قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1249|ئىنكاس: 5

ئىسلام نامراتلىق مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلغان؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

0

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 556
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 21:11:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇكتۇر يۈسۈف ئەلقاراداۋىينىڭ“نامراتلىق مەسىلىسى… ۋە ئىسلامنىڭ ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقى“ دىگەن كىتابىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى.
نامراتلىق مەسىلىسىگە قارىتا كىشىلەرنىڭ پۇزىتسىيەلىرى
كىشىلەر ، بۇرۇنقى زامانلاردىن تارتىپ ، نامراتلىق توغرىسىدا تۈۋەندىكىدەك خلمۇ-خىل پىكىرلەردە بولۇپ كەلدى:
(1) نامراتلىقنى مۇقەددەس دەپ بىلىدىغانلارنىڭ پۇزىتسيىسى :
بەزى زاھىدلار ۋە راھىبلار ؛ نامراتلىق بولسا ھەرگىزمۇ، كىشى ئۆزىنى تارتىدىغان يامان نەرسە ئەمەس ، بەلكى ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن نىمەت، ئاللاھ ئۇنى، بەندىلىرىنىڭ قەلبىنى ئاخىرەتكە چىڭ باغلاش ، بۇ پانى دۇنيادىن تەرك ئەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىگە ئىنئام قىلىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىدۇ .
بوددا ۋە ساماۋىي دىنلاردا بۇپىكىرگە چاقىرىدىغانلار ۋە نامراتلىقنى قەدىرلەپ ئۇنى مۇقەددەس دەپ بىلىدىغانلار تىپىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە نامراتلىق بەدەننى ئازاپلاشنىڭ ۋەسىلىسى ، بەدەننى ئازاپلاش بولسا ئىنسان روھىنى پاكلاشتىن ئىبارەت . مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ، ھىندىستاننىڭ سۇپىزىمچىلىقى ، خرىستىئان دىنىنىڭ راھىپلىقىغا ئوخشاش ئىسلامغا يات بولغان مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىدە نامراتلىقنى مۇقەددەس بىلىدىغانلارمۇ مەيدانغا كەلگەن .
(2) بەزىبىر كىشىلەر نامراتلىقنى يامانلىق ۋە سىناقتىن ئىبارەت، دەپ قاراپ كەلگەن . ئۇلار نامراتلىق بولسا پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن تەقدىردۇر ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئورۇنۇشنىڭ ھىجبىر ئەھمىيىتى يوق ، شوڭلاشقا نامراتلار بۇ قازاغا رازى بولۇپ سەبىر قىلىپ ياشىشى كىرەك دەپ قارايدۇ .
(3) يەنە بەزىبىر كىشىلەر ئىككىنچى تۈردىكىلەرگە ئوخشاشلا نامراتلىق دىگەن يامانلىق ۋە سىناقتىن ئىبارەت دەپ ئىشىنىدۇ. بىراق ، بۇلار نامراتلىقنى بىر مۈشكىلە دەپ ساناپ، ئۇنىڭغا چىقىش يول ئىزدەش كىرەك، دەپ ئىشىنىشىدۇ .
بىراق ، ئۇلار، نامراتلىقتىن خالاس بولۇشنىڭ چارىسىنىڭ سەبىر ۋە رازىلىقتىن باشقا، بايلارنى خەير-ئىھسان قىلىشقا ئۈندەش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ .
نامراتلىق مەسىلىسىگە قارىتا ئىسلام نەزەرىيەسى
ئىسلام نامراتلىقنى مۇقەددەس دەپ بىلىشنى قاتتىق ئىنكار قىلىدۇ. ئىسلام ھىندىستاننىڭ سۇپىزىمچىلىقى ، خرىستئانلارنىڭ راھىپلىقىدىن كەلگەن پىكىرلەرنى قۇبۇل قىلغان پەزىبىر مۇسۇلمانلارنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ . قۇرئان كەرىمدە بىرەر ئايەت ياكى پەيغەمبىرىمىزدىن ئىشەنچلىك ھالدا رىۋايەت قىلىنىپ كەلگەن بىرەر ھەدىس، نامراتلىقنى مەدھىيلىگەن ئەمەس .
دۇنيادا زاھىد بولۇشنى مەدھىيىلەپ كەلگەن ھەدىسلەر نامراتلىقنى مەدھىيىلىگەنلىك بولمايدۇ . زاھىدلىق ئۆزى ئىگە بولغان نەرسىدىن زاھىد بولالىغانلىقنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ . ھەقىقى زاھىد – قانچىلىك كۆپ بايلىققا ئىگە بولغان بولسىمۇ، دۇنياغا قەلبىنى قۇل قىلىپ قويماي، قولىدا تۇتقان كىشىدۇر .
ئىسلام ھەم خەير -ئىھسان قىلىشقا چاقىرسىمۇ، نامراتلىقنى يوق قىلىشنى ئىھسانغىلا باغلاپ قۇيوشنى رەت قىلىدۇ . نامراتلارنى بايلارنىڭ رەھمەت قۇلى ئاستىغا تاشلاپ قۇيۇش، نامرات-مىسكىنلەرنى زايا قىلغانلىق، دەپ تەكىتلەيدۇ.
ئىسلام مال-مۈلۈكنى ئاللاھتىن كەلگەن نىمەت دەپ بىلىپ ، مال مۈلۈككە ئىرىشكەن كىشى ئاللاھقا ھەمدە-سانا ئىيتىشىنىڭ لازىملىقىنى ، نامراتلىق بولسا بالايى-ئاپەت بولۇپ ، ئاللاھتىن پاناھ تىلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ .
ئاللاھنىڭ ، پەيغەمبىرىگە مال-مۈلۈك بىلەن نىمەت ئاتا قىلغانلىقىنى قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىشى بۇنىڭغا ئەڭ گۈزەل دەلىل بۇلالايدۇ :“سىنى يوقسىز بىلىپ ( مال-مۈلۈكلۈك قىلىپ ) باشقىلاردىن بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟ ”(ئەززۇھا سۈرىسى 8-ئايەت).
پەيغەمبرىمىزدىن كەلگەن ھەدىسلەر ، نامراتلىقنى ؛ ئۇنىڭ كىشىلەر ، جەمئىيەت ، ئەقىدە-ئىمان ، ئەدەپ-ئەخلاق ، پىكىر ۋە مەدەنىيەت، ئائىلە ۋە بارلىق مىللەتكە يامان تەسىر كەلتۈرىدىغان ئەڭ خەتەرلىك بالايى- ئاپەت، دەپ قارايدۇ .
نامراتلىق ئەقىدىگە خەتەر :
شەكسىزكى ، نامراتلىق دىينى ئەقىدىگە ئەڭ خەتەرلىك بولغان ئاپەت ، بولۇپمۇ ھەددىدىن ئىشىپ كەتكەن بايلىقنىڭ يىنىدا ئەڭ قاتتىق يوقسۇزلۇق بىرگە بولغاندا .
بۇ ئەھۋالدا ، نامراتلىق ئاللاھ نىڭ كائىناتنى ئىدارە قىلىشىغا شەك قىلىش ، ئاللاھ نىڭ كىشىلەرنىڭ رىزقىنى تەقسىملەشتىكى ئادالىتىدىن گۇمانلىنىشقا ئىلىپ بىرىشقا ئىتتىرگۈچ كۈچ بولۇپ قالىدۇ .
شۇڭلاشقا بۇرۇنقى ئۆلىمالار:“ئەگەر نامراتلىق بىرەر شەھەرگە ماڭماقچى بولسا، كۇپۇرلۈق: مىنى بىللە ئالغاچ بارغىن دەيدۇ “ دىگەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن ، پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالامدىن : “ نامراتلىق كاپىر بولۇپ قىلىشقا تاس قالدى ”دەپ رىۋايەت قىلىنغانلىقىمۇ ئەجەبلىنەرلىك بولمىسا كىرەك. (مىشكات شەرىفتىن).
نامراتلىق ئەدەپ- ئەخلاققا خەتەر :
نامرات كىشىنى ، كۈپىنچە ئەھۋالدا بەخىتسىزلىكى ۋە ھاجەتمەنلىكى ، ئەدەپ-ئەخلاق راۋا كۆرمەيدىغان يولغا مىڭىشقا ئىتتىرىپ بارىدۇ . شۇڭا كىشىلەر : ”ئاشقازان ئاۋازى ، ۋىجدان ئاۋازىدىن كۈچلۈكرەك“ دەپ بىكارغا ئىيىتمىغان .
بۇ توغرىدا ، پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ : “ كىشى ئەگەر قەرزدار بولۇپ قالسا ، سۆزلىگەندە يالغان ئىيتىدۇ ، ۋەدە قىلسا خىلاپلىق قىلىدۇ “ .
نامراتلىق ئىنسان پىكرىگە خەتەر:
ھاياتنىڭ زۈرۈرىيەتلىرىنى تاپالمىغان كىشى قانداقمۇ توغرا پىكىر قىلالىسۇن . ئىمام ئەبۇ ھەنىفە : “ ئۆيىدە ئۇن بولمىغان كىشىدىن مەسلىھەت سورىما “ دىگەن. چۈنكى يوقسۇل كىشىنىڭ پىكرى چىچىلاڭغۇ بولۇپ ، قىلغان تەپەككۇرى توغرا چىقماي قالىدۇ .
ئىسلامنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى
ئىسلام نامراتلىقنىڭ ئەقىدە ، ئەدەپ-ئەخلاققا بولغان خەتىرىدىن كىشىلەرنى ساقلاش، ئائىلىنى ۋە جەمئىيەتنى قوغداش ئۈچۈن نامراتلىققا ئۇرۇش ئىلان قىلىدۇ ، ئۇنى قاتتىق مۇھاسىرىگە ئالىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ، بىرەر كىشىنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيىتىدە ، ئۆزىنىڭ ئىنسانىيلىقىغا لايىق بولغان بىر ھاياتقا -ئەڭ ئاددى بولغاندىمۇ – تاماق ، ئۆي-قونالغۇ ۋە كىيىم-كىچەككە ئوخشاش ئاساسىي ئىھتىياجىنى قامدايدىغان نەرسىلەرگە ئىرىشىشىنىڭ پەرزلىكىنى تەكىتلەيدۇ .
ئىسلام ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىغا قەدىرلىك ، ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر تۇرمۇشقا ئىرىشىشىنى تـۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ .
* ئىشلەش.
* قولىدا بار ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ كاپالەت قىلىشى.
* زاكات.
* ئىسلام دۆلىتى خەزىنىسىنىڭ كاپالەت قىلىشى.
* ئىختىيارىي خەير-ئىھسان قىلىش.
ئىشلەش
ئىسلام جەمئىيىتىدە ، ھەر بىر كىشى ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ ، بۇ بىپايان زىمىندا ھەرىكەت قىلىپ ، ئاللاھ نىڭ رىزقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا بۇيرۇلۇدۇ . ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى رىزىق ئىزدەشكە ئۈندەپ مۇنداق دەيدۇ : “ ئاللاھ سىلەرگە زىمىننى مىڭىشقا ئاسان قىلىپ بەردى، زىمىننىڭ ھەر تەرەپلىرىگە ( ئىلىم- سىتىم، تىجارەت ئۈچۈن ) سەپەر قىلىڭلار ، ئاللاھ نىڭ (بەرگەن ) رىزقىدىن يەڭلار “ (ئەلمۇلك سۈرىسى 15- ئايەت ) .
ئىشلەش – نامراتلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى قۇرالى ، ئۇ بايلىقنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاۋۋالقى چارىسى. ئۇ ، ئاللاھ ئىنساننى ئورۇن باسار قىلىپ ، گۈللەندۈرۈشكە بۇيرۇغان زىمىننىڭ بەرپا بۇلۇشىنىڭ ئاساسى مەنبەسى . ئاللاھ تائالا سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن مۇنداق دەيدۇ : ”ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھىچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ سىلەرنى زىمىندىن (يەنى تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنى ئۇنى گۈللەندۈرگىچىلەر قىلدى “ (ھۇد سۈرىسى 61- ئايەت ) .
قولىدا بار ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ كاپالەت قىلىشى
ئەسلىدە ، ھەربىر ئىنسان ئۆزىنى ئىشلەش بىلەن كاپالەت قىلىشى لازىم ، بىراق ، ھاياتتا ئىشلەشكە قادىر بولالمايدىغان ئاجىز كىشىلەر ، تۇل ئاياللار ، يىتىم بالىلار ، ياشىنىپ قالغانلار ۋە مىيىپ قاتارلىقلار بار بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئىسلام بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى كاپالەتكە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن بىرىنچى بولۇپ، بىر ئائىلە ئەزالىرى ، بىرسى – بىرسىنى يۈلەشنىڭ لازىملىقىنى يولغا قۇيىدۇ.. ئىسلام ئۇرۇق-تۇغقانلارنى بىرسى – بىرسىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا ، كۈچلۈكلىرى ئاجىزلىرىنى قوغداشقا ، بايلىرى نامراتلىرىنى يۆلەشكە بۇيرۇيدۇ .
ئاللاھ تائالا ئۇرۇغ-تۇققاننىڭ ھەققىنى تەكىتلەپ ، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ ، سىلە-رەھىمنى ئۈزگەنلەرگە ۋە تۇغقانلىرىغا يامانلىق قىلغانلارغا شىددەتلىك ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بىرىدۇ . “ ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش – ئەقرىبالارغا سىلە – رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ “ (نەھل سۈرىسى 90- ئايەت)، “ پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر – بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھ دىن قورقۇڭلار، سىلە – رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر“ (نىسا سۈرىسى 1- ئايەت) . ۋە بۇ توغرىدا پەيغەمبرىمىز مۇنداق دەيدۇ: “ كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ياخشىلىق قىلسۇن ”(سەھىھۇل بۇخارى).
ئاخىرىدا ئاللاھ تائالا ، بىر ئائىلىدىكى بىرسى -بىرسىنى يۆلەشنى ،يۇقسىز تۇغقاننىڭ قولىدا بار تۇغقاننىڭ ئۈستىدىكى ھەققى دەپ بىلدۈرىدۇ : “ خىش- ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە، ئىبنى سەبىللەرگە (سىلە – رەھىم ۋە ياخشىلىقتىن تىگىشلىك) ھەققىنى بەرگىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن مۇنداق قىلىش ياخشىدۇر ”(ئىسرا سۈرىسى 26- ئايەت) .
زاكات
ھەممە يوقسۇللارنىڭ ياردەمگە قادىر ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بولمايدۇ. ئىسلام، تۇغقانلىرى ياردەم قىلىشقا قادىر ئەمەس ، ئىشلەشتىن ئاجىز كىشىلەرگە بايلارنىڭ مىلىدا مۇئەييەن ھەقنى ”زاكاتنى“ پەرز قىلىدۇ ۋە زاكاتنى ئىسلام بەش تۈۋرىكىنىڭ ئۈچىنچىسى قىلىپ بىكىتىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنىڭ زاكاتنى بەرمەي تۇرۇپ ، مۆئمىنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۇرۇن ئالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ : ”مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئىرىشتى ، ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بىسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر ، ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر ، ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر“(مۇئمىنۇن سۈرىسى 1-4 ئايەتلەر).
زاكاتنى بەرمەي تۇرۇپ ، مۇشرىكلاردىن پەرقلىق بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى بۇ سۈزى بىلەن بايان قىلىدۇ : ”مۇشرىكلارغا ۋاي! ئۇلار زاكات بەرمەيدۇ، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ“ (فۇسسىلەت سۈرىسى 6-7- ئايەتلەر) .
يۇقىرقىلاردىن ، ئىسلامنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ ، چۈنكى ئىسلام دىنى نامراتلىق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ، نامراتلارنى ئۆز قوينىغا ئىلىشتا، ئۇلارنىڭ ئىنقىلاب قىلىشىغا ياكى بىرەرسىنىڭ ھەق تەلەپ قىلىشىغا قاراپ تۇرمىغان، بەلكى نامراتلىقنى ئەڭ مۇۋاپىق چارىلار بىلەن تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ئارقىلىق ھەل قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بۇلىدۇ .
ئىسلام دۆلىتى خەزىنىسىنىڭ كاپالەت قىلىشى
زاكات نامراتلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقالماي قالغاندا، ئىسلام دۆلىتى مال-مۈلكىدىن ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىدىغان ئاممىۋى مال-مۈلۈكلەردىن ياردەم قىلىنىدۇ .
ئاللاھ تائالا ئۇرۇشلاردا ئىلىنىدىغان غەنىمەتلەرنىڭ بەشتىن بىرىدە ۋە بارلىق باجلاردا مۇھتاج ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرنىڭ ھەققى بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ”(ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان غەنىمەتنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھ غا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش – ئەقرىبالىرىغا، يىتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبنى سەبىللەرگە خاستۇر“ (ئەنفال سۈرىسى 41- ئايەت) ۋە: “ ئاللاھ پەيغەمبىرىگە غەنىمەت قىلىپ بەرگەن ئەھلى قۇرا (يەنى قۇرەيزە، نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى)نىڭ ماللىرىنى، ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش – ئەقرىبالىرىغا، يىتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبنى سەبىللەرگە خاس قىلدى ”(ئەلھەشر سۈرىسى 7- ئايەت) .
ئىختيارى خەير-ئىھسان قىلىش
يۇقىرىقى پەرز قىلىنغان ھۇقۇقلار ۋە مەجبۇرى قانونلاردىن باشقا ، ئىسلام ، بىر نەرسە تەلەپ قىلىنسا ئاشۇرۇپ بىرىدىغان ، بەلكى بىركىم تەلەپ قىلمىسىمۇ خەير- ئىھسان قىلىدىغان ، كەڭچىلىك ۋە قىسسىقچىلىق واقىتلىرىدىمۇ ، كىچە-كۈندۈز ، مەخپى ۋە ئاشكارا ھالدا خەير-ئىھسان قىلىدىغان، ياخشىلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىنسان روھىنى يىتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن .
شۇڭا قۇرئان ئايەتلىرى ۋە بۈيۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىلىرى ، خەير-ئىھسان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بىخىللىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ كىلىدۇ. بۇ يەردە بۇ توغرىدا بەزى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى زىكىر قىلىپ ئۆتىمىز :
“ كىمكى ئاللاھ غا قەرزي ھەسەنە بىرىدىكەن ( يەنى ئاللاھ نىڭ يولىدا پۇل- مىلىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە (يەنى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە) كۆپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ (سىناش ئۈچۈن، بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، (بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى ) كەڭ قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلسىلەر “ (بەقەرە سۈرىسى 245- ئايەت) ۋە: “ بىرىڭلارغا ئۆلۈم كىلىپ: ”پەرۋەردىگارىم! نىمىشقا مىنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كىچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم“ دىيىشتىن بۇرۇن، ئۆزەڭلارغا رىزىق قىلىپ بىرىلگەن نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىڭلار“ (مۇنافىقون سۈرىسى 10- ئايەت) .
پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ : “ بەندە مىلىم، مىلىملا! دەيدۇ ، ( ھەقىقەتتە ) ئۇ پەقەتلا مىلىدىن ئۈچ نەرسىگە ئىگە بولالايدۇ : يىگىنى تۈگىدى ، ياكى كەيدى كونىدى ، ياكى (خەير-ئىھسان قىلىپ) بەردى (ئۆزىگە ) قەپقالدى . مۇشۇلاردىن باشقىسى ئۇ (بۇدۇنيادىن ) كەتكەندە كىشىلەرگە قالدرۈپ قۇيىدىغىنى“(سەھىھۇ مۇسلىم) . ۋە: “ سەدىقە خاتالىقنى ، سۇ ئوتنى ئۈچۈرگەندەك ئۈچۈرىدۇ “ (تىرمىزىي رىۋايە قىلغان).
ئىسلامنىڭ نامراتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى
پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسلام ، بۈيۈك ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن قانۇننىڭ ھىدايەت ، رەھمەت ۋە نىمەت ئىكەنلىكى ، ئۇ ئاللاھ بۇيرىغاندەك تەتبىق قىلىنسا ، پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ باياشاتلىق ھاياتقا ئىرىشىدىغانلىقى ۋە ھەتتا سەدىقە ئالىدىغان بىرەر كىشىنىڭ قالمايدىغانلىقىدىن خۇش بىشارەت بىرىپ مۇنداق دەيدۇ : “ سەدىقە قىلىڭلار ، سىلەرگە بىر زامان كىلىدۇكى ، كىشى سەدىقە بىرىمەن دەپ ، سەدىقە ئالىدىغان ئادەم تاپالمايدۇ“(سەھىھەين).
ئۇزۇن زامان ئۆتمەي تۇرۇپ ، مۇسۇلمانلار، بۇ مۆجىزىگە ئىگە ھەدىسنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى، سەدىقە ئالىدىغان كىشى تىپىلمىغان، باياشاتقا تولغان ئىسلام جەمىىيىتىنى خەلىفە ”ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىر“ ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ) نىڭ زامانىدا كۆرۈشتى.
ئىمام بەيھەقى ئۆمەر ئىبنى ئۈسەيىدتىن مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ : ”ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىر ئوتتۇز ئاي خەلىپە بولدى. ئۇ ۋاپات بۇلۇشتىن بۇرۇن ، كىشىلەر پۇل-ماللىرىنى ئەكىلىپ بىزگە : نامراتلارغا تارقىتىپ بىرىڭلار، دەيتتى. مالنى تارقاتقىلى كەتكەن كىشى نامرات ئىزدەپ تاپالماي قايتىپ كىلەتتى، چۈنكى ئۆمەر بارلىق كشىلەرنى باي قىلىۋەتكەنىدى“.
يەھيا ئىبنى سەئىد مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ : ”ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مىنى ئافرىقىدىكى زاكاتلارنى يىغىشقا ئەۋەتتى، مەن زاكاتنى يىغدىم. بىز ئۇنى تارقىتىدىغان نامرات كىشى تاپالمىدۇق، بىزدىن ئۇنى ئالىدىغان ھىچكىم ئۇچرىتالمىدۇق، چۈنكى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىر كىشىلەرنى باي قىلىۋەتكەنىدى. مەن يىغىلغان زاكاتلار بىلەن قۇللارنى سىتىۋىلىپ ھۆر قىلىۋەتتىم“ .
ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ زامانىدا ، بارلىق ئىسلام زىمىنى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان باياشاتلىققا چۈمگەنىدى. بۇ ، خەلىپە ئۆمەرنىڭ ئاللاھتىن كەلگەن ئىسلام نىزامىنى ئۈزۈلكىسىل تەتبىق قىلغانلىقىنىڭ تەبىئىي مىۋىسى ئىدى.
( مەنبە: مەرىپەت ژورنىلى 6 -سان)

21

تېما

0

دوست

7799

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 1737
تۆھپە : 1227
توردىكى ۋاقتى: 1372
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 13:02:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،،،،،،،،،،

ئاللاھ بىزنى ماددى ۋە مەنىۋى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرسۇن .. ئامىن ....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

1146

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   14.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3734
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 279
تۆھپە : 162
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 16:38:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە ئەڭ زۆرۈر بولىۋاتقىنى مەنىۋى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش! ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلار تولۇپ-تاشقان مەنىۋى بايلىققا ئىگە ئىدى.

0

تېما

0

دوست

1914

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3627
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 458
تۆھپە : 274
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 19:41:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋام نامراتلىقتىن ئۆلۈم ئەۋزەل .نامراتلىق بالايىئاپەتنىڭ مەنبەسى دەيدىكەنتۇق.

1

تېما

0

دوست

426

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3530
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 114
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2011-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 23:18:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-''قۇللارنى ئۆلتۈرىۋەتسەڭلار تۆلەپ بىرىڭلار'' دىگەن ئايەتتە قۇللارنى ئادەم ئەمەس تاۋار قاتارىدا سانىغان دىيىشكە بولامدۇ؟
2-''ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىش ھارام قىلىندى، چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا'' دىگەن ئايەت بويىچە چۆرىلەرنىڭ ئىرى بولسىمۇ تارتىپ ئېلىۋالسا بولامدۇ؟
3-''... باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى، تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ، ياكى چۆرىلىرىڭلارغا قانائەت قىلساڭلار بولىدۇ'' دىگەن ئايەت بويىچە چۆرىگە نىكاھ كەتمەمدۇ؟ پۇلى بولىسلا قانچىلىك سېتىۋېلىپ پايدىلانسا بولامدۇ؟...
4-'' ئى مۇھەممەد ئاياللىرىڭ، ئاتا ئانىسى، قېرىنداشلىرى، قۇل-چۆرىلىرى بىلەن كۈرۈشسە ھىچ گۇناھ بولمايدۇ'' دىگەن ئايەت بويىچە پەيغەمبەرمۇ قۇل تۇتقانمۇ؟
ئەستايىدىل جاۋاپ لازىم ئىدى.

1

تېما

0

دوست

977

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3496
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 235
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 165
سائەت
ئاخىرقى: 2012-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 15:11:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى nimishqaدە2011-10-17 23:18يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
1-''قۇللارنى ئۆلتۈرىۋەتسەڭلار تۆلەپ بىرىڭلار'' دىگەن ئايەتتە قۇللارنى ئادەم ئەمەس تاۋار قاتارىدا سانىغان دىيىشكە بولامدۇ؟
2-''ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىش ھارام قىلىندى، چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا'' دىگەن ئايەت بويىچە چۆرىلەرنىڭ ئىرى بولسىمۇ تارتىپ ئېلىۋالسا بولامدۇ؟
3-''... باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى، تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ، ياكى چۆرىلىرىڭلارغا قانائەت قىلساڭلار بولىدۇ'' دىگەن ئايەت بويىچە چۆرىگە نىكاھ كەتمەمدۇ؟ پۇلى بولىسلا قانچىلىك سېتىۋېلىپ پايدىلانسا بولامدۇ؟...
4-'' ئى مۇھەممەد ئاياللىرىڭ، ئاتا ئانىسى، قېرىنداشلىرى، قۇل-چۆرىلىرى بىلەن كۈرۈشسە ھىچ گۇناھ بولمايدۇ'' دىگەن ئايەت بويىچە پەيغەمبەرمۇ قۇل تۇتقانمۇ؟
ئەستايىدىل جاۋاپ لازىم ئىدى.

يەنە جۆلىگىلى كىرىپتۇ ما ئاداش.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )