلا ئۆتۈلىدىغان، مەخسۇس پاكىستانلىقلار ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر مەكتەپتە ئوقۇدۇم. ئەرەبچىنى بەك كۆپ ئۆگىنىپ كېتەلمىدىم. ئازراق ئىنگلىزچىمۇ ئۆگەندىم. 1993-يىلى بىز ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ، تولۇق ئوتتۇرىدىن باشلاپ ئامېرىكىدا ئوقۇدۇم. ئالىي مەكتەپنىمۇ ئامېرىكىدا ئوقۇدۇم.

مەن ئامېرىكىدا ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا مەن دەسلەپكى 2 يىل ئىچىدە بىرەر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى بىلەنمۇ تونۇشمىدىم. مەن ئوقۇغان مۇھىت بىلەن تىل مەن بۇرۇن ياشاپ كۆرگەن يەرلەرنىڭكى بىلەن ئازراقمۇ ئوخشىمايتتى. مەن بىر ئۆسمۈر بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن مېنىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ چوڭ ئۈمىدىم باشقىلارنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىش بولدى. مېنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان نەرسە ئىسلام ئىدى. تولۇق ئوتتۇرا مەزگىلىدە بىز ھەر ھەپتىسى 5 كۈن مەكتەپتە ئوقۇدۇق. شۇڭلاشقا مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان 2 يىل جەريانىدا جۈمە نامىزىغىمۇ بېرىپ باقمىدىم. مەن ئاستا-ئاستا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوست بولۇشقا باشلىدىم. ئەمما ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەس بولغاچقا، بىزنىڭ دوستلۇقىمىزنىڭ دىن بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى بولمىدى. مەن ئۆزۈمنى ئۇلارغا ماسلاشتۇرۇشقا يۈزلەندىم. ئاتا-ئانام مېنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىمنى خالىمايتتى. شۇڭلاشقا مەن ئۆي ئىچىدە بىر خىل ئادەم، مەكتەپتە يەنە بىر خىل ئادەم بولۇپ ياشاشقا مەجبۇرى بولدۇم. بىز ئىسلام دىنىدا قەدىرلەيدىغان نۇرغۇن قىممەت قاراشلىرى نۇرغۇن ئەللەردە كىشىلەرگە ئانچە تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. مۇسۇلمان ئەللىرىمۇ ئۇنداق ئىدىيىلەرنى يېتەرلىك دەرىجىدە تەشەببۇس ۋە تەشۋىق قىلمايدۇ. مەن بۇرۇن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار پەقەت ماڭىلا تەۋە ئىشلار بولۇپ، ئۇلار باشقىلار ئۈچۈن يۈز بەرمەيدۇ، دەپ ئويلايتتىم. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھازىرمۇ مىليونلىغان كىشىلەرگە يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۆز دىنىڭىزنىڭ تەلىماتىغا خىلاپ كېلىدىغان بىر خىل تۇرمۇش شەكلىدە ياشىغان ۋاقتىڭىزدا، سىز ئۆزىڭىزنى بىر گۇناھكار ئادەمدەك ھېس قىلىسىز. ئەمما ھېچكىم بىر گۇناھكار ئادەمدەك تۇيغۇدا ياشاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز مۇنداق 2 يولدىن بىرىنى تاللايسىز: بىرى دىننى قوبۇل قىلىش، يەنە بىرى بولسا ئۆزىڭىزدىكى «مەن بىر گۇناھكار ئادەمگە تەۋە» دەيدىغان ئاڭنى يوق قىلىۋېتىپ، ئۆزىڭىز خالىغان بويىچە ياشاش. مەن ئۇ چاغدا 2-يولنى تاللىدىم.


2. ئويغاننىڭ دىنغا قىزىقىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىللار


مۇنداق بىر ھەدىس بار: «ئادەم ئۆزىنىڭ يېقىن دوستىنى دورايدۇ. شۇڭا ئۆزۈڭنىڭ دوستىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللا.» مەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغاندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدىمۇ ئىسلامدىن يىراق تۇردۇم. ئاندىن مەكتەپتە بىر ياش مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىنى ئۇچراتتىم. ئۇ تاملارغا مەكتەپنىڭ «مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ بىر ئۇقتۇرۇشىنى چاپلاپ يۈرۈۋاتقان ئىكەن. مەن كۆڭلۈمدە «بۇ ئۇيۇشمىغا ھەممە دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار توپلانغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئولتۇرۇشلىرى ناھايىتى قىزىشى مۇمكىن»، دەپ ئويلىدىم. ھەمدە ھېلىقى ئوقۇغۇچىدىن «سىلەر ئولتۇرۇشمۇ قىلامسىلەر؟» دەپ سورىدىم. ئۇ «ھەئە، بىز ئولتۇرۇشمۇ قىلىمىز»، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ يىغىلىش ئورنىغا باردىم. ئۇ يەردە ئاران 2 ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ئۇلار قۇرئان ھەققىدىكى بىر تېما ئۈستىدە سۆزلىشىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن «بۇ يەر ماڭا ماس كېلىدىغان يەر ئەمەسكەن»، دەپ ئويلىدىم. ئەمما ئۇ ئىككىيلەن ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدى. مەن ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ئاجراتتى. ئۆيگە قايتقۇچە مېنى ماشىنىسىغا سېلىۋالدى - مەن ئادەتتە ئۆي بىلەن مەكتەپ ئارىلىقىدا پويىز بىلەن قاترايتتىم. ئەمما ئۇ ئوقۇغۇچى ھەرگىزمۇ مېنى دىنغا دەۋەت قىلمىدى. بىر كۈنى يولدا كېتىۋاتقاندا مېنى ماشىنىسىدا ئېلىپ كېتىۋاتقان دوستۇم يولدا ماشىنىسىنى توختىتىپ، بىر مەسچىتتە جۈمە نامىزىنى ئوقۇدى. مەن سىرتتا ساقلاپ تۇرۇشقا نىسبەتەن راھەتسىزلىك ھېس قىلىپ، مەسچىتكە كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ناماز ئوقۇدۇم. ئۇ چاغدا ھەر بىر ناماز قانچە رەكەت بولىدىغانلىقى، ۋە قايسى ئايەتلەرنى ئوقۇيدىغانلىقى مېنىڭ ئېسىمدە قالمىغان ئىدى. مەن شۇنىڭدىن كېيىن ناماز قائىدىلىرىنى قايتا ئۆگەندىم. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاشۇ دوستۇم تۈرتكە بولدى.

مەن بۇ يەردە باشقا ياشلارغا دەپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەن بىر ئىش بار: ھېچكىم قۇتۇلدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى ئۈمىدسىزلىك ئەھۋالى ئىچىدە ئەمەس. ئەگەر سىز بىر دىنچى ئادەم بولۇپ، مېنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا كۆرگەن بولسىڭىز، «ئەستاغپۇرۇللا، ماۋۇ بالىغا قاراڭ!» دەيتتىڭىز. مەن ئاشۇنداق بالىلارنىڭ بىرى ئىدىم. ئەمما، بىر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھۆكۈم پىچماي، مېنى كۆڭلىدە مەلۇم دەرىجىدىكى ياخشىلىق بار بىر ئىنسان، دەپ ھېسابلاپ، ماڭا ياخشى مۇئامىلىدە بولدى. ئۇنىڭ تەسىرى مېنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر ئادەم بولۇشۇمغا تۈرتكە بولدى. بىز باشقىلارغىمۇ ئەنە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. بىز باشقىلارغا ئىسلامنى تەقدىم قىلىشتا سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك. ئۇنداق ئىشلار بىر كېچىدىلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم ئەمەلىيەتتە ماڭا بىرەر قېتىممۇ ئىسلام يولىدا دەۋەت ئېلىپ بارمىدى. مەندىن ناماز ئوقۇشنى بىرەر قېتىممۇ تەلەپ قىلمىدى. ماڭا قۇرئان ھەققىدە گەپ قىلمىدى. پەقەت ماڭا بىر يىلدەك ۋاقىتقىچە بىر ياخشى ھەمراھ بولۇپ بەردى. مەن شۇ سەۋەبتىن دىن يولىغا كىردىم.


3. ئويغاننىڭ قۇرئاننى رەسمىي ئۆگىنىشنى باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلى


بۇ قېتىم دىن ھەققىدە قايتىدىن ئاڭلىق ھالدا ئىزدىنىشنى باشلاپ، ئالىي مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشتىكى پويىزنىڭ ئۈستىدە قۇرئاننىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى ئوقۇدۇم. ئەمما ئۇنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن قاتتىق قىينالدىم. ماڭا جۈملە شەكىللىرى غەلىتە تۇيۇلدى. ئىشلىتىلگەن سۆزلۈكلەر قىيىن تۇيۇلدى. شۇڭا ئۇلارنى چۈشىنەلمىدىم. قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىدە جۈملىنىڭ ئىگىسى داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن. جۈملىلەر ئوتتۇرىدىلا تۈگەپ قالىدىكەن. جۈملىلەر «ۋە» دېگەن سۆز بىلەن باشلىنىدىكەن. بىز باشلانغۇچتىلا جۈملىنى «ۋە» دېگەن باغلىنىش سۆزى بىلەن باشلىمايدىغانلىقىمىزنى ئۆگەنگەن ئىدۇق. ئەسلىدە سىز قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇسىڭىز، ئۇنى تولۇق چۈشىنىشىڭىز كېرەك ئىدى. ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەسكەن. ئەمەلىيەتتە سىز تېخىمۇ قايمۇقۇپ كېتىدىكەنسىز.

شۇڭلاشقا مەن قۇرئاننى ياخشىراق چۈشەنگىلى بولىدىغان باشقا ئۇسۇللارنى ئىزدىدىم. ئۇ يەر، بۇ يەرلەرگە بېرىپ، ئۆزۈم تاپالىغان لېكسىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ كۆردۈم. ئەمما مەن ئاڭلىغان لېكسىيەلەر قۇرئان ئۈستىدە بولماستىن، ئىسلامدىكى ھەر خىل تېمىلار ئۈستىدە ئىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا بىز ئولتۇراقلاشقان جايدىكى مەسچىتتە سۆزلەنگەن كۆپ قىسىملىق لېكسىيەدىن بىرىگە قاتناشتىم. ئۇ لېكسىيەلەر ئوردۇ تىلىدا سۆزلەندى. ئۇ بىر رامىزان ئېيىدا بولغان ئىش بولۇپ، ھەر كۈنلۈك تاراۋىدىن كېيىن، قۇرئان ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەندى. ئۇنىڭدا قۇرئان بىر ئايەت، بىر ئايەتتىن تەرجىمە قىلىنىپ، قىسقىچە چۈشەندۈرۈلدى. بۇ لېكسىيە تولۇق بىر ئاي ۋاقىت ھەر ئاخشىمى سائەت 10 دىن ئەتىگەن سائەت 2 - 3 گىچە جەمئىي 4 - 5 سائەت ئېلىپ بېرىلدى. مەن بىر ئاي ۋاقىت ئاشۇ لېكسىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدىم. ھەمدە قۇرئانغا ئىنتايىن ھەيران قالدىم. بىر ئايلىق لېكسىيە ئاخىرلاشقاندا مەن ئوقۇتقۇچىنىڭ قېشىغا بېرىپ، «مۇسۇلمانلار ئۆز دىنى ئۈچۈن ھەر خىل يوللار بىلەن خىزمەت قىلىدىكەن. مەن سىز قىلىدىغان ئىشنى قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن. مەن ئىشنى نەدىن باشلىسام بولىدۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ: «ئەرەبچىنى ئۆگەن»، دېدى. مەن ئۇ چاغدا نيۇ يورك شەھىرىدە بولۇپ، ھەم پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇغۇچى، ھەم پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىدىم. مېنىڭ ئەرەب دۇنياسىغا بېرىپ ئوقۇيدىغانغا پۇلۇممۇ يوق ئىدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن «مەن ئەرەبچىنى قانداق ئۆگىنىمەن؟» دەپ سورىدىم. ئۇ «مېنىڭ دەرسىمگە كەل»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن رامىزان ئاياغلىشىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندە مەن بىر 3 ھەپتىلىك ئەرەب تىلى كۇرسىغا قاتنىشىشنى باشلىدىم. ئەرەب تىلىنى ئەڭ ئاساسىي بىلىملەردىن باشلاپ ئۆگەندىم. ھەر قېتىم ئازراق نەرسىنى ئۆگەنسەم، قۇرئاننىڭ بىر يېرىنى چۈشىنىدىغان بولدۇم. نامازدا ئوقۇيدىغان ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە باشلىغاندا، ناھايىتى ھاياجانلاندىم، ھەمدە ھەيران قالدىم. مېنىڭ دىنىي يولدىكى سەپىرىم ئەنە شۇ ۋاقىتتا باشلانغان بولۇپ، ئاللاھ مېنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى يولۇمنى كۆپ ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى.


4. ئويغاننىڭ قۇرئان ئۆگىنىشتە يۇقىرى پەللىگە چىقىشى


مەن دەسلەپتە پەقەتلا قۇرئاننى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان بولۇشنى نىشان قىلدىم. ئەمما كېيىنچە ئۇنىڭلىق بىلەنلا قانائەت ھېس قىلالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ئەرەب تىلىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە قىستىدىم. ئەگەر سىز ئەرەب تىلىنى پەقەت قۇرئان ئۈچۈنلا ئۆگەنسىڭىز، سىز ئادەتتىكى ئەرەبچىنى سۆزلىيەلمەيدىكەنسىز، ئەرەب تىلىدا باشقىلار بىلەن ئالاقە ئېلىپ بارالمايدىكەنسىز، ۋە ئەرەبچە لېكسىيەلەرنىمۇ ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىكەنسىز.

شۇڭلاشقا 2003-يىللىرىغا كەلگەندە مەن ئۆزۈمنى ئەرەب تىلىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە قىستىدىم. بىر 8 سائەتلىك ئەرەب تىلىدىكى لېكسىيەنى ئاڭلىدىم. گەرچە ئۇنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىگەن بولساممۇ، دېيىلگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دەپتىرىمگە يېزىۋېلىپ، خاتىرىلىۋالغان مەزمۇنلارنى لۇغەت ئاختۇرۇپ ئوقۇپ چۈشىنىشكە تىرىشتىم. ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغىنىمدا، ئۇ مەزمۇنلارغا ناھايىتى ھەيران قالدىم - مەن ئۆمرۈمدە ئۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. ھازىرغىچە ماڭا ھېچكىم قۇرئاندا ئۇنداق مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىنى دەپ باقمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەبچىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىپ، قۇرئان ھەققىدىكى ئەرەبچە ماتېرىياللارنى ئوقۇشقا باشلىدىم. بىر قانچە داڭلىق ئىسلام دوكتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تولۇق تونۇشۇپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ بىرى مەن بىلەن بىر جايدا ياشايدىغان بولۇپ، مەن سوئالىم بولسىلا ئۇنىڭدىن سوراپ تۇردۇم. ئۇلار مېنى چېكى يوق بىلىملەر بىلەن تەمىنلىدى.


5. قۇرئان تىل جەھەتتە بىر مۆجىزىدۇر


قۇرئاننىڭ تىل جەھەتتە بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. مەن بۇ يەردە بىر مىسال كۆرسىتەي. مەن بىر ئادەمگە سۆزلىسەم، 5 مىنۇتتەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا 5 مىنۇتنىڭ ئالدىدا نېمە دېگەنلىكىم تولۇق ئېسىمدە قالمايدۇ. شۇڭا مېنىڭ ھازىر دەۋاتقان گېپىم 5 مىنۇتنىڭ ئالدىدىكى گېپىمگە ئاساسەن ئاڭلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا سۆزلەۋاتقان گەپلەر بولۇپ چىقمايدۇ. مەسىلەن، ئەگەر مەن 5 مىنۇتنىڭ ئالدىدا «مەن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆگىنىش قىلدىم»، دېگەن بولسام، ھازىر «مەن كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ ئۆگىنىش قىلدىم»، دېيىشىم مۇمكىن. مەن ئۈچۈن بۇ 2 سۆزنىڭ ھېچ بىر پەرقى يوق. ئەگەر مەن 5 مىنۇتنىڭ ئالدىدا قاراڭغۇلۇق ھەققىدە سۆزلىگەن بولسام، ھازىر ئالدىدا ئاخشىمى ھەققىدە سۆزلەپ، ئاندىن كۈندۈزى ھەققىدە سۆزلىسەم ئەقىلگە بەكرەك مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەمما مەن سۆزلەۋاتقاندا ئۇنداق ئۇچۇرلارنى كاللامدا ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئاشۇنداق تەرتىپ بىلەن سۆزلىيەلىشىم ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ئاللاھ قۇرئاننىڭ 2-سۈرىسى، يەنى سۈرە بەقەرەدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن (ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ)، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن (ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ)، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [2:7].» بۇ يەردە ئاللاھ «يۈرەك، دىل» نى ئەڭ ئالدىدا تىلغا ئالىدۇ. يەنە بىر سۈرىدە ئاللاھ «(ئى مۇھەممەد!) ماڭا نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئازدۇرغان، (ھەقنى) بىلىپ تۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر (بۇلاردىن) ۋەز-نەسىھەت ئالمامسىلەر؟ [45:23]» دەپ، «قۇلاق» بىلەن «قەلب» نىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ يەردىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەرسە شۇكى، سۈرە بەقەرە (2-سۈرە) «بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر» دەپ باشلانغان بولۇپ، بىر نەرسىگە نىسبەتەن گۇمان پەيدا بولغاندا، ئۇ گۇمان ياكى شەك ئادەمنىڭ قەلبىدە پەيدا بولىدۇ. يېتەكلىنىشمۇ ئادەمنىڭ قەلبىدە يۈز بېرىدۇ. تەقۋادارلىقمۇ ئادەمنىڭ قەلبىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قىسقىسى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا دېيىلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردۇر. شۇڭلاشقا 7-ئايەتتە «ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەن» دېيىلىپ، دىل ياكى قەلب ئەڭ ئالدىدا تىلغا ئېلىنغان. سۈرە جاسىيە (45-سۈرە) دىكى 8-ئايەتتە «ئاڭلاشنى رەت قىلىش» دېگەن سۆز بار بولۇپ، 23-ئايەتكە كەلگەندە «ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن» دەپ، «قۇلاق» نى ئەڭ ئالدىدا تىلغا ئالىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە 15 ئايەت بار. بۇ پەقەت سۆزلەرنىڭ تەرتىپى ھەققىدىكى بىرلا مىسال بولۇپ، قۇرئاندا بۇنداق مىساللاردىن يەنە بىرەر مىڭى بار. يەنى، قۇرئاندا «مۆجىزە» ھېسابلىنىدىغان يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ. مەن مۇشۇ نەرسىلەرنى بىلگەندە، «بۇلارنىڭ ئىنسانىي چۈشەندۈرۈلۈشىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس»، دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم.

قۇرئان بىر بىپايان دېڭىزغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان نەرسىلەرنى بىز ئۆزىمىز تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك.

تىلنى چوڭقۇر چۈشەنمىسىڭىز، قۇرئاننى چوڭقۇر چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. قۇرئاننى تولۇق ۋە چوڭقۇر چۈشىنىش كۆپلىگەن ساھەدە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىرى ئەرەب تىلىدىن ئىبارەت. مەن يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە ئەرەب تىلىنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئۆگىتىش ئۈچۈن «ئىلاھىي نۇتۇق» (Divine Speech) دېگەن بىر دەرسنى باشلىدىم. ھەمدە ئۇنى ھازىرغىچە ئامېرىكىدا 150 قېتىمدەك ئۆتۈپ بولدۇم. ئەنگلىيەدىمۇ بىر قېتىم ئۆتتۈم. بۇ دەرس ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. «ئەرەب تىلى دېگەن قۇرئان تىلى، شۇڭا ئۇنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك»، دەپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. قۇرئاننىڭ تىلىغا يەنە نۇرغۇن ئىنتايىن مۇھىم نەرسىلەر، كىشىلەرنى يۈرىكىنىڭ قېتىدىن ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرىدىغان نەرسىلەر يوشۇرۇنغان. بىز ئەنە شۇ ئۇچۇرلارنى باشقىلارغا ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.


6. باييىناھ ئىنستىتۇتى


مەن 2005-يىلى «باييىناھ ئىنستىتۇتى» نى قۇردۇم. ئۇنىڭ مۇنداق 2 نىشانى بار: ئۇنىڭ بىرى ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش جەريانىنى بىر ئورتاق ئۆلچەم ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ۋە غەيرى-مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ئۆگىنىشىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئاسانلاشتۇرۇش، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشنى ئۆلچەملىك ۋە ئاسان قىلىش. مەن ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشتە ناھايىتى قىينالدىم. ئۆزۈم ئۈچۈن ئەرەب تىلى ئۆگىنىشنىڭ بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى ئۆزۈم تېپىشقا مەجبۇرى بولدۇم. ئەڭ ئاخىرىدا ئاللاھ ماڭا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىپ، مەن ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىپ چىقتىم. مەن باشقىلارغا ئەرەب تىلىنى ئۆگەتكەندە، بۇ ئىشنى بىر ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتىدە تۇرۇپ قىلمايمەن، بەلكى تىل ئۆگىنىشتە قىينىلىۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى سالاھىيىتى بىلەن شۇنداق قىلىمەن. شۇڭلاشقا مەن ئۆزۈم ئىزدىنىپ ئىشلەپ چىققان ئەرەب تىلى دەرسلىكى ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىۋاتىدۇ. ئەمدى مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلىنى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتىمەن.

باييىناھ ئىنستىتۇتىنىڭ ئىككىنچى نىشانى بولسا كىشىلەرنى قۇرئاندىن خەۋەردار قىلىش، ۋە ئۇلارنى قۇرئاننى قەدىرلەيدىغان قىلىش. مەيلى ئەرەبلەر بولسۇن، ياكى باشقىلار بولسۇن، ھازىر مۇسۇلمانلار بىلەن قۇرئان ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئۈزۈلۈپ قېلىۋاتىدۇ. كىشىلەر ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا ئۇلارنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش بىلەن بىرلەشتۈرمەيۋاتىدۇ. قۇرئاننى چوڭقۇر چۈشىنىش دەرىجىسى بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلادقا تۆۋەنلەپ مېڭىۋاتىدۇ. قۇرئان مېنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى. بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى پەقەت مەن بىلەنلا چەكلىنىدىغان ئىش يوق. ئەگەر قۇرئان باشقىلارغىمۇ خۇددى ماڭا يەتكۈزۈلگەندەك يەتكۈزۈلىدىغان بولسا، ئۇ مەندىن باشقا مىلياردلىغان كىشىلەرنىمۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ. مېنىڭ باييىناھ ئىنستىتۇتىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىم ئەنە شۇ: بارلىق كىشىلەرنى ئاشۇنداق پۇرسەتكە ئىگە قىلىش، بارلىق كىشىلەرنى ئاشۇنداق پۇرسەتكە ئاسانلا ئىگە قىلىش.

ھەر قانداق ئىشنى قىلغاندا، ئۇنى باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەن يۇقىرىدىكى 2 نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئىش باشلىغىلى ھازىر بىر يىلدىن ئاشتى. بۇ يولدا قىلغان بىر ئىشىمىز «باييىناھ تېلېۋىزورى» بولدى. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ئىلاھىي نۇتۇق» دېگەن كۆپ قىسىملىق لېكسىيەنى سىن ھۆججىتىگە ئېلىپ، ئاشۇ «باييىناھ تېلېۋىزورى» (http://www.bayyinah.tv) دېگەن تور بېتىگە قويۇپ قويدۇق. ئۇنى ھەر قانداق ئادەم ھەقسىز كۆرەلەيدۇ. ھازىرغىچە كۆپلىگەن كىشىلەر «مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، ئەرەبچە بىلەن قۇرئان ئۆگىنىڭ»، دەپ كەلدى. بىز بولساق «ئەرەب تىلى بىلەن قۇرئاننى ئۆگىتىش ئۈچۈن، بىز سىزنىڭ قېشىڭىزغا بارايلى»، دەۋاتىمىز.

ئاسماندىن ياغقان يامغۇرنىڭ سەۋەبىدىن رەڭگارەڭ گۈللەر چېچەكلەيدۇ. بىز ئاللاھتىن چۈشكەن قۇرئاننى كىشىلەرگە توغرا يەتكۈزەلىسەك، يامغۇر قىلىدىغان ئىشلارنى بىزمۇ قىلالايمىز.

ئويغاننىڭ مۇشۇ قېتىملىق «VIP Show» تېلېۋىزور پروگراممىسىدا دېگەنلىرى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.


7. ئويغاننىڭ يەنە بىر تېلېۋىزور پروگراممىسىدا دېگەنلىرى


مەن يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى تەييارلاپ بولۇپ، ئويغاننىڭ باشقا لېكسىيەلىرىنى ئاڭلاش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ دىنىي يولغا قانداق قىلىپ قايتا كىرگەنلىكى، ۋە دەسلىپىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى قانداق يەڭگەنلىكى ھەققىدىكى يەنە بىر سىن ھۆججىتىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ قالغان قىسمىدا ئاشۇ يېڭى نۇتۇقتىكى يۇقىرىدا دېيىلمىگەن مەزمۇنلارنى بايان قىلىمەن. بۇ يېڭى سىن ھۆججىتىدىكىسى بىر سۆھبەتنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشى ئىكەن. ئۇ سۆھبەتنى ئامېرىكىدا ئىشلىنىدىغان، ئىنگلىزچە «The Dean Show» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تېلېۋىزور پروگراممىسى ئويغان بىلەن ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ تورلارغا 2012-يىلى 1-مارتتا چىقىرىلىپتۇ [3]. بۇ پروگراممىدىمۇ باشقۇرغۇچى ئويغاندىن سوئال سوراپ، ئويغان ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىدىكەن. تۆۋەندە مەن سوئاللارنى يازماي، پەقەت ئويغاننىڭ جاۋابلىرىنىلا يازىمەن. بۇ سىن ھۆججىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 33 مىنۇت بولۇپ، ئۇنىڭ تېمىسى «بىر قېتىم دىنسىزلىشىپ، ئاندىن ئىسلامغا قايتىپ كەلگەن مۇسۇلمان» ئىكەن. «The Dean Show» دەپ ئاتىلىدىغان ئىنگلىزچە پروگرامما پۈتۈن دۇنياغا سىملىق تېلېۋىزور ۋە سۈنئىي ھەمراھ دولقۇنلىرى ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرگۈچىلىرى مىليونلاپ سانىلىدىكەن [4]. بۇ پروگراممىدا بۈگۈنكى كۈندىكى مۇسۇلمانلار يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە دوكتور ياسىر قازى ۋە ئويغان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلەر خېلى كۆپ ئىكەن. مەن بۇ تېلېۋىزور پروگراممىسى ھەققىدە ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرىكى «مەدەنىيەت، ئىسلام ۋە بىدئەت» دېگەن ماقالىسىدىمۇ قىسقىچە توختالغان ئىدىم.

j02_nouman.jpg
2-رەسىم: سول تەرەپتىكىسى «The Dean Show» دېگەن تېلېۋىزور پروگراممىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكىسى ئويغان.

ئەمدى رەسمىي مەزمۇننى باشلايمەن.

(1)دوستلارنىڭ تەسىرى

بىز ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، مەن دىنىمىزدىن يىراقلاشتىم. بىر مەزگىل «خۇدا» دېگەن ئۇقۇمغىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتىم. مېنىڭ ئاتا-ئانامنىڭ دىنىي ئېتىقادى بەك كۈچلۈك ئەمەس بولسىمۇ، دادام نامازنى قولدىن بەرمەيتتى. ئۇ چاغدا مېنىڭ دىن جەھەتتىن سۇسلىشىمغا تەسىر كۆرسەتكىنى ئاتا-ئانام ئەمەس، مېنىڭ مەكتەپتىكى ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان كىشىلىرىم بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر داڭلىق سۆزى بار: «ئادەم دوستىنىڭ دىنىغا تايىنىدۇ، شۇڭلاشقا قانداق كىشىلەر بىلەن دوست بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.» بۇ سۆزلەر مېنىڭ ھاياتىمدا تولۇق ئىسپاتلانغان بولۇپ، مەن ئۇنىڭدىن ھازىر ياشلارغا مەسلىھەت بېرىشتىمۇ ناھايىتى كۆپ پايدىلىنىۋاتىمەن. ئەگەر قالايمىقان كىشىلەر بىلەن دوست بولىدىكەنسىز، سىز كەم دېگەندىمۇ شۇلار بىلەن ئوخشاش ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالىسىز.

مەن دىندىن يىراقلىشىپ كەتكەن بىر ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئاللاھ ماڭا مۇنداق 2 خىل ئىشىكنى ئېچىپ بەردى. ئۇنىڭ بىرى ئىجتىمائىي ئىشىك بولۇپ، يەنە بىرى بولسا ئەقلىي جەھەتتىكى ئىشىك. يەنى مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بىر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئۇ مېنىڭ دىنغا قايتىپ كېلىشىمدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. ئاشۇ بىر دوستۇمنىڭ سەۋەبىدىن مەن كۆپلىگەن باشقا ئېسىل مۇسۇلمانلار ۋە دىنىي زىيالىيلار بىلەن تونۇشتۇم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش، ۋە دۇنيانى بىر ياخشىراق ماكانغا ئايلاندۇرۇش يولىدا توختىماي، ئاكتىپلىق بىلەن ھەر خىل ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشىلەردىن ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ھاياتنىڭ مەقسىتى بارلىقىنى ھېس قىلدىم، ھەمدە «ئۇنداق مەقسەت نەدىن كەلگەندۇ؟» دەپ ئويلىدىم. دىنغا يېڭىدىن قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن مەندە ئۆز ھاياتىم ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان بىرەر نىشانمۇ يوق ئىدى. باشقىلار مەندىن «سېنىڭ ئۆز ھاياتىڭ ئۈچۈن تۇرغۇزغان نىشانىڭ نېمە؟» دەپ سورىسىمۇ، مەن پەقەتلا «ئۇقمايمەن، ئۇنداق ئىشلار توغرىسىدا كېيىنچە ئويلىشىمەن»، دېگەندىن باشقا جاۋابمۇ بېرەلمەيتتىم. مەن ھەر بىر كۈننى ئۆتكۈزسەم، شۇ ھېساب ئىدى. بىر مەۋسۇمدىن ئوشۇقراق ۋاقىت ئىچىدە قىلىدىغان ئىشلار ئۈستىدە زادىلا ئويلانمايتتىم. قايسى ساھەدە ئىشلەش، ۋە قانداق خىزمەتنى تېپىش دېگەندەك ئىشلارنى ئويلاپ باقمايتتىم. ھېلىقى دوستۇم مېنى بىر رامىزان ئېيىدىكى قۇرئان ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرغاندىن باشلاپ مەندىكى ھەممە ئەھۋاللار ئۆزگىرىشكە باشلىدى.

(2) ئىلاھىيەت ۋە ئەقلىيەت

مەن ئىسلامغا قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن باشقا دىنلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقمىدىم. ئەمما ئۇنىۋېرسىتېتتا كۆپلىگەن پەلسەپە دەرسلىرىنى تاللاپ ئوقۇدۇم. ئۇ دەرسلەر مېنى دىندىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇردى. يەنى، پەلسەپە دەرسلىرىدە دىنلار ھەققىدە سۆزلىگەندە، باشقا دىنلار مېنى ناھايىتى ھودۇقتۇردى. ئۇ دىنلار ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى چۈشەندۈرۈشنى ئوقۇپلا، ئۇنىڭ داۋامىنى ئوقۇغۇم كەلمىدى. يەنى ئۇلار مەن ئۈچۈن ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمىدى. سىز ئادەتتە بىر دىن ھەققىدە ئازراق ماتېرىيال كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بايقايدىكەنسىز، «ھەممە دىنلار مۇشۇنداق بولىدۇ»، دەپ ئويلاپ قالىسىز. بۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا بىر قىسىم ئىسلام پەلسەپىسىنىمۇ ئۆگەندىم. ئۇ دەرسنى «خۇدا بار بولۇشىمۇ مۇمكىن، يوق بولۇشىمۇ مۇمكىن» دەپ قارايدىغان بىر تارىخ پروفېسسورى ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ چاغدا مەن ئىسلامدىكى ئۆزۈمنى جەلپ قىلىدىغان بىرەر نەرسىنى ئۇچراتمىدىم. ئەمما شۇ چاغدىن باشلاپ كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىدە «ئىسلام يالغۇز بىر ئىلاھىيەتكە تەۋە نەرسە بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئەقلىيەتكە تەۋە نەرسە ئىكەن»، دېگەن چۈشەنچە شەكىللىنىشكە باشلىدى.

j03_nouman.jpg
3-رەسىم: ئويغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىۋاتقاندىكى بىر كۆرۈنۈش.

(3) دىنسىزلىق

دىنسىزلىق ھەققىدە مۇنداق 2 نەرسىنى دېيىش مۇمكىن. ئۇنىڭ بىرى، دىنسىزلىق بىر خىل ئاڭلىق قارار بولۇپ، ئۇ كىشىلەردە تەبىئىي ھالدا يۈز بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىرى، دىنسىزلىق ئەقىل ئۈستىگە قۇرۇلغان نەرسە بولماستىن، بىر خىل پىسخولوگىيەلىك چۈشەنچە ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. روھىي ئازاب يېگەن، ھاياتتا ناھايىتى يامان ئىشلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ياكى روھىي جەھەتتىن بەك قاتتىق تەسىر قىلىدىغان بىرەر ئىشنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇ ئىشلارنى خۇداغا دۆڭگەپ، خۇدادىن قاتتىق نارازى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن دىنسىزلىشىپ كېتىدىغان ئىشلار كۆپ. يەنى، ئۇنداق كىشىلەر ئۈچۈن خۇداغا نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى دىندىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈش بولۇپ قالىدۇ. مەن ئۈچۈن بۇ روھىي جەھەتتىكى نورمالسىزلىق. چۈنكى، يۇقىرىقىدەك سەۋەبتىن دىنسىزلىشىش يولىنى تاللىغان كىشىلەر ئۆزى قىلچىمۇ چۈشەنمەيدىغان بىر نەرسە ئۈستىدىن بىر خىل مۇتلەق ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ. ئۇلار «خۇدانىڭ مەۋجۇت بولۇشى قەتئىيلا مۇمكىن ئەمەس»، دەپ قارايدۇ. ئۆزلىرى كۆرەلمەيدىغان ياكى ھۆكۈم چىقىرالمايدىغان بىر نەرسە ئۈستىدىن مۇتلەق ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇلار «ئەگەر مەن كۆرەلمىسەم، ئۇ مەۋجۇت ئەمەس»، دەپ قارايدۇ. بۇ ئۇلاردىكى ئەقلىي مەسىلىنىڭ نېگىزىدىن ئىبارەت. ئۇلار پەقەت ئادەمنىڭ 5 خىل تۇيغۇسى ياكى ئىلىم-پەن مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان نەرسىلەرگىلا ئىشىنىدۇ. ئەمما ئۇلار ئادەمنىڭ 5 خىل تۇيغۇسى بىلەن بىلىمنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقى، مۇھەببەت بىلەن ئۆچمەنلىكنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقى، ئەندىشە بىلەن ھېسسىياتنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقى، ۋە ئۈمىد بىلەن ئىلھامنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمايدۇ. «ئۇلار بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى خىمىيىلىك ماددىلاردىن كېلىدۇ»، دەپ قارايدۇ. ئىنسانلارنى بىر مۇرەككەپ ھايۋان تۈرى دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. كىشىلەردە ئۈمىدۋارلىق، ھاياتنىڭ مەقسىتى ۋە ئاقىۋەت تۇيغۇسى يوق بولغاندا، ئۇلار ئەڭ ۋەھشىي يامانلىقلارنى قىلالايدۇ. بىز ئۇنىڭ مىساللىرىنى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.

(4) قۇرئاننى ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى

دىنلار ھەققىدە ئىزدەنگەندە كىشىدە چوقۇم سەمىمىيلىك بولۇشى كېرەك. ئەگەر بىر ئادەمدە سەمىمىيلىك بولمىسا، ئۇنى ئاللاھتىن تىلەش، ئاللاھتىن ئۆزىنى يېتەكلەشنى ئۆتۈنۈش كېرەك. مەن قىلغان 1-ئىش ئەنە شۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مېنىڭ قۇرئاننى ئۆگىنىشىم مەن ئۈچۈن يالغۇز بىر ئىلاھىيلىقنى ئۆگىنىش جەريانىلا بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە يېڭى ئەقىل-پاراسەتنى ئۆگىنىش جەريانى بولدى. يەنى، مەندە بۇرۇن كۆپلىگەن دىنغا قارشى قويۇلغان سوئاللار بار بولۇپ، گەرچە مەن ئۇ سوئاللارنى ئوچۇق سورىمىغان بولساممۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە قۇرئان بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى. بۇرۇن كۆڭلۈمدە كۆپلىگەن چىگىشلەر بار ئىدى. ئەمما قۇرئاننى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇ چىگىشلەر بىر-بىرلەپ يېشىلىپ كەتتى. قۇرئان كۆڭلۈمدىكى ھەممە گۇمانلارنى يوق قىلىۋەتتى.

قۇرئاننى يېڭى ئۆگەنگەندە، مەن ئۈچۈن بىر ئەۋزەللىك قۇچاق ئاچتى. ئۇ بولسىمۇ، پۈتۈن ئۆمرىنى قۇرئان ئۈچۈن سەرپ قىلغان بىر ئۆلىما ماڭا قۇرئاننى ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ بەردى. بۇنىڭ ماڭا بولغان ياردىمى بەك چوڭ بولدى. قۇرئاننى ئۆزلۈكىدىن ئوقۇپ، ئاللاھنىڭ يېتەكلىشىگە ئېرىشىدىغان كىشىلەرمۇ كۆپ. ئەمما، قۇرئاندىكى ئايەتلەر كونتېكىستكە مۇناسىۋەتلىك، ياكى باش-ئايىغى ماسلاشقان بولغاچقا، قۇرئاننى ئۆزلۈكىدىن ئوقۇپ، قايمۇقۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. قۇرئاننىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكىنى يامان غەرەزلىك كىشىلەرمۇ كۆپ پايدىلىنىپ كېتىدۇ. يەنى ئۇلار قۇرئاندىكى بىر ياكى بىر قانچە ئايەتنى ئۈزۈپ ئېلىپلا ئۇنى پۈتۈنلەي خاتا چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭدىن خاتا ئىشلار ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا قۇرئان ئۆگىنىشتە ئايەتلەر ئارا باغلىنىشنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، مەن ئۇ جەھەتتە بىر ئوقۇتقۇچىدىن ناھايىتى كۆپ ياردەملەرگە ئېرىشتىم. ئاشۇ ئوقۇتقۇچى ماڭا پۈتۈن قۇرئاننى باش-ئايىغىنى ماسلاشتۇرغان ئاساستا چۈشەندۈرۈپ قويدى. ماڭا قۇرئاننى ئاشۇنداق بىر تەرىقىدە ئۆگەنگىلى ھازىر 9 يىل بولدى.

مەن دەسلەپتە ئەرەب تىلى ئوقۇغۇچىسى بولدۇم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسلامدىكى «تەفسىر ئىلمى» دېگەن بىر ئالاھىدە كەسىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولدۇم. بۇ قۇرئاننى بىر پەننىي نۇقتىدىن، ياكى بىر زىيالىيلىق نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، ئۇنى ئىسلامدىكى «سۈننەت» دېگەن يەنە بىر مۇقەددەس مەزمۇن بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان كەسىپ ئىدى. شۇڭلاشقا مەن ئاشۇ ساھەلەرنى ئۆگەندىم. بۇ كەسىپ مېنى دىنىمىزغا ئېلىپ كىردى. مېنى ئىمان ئېيتىشقا ئېلىپ باردى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئاشۇ ساھەگە چوڭقۇر چۆكتۈم. ئىسلامدا ئۆگىنىدىغان يەنە فىقھ (ئىسلام قانۇنلىرى) ۋە ئەقىدە قاتارلىق باشقا نۇرغۇن نەرسىلەر بار. مەن ئۇ ساھەلەردىكى بىلىملەرنى ئۆزۈمنىڭ ئېھتىياجىغا يەتكۈدەك دەرىجىدىلا ئۆگەندىم. مېنىڭ بىر كەسىپ قىلىپ تۇرۇپ شۇغۇللانغىنىم كىلاسسىك ئەرەب تىلى تەتقىقاتى بىلەن قۇرئان تەتقىقاتىدىن ئىبارەت ئىككى ساھەلا بولدى.

دەسلەپكى بىر قانچە يىل ئىچىدە مەن قۇرئان بىزگە يەتكۈزىدىغان مەلۇماتلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردىم. يەنى ئۇنىڭدىكى تەلىماتلارنى تولۇق چۈشىنىشكە تىرىشتىم. بۇ قۇرئاننى بىر كەڭ دائىرە نۇقتىسىدىن ئۆگىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى 4 يىلنىڭ مابەينىدە مەن دىققىتىمنى «قۇرئاندىكى مۆجىزىلىككە ياتىدىغان نەرسىلەر قايسىلار؟» دېگەن نۇقتىغا مەركەزلەشتۈردۈم. يەنى، مەن دەسلىپىدە قۇرئاندىكى مەلۇماتلارنى چۈشىنىش يولىدا تىرىشقان بولسام، ئۇنىڭدىن كېيىن مەن قۇرئاندىكى مۆجىزىلەرنى بىلىۋېلىش يولىدا تىرىشتىم. مەن قۇرئاندىكى مۆجىزىلەرنى ئۆگىنىشنى يېڭى باشلىغاندا، خۇددى ئۇنىڭدىن بۇرۇن قۇرئاننى ئازراقمۇ ئۆگىنىپ باقمىغاندەك بىر ھېسسىياتقا كەلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ ماڭا قۇرئاننى بىر پۈتۈنلەي يېڭىچە چوڭقۇرلۇقتا چۈشىنىش ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى.

ئادەتتىكى مۇسۇلمانلار ۋە ئۆزىنى دىنىمىزغا پۈتۈنلەي ئاتىۋەتكەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قۇرئاننى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىكى مەلۇماتلارنى چۈشىنىش دەرىجىسىگىچە ئۆرلىيەلەيدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ قۇرئاندىكى مۆجىزىلەرنى تولۇق چۈشىنەلىشى ناتايىن. پەقەت بىر ئادەم مەقسەتلىك ھالدا قۇرئاندىكى مۆجىزىلەر ئۈستىدە ئىزدەنگەندىلا، ئاندىن ئۇ مۆجىزىلەرنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ.

(5) يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە تەۋسىيە

مېنىڭ دىننى يېڭىدىن ئۆگىنىشنى باشلىغان ياشلارغا بېرىدىغان 1-تەۋسىيەم: دوستنى توغرا تاللاڭ. سىزنىڭ دوستلىرىڭىز دىنغا ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان، سىز تۇتقان يولنى قوللايدىغان كىشىلەر بولسۇن. سىز ئۇنداق دوستلارنى مەكتەپ ئىچىدە، ۋە سىز تۇرۇۋاتقان يەردىكى مەسچىتتە تاپالىشىڭىز مۇمكىن. ئۆزىڭىزنىڭ ئىمامىنى دوست تۇتۇۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ ئۆزىڭىز تەۋە بولغان جامائەت ئىچىدىكى سىزگە ئۈلگە بولالايدىغان، ئۆزىڭىز بىللە ئىش قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەرنى تېپىپ، شۇلار بىلەن دوست بولۇڭ. بۇ ئىش ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. خۇددى يۇقىرىدىكى ھەدىستە دېيىلگىنىدەك، بىزنىڭ دىنىمىزنى بىزنىڭ كىملەر بىلەن دوست بولۇشىمىز بەلگىلەيدۇ. دوستلىرىڭىز ياخشى بولىدىكەن، سىز دىنىڭىزنىمۇ ياخشى ئېلىپ مېڭىپ، ئەقىل جەھەتتىن ئۆزىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرالايسىز. دوستلىرىڭىز ئۆزىڭىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار سىزگە ياردەم قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر سىز سەمىمىي بولىدىكەنسىز، ئۇلار سىزگە ياردەم قىلالايدىغان كىشىلەر ۋە باشقا مەنبەلەرنى دەپ بېرەلەيدۇ. مەن ئاشۇنداق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باققان. قىسقىسى، مېنىڭ ياشلارغا بېرىدىغان 1-تەۋسىيەم: دوستلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ.

ئەگەر سىز ھەر كۈنى ئوخشاش جەرياننى تەكرارلاپ ياشايدىكەنسىز، سىزنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭىز پەقەت بىر كۈنگىلا تەڭ بولىدۇ. ئۇ چاغدا ھاياتىڭىزدا ھېچ قانداق بىر يېڭىلىق ۋۇجۇدقا كەلمەيدىغان بولۇپ، سىز ئاساسەن ئۆزىڭىزنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئىسراپ قىلىۋېتىسىز. ھەرگىزمۇ «بۇ دۇنيادىكى ھەممە ۋاقىت مېنىڭ قولۇمدا»، دەپ ئويلىماڭ. بىزنىڭ ۋاقتىمىز، ياكى بىزنىڭ سائىتىمىز بىزنىڭ قولىمىزدا ئەمەس. شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزدە بىر جىددىي ھالەت تۇيغۇسى ھاسىل قىلىپ، دوستلارنى توغرا تاللاپ، دىن ئۈستىدە سەمىمىي ھالدا ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ توغرا يېتەكلىنىشىگە ئىنتىلىپ بېقىڭ.

يېقىندا ئەل-مەغرىب ئىنستىتۇتى (ياسىر قازى ئىشلەيدىغان ئالىي مەكتەپ - ئاپتوردىن) ۋە باشقا ئورۇنلار بىر قىسىم ياخشى پروگراممىلارنى باشلىدى. ئىسلام تەتقىقاتى پروگراممىلىرىنى باشلىدى. ئاشۇنداق پروگراممىلارنى تېپىپ، دەرس تاللاڭ. ھازىر مەن قۇرغان باييىناھ ئىنستىتۇتى بىلەن ئەل-مەغرىب ئىنستىتۇتى بىرلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. باييىناھنىڭ ئاساسىي نىشانى ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە غەيرى-مۇسۇلمانلارنىڭ ئەرەب تىلى ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. مېنىڭ ئۇ مەكتەپنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىم، مەن ئۆزۈم بىر ئىنتايىن قىيىن جەريانلارنى بېسىپ ئاندىن ئەرەب تىلى ۋە دىننى ئۆگىنەلىدىم. مەن باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشتە مەن بىلەن ئوخشاش قىيىن مۇساپىنى بېسىشقا مەجبۇرى بولۇشىنى خالىمىدىم. مەن باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆزۈم بىر ئۆگەنگۈچى بولۇش سالاھىيىتىدە تۇرۇپ، ئەرەب تىلى ئۆگىنىش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقتىم. مېنىڭ مەقسىتىم كىشىلەرگە ئەرەب تىلى ئۆگىنىشنىڭ بىر ئاسان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش. گەرچە ئەرەب تىلى بىر ناھايىتى مۇرەككەپ تىل بولسىمۇ، ئەگەر سىزدە ئۇنى قۇرئاننى ئۆگىنىش ئۈچۈنلا ئۆگىنىش نىيىتى بار بولىدىكەن، مەن ئۇنى ئۆگىنىش بىر مۆجىزىگە ئوخشاش ئاسان، دەپ جاكارلىيالايمەن. بۇ جەريانغا ئەمەلىيەتتە بىر ئىلاھىي كۈچ ياردەم قىلىدۇ. بىز ھازىرغىچە ئامېرىكىدىكى 72 جامائەتتىكى 8000 ئوقۇغۇچىغا دەرس ئۆتۈپ بولدۇق. بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تور بېتى «bayyinah.com» بولۇپ، قاچان قانداق دەرسلەر ئۆتۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشۇ توردىن تاپالايسىز.

j04_nouman.jpg
4-رەسىم: سۆھبەتنىڭ نەق مەيدانىدىن يەنە بىر كۆرۈنۈش.

(6) دىنسىزلارغا تەۋسىيە

مېنىڭ دىنسىزلارغا بېرىدىغان سەمىمىي تەۋسىيەم: ئەگەر سىز بىر ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقىغا كۆڭلىڭىزدە ئازراق بولسىمۇ ئىشىنىدىكەنسىز، ئاشۇ ئېھتىماللىق ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ باقماسلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت ئۈستىدە ئازراق ئويلىنىپ قويۇڭ. ئەگەر سىز ئۆز ھاياتىڭىزغا قارىتا، ئۆزىڭىزنىڭ بىر ياخشى ئادەم بولۇشىغا قارىتا تەۋەككۈللۈك قىلىشقا رازى بولۇپ، «مۇشۇ ھاياتتىن باشقا ھايات يوق، مېنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان ھېچ كىم يوق، مېنىڭ قىلغانلىرىمنى سوراق قىلىدىغان ھېچ كىم يوق، شۇڭا ھاياتىمنى ئۆزۈم خالىغان بويىچە ياشايمەن»، دەپ ئۆز-ئۆزىڭىزگە كاپالەت بېرەلەيدىكەنسىز، سىز شۇنداق قىلىۋېرىڭ. ئاللاھ سىزنى ئۆزىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىمايدۇ. ئەگەر كۆڭلىڭىزدە «ئاللاھنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقى بار، ئۇ مېنى ھىدايەتكە باشلىغان، ئۇ مەندىن بىر قىسىم ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ» دەيدىغان كىچىككىنە ئىدىيە بار بولۇپ، سىز ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماسلىق يولىنى تاللىغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىگە ئاللاھ ئەمەس، سىز ئۆزىڭىز مەسئۇل بولىسىز. شۇڭلاشقا سىز باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۆزىڭىز ئۈچۈنلا ئاشۇنداق كىچىككىنە مۇمكىنچىلىككە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، ئىلاھىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىڭ. ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا يېتەكلىنىشنى تىلەڭ.

بىز مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشىنىشىچە، بىزنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىمىز ئاللاھقا يېتىپ بارمايدۇ، ياكى بولمىسا بىز ئۆز-ئۆزىمىزنى يېتەكلىيەلمەيمىز. بىزنىڭ ئەقلىي قۇدرىتىمىز مەلۇم بىر پەللىگىچىلا ئۈنۈم بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىلاھىي كۈچ رول ئويناپ، بىزنىڭ قەلبىمىزنى ئاچىدۇ، بىزگە بىر خىل تىنچلىق ۋە ئاسانلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر ئېتىقادنى تاپىسىز. دېمەك، بىز باسىدىغان مۇساپىنىڭ بىر قىسمى ئەقلىيەت ياكى زىيالىيلىق (intellectual) مۇساپىسى بولۇپ، قالغان بىر قىسمى بولسا ئىلاھىيەت (sipiritual) مۇساپىدىن ئىبارەت بولىدۇ. مەن دىنسىزلار ئۈچۈن ئىلاھىيەت ھەققىدىكى بىرەر نەرسىنى قوبۇل قىلىش ئىنتايىن قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئەمما، سىز كىم بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ھازىرغىچە سىز چوقۇم ئىلاھىيەتكە ياتىدىغان بىرەر ئىشنى ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ باققان. شۇڭلاشقا سىز كەمتەر بولۇپ، ئىچىڭىزدە لوگىكىلىق ياكى راتسىئوناللىققا تولۇق ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىڭ. بىز ماشىنا ئەمەس، بىز ئىنسان. بىزدە ھېسسىيات بار، ۋە بىزدە ئىلاھىيلىق بار. شۇڭلاشقا سىزدىكى ئىنسانلىقنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ پەرۋەردىگارىنى تېپىۋېلىشىغا يول قويۇڭ.

ئويغاننىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] تۇغۇلما مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىدىغان 4 چوڭ قىيىنچىلىق ھەققىدە
./thread-43860-1-1.html

[2] VIP Show
https://www.youtube.com/watch?v=Vqc6eEJDNZc

[3] The Deen Show S02E07
https://www.youtube.com/watch?v=5p0Cf1JYWoo

[4] http://www.thedeenshow.com/


بۇ ماقالىنى ئىنىمىز «پىداكار» تەھرىرلىدى.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا، ئۈندىدارغا ۋە ئۇيغۇرچە سالۇنلارغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.



uyghuray

0

تېما

0

دوست

905

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33879
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 286
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-29
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-5 12:23:16 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئەركىن سىدىق ئاكا ، ئۇشبۇ يازمىڭىزغا تەشەككۈر!!!!
يازمىڭىزدىن نۇرغۇن نەرسلەرنى بىلۋالدىم .
ئەجىرىڭىزگە رەھمەت .

8

تېما

3

دوست

4141

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18570
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1302
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-24
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-5 12:25:22 |ئايرىم كۆرۈش
كۆزلىرىم نەمدەلدى،دىلىم تەۋرەپ كەتتى.

0

تېما

0

دوست

78

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54028
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-6
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-5 13:47:28 |ئايرىم كۆرۈش
سۈرىدە ئاللاھ «(ئى مۇھەممەد!) ماڭا نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئازدۇرغان، (ھەقنى) بىلىپ تۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟
------------------------
ھەيران قالمامسىز؟ خودا ئازدۇرسا، قولاق كۆزنى پەردىلسە، ئىنساننىڭ ھوقۇقى قەيەردە؟

2-سۈرىسى، يەنى سۈرە بەقەرەدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن (ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ)، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن (ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ)، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [2:7].»
----------------------------
سىزنىڭچە خودا نىمە قىلماقچى؟
uyghuray

0

تېما

0

دوست

78

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54028
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-6
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-5 13:50:49 |ئايرىم كۆرۈش
ھازىرقى ئەرەپ ئۇرشىنى ئاللاھنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن بولغان دەيدىغان ئۆخشىمامسىز؟
نارىسىدىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىشى، نورغۇن ئاجىزلارنىڭ سەرسان بولشى، خودانىڭ ئازدۇرىشى، قولاق كۆزنى پەردىلگەندىن بولغان دەيدىغان ئۆخشىمامسىز؟

0

تېما

19

دوست

3353

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32550
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1023
توردىكى ۋاقتى: 499
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-5 18:05:36 |ئايرىم كۆرۈش
بەك قالتىس تېما بوپتۇ. تەكرار ئوقۇشقا تېگىشلىك.

0

تېما

0

دوست

78

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54028
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-6
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-5 20:29:34 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hanjarx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-5 21:20  

1-ئازغۇن،ئازماق،
توغرا يولدىن چىقىش،
2-ئازدۇرماق
توغرا يولدىن خاتا يولغا يەنى يامان يولغا باشلىمق

0

تېما

0

دوست

1397

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52031
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 428
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-5 22:42:06 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۈم ئەركىن سىدىق ئاكا سىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككەۈرلەر بولسۇن،ھارمىغايسىز جاپا تارتىۋاتىسىز،سىز ئەۋەتىۋاتقان بۇ يازمىلاردىن كۆپلىگەن قىرىنداشلىرىمىز جۈملىدىن مەنمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدا ناھايىتى ياخشى ئوزۇقلارنى ئىلىۋاتىمىز،بۇ ئۇزۇقلارنى ئالىمەن دەپلا ئالغىلى بولمايتتى،مانا بۇمۇ سىزنىڭ مىللىتىڭىز ئۈچۈن قىلىپ بىرىۋاتقان ناھايىتى قالتىس ئەجرىڭىزدۇر.مۇشۇ خىل مەزمۇندىكى يازمىلارنى ئۈزۈلدۈرماي ئەۋەتىپ تۇرىشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سەمىمى ئۈمۈت قىلىمەن،بۇ تىلەك كۆپلىگەن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارزۇسى بولىشى مۈمكىن.ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئاكا ،ئۇلۇغ ئاللادىن سىزگە سالامەتلىك ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )