قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 623|ئىنكاس: 4

ئانىللىرىمىز بويۇن قىسىپ قالمىسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

387

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   43.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55730
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-27 19:31:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانىللىرىمىز بويۇن قىسىپ قالمىسۇن


-ئالىم ياسىن ئارمانى



  مەن ئالدىنقى بىر ھەپتە شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئېستانىسىسنىڭ «تۈن تېۋىشلىرى فىرگىراممىسىدا»بىر غېرىپ ئانىنىڭ ئۆز پۇشتىدىن تامغان توققۇز پەرزەنىت ئالدىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىغىدەك ساداسىنى ئاڭلاپ،يۈرۈگۈم«ۋىژژىدە»ئېچىشتى.بۇ ئانا مۇشۇ ھەقتە،رىياسەتچىلەردىن مەسلىھەت سوراپ،ئۆزىنىڭ قانداق قىلىشنىڭ لازىملىقى ھەققىدە بىر قىسىم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغاندىن كېيىن،يىغلاپ تۇرۇپ سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۈردى.ئەسلىدە بۇ ئانىنىڭ توققۇز پەرزەنتى بولۇپ،بىر ئوغول،سەككىز قىز ئېكەن،ھەممىسى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ،ئوغلى يېنىدا قىزلىرى ھەممىسى باشقا يۈرتلاردا ئېكەن.ئوغول ئانىسىنى پەقەتلا ياقتۇرمايدىكەن.شۇڭا بۇ ئانا70ياشتىن ھالقىغان بولسىمۇ ئۆز جېنىنى ئۆزى قامدايدىكەن.ئوغلىغا نەچچە قېتىملاپ ياردەم تەلەپ قىلسىمۇ،ئايالى بىلەن بىرلىشىپ،بۇ ئانىنىڭ ھېچقانداق ئىشلىرىغا ياردەملەشمەيدىكەن.
    يۇقۇرقى بايانلارنى ئاڭلاۋېتىپ،كۆزۇمدىن ياشلارمۇ ئاقتى.توۋا دېمەكتىن باشقىنى دىيەلمىدىم.ھېلىقى ئوغولغا نىسبەتەن شۇنچىلىك ئۆچلىگىم كەلدىكى،ئادەم بالىسىنىڭ بۇنچە يارىلىپ قېلىشىغا ئېشەنمىدىم.رادىئودا ئانىنىڭ قانچىلىك يىغلاپ تۇرۇپ ئېيىتقان ھەر بىر سۆزىدىن شۇنچىلىك تەسىرلەندىم.يەنە شۇ ئانىنىڭ ئەشۇ مېھىرسىز باللىرىغا شۇنچە چىدىمايدىغانلىقىنى،ئۇلارنى نەچچە قېتىملاپ،ئۆيىگە تەكلىپ قىلسىمۇ كەلمىگەنلىگىنى،قېرىغاندا ئانچە-مۇنچە كۆرۈپ تۇرمىسا باغرىنىڭ چىدىمايدىغانلىغىنى،بىر كۈنلىرى ھېچقايسىسىغا،ھېچنىمە دىيەلمەي ئۆلۈپ كېتىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيىتقىنىدا نېمىلەرنىدۇر ئويلىدىم.
   ئانا،نېمە دىگەن ئۆلمەس تېما ھە؟ئانا مېھرى قۇرىماس بۇلاق.شۇنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى-جاھاندا سۇغا تەشنا بولمايدىغان بىرمۇ ھاياتلىق بولمىغىنىدەك،ئانا مېھرىدىن ئوزۇقلانمايدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق.ئەمىلىيەتتىمۇ،ئانا-دۇنيادىكى ئەڭ شەخسىيەتسىز،ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان.ئۇ ئۆزىنىڭ تومۇرىدىكى قان ۋە ئوغۇز سۇتى بىلەن پەرزەنتلەرگە مۇھەببەت ئاتا قىلغان.ئانا-بارلىق مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى.ھازىر قارايدىغان بولساق،مەيلى قەيەردىلا بولمايلى،ئانىلارنى قەدىرلەش،ئولۇغلاش ھەققىدىكى تەۋسىيىلەر قۇلاق تۇۋىمىزدە ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.سەھنە ئېكرانلىرىدىمۇ مۇشۇ ھەقتىكى ناخشىلار ئەڭ يېقىشلىق ئاڭلىنىدۇ.مەن بۇ ئانىنىڭ ئوغلىنىڭ خوتۇن كەينىگە كىرىپ،ئانىسىدىن ۋاز كېچىشنىڭ سىرىنى بىلمىدىم.بۇ بەلكى ھېلىقى پەرزەنتتىكى ساداقەت بولسا كېرەك.خوتۈن-بالىغا ئىگە بولغان بۇ پەرزەنتنىڭ، ئانىسىغا بولغان مېھرىنىڭ سۇسلىشىشى،بەلكىم كەلگۈسىدىكى ئانا بولماقچى بولغان ھېلىقى ئىقتىدارسىز خوتۇننىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.بىراق بىر ئەر بولغۇچىنىڭ ئايال تەرپىندىن ئانىسىدىن كېچىشى بۇ تولىمۇ ئەقىلسىزلىكنىڭ ئېپادىسى.مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا،ۋىژدانىغا ئېت دەسسىگەنلىك،خوتۈنغا قۇل بولغانلىق،ئېشەك سۇيدىگىنى ئېچكەنلىك،توخۇ پوقىغا بۇلانغانلىق،مەرەز چاپلاشقانلىق،ئېمانىنى يوقاتقانلىق،ئەسلىنى ئۇنۇتقانلىق ئەلبەتتە.
   ئەپسۇس،ئانا قەدرىنى پەقەت ئانىللىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەرلا چۈشەنسە كېرەك.ھايات تولىمۇ رەڭدار،ھاياتلىقتا ھەر خىل ئادەملەر مەۋجۇت.ئەتراپىمىزغا دىققەت قىلىدىغان بولساق،بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆز ئانىللىرىنى بارلىقىنى ئاتا قىلىپ،ھەجگە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى،بەزىلەرنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەملەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى،يىمەي يىگۈزۈپ،كىيمەي كىيگۈزۈپ بارلىق ئاماللار بىلەن ئانىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى،ساياھەت قىلدۇرىۋاتقانلىقىنى،دۈنيا يېڭىقلىرى بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىساق ۋە كۆرسەك،يەنە بەزىلەرنىڭ ئانىللىرىنى تىللاۋاتقانلىقىنى،كارى بولمايۋاتقانلىقىنى،ئاللانېمىلەرنى ئانىللىرىدىن تالىشىپ،ئولارنىڭ دىلىغا ئازار بىرىۋاتقانلىقىنى،بىر قىسىم خوشنىللىرىنىڭ،خوتۇن-باللىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىغا ئالدىنىپ،يۈرىگىنى يېرىپ چىققان ئەشۇ  سۆيۈملۈك ئانىللىرىدىن ۋاز كېچىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز ۋە كۆرىمىز.
-ھەي،كۆزى كور ئەركەكلەر،دىلى قاراڭغۇ بەندىلەر،ئازغۇن ئىنسانلار،ئۆزىنىڭ كىملىگىنى تېخى تونۇپ يەتمىگەن كەلگۇسىدىكى ئانا بولمىش  قىز-چوكانلار.كۆز ئالدىمىزدىكى بىزگە يېقىنلا يەردە تۇرغان قورقۇنۇشلۇق ئەجەلنىڭ كۈنسىرى پايلاپ يۈرگەنلىگىنى ئۇنۇتمايلى.«ئالتە كۈنلۈك ئالەم بۇ،كىم مۇرادىغا يەتتى»...دىگەندەك،مۇرادىمىز ھاسىل بولغىچە ئانىللىرىمىز بىزدىن يىراقلىشىدۇ.ئەنە شۇ ئانىلارنىڭ ئاپئاق سۈتلىرى،مېھىر-مۇھەببەتلىرى بولغاچقىلا بىز ئۇلۇغ،ئەشۇ ئانىلارنىڭ تالاي جاپا-مۇشەققەتلىرى بىزگە سىڭگەچكىلا بىز بەختىيار.ئەشۇ ئانىلارنىڭ پاك سۆيگۈللىرى بولغاچقىلا بىز شۇنچىلىك ئۇز.بىز ئەنە شۇئېغىزلىرىمىزغا نان چايناپ يىگۈزۈپ،بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتۇرغان ئانىللىرىمىزدىن تانمايلى.ھەر قانداق ئېنساننىڭ قەدرى ئۆلگەندىن كېيىن بىلىنىدۇ،بىز يەنە بىر تىرىلىشنى كۈتمەيلى.قاپاقلىرىمىزدىن مۇز ياغدۇرماي،بوران ئۇچۇرماي،ئانىللىرىمىزنىڭ بەللىرىنى،پۇتلىرىنى تۇتۇپ قويايلى.قۇرۇق نانغا چىشى ئۆتمەي تۇرغان ئەنە شۇ ئانىلاردىن پەخىرلىنىپ،«پاقلان سويۇپ بېرەي دىسەم سەن يوق»دەپ ناخشا ئوقۇپ يۇرمەستىن،خېيالنى رېئاللىققا ئايلاندۈرۈپ،دەرھال پاقلان سويۇپ بېرەيلى.
    ئۆزىمىز قەن چاي ئىچىپ ئولتۇرغاندا،ئەشۇ ئانىللىرىمىزنىڭ چايسىز يۈرگەن كۈنلىرىنى ئويلاپ قويايلى.باللىرىمىزغا بازاردىن سومكىللىرىمىزغا ، قويۇنلىرىمىزغا سېلىپ ئېلىپ كەلگەن نەرسىللىرىمىزدىن،ئەل قاتارى بىرىپ ئۆتەيلى.كېچە-كۈندۈز قاتار چايلاردا،بەزمىخانىلاردا يۈرگەن چاغلىرىمىزدا، جەينىمىزىدا ئولتۇرۇپ،بەختىمىز ئۈچۈن تەسۋىي سىېرىپ ئولتۇرغان،قان-ياشلىق ئانىللىرىمىز سىماسىنى ئويلاپ قويايلى.تاغدەك يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلىپ،سىزگە تەلمۇرگەن،تەقدىر-قېسمەتلەرگە بوي ئېگىپ،سىزدەك پەرزەنتىنىڭ بولغانلىقىدىن ئالەمچە شاتلىنىپ يۇرگەن ئانىللىرىمىزنىڭ ھالى ھېلىقىدەك بولۇپ قالمىسۇن.ياشانغاندىكى ئەشۇ كۇنسىرى ۋىجىكلىشىپ كېتىپ بارغان ئانىللىرىمىزنىڭ سىز ئۈچۈن ئارتۈقچە چىقىم سېلىۋىتىپ،چېنە-قاچىلاپ تاماق يەۋىتىشىمۇ ناتايىن،سىز بىر چىنە تاماق يىگەندە،ئۇلارنىڭ يىيىشى يېرىم پىيالە ياكى بىر پىيالە(شۇنى زورلىسىڭىز تېخى). ئۇنداقتاسىز نېمىگە ئۇنچە بىزار بولىسىز؟يېنىڭىزغا تەلمۇرۇپ كەلگەن ئانىللىرىڭىزدىن يىراقلىشىسىز؟-ئەي بالىلار،ئەشۇ ئانىللىرىمىزنى دەپ ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا قالمايلى.بىز سىرىتتا يۈرگەن ئەشۇ كۈنلىرىمىزدىكى ئانىللىرىمىزنىڭ كېلىنلەر ئالدىدىكى دېدەكلىك ھالەتلىرىنى،غېرىپسىنىپ،بويۇن قىسقان چاغلىرىنى كۆزىڭىز كۆرۈپ قالمىسۇن!-ئەي پەرزەنىتلەر،ئانىلار گۈناھكار ئەمەس ياكى قەرىزدار ئەمەس.ئۇلار بىز ئۈچۈن ئەڭ ئەتىۋارلىق مېھمان.ئۇلارنى ھاياتلىغىدا قولىڭىزدىن كېلىشىچە مېھمان قىلىۋېلىڭ.بېشىڭىزغا ئېلىپ كۆتىرۋېلىڭ.ھەجگە-ھەرەمگە ئېلىپ بېرۋېلىڭ.ئانا سىزنى قۇچاقلىغان بوۋاقلىق دەقىقىللىدىكىدەك ھالەتلىرىڭىز بىلەن قۇچاقلىۋېلىڭ.ئۇلار شۇندىلا مۇرادىغا يېتىدۇ.ئاخىرىدا شۇنىمۇ ئېيتىپ قويايكى-دۇنيادىكى بارلىق ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغاندىن كېيىنكى سېغىنىشلىق مۇڭلىرىنى ئاڭلاشقا ئەمەس،بەلكى،ھايات چېغىدا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە مۇناسىپ مۇھەببىتىنى كۆرۈشكە ۋە ئۇنىڭدىن لەززەتلىنىشكە مۇھتاج.
   ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ بىردىنبىر ئىپادىسى ئەمەلىيەت.شۇڭا سىز ئانىڭىزدىن يەتتە پۇكلىنىپ تۇرۇپ گۇناھلىرىڭىزنى تىلىۋېلىڭ.ئانىنىڭ دۇاسى يەنە ئەرنى كۆكلىتىدۇ،ۋەيرانمۇ قىلىۋىتىدۇ.ھەر قانداق ئانىنىڭ ئۆز بالىسىدىن رەنجىگىنى بولمايدۇ،پەقەت سىز، بىزدەك رەنجىتىدىغىنى بولىدۇ.ئۇلار بىزنىڭ بەختىمىز،تەختىمىز،قوياشىمىز،ئايىمىز.بىزدە يەنە«ئاتىنىڭ كۆڭلى ئاغرىسا يەر تىترەر،ئانىنىڭ كۆڭلى ئاغرىسا ئۆي»دىگەن تەمسىلمۇ بار.ئانىللىرىمىزنىڭ كۆڭلى ئاغرىپ قالمىسۇن،ئۆي تىترىسە قانداق بولىدىغانلىقى سىزگە ئېنىق. قىسقىسى ئانىلارنى خارلىمايلى؟!ئولار بويۇن قىسىپ قالمىسۇن...بەندىلەر.

« قەشقەر پەيزاۋات ناھىيە يېزائىگىلىك ماشىنىللىرى ئىدارىسىدىن-ئالىم ياسىن»
تېلىفون-13579071133

uyghuray

1

تېما

7

دوست

8914

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   78.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 2618
توردىكى ۋاقتى: 274
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 13:38:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ، ئاللا مۇشۇنداقمۇ ئىش بارمىكەن . بىر پەسەندى ئىكەنغۇ ئۇ مەلئۇن .
بۇ 9 بالىنىڭ بىرەرسىنىڭمۇ ئانىسىغا مىھرى بولمىسا ، ئۇ بالىلار ھېچقانداق تەربىيەگە ئىگە بولمىغان كۈچۈكلەركەنغۇ . توغرا ھايۋانلارنىڭ بالىسىمۇ ھېچقانداق تەربىيە كۆرمىگەن بىراق ئانىسىنى تۇنۇيدۇ .

نىجات

3

تېما

0

دوست

3769

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 1062
توردىكى ۋاقتى: 137
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 13:45:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىللىرىمىز  ،  ئانىللىرىدىن،  قەشقەر پەيزاۋات ناھىيە يېزائىگىلىك ماشىنىللىرى ئىدارىسىدىن

2

تېما

22

دوست

6032

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1879
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 15:26:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا -ئانا بولغۇچى ھەرگىزمۇ پەرزەنىتلىرىدىن بىرەر نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ ! شۇنداقتىمۇ باللىرىنى كۆرگىسى مىھرىدىن قىنىپ قىنىپ پۇرىغىسى كىلىدۇ ! 9 بالا بولغان بىلەن ئانىنىڭ قوسقىدىن ئاغامچە تۇخۇناق چۇشمەيدۇ ئۇنىڭدىن باشقىسى بولىدۇ ! بۇ ئاتا -ئانىنىڭ تەربىيىسىگە باغلىق ئىشمىكىن دەپ قارايمەن ! ئاتا -ئانا بولغۇچى بىر باشلامچى ھەم تەربىيىچى ئۇستاز دەپ قارايمەن ! مەسلەن : مىنىڭ ئانام ئۆز ئانىسغا ھەم قىيىن ئانىسىغا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسا مەنمۇ ھەم باشقا ئاچا ئاكىلىرىممۇ ئانامغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىدىكەن بىلمىسە ئۇگۇنىدىكەن ئانىلار چوقۇم ئانىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمىز كەلگۇسىدە بىزمۇ چوقۇم قىيىن ئانا ھەم ئانا بولىمىز بىزمۇ شۇلاردەك ماغدۇرسىز  بىر ئىشلارغا كۇچىمىز يەتمەيدىغان ۋاقىتلار بىزنىڭ بىشىمىزغىمۇ كىلىدۇ ! مەيلى ئانىمىز بولسۇن مەيلى قىيىن ئانىمىز بولسۇن ئوخشاش كۆزىمىزدە كۆرىشىمىز كىرەك !

ئادەمدە ئادەمدەك بولمىسا ۋىجدان ،
ياشاشتىن ئىزدىمە ئۇمۇت ۋە نىشان .
سۆيەلمىسەك ئاناڭنى ياشىمىغىن ئەي ئىنسان ،
دۇئاسىز ئۇمۇتسىز پارلىماس يولۇڭ .
uyghuray

1

تېما

7

دوست

8914

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   78.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 2618
توردىكى ۋاقتى: 274
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 01:43:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurhayat1 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-29 15:26
ئاتا -ئانا بولغۇچى ھەرگىزمۇ پەرزەنىتلىرىدىن بىرەر نەر ...

بەرھەق .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )