- تىزىملاتقان
- 2014-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6248
- نادىر
- 0
- يازما
- 653
ئۆسۈش
24.96%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baturkarahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-9 00:18
بالىڭىز ھازىر نەچچە ياشقا كىردى؟ بالىڭىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەي قېلىشىدىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سەۋەبى: سىز بالىڭىزغا كۈندە يېرىم سائەت ئەتىراپىدا ئۆزىڭىز بىلىدىغان ‹‹ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى›› ئۆزىڭىزنىڭ بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىڭ، ئۆزىڭىز بالىڭىز قىزىقىدىغان ئىشلارنى ھېكايىلاشتۇرۇپ،ئۇنى توشقان،قۇشقاچ، بىلىق، مايمۇن ، ئېيىقچاق ، گۈزەل ئورمانلىق، كۆلچەك، دەريالار بىلەن قوشۇپ بالىڭىزنى قىزىقتۇرغىدەك تەسەۋۇر قىلىپ، توقۇپ چىقىپ ئۇخلاش ۋاقىتلىرىدا ئوقۇپ بېرىڭ ، ئاندىن ئۆزىگگ ئېيتىپ بەرەن چۆچەكنى قايتا سۆزلىگىلى سېلىڭ شۇنىڭ بىلەن بالىڭىزنىڭ تىلى راۋانلىشىپ كېتىدۇ.مەسىلەن :مەنمۇ قىزم3-4ياش ۋاقىتلىرىدا ھەر كۈنى توقۇلما ھېكايىلارنى ئېتىپ بېرەتتىم. مانا مۇنداق‹‹ بىر كۈنى مەن قىزىم نۇر جاھاننى باشلاپ(قىزىمنىڭ ئىسمى نۇرجاھان ) ئوينايلى دەپ ئورمانغا كىرسەم دەرەخنىڭ تۈۋىدىن ئىككىدانە بۆجەن يۈگۈرىپ چىقىپ:- نۇر جاھان ئاداش ياخشىمۇ سىز، نەگە ماڭدىڭىز ؟-دەپ سوراپتۇ. نۇرجاھان توشقانچاقلارغا قاراپ::-دادام بىلەن ئوينىغىلى ماڭدۇق؟-دەپتۇ. ھېلىقى توشقانچاقلار:-بىز بىللە ئوينىساق قانداق؟ ئورماندا بۈگۈن مايمۇنچاق، ئېيىقچاق،تاشپاقا،تىين ، توشقانلار يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى. كىم چىمپىيۇن بولسا ئۇ جىق شاكىلات،تورت، پىچىنە-پىرەنىك بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. قانداق قاتنىشامسىز؟- دەپ سوراپتۇ......دەپ باشلاپ بىرمۇنچە قىزىقارلىق ۋەقەلەرنى توقۇپ، ئاخىرىدا قىزىمنىڭ بۇ مۇسابىقىدا چىمپىيۇنلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، نۇرغۇن تاتلىق-تۈرۈملەرگە ئىرىشىپ قايىتقانلىقى . ئوماق ھايۋانلارنىڭ ئۇنى بەك ماختاپ كەتكەنلىكى. قاتارلىقلارنى ئوقۇپ بېرەتتىم بالام كۈندە ھېكايە ئوقۇپ بەر دەپ تۇرىۋالاتتى. شۇنىڭ تەسىرىدىمۇ كىتاپخانىغا كىرسىلام بالىلار چۆچەكلىرىنى ئېلىۋالاتتى. سىزمۇ ئۇيغۇر تىلىدا دۇنياۋىي چۆچەكلەرنى. توقۇپ چىققان چۆچەكلەرنى ئوقۇپ بېرىۋىرىڭ بۇنىڭ ياخىش ئۈنىمى بولىدۇ. بالىڭىز نېمىگە قىزىقسا ئۇنى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈڭ. شۇنداق قىلىپ بارا- بارا ئۆگىنىپ كېتىدۇ .ئىشلىرىڭىزغا مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن. |
|