قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 664|ئىنكاس: 7

باكتىريە ۋە باكتىريەگە قارشى دورا ھەققىدە ئىككى ئىغىز پاراڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

5

دوست

930

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51269
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 11:42:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MemetEmin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 11:50  

باكتىريە ۋە باكتىريەگە قارشى دورا (كاڭجۇنسۇ抗菌素) ھەققىدە ئىككى ئىغىز پاراڭ

مەمەت ئىمىن

باكتىريە ئادەتتە ئۇنىڭ پايدا-زىيىنىغا ئاساسەن پايدىلىق باكتىريە (益菌)، زىيانلىق باكتىريە (كىسەل پەيداقىلغۇچى باكتىريە致病菌) ۋە ئادەتتە كىسەل پەيدا قىلمايدىغان، پەقەت مەلۇم شارايىت ئاستىدىلا  كىسەل پەيدا قىلىدىغان پۇرسەت پەرەس باكتىريە (条件性致病菌) دەپ ئۇچ خىلغا ئايرىلىدۇ.

پايدىلىق باكتىريە (益菌) دىگىنىمىز ئادەم بەدىنىدە كىسەل پەيدا  قىلمايدىغان، ئەكسىنچە بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە پايدا يەتكۈزىدىغان باكتىريەلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر خىمىرتۇرۇچ، ئاچچىق سۇ،  قىتىق قاتارلىق مەسۇلاتلارنى ياساشتا شۇ پايدىلىق باكتىريەلەرنىڭ رولىدىن پايدىلىنىدۇ.

نورمال ئادەم بەدىنىدە ئغىز بوشلۇقىدىن تارتىپ تاكى تەرەت يوللىرىغىچە بولغان ھەر قايسى ئورگانلاردا نۇرغۇن پايدىلىق باكتىريەلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچىكى تەڭپۇڭلىغىنى ساقلىشىغا، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر خىل يىمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بىرىدۇ.

زىيانلىق باكتىريە (致病菌) ياكى كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريە دىگىنىمىز نورمال ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىدە مەۋجۇت بولمايدىغان، ئادەم بەدىنىگە كىرگەن ھامان، ئادەم بەدىنىنى زىيانغا ئۇچۇرتۇپ، بەدەندە كىسەل پەيدا قىلىدىغان باكتىريەلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئادەتتە باكتىريە دىگەندە كىشىلەر كۆپۈنچە ئەھۋالدا مۇشۇ خىلدىكى باكتىريەلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ.

مەلۇم شەرىت ئاستىدا كىسەل پەيدا قىلىدىغان پۇرسەت پەرەس باكتىريە (条件性致病菌) دىگىنىمىز نورمال ئەھۋالدا ياكى ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسمىدا كىسەل پەيدا قىلمايدىغان، شاراھىت ئۆزگەرگەندە كىسەل پەيدا قىلىدىغان باكتىريەلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. مەسىلەن ھەزىم قىلىش يولىدىكى بەزى باكتىريەلەر ھەزىم قىلىش يولىدا (ئۈچەيدە) كىسەل پەيدا قىلماسلىقى مۇمكىن، بىراق بۇ باكتىريەلەر سۈدۈك يولىغا كىرسە، ئۇ يەردە كىسەل پەيدا قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا كىشىلەر باكتىريەگە قارشى دورىلارنى (كاڭجۇنسۇ抗菌素) نى قالايمىقان ئىشلەتكەندە، بۇ باكتىريەگە قارشى دورىلار ئادەم بەدىنىدىكى كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىرلەرنى ئۆلتۇرگەندىن سىرىت، بەدەندىكى بەزى نورمال يەنى پايدىلىق باكتىريەلەرنىمۇ ئۆلتۈرۋىتىشى مۈمكىن، شۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى نورمال باكتىريەلەر ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، ئەسلىدە كىسەل پەيدا قىلمايدىغان بەزى باكتىريەلەر ئادەم بەدىنىدە كىسەل پەيدا قىلىشى ۋە ياكى كىسەل پەيدا قىلىدىغان باكتىريەلەرگە ئايلىنىشى مۈمكىن. بۇ خىلدىكى باكتىريەلەرنىمۇ شەرتلىك كىسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىريە دەپ قاراشقا بولىدۇ.

دۇنيادا زادى قانچە خىل باكتىريە بار؟ بۇنىڭغا ئىنىق جاۋاپ بىرىش مۇمكىن ئەمەس، بىراق ھازىر ئىنسانلار تونۇپ يەتكەن ۋە كۈندۈلۈك تۇمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچىرايدىغەن باكتىريەلەرنى شەكلىگە ئاساسەن توۋەندىكى بىر نەچچە تۇرگە ئايرىش مۇمكىن.
تاياقچىسىمان باكتىريە (杆菌)
شارسىمان باكتىريە(球菌)  (ئۈزۈمسىمان باكتىريە 葡萄球菌، زەنجىرسىمان باكتىريە 链球菌)
مۇكاسىمان باكتىريە (梭菌)

ئوخشىمىغان تۇردىكى باكتىريەلەرگە ئىشلىتىلدىغان باكتىريەگە قارشى دورىلار (كاڭجۇنسۇ 抗菌素) نىڭ تۇرلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. مەلۇم باكتىريە بىلەن يۇقۇملۇنۇپ كىسەل بولغاندا ئۇنىڭغا ماس كىلىدىغان باكتىريەگە قارشى دورا ئىشلەتمىگەندە، دورىنىڭ ئۈنىمى بولمايدۇ. قارغۇلارچە باكتىريەگە قارشى دورا ئىشلىتىش ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان باكتىريەگە قارشى دورىنى قالايمەقان ئىشلىتىش ھىساپلىندۇ.

باكتىريەگە قارشى دورىنى قالايمەقان ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى يامان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۈمكىن.
1. بەدەندىكى نورمال باكتىريە تەڭپۇڭلىقغا تەسىر كۆرسۈتۈپ، ۋە ياكى بۇ تەڭپۇڭلۇقنى قالايمىغان قىلىپ، مەلۇم شەرىت ئاستىدا كىسەل پەيدا قىلىدىغان پۇرسەت پەرەس باكتىريەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن.
2. باكتىريەلەرنىڭ باكتىريەگە قارشى دورا (كاڭجۇنسۇ 抗菌素) غا قارشى تۇرۇش كۈچىنى يىتىلدۈرىۋىلىشىگە سەۋەپ بولىشى مۈمكىن. يەنى  باكتىريەگە قارشى دورا (كاڭجۇنسۇ抗菌素) تەسىر قىلمايدىغان باكتىريەلەر (耐药菌) كۆپىيىشى مۈمكىن. ئەگەر شۇنداق بولغاندا ھازىر داۋالىغىلى بولىدىغان نۇرغۇن ئادەتتىكى كىسەللەرمۇ داۋالىغىلى بولمايدىغان كىسەلگە ئايلىنىپ قىلىشى مۈمكىن.
3. ئىنسانلارنىڭ بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بىنورمال سىمىزلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۈمكىن.
4.  جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، بەدەندە بەزى زىيان زەخمەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۈمكىن.
5. بەزى راك كىسىلىنڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولۇشى مۈمكىن.

شۇڭا باكتىريەگە قارشى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك. باكتىريەدىن كىلىپ چىقمىغان كىسەلگە يەنى بولۇپمۇ زۇكام قاتارلىق ۋىرۇستىن كىلىپ چىققان كىسەللەرگە نىسبەتەن ھەرگۇزمۇ باكتىريەگە قارشى دورىلار (كاڭجۇنسۇ 抗菌素) نى ئىشلەتمەسلىك كىرەك. باكتىريەگە قارشى دورىلار (كاڭجۇنسۇ) نى ئىشلىتىشكە توغۇرا كەلگەندە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر ئككى ھەپتىدىن ئارتۇق ئىشلىتىشتىن ئامال بار ساقلىنىش كىرەك.

ھازىر جۇڭگودا ھەر يىلى ئىشلىتىلىۋاتقان  باكتىريەگە قارشى دورىلار (كاڭجۇنسۇ抗菌素) نىڭ ئومۇمى مىقدارى پۈتۈن دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان بارلىق باكتىريەگە قارشى دورىلار (كاڭجۇنسۇ抗菌素) نىڭ يىرىمىنى ئىگەلەيدىغان بولۇپ، جۇڭگودا ئادەم بىشىغا ئىشلىتىلىۋاتقان باكتىريەگە قارشى دورىلار (كاڭجۇنسۇ抗菌素) نىڭ مىقدارى، ئامىركا ۋە ياكى ئەنگىلىيەدىكى ئادەم بىشىغا ئىشلىتىلىۋاتقان باكتىريەگە قارشى دورىلار (كاڭجۇنسۇ抗菌素) نىڭ مىقدارىدىن 5-6 ھەسسە كۆپ ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلار ئىشلىتىدىغان باكتىريەگە قارشى دورىلار (كاڭجۇنسۇ 抗菌素) بىلەن ھايۋانلار ئىشلىتىدىغان باكتىريەگە قارشى دورىلار (كاڭجۇنسۇ抗菌素) ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئىكەن.

ئەگەر قىززىقسىڭىش تۆۋەندىكى ئۇلانمىلارغا كىرىپ كۆرۈپ بىقىڭ.
http://politics.people.com.cn/n1/2016/0224/c1001-28147480.html
http://finance.sina.com.cn/china/20150706/005922594905.shtml
http://news.cnr.cn/native/news/20151124/t20151124_520581560.shtml
http://health.sohu.com/20150330/n410543374.shtml
http://baobao.sohu.com/20160224/n438350520.shtml

شۇڭا ئوزىمىزنى قانداق قوغداشنى بىلىشىمىز بەكلا زۆرۈر.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1981

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20840
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 610
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 20:00:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  سىزگە، پايدىلىق تىماكەن.

5

تېما

5

دوست

930

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51269
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 12:22:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا زادە قانچە خىل باكتىريە بار دىگەن سۇئالغا ئوخشىمىغان مىكروبىئولوگىيەشۇناسلارنىڭ جاۋابى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بەزىلەر 10000 خىلدىن 100000 خىل ئارىلقىدا باكتىريە بار دىيىشسە، يەنە بەزىلەر 100000 خىلدىن 1000000 خىل ئارىلقىدا باكتىريە بار دىيىشكەن. يەر شارىدىكى ئومۇمى باكتىريە سانىنى بەزىلەر بىرنىڭ كەينىگە 30 نول بار سان بىلەن تەخمىن قىلىشماقتا.

0

تېما

36

دوست

7697

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   53.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -3
تۆھپە : 2460
توردىكى ۋاقتى: 296
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 14:21:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى چقققىنى قىزىق بوپتۇ  بۇ تىمىنىڭ، 97-يىلىمۇ ئىشقىلىپ بىر يىلى ۋەكشى قىززىپ كەتكەن بۇ تىما. قايسى بىر قىتىملىق خەلق قۇرۇلتىيىدا بىر قۇرۇلتاي ئەزاسىمۇ سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرىمۇ ئىشقىلىپ بىرسى دادىلىلىق بىلەن « ئانتىبىئوتىكلار جوڭگۇلۇقلارنىڭ بىر ئەۋلادىنى كاردىن چىقاردى »«抗生素毁了一代دىگەن
uyghuray

0

تېما

36

دوست

7697

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   53.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -3
تۆھپە : 2460
توردىكى ۋاقتى: 296
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 14:25:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇندىن بۇيان بىر مەيدان ئانتىبىئوتىكقا قارشى جەڭ پەيدا بولغان.  يۇقارقى مۈمكىنلەر ئاز بولۇپ قاپتۇ مىنىڭچە، مەنمۇ تولا ئىشلىتىپ بىر قىتىم ئوكۇلخانىدا قىتىپ قالغان. ئۇكۇل ئۇرغان دوختۇر مەندىن بەتتەر بولۇپ كەتكەن. ئۆيۈمگىچە ئەكىلىپ قويغان. مۈمكىن ئەمەس نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن ئازراق يىغىشتۇرغان گەپ. كالىتسىينى ئىقىتىۋتىىدۇ دەپ ئوقىغان بىر ماتىريالدىن. بىر ئەۋلات بەل پۇتى سىرقىراپ ئاغرىيدىغانلار مۇشۇ  كېسەلنى ئاشۇ ئوكۇلدىن تاپقان بولۇشى مۈمكىن.

0

تېما

36

دوست

7697

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   53.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -3
تۆھپە : 2460
توردىكى ۋاقتى: 296
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 14:30:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتىرىنى ، زىيىنىنى تازا ئۆزىنى بوش قويۋىتىپ دىيەلمەيۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ بىزنىڭ جوڭگۇدا بىر ئەۋلات كاڭشىگسۇ سىتىپ باي بولغان قارا نىيەت دوختۇرلار.
مەن چەتئەلنىڭ بىر كىنوسىنى كۆرگەن. ساپلا ئۇچقۇچىلار تەسۋىرلىنىدىغان كىنو. ئۇنىڭدىكى ئىنتايىن كېلىشكەن بىر يىگىت قاۋاقخانىدىن بىر قىزنى تىپىپ توي ىقلىدۇ. ئۇلار شۇنداق بەختلىك ياشايدۇ. كېيىن ئايالىنى  ئۇچقۇچىلارنىڭ بازىسىغىلا ئەپكىلىپ ئۆي تۇتۇدۇ. لرېكىن كەينى كەينىدىن ئۇچقۇچىلارنىڭ قازاغا ئۇچراش ۋەقەسى ئۇ ئايالنى ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ. كېيىن  چىرايلىق قىزى تۇغۇلىدۇ. يولدىشى قىزىغا ھەم ئايالىغا قىيالماي ۋەزىپە ئىجرا قىلغىلى ماڭغان بىر كۈنى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ. ئۇمۇ ۋەقەگە ئۇچرايدۇ.

0

تېما

36

دوست

7697

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   53.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -3
تۆھپە : 2460
توردىكى ۋاقتى: 296
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 14:36:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەقەنىڭ نەتىجىسى ئۇ ئايالنى بەك قايىل قىلالمايدۇ. ئۇ ئكزى بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئىنىقلىماقچى بولىدۇ. كېيىن نەتىجىسى ئايرۇپىلاننىڭ ئۇزۇن مۇددەت رىمۇنت قىلىنماسلىقى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان دەپ نەتىجە  چىقىدۇ..................... مۇشۇ كىنودا دەسلەپتە  تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىلەر « ئېرىڭىز يىقىندىن بۇيان ئانتىئوبوتىك ئىشلەتكەنمۇ » دەپ سورايدۇ . چۈنكى ئايرۇپىلاندىن كاشىلا چىققان ئىھتىماللىقنى  نەزەردىن ساقىت قىلسا پەقەت ئېرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشى مۈمكىنكەن.  لېكىن ئۇ ئەرنىڭ ئائىلە شارائىتىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇدەك ھىچقانداق بانا چىقمايدىكەن. پەقەت مۇشۇ  ئانتىبىوتىكتىن گۇمان قىلىدۇ.
دىمەك ئانتىئوتىكنىڭ ئادەمنى خامۇشلۇق كىسىلىگە ھەتتا ئۆلىۋىلىش پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىىقرىش ئۈنۈمىمۇ بار دىيىشكە بولىدىكەن

2

تېما

22

دوست

6160

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1917
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 15:25:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
masturam يوللىغان ۋاقتى  2016-2-26 14:36
ۋەقەنىڭ نەتىجىسى ئۇ ئايالنى بەك قايىل قىلالمايدۇ. ئۇ ئ ...

ئانتىبىئوتىك  يەنى( 抗菌素)  نى قارغۇلارچە ئىشلەتكەندە سىلەر ئىيىتقاندەك ناچار ھادىسلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنى پەيدا قىلىدۇ ! ئادەتتە شەخسى داۋالاش ئاپپاراتلىرى كىسەلنى تەكشۇرمەي قارغۇلارچە داۋالاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىمارنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكىدىغان ئەھۋاللار ناھايتى ئىغىر ! بىراق چوڭ دوختۇرخانىلاردا بارلىق تەكشۇرتۇشلەرنى تاماملاپ بولۇپ بولۇپمۇ ئۇرۇمچى تەرەپتە 1 ھەپتىدە تەكشۇرتۇشلەر ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئاسىدىغان (抗菌素)  ئانتىبىئوتىكنى ناھايتى ئاز ھەم قىسقا ۋاقىتلا بىرلىدىكەن ! بۇنىڭدا بىلمىگەن ئادەم كۆيۇنمىدى دەپ چۇشۇندىكەن ! بىراق سىلەر ئىيىتقاندەك مىنىڭمۇ تەشەببۇسۇم ھەم قوللىنىدىغىنىم ئانتىبىئوتىكنى مۇقىملاشتۇرۇپ نۇرمال ئىشلىتىش كىرەك قارغۇلارچە ئىشلەتكەندە دورىنىڭ ئۇنىمىنى كۆرەلمەيلا قالماستىن بەلكى زىيانلىق تەسىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ ! ئانتىبىئوتىك( 抗菌素)  توغرا بىرىلسە  دورا ئۇ خاتا بىرىلسە جاننى ئالغۇچى ئەزرائىلدۇر ! شۇڭا كەڭ دوسلارنىڭ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى تەۋىسيە قىلىمەن !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )