يۇقىرى زىچىلىقلىق يۇلتۇزلار يەنى قارا ئۆڭكۈر، نىتىرون يۇلتۇز ۋە ئاق پەتەك يۇلتۇزلار، بۇ يۇلتۇزلار ئۆلگەن يۇلتۇزلار بولۇپ، ئۆزىدىن بىۋاستە يۇرۇقلۇق چىقىرالمايدۇ شۇڭا ئادەتتە كۆرگىلى بولمايدۇ، پەقەت بەزى ئالاھىدە شەرتلەر بولغاندا ئاندىن كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنداق يۇقىرى زىچىلىقلىق يۇلتۇزلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە شەكىللىنىش يوللىرى، تۇزۇلىشى ۋە مەيلى ئۆزى ياكى باشقا ئاسمان جىسىملىرى بىلەن بولغان تەسىرلەر سەۋەبلىك تارقاتقان ھەرخىل چاستوتىدىكى ئېلېكتر-ماگنىت دولقۇنلىرى شۇنداقلا تارتىش كۈچى دولقۇنلىرى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم تەتقىقات قىمىتىگە ئىگە بولۇپ، ئاستىرونۇمىيە ساھەسىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئالاھىدە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بىر مۇھىم ئەزاسى بولغان نىتىرون يۇلتۇزنىڭ بىرقانچە شەكىللىنىش يوللىرى بار مەسىلەن: مەلۇم ماسسىلىق نورمال يۇلتۇزلار ۋاقتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆزگىرىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرى دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز شەكلىدە پارتىلاپ ئۆلىدۇ-دە نىتىرون يۇلتۇز ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭىدىن باشقا ئاق پەتەك يۇلتۇزلار سەۋەبىدىنمۇ نىتىرون يۇلتۇز ھاسىل بولىدۇ(بۇ ھەقتە 2015-يىلى مېنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجەم ئامرىكىنڭ داڭلىق نۇپۇزلۇق ئاستىرو-فىزىكا ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان:
http://iopscience.iop.org/articl ... fromSearchPage=true ).. نىتىرون يۇلتۇز ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىيرەك بىلمەكچى بولسىڭىز مېنىڭ ئاسىتىدىكى يازمامنى كۆرگەيسىز:
ئىنتىلگۈچى: نىتورون يۇلتۇز ھەققىدە چۈشەنچە
./forum.php?m ... 27260&fromuid=27532
نىتىرون يۇلتۇزلار ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن بىرقانچە تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ: پۇلسار، ماگنىتار، يىگانە X نۇرلۇق قاراڭغۇ نىتىرون يۇلتۇز، غەيرى ئايلىنىدىغان رادىئو پەيىتلىك كۆرىنىدىغان نىتىرون يۇلتۇز قاتارلىقلار. پۇلسار بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ھەم ئەڭ باشتا بايقالغان بىر تۇرى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشنىڭ تېزلىكى ۋە دەۋرىلىك رادىئو دولقۇنى تارقىتىش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. پۇلسارنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى ئادەتتە مىللىي سىكۇنتتىن تارتىپ نەچچە سىكۇنتقىچە بولىدۇ، ئادەتتە بۇ يۇلتۇزلارنىڭ 10 كېلومېتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ، بۇنداق بىر چوڭ جسىمنىڭ سىكۇنت ئىچىدە بىر قېتىم ئايلىنىپ بولىشى ئىنتايىن ئالاھىدە. مىللىي سىكۇنتلىق پۇلسارلار بولسا ئىنتايىن ئىنتايىن قىسقا بولغان مىللىي سىكۇنت ئىچىدىلا ئۆز ئوقىدا بىر قېتىم ئايلىنىپ بولىدۇ. بۇ پۇلسارلار ھەر قېتىم ئايلانغاندا بىر سىگىنال تارقىتىدۇ يەنى بىر ئىمىپىلۇس چىقىرىدۇ(پەستىكى بىرىنجى رەسىمگە قاراڭ)، بۇ سىگىنال ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش بىلەن ئوخشاش ئىنتايىن دەۋرىلىك بولۇپ، بىز يەريۇزىدىكى رادىئو دولقۇنىلىق تىلىسكوپلار (بۇ خىلدىكى تېلىسكوپلار رادارغا ئوخشاپ قالىدۇ) بىلەن بۇنى ئىنتايىن توغرا بايقىيالايمىز(تۆۋەندىكى ئىككىنجى ۋە ئۈچۈنچى رەسىمگە قاراڭ).