- تىزىملاتقان
- 2015-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3054
- نادىر
- 0
- يازما
- 361
ئۆسۈش
35.13%
|
ئەمەلىيەتتە تارىخى نۇقتىدىن قارىغاندا، ياكى دۇنيادا ئىتراپ قىلىنىش دەرىجىسىدە بولسۇن، ئاقساق تۆمۈر خۇددى سىتالىنغا ئوخشاشلا سەلبى تەرپىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر گىگانىت پىرسوناج.
بىر تارىخى شەخىسكە باھا بەرگەندە، ئۇنىڭ ئاكتىپ ۋە پاسسىپ تەرەپلىرىنى تەڭ مۇلاھىزە قىلىش كىرەك.
ئاقساق تۆمۈر خۇددى چىنگىزخان بىلەن سىتالىنغا ئوخشاشلا دۇنيانىڭ يىرىمىنى تىترەتكەن، ۋە قىرغىنچىلىقلار بىلەن شۇغىللانغان. خۇددى چىنگىزخان بىلەن سىتالىنغا ئوخشاشلا يىراق شەرىققە ۋە غەرىپكە تەشۋىش ئىلىپ كەلگەن، مانا بۇلار نىمە ئۈچۈن كۆپىنچە يازارمەنلەرنىڭ ئۇلارنىڭ پاسسىپ تەرپىنى سۈپەتلەشكە بەك كۈچەپ كىتىشىنىڭ سەۋەبى بولسا كىرەك.
لىكىن ئۇشبۇ «رەزىل» كىشىلەر باشقا «ئالىجاناپ» كىشىلەر ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ھۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكىنىمۇ دۇنيا خەلقى ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە ئەسكە ئالىدۇ.
مەسلەن، سىتالىن گىتلىرنى مەغلۇپ قىلغان. چىنگىزخان تۈرىكلەر تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچىرىغان يىپەك يولىنىڭ قايتا راۋانلىشىشىغا ئاساس سالغان. تۇغلۇق تۆمۈرمۇ شۇنداق قىلغان. چىنگىزخان بىلەن تۇغلۇق تۆمۈر دەۋرىدە، شەرىق بىلەن غەرىپنىڭ مەدەنيەت ۋە پەن-تىخنىكا ئالماشتۇرۇشى مىسلسىز دەرىجىدە راۋانلاشقان.
تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا قوشقان يەنە ئىككى تارىخى ۋەزىپىسى بولسا، 1. ئوتتۇرا ئاسىيادىن ۋاتىكاننىڭ تەسىرىنى پاك-پاكىز تازلاپ چىقىرىۋەتكەن.
2. ئوتتۇرا ئاسىيانى پۈتۈن شەرىقنىڭ پەن-مەدەنيەت ۋە ئىقتىساد مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىققان.
ئاقساق تۆمۈرنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بارلاس جەمەتىدىنمۇ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە نۇرغۇنلىغان سىياسىيون، ئالىم ۋە ئەدىبلەر يىتىشىپ چىققان. مەسلەن، بابۇرلار، موغۇل ئىمپىريىسى، ئۇلۇغبىك، ئەلشىر نەۋائى قاتارلىق نۇرغۇن شەخىسلەر. بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا ھازىرقى دەۋىردە ئاساسەن ئۆزبىكلەر ۋە پاكىستانلىقلارغا سىڭىپ كەتكەن.
لىكىن ئاقساق تۆمۈر ۋاتىكانغا ۋە ئوتتۇرا شەرىق ۋە ياۋروپادا بۇلاڭچىلىق ۋە مەدەنيەت بۇزغۇنچلىقى قىلىپ ئەسكىلىكتە چەككە يەتكەن، شەرىق-غەرىپنىڭ سودا-مەدەنيەت يولىغا قاراقچىلارچە قىلچىنى تەڭلەپ، يىپەك يولىنى ئۈزۈپ قويغان سەلجۇقلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنلىكى تۈپەيلى، ئۇنىڭغا قارشى قىساسچىلار، بولۇپمۇ ۋاتىكان ۋە ئۇنىڭ غالچىلىرىنىڭ قەلبىدە ئاقساق تۆمۈردىن بەك قورقۇپ كەتكەن خاتىرە ھىلھەم ئۆچمىگەن بولغاچ، تارىخ يىزىشتا ئىزچىل ئۇنىڭ قانخورلۇقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە زىيادە كۈچەپ كەلگەن.
تۇغلۇق تۆمۈرگە كەلسەك، ئۇنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئۆزىلا گۇمانلىق بولۇپ (ھارامدىن بولغان دەپ قارىلىدۇ)، سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى يازغان مۇناسىۋەتلىك روماندىمۇ بۇ تەرپى كۆرسىتىپ بىرىلگەن. تارىخى رولىدىن قارىغاندىمۇ پەقەت بىر قاقباش، ھىيلىگەر سىياسىئون زومىگەر ھۆكۈمران قاتارىدا قاراشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ئاقساق تۆمۈرنىڭ ئەۋلادلىرىدەك چوڭ ئىش تەۋرىتەلمىگەن.
ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىلىپ كەلگىنى بولسا تۈگىمەس ئىچكى ئۇرۇشلار ۋە ۋەيرانىچىلىقلاردىن ئىبارەت. «تارىخى رەشىدى»نىڭ دۆلىتىمىزدە نەشىر قىلىنغان نۇسخىسىدىن قارىغاندىمۇ، ئۇنىڭ ئەڭ ياراملىق ئەۋلادى بولغان سەئىدخانمۇ ئۇچىغا چىققان ھاراقكەش بولۇپ، ئۇ قەشقەر دىيارىغا كىرگەندە خەلىقنى چاپ-چاپ قىلىپ يۈركىنى مۇجۈپ بويسۇندۇرغان. ئەينى دەۋىردە پۈتۈن قەشقەر دىيارىغا ھاراقكەشلىك ئادىتىنى يامرىتىۋەتكەن (مىنى تىللاشقا ئالدىرىماي، بىڭسىڭىز بولسا ئاۋال شۇ كىتابتىكى خاتىرلەرنى يالغانغا چىقىرىپ ئاغدۇرۋىتىڭ). سەئىدخاننىڭ ياراملىقراق ئەۋلادى ئابدۈرەشىتخان بولسا سوپىلارنىڭ ئەجدادىنى سەئىديەگە باشلاپ كىرىپ بىر قولىدا مۇقام يەنە بىر قولىدا سوپىلارنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىخوتلۇشىشىغا ئاساس سالغان.
بۇ يەردە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بىر نۇقتا، موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە، ئاددى ئاۋام ئۇيغۇرلار بىلەن ئاق سۆڭەك «ئۇيغۇر»لار پەرىقلىق ئىدى. ۋە نەسەبى ئارقىلىق پەرىقلەندۈرەتتى. بىرىنچى قول ھوقۇق تۇتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى دوغلات جەمەتى، يەنى چىنگىزخاننىڭ ئۇرقىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ دوغلات ئۇرقىدىن ئىبارەت نەسەبى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرلگەن، ۋە ئەل نامىمۇ موغۇلىستان (موڭغۇلىستان) دەپ ئاتالغان. كىيىنچە، ئابدىرىشتخان دەۋرىگە كەلگەندە بولسا، دىنى ھوقۇقمۇ پۈتۈنلەي ئەرەپ-پارىس ئەۋلادلىرى بولغان خوجىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بىرىلىش ئارقىلىق، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىميەتكە ئىلىپ كىلىدىغان خەۋپى ئازايتىلغان.
ئەلۋەتتە، خۇددى قۇربانبىك ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ گىنتىك ئەجدادلىرى ھەققىدە يازغان مۇنازىردە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، بۇ بىرقىسىم ئاق سۆڭەك موڭغۇللار ۋە خوجىلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بوۋىلىرى ھىسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ كىيىنكىسى. چۈنكى بەزى گىنتىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە قارغاندا، ھازىرقى ئۇيغۇرلىرىمىز 10-20 پىرسەنت ئۆپچۆرىسىدە دادا ئەجدادى چىنگىزخان ئەۋلادلىرىغا، 20-30 پىرسەنىت ئەتراپىدا خوجىلارغا تۇتىشىدۇ. شۇڭا بىر تەرەپتىن بۇ شەخىسلەر مەيلى ئىجابى ياكى سەلبى ئىشلارنى قىلغان بولسۇن، بىر تەرەپلىمە پىكىر قىلىش ئورۇنسىز. زىيادە ماختاپ كۆپتۈرۋىتىشمۇ ئورۇنسىز. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا ئەجدادلىرى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇلارنى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىمى ئەمەس، دىيىشكە ئامالىمىز يوق.
|
|