قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1197|ئىنكاس: 32

قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش توك يۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2044
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6112
توردىكى ۋاقتى: 2515
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-7 21:24:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-7 21:29  

قۇياش ئىنىرگىيسى ھەممىمىزگە مەلوم بولغىنىدەك پۇتمەس-تۈگىمەس تەبئى ئىنىرگىيە مەنبەسى.شامال،نۇر،ئىسسىقلىق دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى يەرشارىمىز قۇياشتىن قۇبۇل قىلىدىغان ئىنىرگىيەلەردۇر. مەن 2002-يىللاردا بىرخىل قۇياش نۇرىنى ئاپتۇماتىك ئىز قۇغلايدىغان توك يۇلى ۋە قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەپ،2003-يىللېرى كىچىك بىر تەجىربە ئىلىپ بارغان ئىدىم.ئۇ چاغلاردا بۇ تېخنىكا ساناقلىق كارخانىلارنىڭ تېخنىكا مەخپىيەتلىكى ھىسابلىناتتى.

توك يۇلى ئسخىمىسى:
2053261bgvkcr9rb1h8lrg.jpg

يۇقىرى تەرەپتىكى ئىككى قارشىلىق ئەسۋاپنىڭ سەزگۈرلۇك دەرىجىسىنى بەلگىلەيدىغان بۇلۇپ،1كىلو ئومدىن20كىلوئومغىچە ئككىسى ئوخشاش قىممەتتە بۇلىدۇ.

يورۇقلۇق سەزگۇچى قارشىلىقلار بىر تۇسۇقنىڭ ئىككى تەرپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئىككىسىگە چۈشكەن يورۇقلۇق مىقتارى سىلىشتۇرۇلۇپ ئا ب سىگنال ئۇچلاردا ئوڭ ياكى سولغا ئايلىنىش سىگنالى ھاسىل قىلىنىپ قۇياش باتارىيسى ۋە ياكى كۈن نۇرلۇق ئىسسىتىش ئۈسكىنىلېرى قۇياش تەرەپكە ئاپتۇماتىك تەڭشىلىپ تۇرىدۇ.بۇخىل توك يۇلى ئىككىسى بىللە ئىشلىتىلسە ھەر-قانداق بۇلۇڭغا تۇغرا تەڭشىلىدۇ(مەن ياسىغانىمدا مىلتىق ئورنىتىپ لامپۇچكىنى قارغا ئالدۇرسىڭىز ئوق 5مىتىر يىراقلىقتىكى لامپۇچكىغا دەل تىگىدۇ).

ئز قۇغلايدىغان راكىتالارغىمۇ مۇشۇ توك يۇلى ئاساسىدا يورۇقلۇق سەزگۇچى قارشىلىق ئورنىغا ئىسسىغلىق سەزگۈچى ئاماشتۇرلۇپ،باشلاش سېستىمىسى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.

قۇۋۋىتىنى 10ۋات قىلىپ ئىشلەتسىڭىز خېلى تىز سۇرئەتتە ھەركەتلىنىۋاتقان نىشانغا تۇغرا ئەگىشەلەيدۇ.

تۈۋەندىكىسى مەن ياسىغان قۇرۇلمىنىڭ رەسىمى:قۇۋۋىتى 2ۋات،ئارتىلىدىغان قۇياش باتارىيلەر گۇرۇپپىسى 2توننا ئېغىرلىقتا بولسا قۇياشقا تۇغرا ئەگىشەلەيدۇ.
4303470918930015383.jpg
330170147682175991.jpg


فۇتۇ باتارىيە كونتۇرول توك يوللېرى

ئادەتتە فۇتۇ باتارىيە زەرەتلەش تەمىنلەش توك يوللېرى تۇغرىلىق ماتىرياللار لازىم بولسا بەيدۇدىن ئىزدىسە بەك كونا تىپتىكىلېرىنىلا تاپقىلى بۇلىدىكەن، شۇڭا مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلارنىڭ 2000-يىللاردىن ئىشلىتىلىۋاتقان توك يوللېرىدىن ئازراق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن بۇ تىمىنى يازدىم.
ئەلۋەتتە فۇتۇ باتارىيەدىن چىققان توكنى ئادەتتىكى بىسىم مۇقىملاشتۇرۇش توك يوللېرى ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇپلا ئاكۇمۇلياتورغا زەرەتلىسىمۇ بۇلىدۇ، ئەمما فۇتۇ ئىلىكتىر مەنبەسى قىممەترەك بولغاچقا ئادەتتىكى كىرىستال ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىلار زەرەتلەۋاتقاندا توك ئىقىمى چوڭ بولغانچە بىر قىسىم ئىنىرگىيە ئىسراپچىلىقى بۇلىدىغانلىقتىن(ئادەتتىكى لامپىدا 5 ئامپىر توك ئۈتكەندە كۈپىنچە يىغقۇچى قۇتۇپ بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇپ ئارسىدىكى بىسىم 0.6-1 ۋولىتقىچە بۇلىدۇ، بۇ 3-5ۋاتقىچە توكنىڭ ئورۇنسىز يۇقاپ كەتكىنىگە ھىساپ، يەنە يۈككىمۇ 0.4-1 ۋولىتقىچە توك بىسىمى كەم بارسا نورمال خىزمەت قىلمايدۇ)كۈپىنچە موس لامپا ئارقىلىق زەرەتلەش ۋە يۈككە توك تەمىنلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
太阳能充放电控制器.JPG

  بۇ خىل توك يۇلىدا ئاساسەن مۇسبەت قۇتۇپ توك سىملېرى بىر تۇتاش ئۇلىنىپ مەنفى بىسىمدىن زەرەتلەش ۋە يۈك تەمىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.تېخنىكىسى يۇقىرىلېرىدا ئاكۇمۇلياتور بىلەن فۇتۇ باتارىيەنىڭ توك بىسىمىنى سىلىشتۇرۇپ فۇتۇ باتارىيە توك بىسىمى ئاكۇمۇلياتور توك بىسىمىدىن 0.01 ۋولىت ئاشقان ھامان Q6Q7لەر ئۈتكۈزۈش ھالىتىگە كىرىپ  زەرەتلەش ھالىتىگە كىرىدۇ، نورمال زەرەتلەش توك بىسىمى 14.3V بۇلۇپ، شۇ بىسىمغا يەتكەندە زەرەتلەش كونتۇرۇوللىغۇچى Q6Q7 لەر ئۈزۈلىدۇ، ئاكۇمۇلياتور زەرەتلىنىپ بولمىغان ۋاقىتتا زەرەتلەش تۇختىسا سىكونىتقا بارمايلا توك بىسىمى تۈۋەنلەيدۇ، تىخى 14.2V قا چۈشۈپ بولماي تۇرۇپلا يەنە قايتا زەرەتلەش ھالىتىگە كىرىدۇ. بۇ جەريان شۇنداق قايتىلىنىپ باشقا يۈك ئۇلانمىغان ھالەتتە ئاكۇمۇلياتور زەرەتلىنىپ بولغاندا نەچچە سىكونىتتا بىر سىكونىتقا يەتمىگەن ۋاقىت زەرەتلەپ تۇرىدۇ. ناۋادا زەرەتلەش كونتۇرولى مەلوم سەۋەپ بىلەن تۇتاش ھالەتتە بۇلۇپ قالسا توك بىسىمى V15-14.3V قىچە يۇقىرلاپ قالسا Q8-Q7 موس لامپىلار ئاپتۇماتىك ئۈزۈلۈپ، زەرەتلەشنى ۋە يۈككە توك تەمىنلەشنى تۇختىتىدۇ.
  بەزى كىچىك شىركەتلەر بۇلارنى كونتۇرول قىلىشتا كۈپىنچە  LM324,LM393 قاتارلىق سىلىشتۇرغۇچلاردىن پايدىلىنىپلا ئەمەلگە ئاشۇرغان بۇلۇپ، قۇغدىنىش ئىقتىدارلېرى ياخشى ئەمەس.
  باشلامچى شىركەتلەر بولسا يۇقارقىدەك كونتۇرول ئىقتىدارلېرىنى ئاردىنو ۋە C تىلى ئارقىلىق كود يىزىپ باشقۇرىدىغان يەككە ئۈزەكلەردە ئەمەلگە ئاشۇرغان ھەم تېنىچ ھالەتتىكى ئۆزىگە سەرىپ قىلىدىغان توك مىقتارىنى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىش ئۈچۈن يەككە ئۈزەك ۋە LED ھالەت ۋە توك مىقتار كۆرسەتكۈچ چىراقلېرىغا تەمىنلەيدىغان 5ۋولىت توكنىمۇ ياخشى تەڭشەلگەن DC_DC توك بىسىم تۈۋەنلەتكۈچ توك يوللېرى ئارقىلىق تەمىنلەيدۇ.
  ئۆلچەملىك فۇتۇ توك مەنبەسى
  يۇقىرى بىسىمدىن قۇغدىنىش ۋە ئەسلىگە كىلىش ، ئاكۇمۇلياتور تۈۋەن بىسىمدىن قۇغدىنىش ۋە ئەسلىگە كىلىش ، يۈككە تەمىنلىنىدىغان توكنىڭ يۇقىرى ئىقىملىق ياكى قىسقا يول ھالىتىدىن قۇغدىنىش ۋە ئەسلىگە كىلىش ئىقتىدارلېرى يۇقىرى بۇلۇپ، قايتا-قايتا قىسقا يول بولسىمۇ ئۆزلىكىدىن مەلوم ۋاقىتتىن كىيىنلا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
  ئاردىنو ۋە C تىلى تۇغرىلىق ئىزدىنىپ باقمىدىم، ھەم ئۇ تۇغرىلىق كۆپ بىلمەيمەن. 太阳能用单片机 دەپ يىزىپ ئىزدىسە خېلى ماتىرياللار بار ئىكەن.
ardino كودىمۇ باركەن.
u=2645490429,1411490422&fm=21&gp.jpg

   بۇرۇن تاغلىق بەزى كىشىلەرنىڭ ماشنىنىڭ رىگۇلياتورىنى زەرەتلەش كونتۇروللىغۇچى قىلىپ ئىشلەتكىنىنى كۆرگەن ئىدىم. ھىچقانداق كونتۇروللىغۇچ بولمىغان ئەھۋالدا ئادەم قاراپ تۇرۇپ زەرەتلىگىنى ياخشى، توك يۇلىنى پۇختا بىلىدىغانلار بولسا شۇنى چۈشەنگىلى بۇلىدۇكى ماشنا رىگۇلياتورى ئارقىلىق زەرەتلىگەندە ئاكۇمۇلياتور بىسىمى بىر قىتىم 14 ۋولىتقا چىققاندىن كىيىنلا ئۈزۈلگەندىن كىيىن قايتا زەرەتلەش ھالىتىگە كىرەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاكۇمۇلياتور كۆپ بولسا %50 زەرەتلەنگەن بۇلىدۇ. ناۋادا موس لامپىلىق رىگولياتور بولسا %70كە چىقىشىمۇ مومكىن. شۇڭا يەنىلا ئۆزىنىڭ زەرەتلەش كونتۇروللىغۇچىسىنى ئىشلەتكەن ياخشى.








uyghuray

5

تېما

7

دوست

4438

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17417
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1350
توردىكى ۋاقتى: 221
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-8 11:39:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق كارامەت باردەڭ

0

تېما

0

دوست

217

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54772
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-8 12:01:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   general911 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-8 12:02  

ۋاھ،مەن بەك قىزقىدىغان نەسىلەركىن،مۇمكېن  بولسا تىما ئىگىسى ئۈندىدار ياكى چچ رىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز.سىزدېن تەلىم ئالسام. رەھمەت

0

تېما

2

دوست

3798

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1216
توردىكى ۋاقتى: 241
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-8 13:48:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەك قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن ، بولۇپمۇ قۇياش نۇرىغا ئەگىشىش قۇرۇلىمىسىغا ، بولسا ئۇندىدار ياكى چ چ نومۇر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز !
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1324

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3938
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 396
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-8 14:40:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تىمىلاردا تالاش تارتىش قىززىپ كەتسە،بىلگەنلەر ئۆزىنىڭ يىڭى بايقاشلىرىنى ،تەجىربە لاھىيەلىرىنى ئوتتورغا قويسا ،پىكىر ئالماشتۇرسا،ئۈگەنگۈچىلەر يىڭى بىلم ئىگەللىسە،بىلمىگەننى سورىسا،بەس مونازىرىلەر ،سۇئاللار جاۋابلار  ئىنكاس شەكلىدە100 بەت ھەتتا 150بەتنى توشقۇزىۋەتسە نىمىدىگگن ياخشى ھە!
تىما ئىگىسىگە سالام.

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2044
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6112
توردىكى ۋاقتى: 2515
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-8 15:04:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
general911 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-8 12:01
ۋاھ،مەن بەك قىزقىدىغان نەسىلەركىن،مۇمكېن  بولسا تىما  ...

  مۇنبەر نامىم چ چ ۋە ئۈندىداردا ئوخشاش. 1461243296
18999695431 ئۈندىدار

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2044
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6112
توردىكى ۋاقتى: 2515
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-8 15:09:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-8 15:11  
bozar يوللىغان ۋاقتى  2016-2-8 14:40
مۇشۇنداق تىمىلاردا تالاش تارتىش قىززىپ كەتسە،بىلگەنل ...

بۇ ھەم مىنىڭمۇ ئارزويۇم، تېنچلىق بولسىلا شۇنداق 150 بەت مۇنازىرە قىلىدىغان ھالەت چۇقۇم شەكىللىنىدۇ. ھازىر ئالىبابا دا بۇ خىل نەرسە 太阳能跟踪器 بەك قىممەت بولسىمۇ باركەن. باتارىيەدىن ئۈسكىنە قىممەت بۇپ كەتكەن شارائىتتا مەن ئەلۋەتتە قۇياش باتارىيسىنىلا كۆپ سىتىۋىلىپ ئىشنى ھەل قىلىمەن، كىيىنچە ئەرزانلىسا ئاندىن ئۈسكىنىنى سىتىۋىلىپ قۇياش باتارىيسىنى ئورناتسا يەنە بۇلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

217

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54772
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-8 15:23:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2016-2-8 15:04
مۇنبەر نامىم چ چ ۋە ئۈندىداردا ئوخشاش. 1461243296
18999695431 ئ ...

بولىدۇ،رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )