قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 634|ئىنكاس: 3

پىچاندىكى ئېسىل سەنئەت مىراسى مېلىس ناخشىلىرى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

0

دوست

2355

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7212
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 106
تۆھپە : 670
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-2 16:18:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پىچاندىكى ئېسىل سەنئەت مىراسى مېلىس ناخشىلىرى ھەققىدە

ئەخمەت ئىمىن ئەلنەزەر

     مېلىس دېگەن بۇ نام ئەسلى «مەجلىس-يىغىلىش، توپلىشىش» سۆزنىڭ تىل تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشى بولۇپ، «مەشرەپ» نامى بىلەن ئوخشاش مەنىگە ئىگە. مېلىس ناخشىلىرى پىچان، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەشرەپ شەكلى-مېلىستا كۆپرەك ئېيتىلدىغانلىقى ئۈچۈن قويۇلغان نام.  ھازىرغىچە بىز بىلگەن يازما خاتىرىلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خاكاس تۈركلىرىدىن بولغان روسىيەلىك ئالىم كاتۇنوفنىڭ 1892-يىلى3-ئاينىڭ 28-كۈنى ھازىرقى پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈندە شائىر نايىخان بەگنىڭ ئېغىزىدىن خاتىرلىگەن «لۈكچۈنگە تەۋە يۇرتلارنىڭ بايانى»دا «مەيلىس» شەكىلىرىدە كۆرۈلىدۇ.
     مېلىس ناخشىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت بار:
    دەقىنەمنىڭ زامانىسىدا، قاراغۇجا شەھىرىدە ئۆزىنى «خۇدا» دەپ داۋراڭ سالغان داقىيانۇس كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش مەقسىتىدە مەخسۇس كۆندۈرگەن مۆشۈكلىرىنىڭ بېشىدا ياندۇرۇلغان چىراقنى قويۇپ، چىراق يۇرۇقىدا تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرىدىكەن. كىشىلەر:« دەقىيانۇس راسىت خۇدا ئىكەن، بولمىسا مۆشۈكنىڭ بېشىغا چىراغنى قويسا تۇرامدۇ؟» دېگەن سۆزچۆچەكلەرنى پەيدا قىلغانىكەن. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان بەش-ئالتە يىگىت بۇ گەپكە ئىشەنمەي، چاشقان تۇتۇپ، داقىيانۇس تاماشا قىلۋاتقان جايغا كېلىپ، مۆشۈكلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، چاشقاننى قۇيىۋېتىپتۇ. مۆشۈكلەر چاشقاننى قوغلاپ باشلىرىدىكى چىراغلارنى ئۆرىۋېتىپتۇ. يىگىتلەر بۇنى كۆرۈپ داقىيانۇسقا «سەن خۇدا ئەمەس، ئالدامچىكەنسەن»دەپتۇ. ۋە ئۇيەردىن قېچىپتۇ. داقىيانۇس جاللاتلىرىغا ئۇلارنى تۇتۇشقا بۇيرۇپتۇ. يىگىتلەرقېچىپ تۇيۇق ئېغىزىدىكى بىر غارغا كىرىپ غايىپ بولۇپتۇ. جاللاتلار خېلى كۈنلەرگىچە ساقلىسىمۇ، ھىچ ئۇچۇرى بولمىغانلىقتىن، بىر نەچچەيلەن «بۇلارنى ئۇيۇن تاماشىغا قىزىقتۇرساق  زېرىككىنىدە چىقىدۇ» دەپ توققۇز كىشىگە توققۇز داپنى تۇتقۇزۇپ،  «شەربازاڭ»دېگەن ناخشىنى ئېيتقۇزۇپ 40كېچە–كۈندۈزتاماشا قىلسىمۇ دېرىكى بولماپتۇ، دەقىيانۇسنىڭ چاپارمەنلىرى بۇ ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، ياش سەتەڭ ئاياللارنىمۇ يىغىپ «ئەر –ئايال نەغمىسى قىلىپ باقايلى» دەپ پوتا ئۇيۇننى 40كېچە-كۈندۈز ئوينىغان بولسىمۇ ھېلىقى يىگىتلەرنىڭ يەنىلا ئىز-دېرىكى بولماپتۇ. شۇندىن كىيىن داقىيانۇس پادىشاھنىڭ ئادەملىرى زېرىكىپ ئوردىغا قايتىپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا ئېيتىلغان ناخشىلار ۋە ئۇيۇنلاردىن  مېلىس ناخشىلىرى ۋە مېلىس پەيدا بولۇپتۇ. خەلق  ئارسىدا تاماشا قىلاي دېسەڭ بەگ–غۇجاملار زېرىكىپ تاشلىغان «مېلىس ناخشىسىنى ئېيت» دېگەنلەر شۇنىڭدىن قاپتۇ.
    بۇ بىر رىۋايەت. قەدىمقى رىم ئىمپىراتۇرلىرىدىن «دېئاكلىياتۇن» نىڭ ئەرەب، پارس مەنبەلىرىدىكى نامى«دەقىيانۇس» بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن ئەرەب، پارسلارنىڭ تەسىرىدە «داقىيانۇس» ھەققىدىكى تۇقۇلغان رىۋايەتلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىغىمۇ تارقالدى. تارىخ ئۇنتۇلغانلىقتىن ئۇيغۇر خەلقى شىنجاڭدىكى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى بىر مۇنچە شەھەر خارابىلىرىنى «ناھايىتى بۇرۇنقى شەھەر»دېگەن مەنىدە «دەقيانۇسنىڭ شەھىرى»دەپ ئاتاپ كەلگەن. «ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى»مەنىسىدىكى «دەقىنەم زامانىسى»دېگەن تۇراقلىق ئىبارىمۇ شۇندىن كەلگەنلىكى مەلۇم. يېغىنچاقلساق، مېلىس ناخشىلىرى توغرىسىدىكى رىۋايەت ۋە ناخشا ئاھاڭلىرىدىن قارىغاندا، مېلىس ناخشىلىرى«تۇرپان ئەلنەغمىلىرى»نىڭ ئەڭ  بۇرۇنقى ئاساسى بولۇپ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ. بۇنى سەنئەت ئىلمى بۇيىچە مەخسۇس تەتقىق قىلىش زۆرۈر.     
   بىزنىڭ زامانىمىزغىچە ساقلىنىپ قالغان مېلىس ناخىشىلىرى 12 تۈرلۈك بولۇپ، ھەر بىرناخشىنىڭ بىرنەچچە ئۆزگىرىش ئاھاڭلىرى بار. بۇ ناخشىلار تۆۋەندىكىچە: 1. تاغدا تېرىق، بۇ ناخشا يەتتە ئۆزگىرىش ئاھاڭلىق بولۇپ، دەۋرىمىزگە بەش ئۆزگىرىش ئاھاڭى يېتىپ كەلگەن. بۇ ناخشامېلىس مەشرەپتە ئېيتىلىشتىن باشقا يەنە، نىكاھ تويدا،  قىزنى كۆچۈرۈپ يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئەكەلگەندىن كېيىنكى«دەستاركىيگۈزۈش» ئادىتىدە  توققۇز كىشى توققۇز داپ بىلەن ئېيتىدۇ. پىچاندىكى «تاغدا تېرىق ئاڭلىساڭ ئەرگە تەگكۈڭ كېلۇر»،«تاغداتېرىق ئېيىتقاندا قىرىق قىز-يىگىتنىڭ بەختى ئېچىلىدۇ» دېگەندەك تەرىپلەر بۇناخشىنىڭ نەقەدەر موڭلۇقلىقىنىڭ تەسۋىرى بولالايدۇ. 2.ھەي،ھەي ئۆلەن، تۆت ئاھاڭ ئۆزگىرشلىك بۇناخشا يۆلەن ياكى يەل دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ ناخشا مېلس مەشرەپتە ئېيتىلغاندىن باشقا يەنە ئۆتمۈشتە تويغا چىللىغان چاغدا تويى بولىدىغان يىگىت ئاغىنە –بۇرادەلىرى بىلەن مەھەللە –مەھەللە بېرىپ تويغا چىللىغاندا ئېيتىدىغان ناخشىلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، داپ، سۇناي تەڭكەش قىلىندۇ. ھازىرمۇ تويدا قىزنى كۆچۈرگەندە ناغرا-سۇناي بۇ ناخشغا تەڭڭەش قىلىنىدۇ. 3.ۋاي، ۋاي سەنەم، بۇناخشا تۆت ئاھاڭ ئ‍ۆزگىرىشلىك.4.مەستانە يار، بۇ ناخشا ئىككى ئاھاڭ ئ‍ۆزگىرىشلىك. 5.شاربازاڭ، بۇناخشنىڭ ئەسلى نامى «شەھەربانۇم»، بولۇپ ئاستا –ئاستا ئۆزگىرىپ كەتكەن. بۇناخشا ئۈچئاھاڭ ئ‍ۆزگىرىشلىك. 6.ھەي نەزەر، بۇ ناخشىنىڭ نامىنى بەزىلەر« ھەيرىنڭىمەن» دەپمۇ ئاتايدۇ. يەنە يەل دەپمۇئاتايدۇ. بۇ ناخشا بەش ئاھاڭ ئ‍ۆزگىرىشلىك. 7. يۇمىلاق جۇۋان، 8.چەشمەيار، بۇناخشىنىڭ نامى«سەشمە يار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 9 .ئاللا بىرقەدەھ، 10.گۈليار،  11.ئەي بالا يارەي.12.زىلۋا يار. ئاخىرقى بۇ ئالتە ناخشىنىڭ ھەر بىرى ئۈچ ئاھاڭ ئۆ‍زگىرىشلىك.
  مېلس ناخشىلىرىنى ئېيتىش شەكلى ئاددى بولۇپ ئاساسلىق ئىشلىتىدىغان چالغۇ داپ. ئادەتتە بۇ ناخشلارنى يالغۇر ئېيتىشقىمۇ، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەڭ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ. كىشىلەر داپ تاپالمىغاندا لېگەن-تاۋاقلارنى، تۇپپا –تۇماقلارنى داپ ئورنىدا چىلىپ ئېيتىدۇ. ناخشا ئېيتقۇچى ھېپىزلار ناخشا باشلاشتا «ھەي-ھەي، ۋاي-ۋاي، ئەي باللا-ئەي باللا، ئاللايەي-ئاللايەي»توۋلاپ باشلايدىغانلىقى ئۈچۈن ناخشا ناملىرىغا بۇ ئىملىقلارمۇ قوشۇلۇپ قالغان. ھېپىزلار ناخشا ئېيتقاندا، باش قىسىمىدىكى قۇشاقلارنى ئۆزگەرتمەي ۋە ناخشا جەريانىدا ئەسلى ئاھاڭدىن چەتنىمەي قوشاق قۇشۇپ، ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتقاچقا، بەزى ناخشىلارنىڭ نامى ۋە قوشاقلىرى ئوتتۇرسىدا باغلىنىشيوقتەك بىلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ 12 ناخشىنىڭ 40تىن ئارتۇق ئاھاڭى ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ 180كوپلىتتىنئارتۇق خەلق قوشىقى ئاھاڭغا سېلىنىپ ئېيتىلىپ كەلگەن.  بۇ ناخشىلاردا ئەمگەكچى خەلق يۈرەكلىرىدىكىدەرد-ئەلەم، قايغۇ – ھەسرەت، ئارزۇ-ئارمان، مۇھەببەت-نەپرەت، خۇشاللىق –شاتلىقلىرىنى قوشاققا  قېتىپ ئەڭ قۇلايلىق ساز داپقا تەڭكەش قىلىپ ، ناھايىتى ئېشتىياق بىلەن سۆيۈپ ئېيتىپ، دەۋرىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن .
     خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى توپلاش، يىغىش، رەتلەش خىزمىتىدىكى مەملىكەتلىك نەمۇنىچى شەخىس، پىچان ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى، مەرھۇم شېرىپ نەمەت ئەپەندى 1950-يىللاردىن باشلاپلا مېلس ناخشىلىرىنى توپلاشقا كىرىشكەن بۇلۇپ  ئۇنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا1990-يىللاردا پىچان ناھىيىسىدە مېلىس ناخشىلىرىنى تولۇق ئېيتالايدىغانلاردىن 100دىن ئارتۇق ھېپىز بار ئىدى. بۇ ھېپىزلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشتا چوڭىيىپ قالغان،شۇنداقلا بۇ ناخشىلارنى ئۆگىنىدىغان ۋارسلار بولمىغاچقا، ئارىدىن 20يىل ئۆتكەنبۈگۈنكى كۈندە مېلىس ناخشىلرىنى تولۇق ئېيتالايدىغانلار يوق دېيەرلىك بولۇپ قالدى.   مەرھۇم يازغۇچى ئەخمەت ھۆسىيۈن ئەپەندى مېلىس ناخشىلىرىنىڭ تېكىستىنى تولۇق خاتىرىگە ئېلىپ پىچان تارىخ ماتىرىياللىرىدا ئېلان قىلدۇردى. ھەمدە شېرىپ نەمەت ئەپەندى ۋە باشقا مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى بىرلىكتە مېلىس ناخشىلىرىنى ئۈنگە ئېلىپ پىچان ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىغا تاپشۇردى. كېيىن بۇ ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى شەخسلەرنىڭ «ساندۇقتىكى گۈھىرى» گە ئايلىنىپ ئىز-دېرىكى بولمىدى. پىچان لۈكچۈندىكى مۇقامچى مەرھوم  مۇھەممەت ئىبراھىم (راۋاپ) مۇ تۇپان مۇقاملرىنى رەتلەش، ئېيتىش جەريانىدا مېلىس ناخشىلىرىنى ئۈنگە ئېلىپ ساقلىغانىدى. ئۇيغۇرمەشرەپلىردىن سىنغا ئېلىنغان 32 مەشرەپ قاتارىدا پىچاندىمۇ مېلىس مەشرىپى سۆرەتكەئېلىنغاندا مېلىس ناخشىلىرىنى  ئەسلى بويىچە ئېيتالايدىغانلار ئاز بولغاچقا ، مۇھەممەت ئبىراھىم ئۆزى ئۈنگە ئالغان«مەستانە يار»،«گۈليار» ناخشىلىرىنى  مېلىس مەشرىپىنى ئىشلەش گۇرۇپپىسىغا خالس تەقدىم قىلدى. مۇھەممەت ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۇ ئۈنگەئالغان مېلىس ناخشىلىرىنىڭ لېنتىسى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئىككىپەرزەنتىنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم كىشلەر قولىدا ئۆزلىرى ئۈنئالغۇدا ئاۋازغا ئالغان تولۇقسىز قىسىملىرى بار. لەمجىن بازىرىدىكى نىكاھ –تويلارداھېلىمۇ «دەستار كىيگۈزۈش» ئادىتى داۋام قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، بۇ «دەستاركىيگۈزۈش» تە ئېيتىلىدىغان « تاغدا –تېرىق» ناخشىسىنى ئېيتالايدىغانلار يوق دېيەرلىك. پەقەت يۇقىرى مەھەللىدىكى 70ياشتىن ئاشقان ھازىم تۆمۈرچى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىسى لەمجىندىكى  نىكاھ تويلاردا «تاغدا-تېرىق»  ناخشىسىنى ئېيتىپ بېرىشكە بەس– بەس بىلەن تەكلىپ قىلىنۋاتىدۇ. پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزىسىنىڭ سابىق باشلىقى،سەنئەت سۆيەر كادىر جالالىدىن ئىمىن  تۇيۇق يېزىسدا  ئىشلىگەش جەريانىدا  تۇيۇق يېزىسىدىكى خەلق سەنئەتكارى ھىمىت ئۇستا قاتارلىقلاردىن  تەشكىللەنگەن مەدەنىيەت پونكىتى خادىملىرىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋەتلەپ،  تۇيۇقتا تارقالغان مېلىس ناخشىرىنى رەتلەتكۈزدى. يەنە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ«مەستانە يار»، «تاغدا تېرىق»، «يەل»قاتارلىق ئۈچ ناخشىنى سىنغا ئالدى.  بۇناخشىلار ئاساسىدا سەنئەت نومۇرى تەييارلاپ شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسى ئىشلىگەن «مەشرەپ»پىرۇگىراممىسىدا تېلۋىزىيە ئېكرانىغا ئېلىپ چىقىپ، كەڭ كۆرەرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغائېرىشتى.
     پىچاندىكى ئەمگەكچى ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ دىل ھۇزۇرىنى قاندۇرۇپ، مەنىۋىي ئۇزۇق ئېلىپ كەلگەن مېلىس ناخشىلىرى ۋارىسچىلىرىنىڭ بولماسلىقى، مەدەنىيەت-سەنئەت خادىملىرىنىڭ تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ ئانا ماكانى پىچاندا تۇرپان مۇقاملىرىنى رەتلەش، قۇتقۇزۇ خىزمىتىگىلا زور كۈچ چىقىرىپ، مېلىس ناخشىلىرىنى توپلاش، يىغىش، ۋارسىلىق قىلش ئىشلىرىغا سەل قارىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مېلىس ناخشىلىرى كۈنىمىزگەكەلگەندە يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. دوكتۇرلۇق تەتقىقات تېمىسى بولۇشقا مۇناسىپ بۇ سەنئەت مىراسىنى ئىلىمىي يۇسۇندا قۇتقۇزۇش، ۋارسلىق قىلش، تەتقىق قىلىشمەدەنىيەت-سەنئەت ئورۇنلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددى ۋەزىپىسى بولۇشى كېرەك ئەلۋەتتە.   
پايدىلانمىلار:
1.پىچان تارىخ ماتىرىياللىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرى.
2.كاتانۇف: <<كۈن چىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى>>، << مىراس>>  ژۇرنىلى2008-يىل 1-سان
3.خەلق ئارسىدىكى بىر قىسىم رىۋايەتلەر ۋە مېلىس ناخشىلىرى توغرىسىدىكى بىر قىسىم تەكشۈرۈش ۋە ئىزدىنىشلىرىم

  مەنبە : تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى 2015-يىللىق 2-سان

uyghuray

0

تېما

0

دوست

2198

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27691
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 704
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-2 23:10:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلىرىنى ئاڭلىغانكەنمەن، بولسا شۇلارنىمۇ قوشۇپ يوللىۋەتكەن بولسىڭىز تىخىمۇ تولۇق چۈشىنىۋالاتتۇقكەن ، شۇنداقتىمۇ  ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ! سەنئەت مەنبەلىرىدىن خەۋەردار بولدۇق .

0

تېما

2

دوست

1010

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21828
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 13:22:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشىنىڭ ئوزىنىمۇ يوللاپ قويۇدىغانلار بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن .

13

تېما

2

دوست

2338

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18913
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 792
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 15:36:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ھارمىغاي بۇرادەر!
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )