پۇرسەت ھەركىمنىڭ تاپىنى ئاستىدا
ئالىم ياسىن ئارمانى
بوۋامنىڭ بىر چاغلاردا ئېيتىپ بەرگەن مۇنۇ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ،ھەمىشە ھەر خىل ئويلارغا چۆكۈپ قالىمەن.
«بۇرۇن بىر ياغاچچى ئورمانلىقتىن يوغان بىر تۈپ دەرەخنى كېسىپ ئەكېلىپ ئۆيىگە لىم ياغاچ قىلىپ سالماقچى بوپتۇ.ئۇ دەرەخنى سۆرەپ ئۆيىگە ئەكېلىپلا ھەرىدەشكە باشلاپتۇ.بىر چاغدا بەك كۆپ ھەرىدىۋېتىپ قىسقا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ،ئىشىككە كېشەك قىلىۋەتمەكچى بوپتۇ،ئاچچىغىدا پالتا بىلەن چېپىشقا باشلاپتۇ،قارىسا ھېلىقى ياغاچ نېپىز چېپىلىپ قېلىپ،كېشەككە ماس كەلمەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭدىن بىر ئەپكەش ياسايچۇ دەپ،رەندىنى ئېلىپ رەندىلەپتۇ،رەندىلەۋىرىپ ئەپكەشمۇ بولماپتۇ،ئاخىرى پىچاققا ساپ قىلىۋەتمەكچى بولۇپ،پىچاقنى ئېلىپ قىرىشقا باشلاپتۇ.قىرىپ ئۇچلىغاندىن كېيىن،ھېلىقى ياغاچ ئىنچىكە بولۇپ قېلىپ،چىش كولىغۇچقا لايىق بولۇپ قاپتۇ.بۇ چاغدا ئۇ ھارغىنلىق بىلەن چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپتۇ ۋە چىش كولىغۇچنى ئاغزىغا سېلىپ شورىغاچ ئورۈندۈقتا ھاسىراپ ئولتۇرۇپتۇ.تۇيۇقسىز چىرىس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ چىش كولىغۇچمۇ سۇنۇپئىككى پارچە بولۇپ كېتىپتۇ».
بوۋام،ھېكاينىڭ ئارقىسىدىنلا ماڭا شۇنداق تەنبىھ بېرەتتىكى-ئوغلۇم،ھەر قانداق بىر ئىشقا پەقەت چېن كۆڭلىدىن بېرىلگەندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ،ھەرقانداق ئىش ۋە ھەرقانداق ئادەمگە ئۆزىنىڭ تەسىراتى ۋە ئېڭى بويىچە باھا بىرىش ياخشى ئەمەس.ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتا چوقۇم بەلگۈلۈك پاراسەت بىلەن،ياخشى ئويلىۋېلىپ،ئېدىتلىق قىلىش لازىم،ئالدىراقسانلىق بىلەن قىلىنغان ئىشنىڭ چوقۇم بىر يەرلىرىدىن كەمتۈكلۈك كۆرىلىشى مۇمكېن؟يەنە بىرى ئاكتىپ روھى ھەلەتمۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى.شۇنى بىلىپ قالغىنكى-ھەرىكىتىمىزدىكى ئىرادە ھەرىكەت قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشى ۋە قەتئىيلىك دەرىجىسىگە قاراپ كۈچىيىپ بارىدۇ،مېڭىنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئىرادىنىڭ ئىشقا سېلىنىشىغا قاراپ ئېشىپ بارىدۇ.شۇنداق بولغاندىلا ئېتىقاد شەكىللىنىدۇ.ناۋادا بىرەر ئىشنى قىلىشتىكى قەتئىيلىك ۋە ھېسياتىمىزنىڭ يوقىلىشىغا يول قويساق،ئۇ پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بىرىپلا قالماي،بەلكى كەلگۈسىدىكى نېشاننى ئورۈنداشقىمۇ توسقۇنلۇق قىلىدۇ.ئادەم تۇغۇلۇشىدىن نۇرغۇن پۇرسەتلەرگە ھەمراھ بولۇپ ياشايدۇ،نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىگە چاپلىشىپ تۇرغان بۇ پۇرسەتلەرنى بىلىپ-بىلمەيدۇ.بىلىپ قال ئوغلۇم،پۇرسەت ھامان تاپىنىمىزنىڭ ئاستىدا مۆكۈنۈپ ياشايدۇ،ئۇنى بىلىش-بىلمەسلىك بىزنىڭ دىتىمىزغا باغلىق.ئۇنى يەنە ھامان بىز باشقۇرىمىز.ۋۇجۇدىمىزنى ئاقتۇرۇپ كۆرسەك بىز بىلىدىغان
ياكى تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ كۆپرەك كۈچ-قۇدرەت بولىشى مۇمكېن،ئەگەر بىز ئازراقلا كاللىمىزنى ئىشقا سېلىپ،قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي،ۋايساپ كەتمەي،ئالدىراڭغۇلۇقتىن سەللا ساقلىنىپ،تاپىنىمىز ئاستىدىكى پۇرسەتلەرنىڭ قېچىپ كېتىشىگە يول قويماي چىڭ دەسسىۋالساقلا،ئۇ چاغدا ھەرقانداق نەرسە كۆز ئالدىمىزدىن قېچىپ كېتەلمەيدۇ.
|