- تىزىملاتقان
- 2012-7-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 117
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
39%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك سالون باشقۇرغۇچىلىرى؟
ئۈنداردا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە سالونلار ئېچىلىپ خېلى تەرەققىي قىلدى ھەم سالون باشقۇرغۇچىلار كۈندە نەچچە سائەتلەپ كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ سالون ئىشتىراكچىلىرىغا ياخشى مەزمۇنلارنى يوللاپ سالون ئىشتىراكچىلىرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ بەلگىلىك ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياخشى مەزمۇنلارنى يوللاپ ئالقىشلارغا ئىرىشۋاتقان سالون باشقۇرغۇچىلىرىغا سەممى رەھمەت ئېيتىمەن ، رەھمەت سىلەرگە جاپا چەكتىڭلار.
يەنە بۇنىڭدىن باشقا بەزىبىر سالونلار ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىشلىمگەن دىتاللارنى سالونىمىزنى مانچە توپقا ياكى دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاپ ئاندىن چۈرۈشۇڭ دەيدۇ . ياخشى مەزمۇنلاردىن ھەممە ئادەم پايدىلانسا بولمامدۇ ؟ مەسلەن جۇڭگۇ مىللەتلەر تىل يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى ياساپ ھەقسىز تارقاتقان ئۇيغۇرچە ھەم خەنزۇچە ئېنگىلىسچە يېزىق ھەم ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچلەرنى، يەنە ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا، خەنزۇچىنى ئۇيغۇرچىغا ئاۋازلىق ھەم خەتلىك تەرجىمە قىلدىغان يۇمشاق دىتاللارنىمۇ شۇنداق قىلۋاتىدۇ، باشىقلارمۇ چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە نىمىشقا بولمايدۇ ، نىمىشقا مانچە توپقا يوللاپ يەنە دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاپ ئاندىن چۈشۈرۈپ ئىشىلتىدۇ، ھەتتا بەزى سالونلارنى دىگىنى بۇيچە يوللىغان بىلەنمۇ چۈشمەيدىكەن . يەنە بەزى سالونلاردا 488يۈەن بولغان تەرجىمە دىتالى ھەقسز تارقىتىلدى ۋاقتى چەكلىك دەپ يېزىپ قويىدىكەن، بۇ دىتاللارنى جوڭگۇ مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى ئەزەلدىن ھەقسىز تارقاتقان تۇرسا.شۇڭا سالون باشقۇرغۇچىلىرىمىز باشقىلارنىڭ چاپىندا تەرلىمەيلى . ياخشى ئىشلاردىن خەلقىمىزمۇ پايدىلانسۇن! ئەگەر توپقا ھەم دوسلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلىسۇن دىسەڭلار ياخشى مەزمۇنلارنى يوللاپ خەلقىمىزنى ئالدىماڭلار ، شۇندىلا خەلىقىمىز ئۆزلىكىدىن ھەمبەھىرلەپ تارقىدۇ .
مەن كەسپىي يېزىقچىلىق قىلمىغاچقا ياخشى يازالماي قالغان بولىشىم مۇمكىن توغرا چۈشەنگەيسىلەر. ئاكتىپ تاقتىپ قويغان بولساڭلار.
ئۈستىدە دىيىلگەن يۇمشاق دىتاللارنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىزجوڭگۇ مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى ئورگان تور بىكىتىدىن چۈشۈرىۋېلىڭ :http://www.mzywfy.org.cn/
|
|