ئىسلامنىڭ ئىسلامغا قارشى كۈرىشى
شەھىد بۇركى (پاكىستان)
سۈبھى باغداش تەرجىمىسى
داۋالغۇش ئىزچىل كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار رايونىنى قىينىماقتا. سۇرىيەدىكى دەھشەتلىك ئۇرۇش 250 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئېلىپ كەتتى، 21 مىليون خەلقنىڭ يېرىمىغا يېقىن ئادەمنى سەرسان-سەرگەردان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە مىليونلىغان مۇساپىرنىڭ ياۋروپاغا بېرىپ پاناھلىق ئىزدەشكە مەجبۇر قىلدى. يەمەندىكى ھۈسۈيۈن قوراللىق كۈچلىرى ھۆكۈمەتكە قارشىلىق كۆرسەتتى، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ھاۋا ھۇجۇمى ھەرىكىتىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ توقۇنۇشلار بىر قانچە ئامىلنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇنىڭدا ئەڭ كۆرۈنەرلىكى ئىسلامدىكى سۈننىي ۋە شىئە ئىككى چوڭ مەزھەپ ھەمدە ئەسلىيەتچىلەر ۋە ئىسلاھاتچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتۇر.
سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەدنىڭ ئالاۋى ھاكىمىيىتى شىئە مەزھىپى، بولۇپمۇ ئىراننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، چۈنكى ئىراننىڭ رايونلۇق تەسىرى شىئە مەزھىپىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يۈزگۈزمەسلىكىگە باغلىق. بۇمۇ دەل نېمە ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى سۈننىي كۈچلەرنىڭ بارلىق كۈچى بىلەن بەشار ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەكسىچە، يەمەن ھاكىمىيىتىگە سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر باشلامچىلىق قىلىدۇ ھەمدە سەئۇدىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، شۇڭا ئىراننىڭ قوللىشىدىكى شىئە ھۈسۈيىن قەبىلىسىنى بومباردىمان قىلغان. كۈتكەن يەردىن چىقىپ، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددىي مۇناسىۋىتى يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى كەسكىنلەشتى، ئەڭ ئاخىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ناھايىتى تەسىر كۈچكە ئىگە شىئە موللىمىنىڭ كاللىسىنى ئېلىش سەۋەبلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشتەك يۇقىرى پەللىگە چىقتى.
يۇقىرىقى توقۇنۇش ۋە ئافغانىستان، ئىراق قاتارلىق باشقا رايونلۇق دۆلەتلەردىكى داۋالغۇش پەيدا قىلغان مالىمانچىلىق بەزى ھەقىقىي رەزىل كۈچلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنداق كۈچلەردىن بىرىنچى بولۇپ «ئىسلام دۆلىتى»نى كۆرسىتىش كېرەك. «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ شۇنچىلىك چوڭ بولۇپ، ھەتتا ئامېرىكا گېنرالى پرېزىدېنت ئوبامادىن تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشقا قىسىم كۆپەيتىپ ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى كېچىكتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بېشارەتلىرى بار، تالىبان بارغانسېرى دەھشەتلىك بولۇۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى ئۇرۇشتا چوڭ زېمىنلارنى ئىشغال قىلىۋالدى ھەمدە ئىسلام دۆلىتى بولۇش پۇرسىتى ياراتتى. «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىمۇ پاكىستانغا سىڭىپ كىردى.
بۈگۈنكى ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشىنى پەسەيتىشنىڭ شۇنچىلىك تەس بولۇشىنىڭ ئارقىسىدا زور مىقداردا دىنىي ئامىللار بار. سۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ پارچىلىنىشىنى 632-يىلدىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئەينى چاغدا مۇھەممەد پەيغەمبەر تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ۋارىسنى قانداق تاللىشى ھەققىدە ئېنىق كۆرسەتمىگەن. پەيغەمبەرنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنى ۋارىس بولۇشى كېرەك دەپ قارىغانلار كېيىن شىئە مەزھپىگە ئۆزگەردى، ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ نەۋرە ئىنىسى قوشۇمچە كۈيئوغلى ئەلى بىن ئابى تالىبنى قوللىدى. جەمئىيەتتىكى مۆتىۋەر زاتلارنى تاللاشنى قوللىغۇچى كۈچلەر كېيىن سۈننىي مەزھىپى بولدى، ئۇلار مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى ئەبۇ بەكىرنىڭ ۋارىس بولۇشىنى تاللىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، سۈننىي مەزھىپى پۈتۈن دۇنيادىكى 1 مىليارد 600 مىليون مۇسۇلماننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار كەڭ تارقالغان، ماراكەشتىن ھىندونېزىيەگىچە بولغان كەڭ زېمىنغا جايلاشقان. نەچچە ئون يىل ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغاندىن كېيىن، سۈننىي مەزھىپى كوللېكتىپى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى كۈچى ئىنتايىن زورايدى.
شىئە مەزھىپىىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 225 مىليون ھەمدە جۇغراپىيەلىك تارقىلىش جەھەتتە تېخىمۇ مەركەزلەشكەن. 83 مىليون نوپۇسى بار ئىران دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شىئەلەر دۆلىتى، ئاندىن قالسا پاكىستاندا 30 مىليون شىئە بار، ھىندىستاندا 25 مىليون شىئە بار. ئىران ھەمدە قوشنىسى ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، ئىراق، پاكىستان ۋە تۈركىيەدىكى «شىئە ھىلال ئاي بەلبېغى» شىئەلەر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %70نى ئىگىلەيدۇ.
بىر قاتار تارىخىي ۋەقەلەر، نەچچە قېتىملىق بويسۇندۇرۇش ۋە (ھەمىشە مەجبۇرلانغان) ئېتىقاد ئۆزگەرتىش ھازىرقى جۇغراپىيەلىك تارقىلىشىنى پەيدا قىلغان. گەرچە 637-651-يىللىرى ئىسلام دىنى بويسۇندۇرۇش شەكلىدە ئىرانغا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما مىڭغا يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن 1501-يىلى سافاۋى خانلىقىدىن ئىسمائىل Ⅰ ئىراندىكى سۈننىيلەرنى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى، ئىران ئاندىن رەسىمىي شىئە مەزھىپىدىكى دۆلەتكە ئايلاندى.
شىئە مەزھىپى ئەقىدىسى پارس ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئافغانىستان ۋە ھىندىستانغا قايتا-قايتا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن جەنۇبىي ئاسىياغا تارقالغان. بۈگۈنكى كۈندە، مەزكۇر رايوندىكى شىئەلەر مەركەزلەشكەن شەھەر رايونىدا ئاساسلىقى ئەينى چاغدا ئىشغالىيەتتىكى زېمىندا قالغان ئەسكەرلەر ۋە باشقا دۆلەت مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بار.
سۈننىي ئىسلام دەسلەپتە سوپى مۇرىتلىرى ئارقىلىق جەنۇبىي ئاسىياغا تارقالغان، مۇرىتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ قورساق، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان شەكىلدىكى ئىسلامنى تەشۋىق قىلدى. ئەمما 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى نېفىت باھاسى قاتتىق ئۆسۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بايلىقى شىددەت بىلەن كۆپىيىشى پەيدا قىلغان تەسىر كۈچىنىڭ كېڭىيىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان قاتتىق قول ۋاھابى مەزھىپىنىڭ تارقىتىلىشىنى سىلجىتتى.
جەنۇبىي ئاسىيادا مىليونلىغان مۇسۇلمان ئىشچىلارنى جەلىپ قىلغاندىن سىرت، سەئۇدى ئەرەبىستان يەنە پاكىستان-ئافغانىستان چېگراسىدا مەبلەغ چىقىرىپ ۋاھابى دىنىي مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلدى. ئافغانىستان ۋە پاكىستان تالىبانلىرى، يەنە ھىندىستاننىڭ دىنىي مۇقەددەس جايلىرىغا ھۇجۇم قوزغىغان لەشكەر تائىپىسى تەشكىلاتى ۋە لەشكەر جاھانگىۋى تەشكىلاتى بۇ دىنىي مەكتەپلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى.
بۈگۈنكى داۋالغۇش دىن ۋە سىياسىي دۇنيا قارىشىنىڭ توقۇنۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. مۇتەئەسسىپ سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر، مەسىلەن ئەسلىيەتچىلىككە ئېتىقاد قىلىدىغان ۋاھابىيلار دىن ۋە سىياسىي بىرلەشكەن دىكتاتور ھۆكۈمرانلىقنى تېخىمۇ قوللايدۇ، لېكىن نىسبەتەن مۆتىدىل سوپى سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر ئەركىن ۋە كەڭ قورساق سىياسىي تۈزۈلمىگە تېخىمۇ مايىل. شىئە مەزھىپىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق. ئىران ئىزچىل دىنىي ھاكىمىيەت ھۆكۈمرانلىقىدا چىڭ تۇردى، ئەمما ھازىر ئىسلاھاتقا ماڭماقتا. دىنىي مەزھەپ ئىختىلاپىنىڭ ئەڭ ئاخىرى يارىشىش يارىشالماسلىقى ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئىككى لاگىر ئارىسىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ يېتەرلىك بولۇش بولماسلىقىغا باغلىق بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر قاملاشمىسا توقۇنۇش يەنە داۋاملىشىۋېرىدۇ ھەمدە بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان رايون تەرىپىنىڭ يىمىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ.
تۈر-كارخانا بىرلەشمىسى تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.
سالون ۋە باشقا مۇنبەرلەرگە ئەسكەرتىش: بۇ مېنىڭ باغداش مۇنبىرى ئۈچۈن قىلغان تەرجىمەم، پەقەت ۋە پەقەت باغداشتىلا ئېلان قىلىشنى ۋە باغداشقىلا خاس بولىشىنى خالايمەن.
|