بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-8 19:14
ئالتۇنلۇقتىكى ئاۋاز
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
ئاڭلىنىدۇ بىر ئاۋاز بۇندا، يۈرۈكۈڭ بىلەن تىڭشىساڭ جىمجىت. قەبرىلەردىن تۆكۈلىدۇ مۇڭ، سەن يېنىدىن ئۆتكەندە مېڭىپ.
ئەسلىرىڭگە كېلەر توساتتىن، قاچ-قاچلاردا تاشلانغان مەسچىت. ئۇرۇش ئوتى يامرىغان قومۇل، جەڭگە مىڭلاپ ئاتلانغان يىگىت.
سۈكۈتلەرگە ئورانغان ئالتۇن، ياش كۆرۈنەر كەتسىمۇ قېرىپ. سەن بىلمىگەن ئۇ بىلگەن تارىخ، ھېسلىرىڭغا چۈشىدۇ تېمىپ.
ھەر چاقچۇقنىڭ بىرى رىۋايەت، تۈگەتمىدۇق بىرىنى ئېيتىپ. شۇ مۇھەممەت بىشىر چىڭۋاڭ، ئاھ، ئېلى ئۈچۈن ئۆلگەن چېپىلىپ.
بارمۇ جاھان، يەتتە ئىقلىمدا، ياۋغا دېگەن چاپ مېنى كېلىپ. ئال شەھرىمنى، خەلقىمنى قىرما، دەپ ياۋلارغا تۇتۇلغان چىقىپ.
ئۆكسۈپ قالار قۇرىغان تېرەك، گۇگۇم كىرسە جېنىغا پېتىپ. ساناپ ياتار كۆك چىنەگۈمبەز، كېچە ئاقسا يۇلتۇزلار سىرغىپ.
بۈگۈن كەلدىم ياغقان قار ئارا، ئەسلىمەمگە ئاستا ئىز سېلىپ. ئاق باغلىغان كەبى ئالتۇنلۇق، ئاق چېچەكلەر توزار سىپىلىپ.
ئاقار گويا ئورخۇن تىپتىنىچ، قارچۇقۇمدا غېرىبان يارغول. تەنلىرىمنى تىلىدۇ قېلىچ، قار لەپىلدەپ ئوينىسا ئۇسسۇل.
قەدىم ھاسار ئۇۋۇلنار ئاستا، قېرى دەرەخ تۈۋىدە شامال. توڭغان پاختەك ئوقۇيدۇ دۇئا، مەن بۇ يەردە ئۇنتۇلغان خىيال.
2016-يىلى2-ئاينىڭ4-كۈنى قومۇل
قومۇل ئالتۇنلۇق مۇجىبۇل راخمان ئەركىم فوتوسى
قومۇل ئالتۇنلۇق كۆك چىنەگۈمبەز مۇھەممەت بىشىرچىنۋاڭ مەقبەرىسى
تەيجىلەر(ۋەزىرلەر مەقبەرىسى)
تەيجىلەر(ۋەزىرلەر مەقبەرىسى) ئىگىزرەكى 9-ئەۋلاد شاھمەخسوت ۋاڭنىڭ مەقبەرىسى
---
كۆك چىنەگۈمبەز
|