ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىدىكى 3-نومۇرلۇق شەخس: ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى چۈشۈش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ FX168 تورى، بايكۈچ تەرجىمىسى
ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى (FED) تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى ئىچىدىكى 3-نومۇرلۇق شەخس نيۇ يورك فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى William Dudley سەيشەنبە كۈنى (1-مارت) جۇڭگو ئامېرىكا مەركىزى بانكىلىرى ئارا تۇنجى قېتىملىق سۆھبەت نۇتۇق ماتېرىيالىدا دېيىشىچە، ئۇ ئامېرىكا ئىقتىسادى كەلگۈسى چۈشۈش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ باھا ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق ئۆسۈم تەڭشەش ۋاقتىنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. William Dudley نىڭ دېيىشىچە، "نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ كەلگۈسىدە يۈزلىنىدىغان خەۋپ خەتىرى ئاز تولا بىلىنىپ چىقىۋاتىدۇ" دېدى، بۇ قېتىمقى "پۇل سىياسىتىنىڭ قۇتۇپلىشىش ھالىتىدىكى پۈتۈن دۇنيا ماكرو ئىقتىسادى ۋە ئۇنى تەرتىپكە سېلىش" توغرىسىدىكى سۆھبەت 2016-يىل 1-2-مارت خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى ئۆتكەن يىل 12-ئايدا 10 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆسۈم قوشتى، شۇنداقلا بۇ يىل 4 قېتىم ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىدىن بىشارەت بەردى. تارىخىي ئۆلچەم بويىچە قارىساق، بۇ بىر تەدرىجى ئۆسۈم قوشۇش. William Dudley نىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى باھاسىدا بۇ يىلدىن بۇيان پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادى چوڭ كۆلەمدە ئاستىلاپ، پاي ۋە نېفىت بازىرى چۈشۈشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش قەدىمى ئاستىلىشى مۇمكىنلىكىدىن بىشارەت بەردى. William Dudley ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلېننىڭ ئامېرىكا پۇل سىياسىتىگە قارىتا مەڭگۈلۈك ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى بۇ يىل 1-ئايدا بازارغا مۇنداق بىر مۇمكىنچىلىكنى ئىپادىلىدى: ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىنى باھالاپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا موھتاج، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئىقتىسادى كەلگۈسى دۇچ كېلىدىغان خەۋپ خەتەرنى باھالاپ چىقالايدۇ. William Dudley مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنىڭ تۆۋەنلىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، بۇ بازار باھاسىنى بېكىتىش ۋە ئائىلىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش داۋامىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە ، كېيىنكىسى تېخىمۇ مۇھىم . گەرچە نۆۋەتتە تۆۋەنلەش دەرىجىسى تېخى خەتەرلىك دەرىجىگە بارمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەگەر يەنىمۇ تۆۋەنلىسە ، ئۇنداقتا ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىشانىغا يېتىشى قىيىنغا توختايدۇ. ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى كېلەر قېتىمقى پۇل سىياسىتى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى 3-فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدۇ، سىرتقى جامائەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۆلچەر ئۆسۈم نىسبىتى ئۆزگەرمەيدۇ. مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com) |