- تىزىملاتقان
- 2016-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 484
- نادىر
- 0
- يازما
- 46
ئۆسۈش
92%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sezgvr تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-2 20:30
مەلۇماتلار كەمچىل بولسىمۇ بەزى پاكىتلاردىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى شىيئەلەر شىنجاڭدا ئۆزىنىڭ ئازغۇن ئىدىيسىنى تارقىتىش ئۈچۈن جىق كۈچىگەن،ئەمما مەقسىتىگە تۇلۇق يىتەلمىگەن .مەسىلەن خوتەن رايۇنىدا بۇزاق يېزىسىدىكى ئىمامى مۇسا كازىم مازىرى،چىرا چاقادىكى ئىمامى مەھدى مازىرى ،خوتەن جىيىدىكى ئىمامى ئاسىم مازىرى،قارقاش سايباغدىكى ئىمامى ئەفتەر مازىرى،نىيەدىكى ئىمامى جەئفىرىم سادىق مازىرى قاتارلىق 12ئىمامنىڭ نامىدا ئاتالغان مازارلار بۇلۇپ تولاراق ياشانغانلار بېرىپ تاۋاپ قىلىدۇ،شۇ ئەقىدىدىكى كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە شۇ ئىماملارنىڭ ھۆرمىتىدىن خوتەن رايۇنىدا زەھەرلىك يىلان،چايان قاتارلىق ئادەمگە زىيانلىق ھايۋانلار يوقمىش،ۋە يەنە ھەزىرتى ئەلى كۈيلەنگەن يازمالار بۇلۇپ ئۇنىڭدا ئەلىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى باتۇرلۇقى مۇبالىغە قىلنغان ئۇدۇلدۇلىغا مىنىپ بىر ئۇچقانچە خوتەنگە كەلگەن،دىگەندەك .بۇ ئەقىدىدىكى كىشىلەر ئۆزىنى ئەھلى سۈنئى دەيدۇ ۋە پەيغەمبىرىمىزگە باشقا ساھابىلەرگە ھەرگىز ھاقارەت قىلمايدۇ.كىچىك ۋاقتىمدا رەھمەتلىك بۇۋام مىنى ئىمامى ئاسىم:مازىرىغا ئاپارغان بۇلۇپ قۇملۇقنىڭ ئۇتتۇرسىدا مازار ۋە مەسجىد بار شۇ چاغدا بىر بۇلاق باردەكمۇ قىلغان ،ئادەم بەك كۆپ بۇلۇپ بەزىلىرى قەبرە ئەتىراپىدا قۇرئان ئوقۇسا بەزىلىرى مەسجىد ئىچىدە ناماز ئوقۇيتتى ،يەنە بىر تەرەپتە سەنسىۋىل كافىر دەپ ئاتالغان بىر كىشىنىڭ قەبرىسى بۇلۇپ قەبرە قېشىغا ھاجەتخانا ياسالغان بۇلۇپ كىشىلەر ھاقارەت يۈزىسىدىن ئۇ ھاجەتخانىغا تەرەت قىلاتتى.مەن باشقا كىشىلەر بىلەن بىرگە مەدداھنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇ سۆزلىگەن داستاننى ئاڭلىغان ئىدىم. |
|