قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 392|ئىنكاس: 0

ئالتۇن بازىرىنىڭ ئۆسۈشكە قايتىدىن كىرىش ئېھتىماللىقى بار، بۇ ھەپ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

42

تېما

2

دوست

2010

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40020
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 89
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 12:01:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن بازىرىنىڭ ئۆسۈشكە قايتىدىن كىرىش ئېھتىماللىقى بار، بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنىدىغان غەيرى يېزا ئىگىلىكى سانلىق مەلۇماتى بۇنىڭغا قارىتا ئەجەللىك زەربە بېرەلەمدۇ؟

ئالتۇن كىرىست تورى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى

u=3050449945,2189597731&fm=21&gp=0.jpg

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ۋە روسىيەنىڭ سۈرىيە ئۇرۇشىنى توختىشىش پىلانىنى ۋە بۇ پىلاننىڭ شەنبە كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى شۇ يەردىكى جۇغراپىيىۋى سىياسىي خەتەرنى يېنىكلەتتى، ئەمما يېقىندىن بۇيانقى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش خەۋپى ئەندىشىسى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش نېرىپلىرىنى داۋاملىق غىدىقلاپ تۇردى. بۇ يىل ئامېرىكا دوللىرى بويىچە باھا ھېسابلىنىدىغان ئالتۇننىڭ باھاسى %15 ئەتراپىدا ئۆستى، فوندستېرلىڭ بويىچە باھا ھېسابلىنىدىغان ئالتۇن %22 ئۆستى، گېرمانىيە Deutsche بانكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشى سەۋەبىدىن، خەلق پۇلى  قىممىتى يەنىمۇ چۈشۈشى مۇمكىن، بۇ يىلقى ئالتۇن باھا مۆلچەرى 1033 ئامېرىكا دوللىرىدىن 1195 ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭشەلدى، كېلەر يىلقى مۆلچەر 1100 دىن 1231 گە، 2018-يىلدىكى مۆلچەر 1150 دىن 1275 گە، 2019-يىلدىكى مۆلچەر 1233 دىن 1317 گە تەڭشەلدى. ANZ بانكىسىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى يەنىلا ئۆزگىرىشچان دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى، گەرچە پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىي ئامېرىكا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېشىشىغا ۋە پۇل سىياسىتىنىڭ پەيدىنپەي قىسىلىشىغا موھتاج بولسىمۇ، ئەمما بازار بۇ يىل ئۆسۈم قوشۇلۇش ئېھتىماللىقىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە. ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قارىتا ئىشەنچى تولۇق.
قىممەتلىك مېتال ۋە كان مەھسۇلاتلىرى فوندى مەبلەغ سېلىش بىرلەشمىسىنىڭ دېرىكتورى ئالتۇن بۇ يىلقى بازاردىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا دېدى، ئۆتكەن يىل يازدا ئالتۇن <كونا ئاسارە ئەتىقە> دەپ قارىلىپ، ھەممىنىڭ بىپەرۋا قارىشىغا ئۇچرىغانىدى، ئەمما بۇ يىل بازاردا ھەممە بەس بەستە ئالتۇن سېتىۋالدى.
كۆپ ساندىكى ئانالىزچىلار قىسقا ئارىلىقتىكى سودىدا ئالتۇن ئۆسىدۇ دەپ قارىماقتا، كەسپىي زاتلارغا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 18 كىشىنىڭ %56 ى بۇ ھەپتە ئالتۇن بازىرى ئۆسىدۇ دەپ قارىغان، %28 ى ئالتۇن بۇ ھەپتە چۈشىدۇ دەپ قارىغان، %17 ى ئوتتۇرا مەيداندا تۇرغان. ئالدىنقى ھەپتە پاي بازىرىنىڭ ئۆرلىشى تەسىرىدە ئالتۇن بازىرىدىكى خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى سەل پەسەيدى، ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ، ئالتۇن بېسىمغا دۇچ كەلدى.
ئۇندىن باشقا بۇ ھەپتە ئالتۇن بازىرى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىنى كۈتۈۋالىدۇ،Bank of America Merrill Lynch نىڭ مۆلچەرىچە مەزكۇر سانلىق مەلۇمات ئېشىپ 175 مىڭغا يېتىشى، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئورۇنلاشقانلار سانى 5000 غا يېتىشى مۇمكىن.
بازارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئىچىدە ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلاردىن باشقا، يېقىندىن بۇيان سىياسىي ئامىللارنىڭ تەسىرىمۇ كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش خەۋپىدىن باشقا بۇ ھەپتىدىكى ئامېرىكا سايلام ئەھۋالىمۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشى مۇمكىن.


مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )