- تىزىملاتقان
- 2012-5-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11868
- نادىر
- 0
- يازما
- 521
ئۆسۈش
4.67%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-13 17:46
بۇ مەسىلىدە تالىشىشنىڭ ئورنى يوق! چۈنكى تىرورچى دىگەن ئۇقۇمنىڭ مەنىسى ئېنىق ئەمەس.
بۇ يەردە تىرورچى دىگەن ئۇقۇمنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە خىل مەنىسى بار:
1. سىز-بىزنىڭ نەزەرىمىزدىكى تىرورچى.
2. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دەۋلەتلەر نەزەرىدىكى تىرورچى.
3. سۈرىيە-ئورۇس باشچىلىقىدىكى دەۋلەتلەر نەزەرىدىكى تىرورچى.
4. تۇركىيە-سەئۇدى نەزەرىدىكى تىرورچى.
5. يامان غەرەزلىكلەر نەزەرىدىكى تىرورچى
6. ھەقىيقى مەنىدىكى تىرورچى.
7........
تىرورچى دىگەن بۇ سۆز ھازىر يۇقارقىدەك نەچچە خىل مەنەدە ئىستىمال قىلىنىۋاتقان بولغاچقا بومباردىمانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بومبىلاش ئوبىكىتلىرى ئۆز-ئارا پەرىقلىنىدۇ. دائىش كۈچلىرى بولسا بىخارامان ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ يۈرىۋېرىدۇ.
ئۇنداقتا بىزنىڭ نەزەرىمىزدىكى تىرورچى زادى قانداق؟ بىز تىرورچىغا بېرىلگەن ئېنىقلىما بويىچە چۈشۈنىمىز. ھەقىيقەتەن بىگۇنا ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار، ئۇلارنى ناھەق ئۆلتۈرگىچىلەرنى تىرورچى دەپ چۈشۈنىمىز. ئەمما بىزگە يېتىپ كەلگەن خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ چەكلىمىلىكى، ئادىللىقتىن، مۆتىدىللىكتىن يىراق بولۇشى، بەزىبىر يامان غەرەزلەرنىڭ سىڭدۈرۈلىشى نەتىجىسىدە ھەقىقىي، مۆتىدىل خەۋەرگە ئېرىشەلمەي باشقىلارنىڭ نەزەرىدىكى تىرورچىنى ھەقىيقى تىرورچى دەپ ئويلايمىز. ياكى ئامىرىكا نەزەرىدىكى تىرورچىنى ھەقىيقى تىرورچى دەپ ئويلايمىز ياكى ئورۇس نەزەرىدىكىسىنى. بىزگە يېتىپ كەلگەن خەۋەر مەنبەسى ئورۇس مەنپەتگە يېقىن بولغاچقا، بىزنىڭ ئورۇس نەزەرىدىكى تىرورچىنى ھەقىيقى تىرورچى دەپ ئويلىشىمىزنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق بولىۋاتىدۇ.
مەسىلەن دائىشنى مىسال ئالىدىغان بولساق:- ھازىر پۈتۈن دۇنيا دائىشنى تىرورچى دەپ تونىۋاتىدۇ. ئەمما دائىشقا قاتناشقۇچىلىرنىڭ تىرورلۇققا قاتنىشىش سەۋەبى نىمە؟ ئۇلارنىڭ قانداق دەردى، قانداق ھالى، قانداق ئارزۇسى بار بۇلارنى ھىچكىم ئويلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەقىيقى گۇناھكارلىرى يەنى ئۆلۈمگە تىگىشلىك بولغانلىرى كىملەر، گۇناھسىزلىرى كىملەر بۇنىڭ بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوق، خۇددى تامنىڭ كەينىگە چالما تاشلىقاندەك قىرغىنچىلىق كۈچى يۇقۇرى بومبىلارنى تاشلاۋاتىدۇ. تەتىجىدە گۇناھسىز كىشىلەر، نارىسىدە بالىلار، ئاياللار بۇ بومباردىماننىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. نۇر تورىنىڭ بايامقى خەۋىرىگە قارىغاندا سۈرىيە كىرزىسىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار 470000 دىن ئېشىپ كەتكەن. ئون نەچچە يىللىق ئىراق ئۇرۇشىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى بولسا، بۇنىڭدىن ئارتۇق بولسا ئاتۇقكى يۇقارقى ساندىن ھەرگىزمۇ كەم ئەمەس. شۇنداق قىلىپ، ئاۋغانىستان، ئىراق، سۈرىيە ئۇرۇشلىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئادەم مىليۇندىن ئاشىدۇ. مۇساپىرلىق يولىنى تاللىغانلار خاس سۈرىيەدىلام نەچچە مىليۇندىن ئاشىدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىمىزكى، ئەشۇ جېنىدىن ئايرىلغانلا، يۇرتنى تاشلاپ، مۇساپىرچىلىق كوچىسىغا كىرىپ كەتكەنلەر دائىش كۈچلىرىنىڭ، قانخور ئەسەتكە قارشى چىققانلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئىدى.
ئەمدى ئاۋۇ پايپىقىنى يۇيمايدىغان بالىنىڭ مەنتىقىسىگە كەلسەك؛ بۇنىڭ سۆزلىرى گەرچە توغرىدەك تۇرغان بىلەن، ئۇ قۇرۇق ھاياجاندىن بۆلەك نەرسە ئەمەس. تىرورچى نامەرت دەيدۇ. جاۋاپ بەرسۈنچۇ، تىرورچى ئاتالغانلار ئۆزلىرى قارشى چىقماقچى بولغان كۈچلەر بىلەن يەكمۇ-يەك، سەپراس قوشۇن تارتىپ ئېلىشسا، دۈشمەنلىرىگە تەڭ كېلەلەمدۇ؟ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالامدۇ؟ ئۇرۇش دىگەندە مەرتلىك، نامەرتلىك دەيدىغان گەپ يوق، پەقەت مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش مەسىلىسى بار. ئۇرۇشتا كىم مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالىسا شۇ نوچى بولىدۇ. تىرورچى ئاتالغانلارمۇ دەل مۇشۇ مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش يۈزىسىدىن ئاشكارىلىقتىن، يۇشۇرۇنلۇققا ئۆتۈپ، دىققەت قىلمىغان، ئاجىز سانالغان قىسقىسى ئۆزلىرىنىڭ كۈچى يەتكەن ئەجەللىق نەۇقتىلارنى تېپىپ زەربە بېرىش ئوبىكتى قىلىدۇ. خوش مۇنداق دىسەم بەزىلەر تىرورچىلار ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى دەپ باشقا بىگۇنا ئاممىنى ئۆلۈمگە مەھكۇن قىلسا بولامدۇ دەپ سورىشى ئېنىق. مېنىڭچە بۇ مەسىلە بەلكىم يىرورچى ئاتالغانلارنىڭ ھەل قىلالمايۋاتقان بىر تەرىپى بولسا كېرەك. يەنە بىرسى سەن بۇنداق دىيىش ئارقىلىق تىرورچىلارنى ئاقلىماقچىمۇ دەپ سورىشى مۇمكىن. مېنىڭ بۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى: يوغسۇ، مەن تىرورچىنى ھەرگىز ئاقلىمايمەن ۋە بۇلارنىڭ تۇتقان يولىنى توغرا دەپ قارىمايمەن. مەن قەتئىلىك بىلەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا تىرورچىلارغا قارشى تۇرىمەن. مەن پەقەت ھەقىيقى مەنىدىكى تىرورچىنى تونۇساقكەن دەپ ئويلايمەن. بولۇپمۇ ئورۇسنىڭ تىرورچى ئاتىغانلىرىغا ئىشەنمەيمەن.
قىززىق يېرى:-بەزى دەۋلەتلەر بولسا، مىللەتچىلىك خائىشىغا ئىگە بولغان ناچار تۈزۈملەرنى تۈزىۋېلىپ، ئۆزلىرى ئۆز خەلقىغە يەتكىچە زۇلۇم سېلىپ، ئۆز خەلقىنى زار-زار قاخشىتىپ، بۇنىڭغا قارشى چىققان ئۆز خەلقنى ئۆزى تىرورچى دەپ ئاتايدۇ.
|
|