نېفىت باھاسى ئۈمىدكە ئېرىشتىمۇ؟
مالىيە باشقۇرغۇچى تورى ماقالىسى، بايكۈچ تەرجىمىسى
نېفىت باھاسى يېقىندىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىدىن چوڭ كۆلەمدە قاڭقىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئەمما نېفىت بازىرى ئاساسىي يۈزىدە چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرمىدى، پۈتۈن دۇنيادىكى نېفىت تەمىنلىنىشى يەنىلا ئېشىپ كەتكەن ھالەتتە.
11-فېۋرال خەلقئارالىق نېفىت باھاسى 13 يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتا 26.05 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى چۆچۈتىۋەتكەن، ئەمما بۈگۈن 34 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلەپ، قىسقىغىنە 11 سودا كۈنىدە %30 ئۆستى، ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا نېفىت باھاسىنىڭ ۋەيران بولۇش ھالىتى توختىدى.
ClipperData شىركىتىنىڭ كوزۇر مەھسۇلاتلار تەتقىقات مەسئۇلى Matthew Smith مۇنداق دېدى: "تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا ، ئاساسىي يۈز يەنىلا بەك ئاجىز، بۇ بىر ئۈمىدنىڭ قوزغىتىشىغا ئۇچرىغان بازار ئەھۋالى." بۇ ئۈمىدنى OPEC باشلىغان. OPEC ئەزا دۆلەتلىرىدىن سەئۇدىي ۋە روسىيە، شۇنداقلا باشقا بىر قىسىم نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر 17-فېۋرال نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى توڭلىتىش جەھەتتە دەسلەپكى قەدەمدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
توڭلىتىش كېلىشىمىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىران قاتارلىق باشقا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشىغا موھتاج. ئىران رەھبەرلىرى يېقىندا توڭلىتىش كېلىشىمىگە قارىتا مەسخىرە پوزىتسىيىسىدە بولدى شۇنداقلا ئېمبارگو بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ئىراننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنىڭ يەنىلا زور كۆلەمدە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باركلاينىڭ دوكلاتىدا "يېقىنقى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى توڭلىتىش كېلىشىم سۆھبىتى بازارنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ" دېيىلدى.
گەرچە نېفىت باھاسى يېقىندا قاڭقىغان بولسىمۇ، بىر يىل ئاۋالقى 62 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھانىڭ تېخى يېرىمىدا. ئامېرىكا نېفىت تەمىنلىنىشىنىڭ زور ئېشىپ كېتىشىنى ئويلاشقاندا نۆۋەتتە نېفىتنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا ئۈمىدۋار ھالەتنى ساقلاش تولىمۇ قىيىن، ئامېرىكا ئېنىرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا نېفىت زاپىسى 3.5 مىليون تۇڭ ئېشىپ، 50.8 مىليون تۇڭغا يەتكەن.
|