قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4984|ئىنكاس: 61
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننى مەزھىپىنىڭ پەرقى

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

15

دوست

4697

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1539
توردىكى ۋاقتى: 1179
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننى مەزھىپىنىڭ پەرقى


دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ



ئىلاۋە: بۇ يازما ئەزھەردىكى ئۇيغۇر دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز قېرىندىشىمىزنىڭ سۈننىي ۋە شىئە مەزھىپىدىكى پەرقلەرگە قارىتا بەرگەن جاۋابلىرى بولۇپ، تورداشلارنىڭ شىئە مەزھىپىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم. خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم، خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا، تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلىمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق تۇلۇقلىما بەرسەڭلار بولىدۇ. قۇرۇق جېدەل-ماجىرا قىلىشتىن ساقلانغايسىلەر!


سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. سۈننى مەزھىبى بىلەن شىئە مەزھىبى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت زادى نېمە؟ ھازىرقى ئىران ھاكىمىيىتى شىئە مەزھىبىنىڭ قايسى تۈرىگە مەنسۈپ؟ بىز ئۇلارغا قارىتا قانداق قاراشتا بولساق ئەڭ توغرا بولغان بولىدۇ؟ شىئە مەزھىبى ھەققىدە تەپسىلىرەك مەلۇمات بەرگەن بولساڭلار.ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:


بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم


بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
شىئە دېگەن سۆز لۇغەتتە بىر گۇرۇپ تەرەپدارلارنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئاتالغۇ ئىمام ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تەرەپدارلىرىغا خاس بولۇپ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
شىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا تەتقىقاتچىلارنىڭ قاراشلىرى بىردەك ئەمەس، بەزىلەر: بۇ تائىپە پادىشاھلىرىنى ئىلاھىيلاشتۇرۇپ كۆنۈپ قالغان پارىسلارنىڭ ئەھلى بەيتنى ئۇلۇغلاپ ئىماملارنى مۇقەددەسلەشتۈرۈشىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارىغان.
يەنە بەزىلەر: شىئەلەر پەيدا بولۇشتا ئىسلامغا زىيان ئۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمان بولۇۋالغان يەھۇدىي ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئكە بېرىپ تاقىلىدۇ، ئۇ مۇسۇلمانلار جامائىتىنى بۆلىۋېتىش، ئۇلارنىڭ شانۇ-شەۋكىتىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن مۇشۇ مەزھەبنى ئوتتۇرىغا چىقارغان، يەنى، شىئەلەرنىڭ تېگى يەھۇدىيلارغا تۇتۇشىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ بەزى شەرقشۇناسلارنىڭ قارىشىدۇر.
لېكىن توغرىسى بۇ تائىپىنىڭ كېلىپ چىقىشى يا پارىسلارغا ياكى يەھۇدىيلارغا بېرىپ تاقالماي ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي سۈپەتلىرىگە، شۇنداقلا تۇغقانچىلىق جەھەتتىن ۋە ئۇندىن باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەڭ يېقىن كىشى بولغانلىقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىچىكىدىن تارتىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە چوڭ بولغان، رەسۇلۇللاھ ئۇنى تەربىيىلىگەن، ئۇ دەسلەپ مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ بىرى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئەڭ سۆيۈملۈك قىزىنى ياتلىق قىلىپ ئۇنى كۈيئوغۇل قىلىۋالغان، ئۇ رەسۇلۇللاھقا پەۋقۇلئاددە پىداكارلىقلارنى قىلغان، يەنە تەقۋادارلىق، زاھىدلىقتا ئالاھىدە پەزىلەتكە ئىگە بولغان… دېمەك، ھەزرىتى ئەلىنىڭ پەزىلەتلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى كۆپ، شۇڭا كېيىنچە خەلىپە تاللاش ئىشلىرىدا ئەممار، سەلمان، ھۇزەيفە، ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردەك بىر قىسىم ساھابىلار ھەزرىتى ئەلىنى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر بىلەن ھەزرىتى ئۆمەردىن ئەۋزەل دەپ قارىغان. لېكىن دەسلەپكى خەلىپىنى تاللاش ئىشى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنى خەلىپە قىلىپ تاللاش بىلەن ئاياغلاشقاچقا، ھەزرىتى ئەلى ئۆزىنى خەلىپە بولۇشقا ھەقلىقراق دەپ قاراپ، ئەبۇ بەكىرگە بەيئەت قىلىشقا ئۇنىمىغان. سەھىھۇل بۇخارىدا كەلگەن بۇ ھەدىس شۇنى كۆرسىتىدۇ.
زۇھرىي ئۇرۋەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ”رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى پاتىمە رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەبۇ بەكىر سىددىقتىن ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھقا ئۇرۇشسىز غەنىمەت قىلىپ بەرگەن ماللاردىن تېگىشلىك مىراسىنى تەقسىم قىلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىپ ئادەم ئەۋەتىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىدىكى، فەدەكتىكى ۋە خەيبەردىكى بەشتىن بىرىدىن قالغان ۋەقپە مال-مۈلۈكتىن ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەبۇ بەكىر ئۇنىڭغا: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىز پەيغەمبەرلەردىن مىراس قالمايدۇ. قالدۇرغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى سەدىقىدۇر، پەقەتلا مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسى بۇ مالدىن كۇپايىلەنگىدەك مىقداردا يەيدۇ» دېگەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەقپىلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا قانداق بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا، ھېچنىمىنى ئۆزگەرتمەي بىر تەرەپ قىلىمەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قانداق بىر تەرەپ قىلغان بولسا، شۇنداق قىلىمەن، دەپ ئۇ ماللاردىن فاتىمەگە بىر نەرسە بېرىشكە ئۇنىمىغان ئىدى، فاتىمە خاپا بولۇپ تاكى ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر ئەبۇ بەكىرگە گەپ قىلمىغان._ زۇھرىي دېدى: فاتىمە رەسۇلۇللاھدىن كېيىن ئالتە ئاي ئۆمۈر كۆرگەن._ فاتىمە ۋاپات بولغان چاغدا، ئۇنى ئېرى ئەلى ئەبۇ بەكىرگە خەۋەر قىلمايلا ئۇنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ، كېچىدە دەپنە قىلىۋەتتى. فاتىمە ھايات چېغىدا خەلق ئاممىسى ئەلىنى (ئەبۇ بەكىرگە كېلىپ بەيئەت قىلىشتا كېچىكىشتە) مەزۇر كۆرەتتى، فاتىمە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەلى ئامما نارازىلىقىنى ياقتۇرماي ئەبۇ بەكىر بىلەن يارىشىپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلماقچى بولدى، ئۇ ئاشۇ ئايلارغىچىلا ئەبۇ بەكىرگە بەيئەت قىلمىغان ئىدى. ئۇ ئۆمەرنىڭ ئەبۇ بەكىر بىلەن بىللە كېلىشىنى (تاپا-تەنە قىلىپ ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشىنى) ياقتۇرمىغانلىقتىن:
_ بىرەرسىنى ھەمراھ قىلماي ئۆزۈڭ يالغۇز كەلگىن_ دەپ ئەبۇ بەكىرگە ئادەم ئەۋەتكەن ئىدى. ئۆمەر ئەبۇ بەكىرگە:
_ ياق! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ قېشىغا ئۆزۈڭ يالغۇز كىرسەڭ بولمايدۇ، _ دەپ تۇرىۋالدى، ئەبۇ بەكىر:
_ سېنىڭچە ئۇلار ماڭا نېمىلەرنى قىلىپ كېتەر؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ قېشىغا چوقۇم بارىمەن، _ دەپ ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى. ئالدى بىلەن ئەلى شاھادەت ئېيتىپ ئاندىن:
_ بىز سېنىڭ پەزىلىتىڭنى ۋە ئاللاھنىڭ ساڭا بەرگەن ئاتاسىنى بىلىمىز. ئاللاھ ساڭا بەرگەن ياخشىلىققا (خەلىپىلىككە) ھەسەت قىلغىنىمىز يوق. لېكىن سەن خەلىپىلىك ئىشىدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلدىڭ. بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يېقىن تۇغقان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن خەلىپىلىك ئىشىدا مەلۇم ھوقۇقىمىز بار دەپ قارايتتۇق، _ دېدى. ئەبۇ بەكىرنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلۈپ كەتتى، ئاندىن ئەبۇ بەكىر سۆز قىلىپ:
_ جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئۆزۈمنىڭ تۇغقانلىرىغا سىلە_رەھىم قىلىشتىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇغقانلىرىغا سىلە_رەھىم قىلىش ماڭا سۆيۈملۈكرەك، ئەمما، مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى تالاش_تارتىشقا سەۋەب بولغان مۇشۇ (رەسۇلۇللاھ قالدۇرغان) مال-مۈلۈك بولسا، مەن ئۇنى خەيرىيەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشتا بىپەرۋالىق قىلىپ قالمىدىم، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ماللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى كۆرگەن بولسام، شۇنداق قىلدىم، _ دېۋىدى. ئەلى ئەبۇ بەكىرگە:
_ مەن ساڭا بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بەيئەت قىلىشقا ۋەدە قىلىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكىر پېشىننى ئوقۇپ بولۇپ، مۇنبەرگە چىقىپ ئالدى بىلەن شاھادەت ئېيتىپ ئاندىن ئەلىنىڭ ھەققى_ھۆرمىتىنى، ئۇنىڭ بەيئەت قىلىشتا كېچىكىپ قالغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېيتقان ئۆزرىلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئەلىگە مەغپىرەت تىلىدى، ئەلىمۇ ئالدى بىلەن شاھادەت ئېيتىپ، ئاندىن ئەبۇ بەكىرنىڭ ھەققى_ھۆرمىتىنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئۇنىڭ بەيئەت قىلىشتا كېچىكىپ قالغانلىقى ئەبۇ بەكىرگە ھەسەت قىلغانلىق جەھەتتىن ياكى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن پەزىلەتلەرگە كۆز يۇمغانلىق جەھەتتىن بولمىغانلىقى سۆزلەپ:
_ لېكىن بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يېقىن تۇغقان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن خەلىپىلىك ئىشىدا مەلۇم ھوقۇقىمىز بار دەپ قارايمىز، ئەبۇ بەكىر بىز بىلەن كېڭەشمەستىن خەلىپىلىك ئىشىدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلىمىزدە نارازىلىق پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى، _ دېۋىدى، بارلىق مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوشال بولۇپ:
_ توغرا قىلدىلا، _ دېيىشتى. ئەلى بۇ مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغان چاغدا مۇسۇلمانلار ئەلىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.“([1])
شۇنداق قىلىپ ھەزرىتى ئەلى ھەقىقىي سەمىمىيەتلىكى بىلەن ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرگە بەيئەت قىلىپ ياشىدى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر دۇنيادىن كېتىپ خەلىپىلىك ئىشىنى ھەزرىتى ئۆمەرگە تاپشۇرۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ تاللىشى ھەزرىتى ئۆمەرگە توختالغاندىن كېيىنمۇ ھەزرىتى ئەلى ئەبۇ بەكىر زامانىدىكىدەكلا سەمىمىيەتلىك بىلەن خەلىپىگە ھەمدەمدە بولۇپ، يار-يۆلەك بولدى. ھەزرىتى ئۆمەردىن كېيىن گەرچە ئۇ خەلىپىلىككە ھەر جەھەتتىن لايىق بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىلگىرىكى ئىككى خەلىپىنىڭ تۇتقان يولىنى، يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى ئەينەن ئېلىپ مېڭىش مەسىلىسىدە ۋەدە بېرىپ قويسا كېيىن ئەينەن تۇتۇپ ماڭالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كەسكىن ۋەدە بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار خەلىپىلىك بەنى ھاشىم جەمەتىدىن بىرسىگە قولىغا كېلىپ قالسا، كېيىنچە بەنى ھاشىم جەمەتىدە مۇقىملىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن ھەزرىتى ئۆمەردىن كېيىنمۇ ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولماي ھەزرىتى ئوسمان خەلىپە بولدى.
ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىمۇ ھەزرىتى ئەلى بۇرۇنقىدەكلا خەلىپىگە سەمىمىي ياردەمچى بولۇپ كەلدى. ئاخىرى ھەزرىتى ئوسمان ئۆلتۈرۈلگەن ۋەقەلەر يۈز بېرىپ ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا نىزا يۈز بېرىپ ئاخىرى ئابدۇرراھمان ئىبنى مۆلجەمنىڭ قولىدا شېھىت قىلىندى. ئەلۋەتتە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ساھابە كىراملاردىن، تابىئىيلاردىن قوللىغۇچىلىرى بار ئىدى، بۇلار ئۇنى ھايات ۋاقتىدا قوللاپ پىداكارلىق قىلىپ كەلگەن ئىدى، ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى، ئىش-ئىزلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئەسلەيدىغان بولدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوبرازى بىر خىل ئۇلۇغلۇق، مۇقەددەسلىك، ئىلاھلىق تۈسىنى ئېلىشقا باشلىدى.
كېيىنچە ئەھلى بەيت كىشىلىرى ئۆز ھەققىگە ئېرىشەلمەي ھاكىملار تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىدى، كىشىلەرمۇ ئۇلارغا ئامراقلىق قىلىپ ھېسداشلىق قىلىشقا باشلىغاندا ئاندىن ھازىرقى ئىستىلاھتىكى شىئە تائىپىسى شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئەھلى بەيتنىڭ كىشىلىرى بۇ ئېقىمنىڭ ئۇلغىيىشىغا كۈچىگەن بولسىمۇ، دىنىي جەھەتتىن بىرەر ئاساس تېپىش زۆرۈر ئىدى، نەتىجىدە شىئەلەر قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئاساس تېپىشقا، تېپىلمىسا پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى.
ئاخىرىدا شىئە تائىپىسى نۇرغۇن تائىپىلەرگە بۆلۈنۈپ، بەزىلىرى بەكلا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتى.
دېمەك، شىئەلەرنىڭ تېگى شەرقشۇناسلار دەۋالغاندەك يەھۇدىيلارغا ياكى باشقىلار دەۋالغاندەك پارسلارغا تۇتاشمايدۇ، بەلكى شىئەلىك تەبىئىي شەكىللىنىپ، تەبىئىي ئۆسۈپ ېيتىلگەن.([2])
شىئە مەزھىبىنىڭ باشقا مەزھەبلەردىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئاساسلىق قارىشى شۇكى، ھەزرىتى ئەلى خەلىپىلىك ئورنىغا چىقىشتا باشقا ساھابىلاردىن ھەقلىقراق، ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپە بولۇشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى، تاپشۇرۇقى ۋە تەيىنلىشى بىلەن بولغان، مانا بۇ داۋا شىئە گۇرۇھىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ تۈپ ئاساسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ دىنىي ئەقىدىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىدا بۇ ئىشتا كېڭەش ياكى خەلقنىڭ ھېچ رولى يوق.
شىئەدىن باشقا بارلىق ئىسلام پىرقىلىرى خەلىپە ۋە دۆلەت رەئىسى خەلقنىڭ تاللىشى ۋە خەلق ۋەكىللىرىنىڭ كېڭىشى ۋە بەيئەت قىلىشى بىلەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
شىئەلەر خەلىپە بولۇش ياكى مۇسۇلمانلارغا رەئىس بولۇشنى پەيغەمبەرلىككە قىياس قىلىپ ئۇنىمۇ ”ئىلاھىي بەلگىلەش“ بىلەن بولىدۇ، ”خەلقنىڭ تاللىشى“ بىلەن بولمايدۇ دەپ قارىغان، خەلىپىلەرگە پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش مەسۇملۇق مەرتىۋىسىنى بەرگەن، بەلكى تېخى ئۇلارنىڭ مەرتىبىسىنى پەيغەمبەرلىك مەرتىبىسىدىن ئۈستۈن دەپ قارىغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەيغەمبەرلىك ”ۋاقىتلىق ئىلاھىي ئىلتىپات“ بولۇپ، مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ رولى تۈگىگەن، ئەمما، خەلىپىلىك بولسا پەيغەمبەرلىك تۈگىسىمۇ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ تۇرىدىغان ”ئومۇمىي ئىلاھىي ئىلتىپات“، ھەتتا ئىمام ئايەتۇللاھ خۇمەينىي خەلىپىلەرنىڭ مەرتىبىسىنىڭ مۇقەررەب پەرىشتە ۋە ھەتتا پەيغەمبەرلەرنىڭ مەرتىبىسىدىنمۇ ئۈستۈن ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئىماملىرىمىزنىڭ مۇقەررەب پەرىشتىمۇ، ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمۇ يېتەلمەيدىغان يۇقىرى مەرتىبەگە ئىگە ئىكەنلىكى مەزھىبىمىزنىڭ زۆرۈر تەقەززالىرىدىندۇر.“
نورماللىرى بولسۇن ياكى ئاشقۇنلىرى بولسۇن بارلىق شىئە تائىپىلىرى بۇ ئىلاھىي بەلگىلەش ئەقىدىسىدە بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئەقىدىگە تانغان كىشى كاپىر بولىدۇ.
لېكىن ئۇلار ئۇنىڭدىن باشقا قاراشلاردا بىرلىككە كېلەلمىگەن، مەسىلەن ھازىر شىئەنىڭ كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلىدىغان 12 ئىمام مەزھىبى خەلىپىلىك ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن 12- ئىمام غايىب بولۇپ كەتكەن، ئوتتۇرىغا چىقىشى كۈتۈلگەن مەھدىي دەل ئاشۇ غايىب ئىمام، ئۇ يوق چاغدا مۇجتەھىد ئالىملار ئۇنىڭ ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەپ تۇرىدۇ دەپ قارايدۇ.
كەيسانىييە پىرقىسى ئىمامەتچىلىك ھەزرىتى ئىمامدىن ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفييەگە يۆتكەلگەن دەپ قارايدۇ.
ئىسمائىيلىيە پىرقىسى ئىمامەتچىلىكنىڭ ھەزرىتى ئىمامدىن تارتىپ ھەزرىتى جەئفەر سادىققا قەدەر ئارىلىقتا 12 ئىمام پىرقىسىغا ئوخشاش قارىغان، ھەزرىتى جەئفەردىن كېيىن ئوغلى مۇسا كازىمغا ئەمەس، ئوغلى ئىسمائىلغا يۆتكەلگەن دەپ ئايرىلىپ چىققان، ئۇلار ئىسمائىلدىن كېيىن ئۆزلىرى ئايرىم تەرتىپ بەلگىلىگەن. بۇ تائىپە شىئەلەرنىڭ ئەڭ ئازغۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ.
زەيدىيە مەزھىبى بولسا ئەھلى سۈننەتكە پىكىر جەھەتتىن ئەڭ يېقىن مەزھەب بولۇپ، بۇ مەزھەبتىكىلەر ئىلاھىي بەلگىلىمە ئەقىدىسى ھەققىدە: ئىلاھىي بەلگىلەش ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۆزىگە خاس بولماستىن مەلۇم سۈپەتلەرگە قارىتا بولغان دەپ قارىغان.
دېمەك، زەيدىيەدىن باشقا شىئە تائىپىلىرى خەلىپىلىك مەرتىبىسىدىكى ئىماملارنى مەسۇم ۋە مۇقەددەس ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىنى، ھەممە ئىلىملەرنى، ھەممە تىللارنى بىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا توختاۋسىز ئىلاھىي ئىلھام كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، كىچىكىدىن تارتىپ بىر ئىنساندىن دەرس ئالماي ھەممە مەرىپەتنى بىلىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق سۇئالغا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى داۋا قىلىدۇ، ئىمام مەسۇم بولغاچقا بارلىق ئۈممەت خاتالاشسىمۇ ئىمام خاتالاشمايدۇ، ئىمام پەيغەمبەرنىڭ بارلىق ھوقۇقىغا ئىگە، شۇڭا ئىمام دىنىي جەھەتتىن بىردىنبىر مەنبە ۋە ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.
ئىمامەتچىلىك ئەقىدىسىدىن باشقا شىئەلەردە ئەھلى سۈننەتتىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە ئەقىدىلەر بار. مەسىلەن:


تەقىييە ئەقىدىسى.
تەقىييە _ مۇقەررەر زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىچكى ئېتىقادىنى يوشۇرۇپ باشقىچە كۆرۈنۈش، بۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دىننىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. شىئەلەر نەزىرىدە ئىمام ئەلى قاتارلىقلارمۇ تەقىييە قىلغانمىش. بەزىلىرى تەقىييە قىلىش ۋاجىب دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل نىپاقتۇر. ئادەتتىكى بىر مۇسۇلمان كاپىرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۇپۇر سۆز قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ ئەلى ۋە ئۇندىن باشقا ئىماملارغا بۇنداق رۇخسەت يوق. شىئەلەر ئىماملىرىدىن رىۋايەت قىلغان قارىمۇ-قارشى رىۋايەتلەرنى ئىزاھلاشتا ”ماۋۇنى تەقىييە قىلىپ دېگەن“ دەۋالىدۇ. بۇ مەسىلىنى شىئە ئىماملىرى ئۇسۇلى فىقھى قاتارىدىن قىلىپ ئىماملىرىدىن كەلگەن كۆرسەتمىلەرنىڭ بەزىسىنى رەت قىلىۋېتىشكە قوللىنىدۇ.
شىئەلەر ئاساسەن تەقىييە مەسىلىسىنى كاپىرلارغا قارىتا ئەمەس، ئەھلى سۈننەدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئىمام قەرزاۋىي رەفسەنجانىي بىلەن ”ئەلجەزىرە“ تېلېۋىزىيە قانىلىدا قىلغان مۇنازىرىسىدە رەفسەنجانىي تەقىييە قىلىشقا ئاللاھ تائالانىڭ:
[إِلَّا أَنْ تَتَّقُوا مِنْهُمْ تُقَاةً]
(پەقەتلا ئۇلاردىن تەقىييە قىلساڭلار.)([3]) دېگەن سۆزىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەندە، ئىمام قەرزاۋىي: ”بۇ دېگەن كاپىرلارغا قارىتا دېيىلگەن ئايەت“ دەپ رەددىيە بەرگەن ئىدى.


قايتىش ئەقىدىسى.
بۇ ئەقىدىنىڭ مەزمۇنى ئاللاھ تائالا قىيامەتتىن بۇرۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان جەمەتلىرىنى ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلارنى تىرىلدۈرۈپ مەزلۇملارنى ئىززەتلەيدۇ، زالىملارنى خارلايدۇ، كېيىن ئۇلارنى قايتا ۋاپات قىلدۇرىدۇ.


بەدائ ئېتىقادى.
بەدائ دېگىنىمىز بۇرۇن بىلمىگەن نەرسە ئايان بولۇش، بىلمىگەننى بىلىش دېگەن بولۇپ، شىئەلەر ئاللاھ تائالاغا بەدائنى مەنسۇپ قىلىشىدۇ. بۇ ئەسلىدە ئۇلارغا يەھۇدىيلاردىن سىڭگەن ئېتىقاد بولۇشى مۇمكىن. ھەقىقەتتە جانابى ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالا ھەممە نەرسىنى ئومۇمى ھەم تەپسىلىي، ئىلگىرى ۋە كېيىن مۇتلەق بىلگۈچىدۇر. كېيىن بىلىش ئاللاھ تائالاغا مۇھالدۇر.
بۇ ئەقىدىلەرنى ۋە بەك ئاشۇرۇۋەتكەن بۇزۇق تائىپىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا شىئە مەزھىبى مۇقىم ئىسلام ئەقىدىلىرى ۋە ئىسلام پائالىيەت- ئىبادەتلىرىدە باشقا ئىسلام پىرقىلىرى بىلەن ئاساسەن ئىتتىپاق، شۇڭا ئۇلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر قىسمى، ئەسلىدە ئۇلار ئىمامەتچىلىك مەسىلىسىنى ئاساسلىق ئەقىدە مەسىلىسى قىلىۋالماي تارماق مەسىلە قىلغان بولسا، ئۇلار ئادەتتىكى ئەھلى سۈننەت مەزھەبلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولاتتى.
ھازىر 12 ئىمام مەزھىبى ئىران، ئىراق، لىۋان، ئەزەربەيجان ۋە ئافغانىستاندا، ئىسمائىيلىيە مەزھىبى ھىندىستان، پاكىستان، تۈركىيە، سۈرىيە ۋە لىۋاندا مەۋجۇت. لىۋاندىكى ھىزبوللاھ ھەرىكىتىمۇ 12 ئىمام مەزھىبىدە، بۇلارنىڭ ئىمامىيە مەزھىبى دەپ ئاتىلىشى ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكى قۇرئان ۋە ھەدىستە كەلگەن دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان. ئەمدى 12 ئىمام مەزھىبى دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب بولسا، ھەزرىتى ئەلىدىن تارتىپ 12 ئىمامنى زەنجىرسىمان بېكىتىشىدىن كەلگەن. زەيد ئىبنى ئەلىنىڭ ئىماملىقىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ”رافىزا“ دەپ ئاتالغان. ھازىر يەركەن تەرەپلەردە 12 ئىمام مەزھىبىدىكى شىئەلەرنىڭ پائالىيىتى جانلىنىپ قالماقتا.
زەيدىيە مەزھىبى شىئەنىڭ چوڭ پىرقىلىرىدىن بولۇپ، شىئەنىڭ ئەھلى سۈننىگە ئەڭ يېقىن تۇرىدىغىنى ھېسابلىنىدۇ، كالامى قاراشلىرى مۇئتەزىلە بىلەن ئەشائىرە قاراشلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇلار يەمەن، ئۇممان قاتارلىق جايلاردا بار.
ھازىر سۈرىيەدە خەلقنى قىرىۋاتقان ھاكىم نۇسەيرىيە تائىپىسىمۇ، تۈركىيەدىكى ئەلەۋىيلەر تائىپىسىمۇ شىئەلەرنىڭ ئەڭ ئازغۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر. نۇسەيرىيە دېگەن نام فىرانسىيىلىك مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن ئەلەۋىيلەرگە بېرىلگەن نام بولۇپ، بۇ تائىپىنى شىئەلەرنىڭ ئۆزىمۇ ئازغۇن دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ تېگى خىرىستىيانلارغا تۇتىشىپ كېتىدۇ. بۇلار شام ساھىللىرىغا جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئەلەۋىيلەرمۇ بۇلارغا ئاساسەن يېقىن كېلىدۇ. بۇلارنىڭ بەكلا ئازغۇن ئېتىقادلىرى بولغاچقا، ئۆز ۋاقتىدا ئىمام ئىبنى تەيمىيە نۇسەيرىيلەردىن خوتۇن ئېلىشنى ھارام قىلىپ، ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلىشقا چاقىرىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى، مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىشنى ھالال دەپ پەتىۋا بەرگەن. بۇلار ئاساسەن ئىسلامغا پەقەتلا ئىسىم جەھەتتىنلا باغلىنىدىغان باتىنىي پىرقىدۇر.
دىيارىمىزدا تاشقۇرغاندىكى تاجىكلار شىئەلەرنىڭ ئىسمائىلىيە تائىپىسىغا تەۋە بولۇپ، بۇمۇ شىئەلەرنىڭ بەكلا ئازغۇن باتىنىي تائىپىلىرىنىڭ بىرىدۇر، بۇلار يەنە سۈرىيە، ئىران، پاكىستان، ھىندىستان، كەشمىر ۋە ئافرىقىدا بار بولۇپ، تارىختا بىر قانچە دۆلەت قۇرغان.
ھازىرقى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ %90 سۈننىي بولسا قالغىنى شىئە، خاۋارىج ۋە ئابازىيلاردۇر.
ھازىر ئىراندىكى شىئەلەر 12 ئىمام مەزھىبىگە تەۋە بولۇپ، ئەللامە مۇسا جارۇللاھ 1934- 1935-يىللاردا ئىران، ئىراقنى زىيارەت قىلىپ شىئە ئالىملىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ سۆھبەتلىشىش، يەنە شىئەلەرنىڭ كىتابلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىزدىنىش نەتىجىسىنى مۇنداق دەپ خۇلاسىلەيدۇ: ”ماڭا ئېنىق ئايان بولدىكى، شىئەلەرنىڭ بۇ كىتابلىرى ئىسلام ئۈممىتى كۆتۈرەلمەيدىغان، ئىسلام ئۈممىتى رازى بولمايدىغان، ئىسلامنىڭ مەنپەئىتى تەقەززا قىلمايدىغان، ئىسلامنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىغا زىت كېلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارغا ئىتتىپاق بولغان.“([4])
12 ئىمام مەزھىبىدىكى شىئەلەرنىڭ دىنغىمۇ، ئەدەبكىمۇ زىت كېلىدىغان، ئەھلى سۈننە پەقەت قوبۇل قىلالمايدىغان بەزى يامان قاراشلىرى بار. مەسىلەن:


ساھابە كىراملارنى تىللاش ۋە ئۇلارنى كاپىر دەپ قاراش.
شىئەلەرنىڭ كىتابلىرى ساھابە كىراملارنى كاپىر دېيىش بىلەن تولغان، ساھابىلەردىن شىئەلەر تەرىپىدىن كاپىر دېيىلمەي قۇتۇلۇپ قالغىنى پەقەتلا ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەڭ يېقىن تۇرغان بىرقانچە ساھابە بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ئاران يەتتىگە يېتىدۇ.
شىئەلەرنىڭ ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر بىلەن ھەزرىتى ئۆمەرنى كاپىر دەپ ھاقارەتلىشى بەكلا ئوچۇق ئاشكارە بولۇپ، شىئەلەرنىڭ ”ئەلۋافىي“ دېگەن كىتابىنىڭ 44-بېتىدە ۋە ئۇندىن كېيىنكى بەتلەردە ئەقىل قوبۇل قىلالمايدىغان سۆزلەر بار. ئۇلار بۇ ئىككى كاتتا ساھابىنى لەنەت قىلىنغان پاسكىنىلار، تاغۇتلار، مۇشۇ ئۈممەتنىڭ فىرئەۋنى بىلەن ھامانى، مۇناپىقلىقتا، پەيغەمبەرگە دۈشمەنلىكتە، ئىسلامغا زىيان ئۇرۇشتا ئەڭ يامان مۇناپىق دەپ قارايدۇ.
ھەتتا ئىمام قەرزاۋىي رەفسەنجانى بىلەن ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىدا قىلغان مۇنازىرىسىدە رەفسەنجانىدىن شىئە ئىماملىرى شىئە ئاۋاملىرىنى ئەبۇ بەكىر بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا لەنەت قىلىشتىن توسقان بولسا، دەپ تەلەپ قىلسا، رەفسەنجانى رەت قىلغان ئىدى.


ئەسرى سائادەتكە لەنەت ياغدۇرۇش.
شىئەلەرنىڭ ”ئەلكافى“، ”تەھزىيب“ ۋە ”ئەلۋافى“ قاتارلىق كىتابلىرى ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر، ئائىشە، ھەفسە ۋە باشقا ساھابە كىرام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارغا ئۇلار پۈتۈن ئۈممەت تۇرۇقلۇق ئېغىر قەبىھ تىل-ھاقارەتلەر بىلەن لەنەت قىلىش بىلەن تولغان. تېخى شىئەلەرنىڭ ساھابە كىراملەرگە، پۈتۈن ئۈممەتكە لەنەت قىلىشتا ئىماملىرىمىزدىن قالغان دەيدىغان ئالاھىدە مەخسۇس دۇئالىرى بار.
بىرلا مىسال ئالساق: ئەلكافى 3-توم 351-بەتتە: ئائىشە بىلەن ھەفسە ئىككىسى دوزاختا مەڭگۈ قالدۇرۇلىدىغان كاپىر مۇناپىقتۇر، دېيىلگەن.


قۇرئان كەرىم بۇرمىلانغان دەپ قاراش.
قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى سۈرىلىرى ياكى بەزى ئايەتلىرى قىسقارتىلغان، بەزى كەلىمىلەرنىڭ، ئايەتلەرنىڭ تەرتىپى ئۆزگەرتىلگەن دېگەن قاراشقا شىئە كىتابلىرى بىردەك ئىتتىپاق. قۇرئاننىڭ بۇرمىلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر شىئەلەرنىڭ نەزىرىدە مۇتەۋاتىر.
“ئەلكافى“ دېگەن كىتابتا سادىقنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ”مۇھەممەدكە جىبرىل ئېلىپ چۈشكەن قۇرئان 7000 ئايەت بولۇپ، بىزنىڭ قولىمىزدىكىسى پەقەتلا 6236 ئايەت، قالغىنى ئەلى توپلىغان بويىچە ئەھلىل بەيتنىڭ قولىدا باردۇر.“
”ئەلكافى“دا كېلىشىچە: ھەزرىتى ئەلى يازغان قۇرئاننى ئەلقائىم ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ، بۇ قۇرئان ئىمامنىڭ غايىب بولۇشى بىلەن تەڭ غايىب بولغان.


شىئەدىن باشقا ئىسلام پىرقىلىرىنىڭ ھۆكمى.
شىئە كىتابلىرىنىڭ ئېنىق ئىپادىلىشىچە: شىئەدىن باشقا پۈتۈن ئىسلام پىرقىلىرى كاپىردۇر، مەلئۇندۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ئەبۇ بەكىر بىلەن ئۆمەرنى ئەلىنىڭ ئالدىغا قويغان ناسىبىينىڭ([5]) قېنى بىلەن مېلى ھالالدۇر.
ئىمام سادىق ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تۆت مەزھەب ئىماملىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇلارنىڭ قېشىغا بارما، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىما، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇن، مۇشرىك مىللەتلىرىگىمۇ لەنەت قىلسۇن.“


ۋاقىتلىق نىكاھ مەسىلىسى.
شىئەلەر نىكاھى مۇتئەنى ھالال دەپ قارايدۇ، باقىر بىلەن سادىق مۇنداق دېگەن: ”بىزنىڭ مۇتئىمىزنى ھالال سانىمىغان، بىزنىڭ قايتىشىمىزنى ئېتىقاد قىلمىغان بىزدىن ئەمەس.“
شىئەلەرنىڭ نەزىرىدە مۇتئە بىر كۈن ياكى بىرەر سائەت بولسىمۇ ۋاقىت توختىتىش بىلەن بىر ئوچۇم بۇغداي بولسىمۇ ئىش ھەققىدىن ئىبارەت ئىككى نەرسە بىلەن بولىدۇ، مۇتئە نىكاھ بىلەن تۆتتىن ئارتۇق قانچە خوتۇن ئالسا بولىۋېرىدۇ.


پۇتىنى يۇيۇش ۋە ئىككى ئۆتۈككە مەسھى قىلىش.
تاھارەت ئالغاندا پۇتىنى يۇيۇش ۋە ئىككى ئۆتۈككە مەسھى قىلىشنى شىئەلەر ھارام دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى پۇت يۇيۇش بىلەن ئۆتۈككە مەسھى قىلىش مۇتەۋاتىر ھالدا كەلگەن.
ھەسەن بەسرىي: ”مەن بەدر غازىتىغا قاتناشقان يەتمىش ساھابىنى كۆرگەنمەن، ھەممىسى ئىككى ئۆتۈككە مەسھى قىلىشنى توغرا دەپ قارايتتى“ دېگەن. بۇ سەۋەبتىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئىككى ئۆتۈككە مەسھى قىلىشنى ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە شەرتلىرىدىن دەپ قارايتتى.([6])
يۇقىرىدىكى مەلۇماتلار ئاساسەن مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى نەشىر قىلغان ”ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى“ بىلەن شىئەگە قارىتا يېزىلغان ئەڭ مۇھىم ھەم ئىشەنچلىك پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولغان ئەللامە مۇسا جارۇللاھ رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ يىگانە ئەسىرى ”ئەلۋەشىيئە فى نەقدى ئەقائىدى شىيئە“ دېگەن كىتابىدىن نەقىل قىلىندى. كەڭرەك مەلۇماتقا ئىگە بولماقچى بولغانلار ئەللامىنىڭ ئاشۇ كىتابىغا مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ. بۇ كىتابيېقىندا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولدى. ئەرەبچىسى ”ساجىيە“ تورىدا بار.
شىئەلەر ھەققىدە ئۇندىن باشقا پايدىلىنىش بولىدىغان ماتېرىياللاردىن تۆۋەندىكىلەر بار:
مۇھەممەد مۇھىببىددىين ئەلخەتىيب يازغان: ”الخطوط العريضة للأسس التي قام عليها دين الشيعة الإمامية الاثنى عشرية“ بۇ كىتابنى ”مەكتەبە سەلەفىييە“ نەشىر قىلغان.
ئېھسان ئىلاھىي زاھىير يازغان: ”ئەششىيئە ۋەلقۇرئان“ دېگەن كىتاب بىلەن ”ئەششىيئە ۋەسسۈننە“ دېگەن كىتاب ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، مۇشۇ ئىككى كىتابى سەۋەبىدىن شىئەلەر پاكىستانلىق بۇ ئالىمنى ئۆلتۈرىۋەتكەن. بۇ كىتابنى لاھوردىكى ”ئىدارەتى تەرجۇمان سۈننە“ نەشىر قىلغان، رىيازدىمۇ قايتا نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتاب ”ساجىيە“ تورىدا بار.
ئىمام ئىبنى تەيمىيەنىڭ: ”مىنھاجۇسسۈننە ئەننەبەۋىييە“ دېگەن كىتابىنىڭ مۇختەسەرى. بۇنى شىئە مەزھىبىدىكى ئالىملاردىن ئىمام خومەينىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىم ئايەتۇللاھ ئەلئۇزما ئەبۇل فەزل ئەلبۇرقۇئىي فارىسى تىلغا تەرجىمە قىلىپ دەرس سۆزلىگەن بولۇپ، بۇ ئالىم نۇرغۇن شاگىرتلىرى بىلەن بىللە شىئە مەزھىبىدىن ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە قايتقان ۋە شاھ دەۋرىدە كېيىنچە ئىمام خۇمەينى دەۋرىدە نۇرغۇن قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنىپ، تۇرمىغا سولانغان، سۈيقەستكە ئۇچرىغان. بۇ ئالىمنىڭ شىئەلەرنى تەنقىد قىلىپ يازغان كۆپ ئەسەرلىرى بار.
خۇلاسە شۇكى، ھازىرقى ئىران ۋە ئىراقلاردىكى 12 ئىمام مەزھىبىدىكى شىئەلەرنى ئازغۇن مۇسۇلمانلار دېيىش مۇمكىن. ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ھەق بىلەن باتىلنى، ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنى ئارىلاشتۇرۇپ دىندا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ مۇسۇلمانلار جامائىتىنى پىرقىلەرگە بۆلۈۋەتكەن. مۆمىنلەر تۇتقان يولنى تۇتماي، ئەسىرلەردىن بۇيان ئىسلام ئۈممىتىگە ۋابال بولۇپ كېلىۋاتقان زىيانلىق، سىياسىي تائىپىدۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا:
[1]) سەھىھۇل بۇخارىي 4240ـ 4241-ھەدىسلەر.
([2]) ئىمام ئابدۇل ھەلىيم مەھمۇدنىڭ "ئەتتەفكىيرۇل فەلسەفىي فىل ئىسلام" 119-132-بەتلەرگە قارالسۇن.
([3]) "ئالى ئىمران" سۈرىسى 28-ئايىتىنىڭ بىر قىسمى.
([4]) ئەلۋەشىيئە فى نەقدى ئەقائىدى شىيئە 108-بەت.
([5]) ناسىبىي-ئەينى دەۋىردە ھەزرىتى ئەلى ۋە ئەھلى بەيتكە ئۆچمەنلىك ئىزھار قىلغۇچىلار بولۇپ، كېيىنچە شىئەلەر ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر، ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنى ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئالدىن ئورۇنغا قويغان ئەھلى سۈننىلەرنىڭ ھەممىنى ناسىبىي دەيدىغان بولغان.
([6]) بەدائۇسەنائىئ 1/7.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43647
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-6
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qisas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-3 09:14  

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم .دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمىتۇللاھ ۋە تېما يوللىغۇچى قېرىندىشىمىزغا كۆپ تەشەككۈر .
ئەھۋال تېمىدا دىيىلگەندەك .مەن شىئەلەرنى مۇسۇلمان ئەمەس ؛دەپ قارايمەن .(مەندىن سۇئال سورىماي.تېما مەزمۇنىنى ياخشى ئوقۇپ چىقىڭلار.)

0

تېما

0

دوست

1374

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   37.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10547
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-6
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن چۈشىنىشلىك يازما بوپتۇ. مۈجمەل بوپ قالغان نۇقتىلار ئايدىڭلاشتى

0

تېما

1

دوست

1130

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55140
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 336
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
يەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
شىئەلەرنىڭ كاپىرلىقى مۇرەسسە كەتمەيدىغان مەسىلە .قۇرئان ئۆزگەرتىلگەن دىيىش ،رەھبەرلىرىنى پەيغەمبەر بىلەن تەڭ ئۇرۇنغا قۇيۇش ئۇلارنىڭ كاپىرلىقىغا يىتەرلىكتۇر ،بەش نامازنى ئۈچ ۋاق قىلىپ ئۆزگەرتىشىمۇ شۇ
uyghuray

0

تېما

0

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43647
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-6
5#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
trumpin يوللىغان ۋاقتى  2016-3-2 19:17
شىئەلەرنىڭ كاپىرلىقى مۇرەسسە كەتمەيدىغان مەسىلە .قۇرئ ...

توغرا دىدىڭىز قېرىندىشىم.

0

تېما

0

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43647
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-6
6#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
trumpin يوللىغان ۋاقتى  2016-3-2 19:17
شىئەلەرنىڭ كاپىرلىقى مۇرەسسە كەتمەيدىغان مەسىلە .قۇرئ ...

توغرا دىدىڭىز قېرىندىشىم.

0

تېما

0

دوست

484

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52790
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
7#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
خرىستىئان دىنىدىمۇ چوڭ كىچىك 40چە مەزھەپ بۇلۇپ بىر بىرىنى ئازغۇنلار دەپ ئاتايدىكەن،بىر بىرىنىڭ ئوقۇيدىغان ئىنجىللىرىمۇ ئوخشىمايدىغان بۇلۇپ بىر بىرىنىڭ ئىنجىللىرىنى ئۆزگەرتىلگەن دەپ قارايدىكەن.

0

تېما

0

دوست

2468

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35733
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 772
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-6
8#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھازىر يەركەن تەرەپلەردە 12 ئىمام مەزھىبىدىكى شىئەلەرنىڭ پائالىيىتى جانلىنىپ قالماقتا.... بۇ راس ئەھۋالمىدۇ  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )