قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 688|ئىنكاس: 1

«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىكى ھەربىي ئىشلارغا دائىر مەلۇماتلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

0

دوست

1975

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33071
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 700
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 09:47:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىكى ھەربىي ئىشلارغا دائىر مەلۇماتلار

يۈسۈپجان ياسىن


(مەنبەسى : «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 2016- يىللىق 1- سان)

   ئىنسانلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدىن مەلۇمكى، تارىخنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشىغان تۈرلۈك مىللەتلەرئۆزلىرى ياشىغان يەرلەرنىڭ سۈيى، تۇپرىقى،ئىقلىمى، ئىقتىسادىي شارائىتى، ئىرق، تەپەككۇر ۋە مەدەنىيىتىدىكى پەرقلىق ئامىللارتۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان خاراكتېرلارنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنداق ئالاھىدىلىكلەر ۋە چۈشەنچىلەر ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئىقلىمى داۋاملىق تۈردە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تاغلىق، ئېگىزلىك، بوزقىر ۋە چۆل رايونلىرىدا ياشىغان، تارىخىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ئاساسەن ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىقتىسادىغا تايانغان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قوۋملەر تۇرمۇش زۆرۈرىيىتى تۈپەيلىدىن دائىم يۆتكىلىپ تۇراتتى. ئۇلار قورقۇنچلۇق تاغ قاپتاللىرىدىن، خەتەرلىك ئېگىزلىكلەردىن ۋە چەكسىز كەتكەن چۆل– جەزىرىلەردىن ئۆتۈپ يېڭى ھاياتلىق ماكانلىرىنى ئىزدىگەن. دائىم ئوت- چۆپ ۋە سۈيى مول جايلارنى ئىزدەپ كۆچۈشتەك مۈشكۈل ۋە جاپالىق تۇرمۇش شەكلى، شۇنىڭدەك بەلگىلىك دەرىجىدە بىرلىك،ھەمكارلىق ۋە تەشكىلاتچىلىقنى شەرت قىلىدىغان ھاياتلىق يولى تۈركىي   قوۋملەرنىڭ روھىداۋە جىسمىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، قەھرىمان، پىداكار،غەيرەتلىك، جەڭگىۋار،ئىنتىزامچان ۋە جەمئىيەتچى خاراكتېرنى ھەم بۇخاراكتېرلەرنى ئاساس قىلغان ئەخلاق سىستېمىسىنى ياراتقان.بۇ خىل ئالاھىدىلىكەر بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ ئۇلارنى تارىختا ھەربىي مىللەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغاچىقارغان.
    خەنزۇچە مەنبەلەردىكىگە ئوخشاش ئەرەب ۋە پارس مۇئەللىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ تۈركىي  قوۋملەرنىڭ بۇخۇسۇسىيىتىدىن سۆز ئېچىلىدۇ. مەسىلەن، ئۆزىنىڭ دەۋرىگە قەدەر بولغان تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا كۆرۈلگەن ئالاھىدىلىكەر ھەققىدە بىر خۇلاسەچىقارغان ئەرەب ئالىمى، مۇتەپەككۇرى جاھىز ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەتنىڭ مەلۇم بىر ساھەسىدە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغاقويغان. ئۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ يۇنانلىقلارنىڭ پەلسەپە بىلەن ھېكمەتتە، خەنزۇلارنىڭ ھۈنەر- سەنئەتتە، پارسلارنىڭ سىياسەتتە،تۈركىي  قوۋملەرنىڭ ھەربىي ئىشلاردا كۆرسەتكەن ماھارىتىدەك تولۇق ۋە مۇكەممەل ماھارەت كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
    مۇكەممەل بىر ھەربىي ۋەسىياسىي تەشكىلاتقا ۋە تېز سۈرئەتلىك ئاتلىق قوشۇنغا ئىگە تۈركىي  قوۋملەر ھەر خىل ئۆتكۈر قوراللار ۋە ئۇرۇشتا ئېرىشكەن زور ئۇتۇقلىرى بىلەن بۈيۈك بىر مىللەت بولۇشتەك خاراكتېرنى ياراتقان.
    تۈركىي قوۋملەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا تۇرمۇش بىلەن ئۇرۇش بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ھەر بىر كىشى ياخشى بىر ئەسكەر بولۇشتەك سالاھىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇرۇش قاۋە ھەربىي تېخنىكىغا  زور دەرىجىدە ئېتىبار بەرگەن. شۇ سەۋەبلىك، ئۇيغۇرتارىخىنىڭ ھەر قايسى دەۋرلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان تۈرلۈك ئەسەرلەردە ھەربىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەر ۋە بايانلار ئۇچرايدۇ. 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان بۈيۈك ئالىملاردىن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دىۋان» دېيىلىدۇ) ناملىق ئەسىرىمۇ ئاشۇنداق ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان مەھمۇد كاشغەرىي بۇ ئەسىرىدەيالغۇز تۈركىي تىل ھەققىدىلا ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىش بىلەنلاچەكلەنگەن ئەمەس، ئۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولغان قىسقا، ئەمما ناھايىتى قىممەتلىك مەلۇماتلارنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى يورىتىلىشى ئۈچۈن باھاسىز ئىلمىي مىراسلارنى قالدۇرغان. سۆزلۈكلەرنىڭ مەنىسىنى ياخشى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن، ئىلاۋە سۈپىتىدە كۆرسەتكەن ھەدىسلەر، مەنقىبەلەر، مىفلەر، داستانلار، شېئىرلار، ئەدەبىي پارچىلار ۋە ماقال –تەمسىللەردە  ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي خاراكتېرى، ھەربىي قىسىملار، ھەربىي قۇرۇلۇشلار، ئۇرۇش مەشىقى، ئۇرۇش تاكتېكىسى، قورال- ياراغلار،ئۇنۋان-شەرەپ ناملىرى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارنى بەرگەن. «دىۋان»دا ئۇچرايدىغان ھەربىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈكلەرنىڭ سانى 120 گە يېقىنلىشىدۇ.
    خەنزۇچە مەنبەلەردە، ئەرەب ئالىملىرىدىن جاھىز ۋە ئىبن ھاسسۈل قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئېنىق كۆرسىتىلگىنىدەك، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قوۋملەر ھەربىي ئىشلارغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرەتتى. بۇنىڭغا تولۇق ئىشەنگەن مەھمۇد كاشغەرىيمۇ  ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي خاراكتېرىنى ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن قايسى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى تۈرلۈك يوللاربىلەن كۆرسىتىشكە تىرىشقان. مەھمۇد كاشغەرىي «تۈرك» نامىنى ئىزاھلىغاندا، ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋەبۇنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە تەڭرىنىڭ «تۈرك» دەيدىغان بىر قوشۇنىنىڭ بارلىقىنى ۋە قايسى قوۋمگە غەزەپلەنسە تۈركلەرنى شۇ قوۋمنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىپ جازالايدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر ھەدىسنى نەقىل ئېلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا كۈچلۈك ھەربىي مىللەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان②. ئۆزىنىڭمۇ ماھىر بىر ئەسكەر ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىغان مەھمۇد كاشغەرىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇش ماھارىتىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
   ئۇ «ئۇيغۇر» دېگەن نامنىڭ مەنبەسى ۋە مەنىسى ھەققىدە سۆز ئاچقاندا مۇنداق دېگەن: «زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئىلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇۋە ئىنان خۇزخۇرەند ــ بۇلارباشقىلارغا موھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ»③.
    بۈيۈك ئۇيغۇر تىلچىسى مەھمۇد كاشغەرىي مەنقىبەماھىيىتىدە چۈشەندۈرگەن بۇ بايانلىرىدا ئۇيغۇر نامىنىڭ «باھادىر»، «ئات مىنىشكە ۋە ئۇرۇش قىلىشقا ئۇستا»، «ھېچكىمگە چېقىلمايدىغان» دېگەن مەنىلەردە كەلگەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، بۇنى تارىختا بۈيۈك ئىستېلاچى سۈپىتىدە تونۇلغان زۇلقەرنەيننىڭ تىلىدىن بېرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتلىق ھەربىي ماھارىتىگە ھەر قانداق بىر يات مىللەتنىڭ تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلغان. ھەقىقەتەن، ئۇيغۇرئاتلىقلىرى تۈزلەڭ يەرلەردە ناھايىتى ئاسان ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگەبولۇپلا قالماي، تاغلارنىڭ ئۈستىگە چىققاندا، ۋادىلارنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە شۇڭقۇپ كىرگەندىمۇ ئاشۇ خىل شەكىلدە ھەرىكەت قىلىپ، ھەر تەرەپكە ناھايىتى ئۈستۈن ماھارەت بىلەن ئوق ئاتاتتى.
    تۈركىي قوۋملەر ئۇرۇش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك شەكىللەردىكى تەلىم- تەربىيە، مەشىقلەرنى ئېلىپ باراتتى ۋە مانېۋىرلارنى ئۇيۇشتۇراتتى. مەيلى خۇسۇسىي ھالەتتە ياكى كوللېكتىپ تەشكىللىك ھالەتتە بولسۇن، ھەر ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇلغان بۇ ھەرىكەتلەر ئۇلارنى جىسمانىي ۋەروھىي جەھەتتىن مۇستەھكەملەيتتى. بۇ ئارقىلىق ھەر بىر ئەركەك شىجائەتلىك ۋە سەرخىل بىر ئەسكەر بولۇپ يېتىشەتتى. قىسقىسى، تۈركىي قوۋملەردە ھەر بىر ئەر ئەسكەر ھېسابلانغانلىقتىن كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئات مىنىش ۋە ئوق ئېتىشقا ئادەتلەندۈرۈلەتتى. «دىۋان»دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،قاراخانىيلار دەۋرىدەبالىلار ئوق ئېتىش تەربىيەسى ئۈچۈن «تۈۋەك» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ياغاچ مىلتىقنى ئىشلەتكەن. بۇ سۆگەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دەرەخلەرنىڭ نوتىسىدىن ياسىلىدىغان بىر خىل ئويۇنچۇق مىلتىق ئىدى. بالىلار نوتىنىڭ ياغىچىنى پوستىدىن سۇغۇرۇۋېلىپ، نەيچىسىگە كومىلاچ تىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن قۇچقاچ ئاتاتتى④.
    قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى قۇچقاچلارغا ئوق ئېتىپ ئويناش ئارقىلىق، ھەربىي تەلىمنى باشتىن ئۆتكۈزەتتى. بالىلار ئۈچۈن ئاۋۋال بىر ئويۇن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەركىن بىر تەربىيە ھېسابلانغان بۇ ئوقچىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈنىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇخىل مۇھىت ئىچىدە يېتىشكەن ئۇيغۇر بالىلىرى ياشلىق مەزگىللىرىگە كەلگەندە ياخشى بىر ئەسكەرگە ئايلىناتتى. «دىۋان»دا يېزىلىشىچە، تىنچ ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئۆزئارا ئوق ئېتىشىش ئارقىلىق ئويۇن خاراكتېرلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزەتتى⑤. بۇ كىچىك دائىرىدىكى ۋەخۇسۇسىي شەكىلدىكى بىر ھەربىي مانېۋىر ھېسابلىناتتى. مەھمۇدكاشغەرىي قوشۇندا ئوق ئېتىش مەشقىگە يېڭىدىن كىرىشكەنلەرنىڭ تۇيۇقسىز بەزى ۋەقەلەرنىسادىر قىلىپ قويۇشىنىڭئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، «ئۇلۇن» ۋە «قالۋا» دەپ ئاتىلىدىغان يەڭگىل ياغاچ ئوقلارنى ئېتىش ئارقىلىق مەشق باسقۇچىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.   
مىلادىيەدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىن بېرى تۈركىي قوۋملەر ئارىسىدا چوڭ ئۆرنەكلىرى كۆرۈلگەن ۋە مانېۋىر خاراكتېرىنى ئالغان سۈرگۈنئوۋلىرى قاراخانىيلاردىمۇداۋاملاشقانىدى. «دىۋان»دا يېزىلىشىچە، خاننىڭ خەلق بىلەن بىرلىكتە قىلغان بۇ خىل ئوۋى «سىغىر» دەپ ئاتالغان. «بۇ ئوۋدا خاننىڭ ئادەملىرى ئورمانلارغا ۋە قىرلارغا تارقىلىپ، ياۋاھايۋانلارنى خان تۇرغان يەرگە قوغلاپ كېلىدۇ. خان ئالدىغا كەلگەن ھايۋانلارنى ھېچ ئاۋارە بولماستىن ئوۋلاۋېرىدۇ». مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۇ بايانىدا «قوشۇن» سۆزى ئۇچرىمىسىمۇ، خاننىڭ يېنىدىكى خەلق توپىنىڭ قوغدۇغۇچى قىسىم ئىكەنلىكى ياكى بەلگىلىك بىر كۆلەمدە ئاتلاندۇرۇلغان ھۇجۇمچى قىسىم ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
    تۈركىي قوۋملەرنىڭ ئۇرۇشتا ئۈستۈنلۈك قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىللاردىن بىرى، يېنىك، ئىشلىتىشكە قولايلىق قوراللار بىلەن قوراللىنىشى ئىدى. خەنزۇچە مەنبەلەردە  ئۇلارنىڭ تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ئاتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قوراللارنى ئەركىن قوللىنىدىغانلىقى، تۆت تەرەپتىكى نىشانغا دەل تەككۈزىدىغانلىقى يېزىلغان. ھەقىقەتەن، ئوق، يا، قىلىچ، خەنجەر، نەيزە، سالغا،قالقان، ساۋۇت، دوبۇلغاقاتارلىقلار تۈركىي قوۋملەرنىڭ ئاساسلىق قوراللىرى ئىدى.مەھمۇد كاشغەرىي بۇ قوراللارنىڭ 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇرلاردىمۇ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغانلىقى ھەققىدە كەڭ مەلۇمات بېرىش ئارقىلىق، بۇ ھەقتە خەنزۇچە مەنبەلەردە تارقاق ھالەتتەئۇچرايدىغان مەلۇماتلارنى تولۇقلىغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قاراخانىيلاردا يەنە گۈرزە، قىلىچ قامچا، پالتا، چوماق ۋە ساپان قاتارلىق قوراللارمۇئۇرۇشتا قوللىنىلغان. قۇدرىگە ۋە قۇراي قورغانلىرىدىن تېپىلغان، تۇرپان تام رەسىملىرىدىمۇ كۆرۈلگەن، ئوقلارنى ۋە يالارنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن ياسىلىپ، ئەسكەرلەرنىڭ يانلىرىغا ۋە ئاتنىڭ ئىگىرىگە ئېسىلىدىغان قاپلارغا بۇدەۋرنىڭ ئۇيغۇرلىرىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى تېخىمۇ ياخشىلىغان. تۈركىي قوۋملەرنىڭ ئاسانلا ئېلىپ ماڭىدىغان ۋە ھەر قانداق ئەھۋالدا ئەركىن ئىشلىتىدىغان بۇ قوراللىرى قوشنا مىللەتلەرنىڭ بەكلا دىققىتىنى تارتقان.
    مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان»دا تىلغائېلىنغان قوراللارنىڭ ماتېرىياللىرى، قۇرۇلمىسى، تۈرلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە قوراللىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلارنىمۇ كۆرسەتكەن. قاراخانىيلاردەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلەشكەن مەدەنىيەتكە كۆچۈشى نەتىجىسىدە ھەربىي ساھەدىمۇ بەزى يېڭى ئالاھىدىكلەر كۆرۈلگەن. مەلۇم بولغىنىدەك،ئۇيغۇرلاردا ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى ھەممە كىشى زۆرۈرقوراللارنى ئۆزى تەييارلايتتى.قاراخانىيلار دەۋرىگە كەلگەندە، مەخسۇس قورال ياساس بىلەن شۇغۇللىنىدىغان گۇرۇھلارمۇ مەيدانغا كەلگەن. بۇ خۇسۇس «دىۋان»دىن ئېنىق مەلۇم بولغىنىدەك، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىقمۇ ئىسپاتلاندى.   
     ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، تىرمىزدا تېپىلغان مېتالچىلىق كاسىپخانىسىنىڭ يەر مەيدانى سەككىز گېكتاركەلگەن. ئاشۇ كاسىپخانىدا كۆپىنچە قورال - ياراغ ۋە ھۆكۈمدارغا خاس بولغان زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلاتتى⑧. تۈركىي قوۋملەر ھۇن ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن بېرى تۈز، ئۇچلۇق ۋە ئاۋازلىق ئوقلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرلىكتە زەھەرلىك ئوقلارنى ئىشلىتىشتىنمۇ يىراق تۇرمىغان⑨. بۇ خىل ئوقلارنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كەڭ قوللىنىلغانلىقىنى يەنە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بايانلىرىدىن بىلىمىز.
     ئۇرۇشتا غەلىبەقازىنىش ئۈچۈن، ئۆتكۈر قوراللاربىلەن بىللە ئاتنىڭ تېزلىكىدىن پەيدا بولغان قاتناش ئۈستۈنلۈكى تۈركىي قوۋملەر ھەربىي تېخنىلوگيەسىنىڭ  مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئىدى. ئاتلىق قوشۇن تەشكىللەش تۈركىي قوۋملەرنىڭ دۇنيامەدەنىيىتىگە قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىسىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىي قوۋملەر ئاتلىق يىراق مەملىكەتلەرگە قىسقا ۋاقىتتىلا يېتىپ بېرىپ دۈشمەنلەرگە زەربە بېرەتتى ھەم شۇنداق تېز سۈرئەتتە چېكىنەتتى. ھەقىقەتەن، مەھمۇدكاشغەرىينىڭ مەلۇمات بەرگىنىدەك، ئات تۈركىي قوۋملەرگە قانات بولغانىدى. بۇ قانات سايىسىدە نۇرغۇن يەرلەر ئۇلارنىڭ ئىلىگە ئايلانغان، شۇ ۋەجىدىن، تۈركىي تىلىدائات «ئىل» دېگەن ئىسىم بىلەنمۇ ئاتالغانىدى⑩. «دىۋان»دا بۇ خىل ماقال– تەمسىل ۋە تېرمىنلار تىلغائېلىنىش ئارقىلىق، ئاتنىڭ تۈركىي قوۋملەرنىڭ ھوقۇق چۈشەنچىسىدىكى ۋە ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى رولى كۆرسىتىلگەن.  
     قاراخانىيلارنىڭ زېمىن دائىرىسى كۆپىنچە يەرلەشكەن مەدەنىيەتكە تايانغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شەھەر ھاياتىمۇ بارغانسېرى تەرەققىي قىلغانىدى. قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى بۇ يېڭى مەدەنىيەت تىپى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي خاراكتېرىنىڭ زىددىيەتلىك ھالەت پەيدا قىلماسلىقى ئۈچۈن، زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنىدى.ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان قارلۇق ۋە چىگىل قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ھەربىي خاراكتېرىنى بوشاشتۇرماسلىق ئۈچۈن، بۇلارنى مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىداقۇرۇلغان چېدىرلاردا كۆچمەن ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويغان⑪. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا، شەھەر تۇرمۇشىدىن ۋەئىشلەپچىقىرىشتىن تولۇق ئايرىلماسلىق شەرتى بىلەن قەرەللىك قوشۇن تەشكىللەش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ ھەربىي خاراكتېرىنىمۇ قوغدىغان ۋە مۇنتىزىم قوشۇن قۇرغان. بۇ خىل قوشۇن ھەر ئايدا ياكى بەلگىلىك مەزگىللەردە تەشكىللەنگەن. شۇ سەۋەبلىك، ئەسكەرلەرنىڭ ئايلىق چىقىمى بىلەن ئوزۇق– تۆلۈكى يېزىلغان دەپتەر «ئاي بىتىگى» دەپ ئاتالغان.⑫  «دىۋان»دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا،قوشۇنغا يېزىلغانلار پەقەت ئۆز ئارزۇسى بويىچە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشنى خالىغان كىشىلەرئارىسىدىن تاللىناتتى. ئۇلار خالىغان چاغدا ئەسكەرلىكتىن چېكىنەتتى⑬. ئەسكەرلەرنى توپلاپ سەپكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ۋە ئۇرۇشقا ئاتلاندۇرۇشنى سارايغا قاراشلىق بىر ھەربىي ئورگاننىڭ يۈرگۈزگەنلىكى ئېنىق. بۇ ئورگان خىللانغان «سۇ باشىلىرى ئىشخانىسى» دەپ ئاتىلاتتى⑭.  مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەلۇماتلىرىدىن، دۆلەتنىڭ ئۇرۇش مەزگىللىرىدە قوشۇننىڭ قاتناش نەقلىياتىنى، باشقا ماتېرىياللىرىنى ۋەچىقىمىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن زور غەيرەت كۆرسەتكەنلىكىمۇ كۆرۈلىدۇ. خەنزۇلار ئارىسىدا ھۇنلار، كۆكتۈركلەر ۋەئۇيغۇرلارنىڭ ئاتلىرى «ئۇرۇش ئاتلىرى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغىنىدەك، قاراخانىيلاردىمۇ ساراي تەرىپىدىن مەخسۇس يېتىشتۈرۈلگەن ئۇرۇش ئاتلىرى بار ئىدى. «تۇغزاق» دەپ ئاتالغان بۇ ئاتلار ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا خاقان تەرىپىدىن ئەسكەرلەرگە بېرىلىپ، ئۇرۇش تۈگىگەندە قايتۇرۇۋېلىناتتى⑮. «دىۋان»دا يەنە ئۇرۇش ئېتى مەنىسىدە كەلگەن «ئۇلاگا» دېگەن بىر سۆزمۇ ئۇچرايدۇ⑯. ئەمما، «ئاي بىتىگى» دېگەن سۆزگە «دۆلەتنىڭ ئەسكەرلەرگە ئايلىق مائاش بېرىشى» دېگەن مەنىنى يۈكلەش ــ تازا چوڭقۇربولمىغان تەتقىقاتقا تايىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراش بولسا كېرەك.
   «دىۋان»دا ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ قانداق قىسىملاردىن تۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. «دىۋان»دا پەقەت تۆۋەندىكىدەك كىچىك قىسىملاردىن سۆز ئېچىلىدۇ:
   ياتغاق ــ قاراۋۇل، كۆزەتچى. خاقاننى، قورغاننى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىمۇھاپىزەت قىلغۇچى⑰؛ يەلىملەر ــ قوشۇننىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ئەڭ كىچىك بىر چارلىغۇچى قىسىم⑱؛ يەزەك ــ قوشۇننىڭئالدىدا يۈرگۈچى چارلىغۇچى قىسىم، ئاۋانگارت ئەترەت⑲؛ يورتۇغ ــ ئۇرۇشۋاقىتلىرىدا خاقاننىقوغداپ ماڭغۇچىمۇھاپىزەتچىلەر ياكى خاقاننىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرگەن ھەمرالىرى⑳؛ تۇتغاق ــ تىل تۇتقۇچى. كېچىسى دۈشمەننىڭ كۆزەتچىلىرى بىلەن ئالدىنقى ئايغاقچىلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئاتلىققىسىم(21).
   يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەربىي ئاتالغۇلار ئىچىدىكى «يەزەك» سۆزى «دىۋان»دا ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلغان. بۇنىڭ بىرى، قوشۇننىڭ ئالدىدا يۈرگۈچى قىسىمنى كۆرسىتەتتى. گېرمانىيەلىك تۈركولوگ بروككىلماننمۇ بۇنى توغرا ھالدا «ئالدىن يۈرگۈچى ئاتلىق كىچىك قىسىم» دەپ چۈشەندۈرگەن. يەنە بىرى، كۆزەتكۈچى قىسىم ئىدى. تۈركىي قوۋملەردە ھەربىي چارلىغۇچى قىسىمنىڭ چارلىشى«يەزەمەك» دەپ ئاتىلاتتى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: «يەزەك قامۇغ يەرىگ يەزەدى» (چارلىغۇچى قىسىم ھەر بىر يەرنى چارلىدى، كۆزەتتى)(22). مەھمۇد كاشغەرىي بەرگەن مەلۇماتلارنىڭ ماھىيەتلىك تەرىپىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تولۇقلىغان. ئۇنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، «يەزەك» كۈندۈزلۈك چارلىغۇچى قىسىم، «تۇتغاق» بولسا كېچىلىك چارلىغۇچى قىسىم ئىدى(23). «دىۋان»دا مۇھاپىزەتچى قىسىم بىلەن ھۇجۇمچى قىسىمنىڭ ئايرىم تارماقلىرىدىن سۆز ئېچىلغان بولسىمۇ، ھۆكۈمدارنىڭ باشچىلىقىدىكى ھەر دەرىجىلىك قوماندانلار ۋەبەگلەرنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدىكى چوڭ ھەربىي قىسىملار ھەققىدە بىر نەرسە دېيىلمىگەن. بۇنىڭلىق بىلەن مەھمۇدكاشغەرىينى ئەيىبلەشكە ھىچقانداق ھەققىمىز يوق. چۈنكى، مەھمۇد كاشغەرىي ھەممىدىن ئاۋۋال بىر تىلچى، ئۇ كىتابىدا پەقەت تۈركىي تىل ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى مەقسەت قىلغان. مۇۋاپىق يېرى كەلگەندە، سۆزلۈكلەرنىڭ مەنىسى ۋە تىل قانۇنىيەتلىرىنى ياخشى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ باشقا ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇملارنىمۇ نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆرنەك كۆرسەتكەن.
    شۇنداقتىمۇ قاراخانىيلاردا ھەربىي تەشكىلاتنىڭ ھۇنلاردىن بېرى تۈركىي  قوۋملەر ئارىسىدا تەتبىقلىنىپ كەلگەن ئونلۇق سىستېمىسىغا تايانغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ خۇسۇستا «دىۋان»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردە ئېنىق خاتىرە ئۇچرىمىسىمۇ، تۈركىي قوۋملەرنىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى ۋە ئۇرۇش سەنئىتى زادىلا ئېتىباردىن ساقىتقىلىنمىغان قاراخانىيلاردا قوشۇننىڭ مۇشۇ سىستېما بويىچە تەشكىللىنىشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر، دەپ قاراش مۇمكىن. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈمەن» سۆزىنى ئەڭ چوڭسان سۈپىتىدە ئىزاھلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا «كۆپ»، «سانسىز»، «جىق» مەنىسىنى بېرىشى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئون ئىككىمىڭ كىشىلىك قوشۇننىڭ چوڭ بىر قوشۇن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغىنىغا قارىغاندا ،قاراخانىيلاردا ئەڭ چوڭ ھەربىي قىسىمنىڭ ئون مىڭ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئەسكەردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەمما، ئاشۇ چوڭ ھەربىي قىسىم 10، 100، 1000 كىشىلىك تارماق قىسىملاردىن قۇرۇلغانمۇ ياكى رېشات گەنچنىڭ دېگىنىدەك ئوتاغ، ھايل، ئون ئوتاغ ۋەئوردۇ دەپ ئاتالغان قىسىملاردىن قۇرۇلغانمۇ، بۇ ھەقتە ئېنىق بىر نەرسە دېيىش تەس.
   تۈركىي قوۋملەر ئۆز ئىلىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە تۇيۇقسىز قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇھىم ئورۇنلارغا كۆزەتكۈچىلەرنى تۇرغۇزاتتى ۋە مۇۋاپىق جايلارغا ئالدىن خەۋەر بېرىش ئۈچۈن نۆۋەتچى ئەسكەرلەر قويۇلغان تۇرلارنى ياسايتتى(24). «قارغۇ» دەپ ئاتالغان بۇ خىل ھەربىي قۇرۇلۇش تارىخىنىڭ ھۇنلار دەۋرىگە قەدەر تاقىلىدىغانلىقى مەلۇم. خەنزۇچە مەنبەلەردىن قارىغاندا، ھۇن تەڭرىقۇتى تۈمەن چېگرا بويلىرىدا تۇرلارنى ياساتقاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە يېقىن يەرلەردە ھۇنلار چارۋا- ماللىرىنى بېقىشقا باشلىغان(25). تونيۇقۇق ئابىدىسىدىمۇ تىلغا ئېلىنىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خارابىلىرى مۇھىم يول بويلىرىدىن ھەم خاقان قەلئەلىرىدىن تېپىلدى. ئەمما قوچوداگرۈنۋېدىل «مۇنار –D» دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىغان ۋە «كۆككە تاقاشقۇدەك ئېگىزلىكتە» دەپتەسۋىرلىگەن تۇردا كۆرۈلگىنىدەك، بۇ تۆت قىرلىق شەكىلدە سېلىنغان مۇنار ئىدى(26). مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، مۇنار شەكىللىك بۇ قۇرۇلۇشلار قاراخانىيلاردا تاغنىڭ چوقىلىرىغا ۋە ئېگىزلىكلەرگە ياسالغان. دۈشمەن كەلگەن چاغدا دەرھال تەييارلىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىچىگە ئوت يېقىپ خەۋەر يەتكۈزۈلەتتى. شۇنىڭبىلەن بىللە، ئۇرۇش ئۈچۈن سېپىل تاملىرىنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان ئۈكەكلەرمۇ بىر مۇداپىئە ئۆيى ۋە تۇررولىنى  ئوينىغان(27). ھازىرمۇ قەشقەر ئەتراپىدىكى ئېگىز يەرلەردە قاراخانىيلار دەۋرىگە مەنسۇپ تۇرلارنىڭ خارابىلىرى ئۇچرايدۇ. «دىۋان»دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دۈشمەن قوشۇنى شەھەرگە يېقىنلاشقاندا، ھۆكۈمدار ياكى شەھەرنى مۇداپىئە قىلىشقا مەسئۇل بەگلەريات ئادەملەرنىڭ شەھەرگە كىرىشىنى توسۇش ۋە دۈشمەننى كۆزىتىش ئۈچۈن، كۆزىتىش ئورۇنلىرىغا مەخسۇس كۆزەتكۈچىلەرنى قوياتتى. بۇنداق تەدبىرلەر«يول كەرمەك»يەنى،«يول توسۇش» دەپ ئاتالغانىدى(28).
    تۈركىي قوۋملەردىكى ھەربىي ھاياتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، چوڭ ئۇرۇشقائاتلانغان قوشۇنغا ھۆكۈمدارنىڭ باشچىلىق قىلىشى ئىدى. مەھمۇدكاشغەرىينىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، ئۇرۇشقا چىققان بىر قوشۇننىڭ مەلۇم مەزگىل تۇرۇش ئۈچۈن قارارگاھقۇرغان يەرلىرى «توي» دەپ ئاتىلاتتى. خاقاننىڭ قۇرغان قارارگاھى بولسا «خان توي» دەپ ئاتىلاتتى(29). خاقان تەرىپىدىن قوشۇن توپلاش ۋە يۈرۈش قىلىش توغرىسىداقارار چىقىرىلغاندىن كېيىن، چارلاش ئېلىپ بېرىلاتتى. مۇھىم يوللار توسىلاتتى.بۇ ۋاقىتتا باش قوماندان كېچىلىك چارلاش ئېلىپ بارىدىغان ئەسكەرلەرگە قورال ياكى قۇشلارنىڭ ئىسمىدىنبىرىنى مەخپىي بەلگە،پارول قىلىپ بېكىتىپ بېرەتتى. «ئىم» دەپ ئاتالغان بۇ پارول ئىككى تۈركۈم ئەسكەر ئۇچراشقاندا بىر- بىرىنى تونۇشقا ۋە ئۇقۇشماي ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا خىزمەت قىلاتتى.كېچىسى ئىككى كىشى ئۇچراشقاندا، بىرى يەنە بىرىدىن مەخپىي بەلگە سورايتتى.سورالغان كىشى مەخپىي بەلگىنى بىلسە، ئۆز كىشىسى ھېسابلىناتتى،بىلمىسە ھۇجۇمغا ئۇچرايتتى(30). شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۈشمەن تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن، تىل (جاسۇس) تۇتۇشمۇ بۇ قىسىمنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىدى(31).
    ئۇرۇش تۈركىي قوۋملەردە ھەر بىر كىشىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل بولغاچقا، قەھرىمانلىق كۆرسىتىشكە تەييار تۇرغان ئەسكەرلەر باتۇرلۇق بەلگىسى سۈپىتىدە «باتراق» دەپ ئاتالغان ۋە ئۇچىغا بىر پارچە يىپەك رەخىت چىگىلگەن نەيزە قوللىناتتى. ئۇرۇش كۈنلىرى ئەسكەرلەر شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى تۇنۇتاتتى(32). ئۇنىڭدىن باشقا «بەچكەم» دەپ ئاتالغان بىر ئۇرۇش بەلگىسىمۇ بار ئىدى. بۇ يىپەكتىن ياكى قوتازقۇيرۇقىدىن ياسالغان بولۇپ، ئۇرۇش كۈنلىرى ئەسكەرلەر ئۇنى تاقىۋالاتتى.قاراخانىيلار بىلەن قوچۇخانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر شېئىردا: «بەچكەم ئۇرۇپ ئاتلاركا» (ئاتلارغا بەلگە تاقاپ) دېيىلگىنىگە قارىغاندا،بۇنىڭ ئومۇمەن ئاتلارغا تاقىلىدىغان بىر خىل بەلگە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ(33). مەھمۇد كاشغەرىي ئات قۇيرۇقىنى تۈگۈشنىڭمۇ قەھرىمانلىق ۋە ئۇرۇش بەلگىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۈركىي قوۋملەر ئارىسىداكەڭ ئومۇملاشقان ئادەت ئىدى(34). يەنە ھۇنلار دەۋرىدىن بېرى تۈركىي قوۋملەر ئارىسىدا قوللىنىلىپ كەلگەن ئوتاغ قۇرۇش، تۇغتىكىش بىلەن بىللە  نۆۋبەت دۇمبىقى ۋە بۇرغا چېلىش ئارقىلىق ئۇرۇش باشلاش ئۇسۇلىنىڭ 11- ئەسىرگە قەدەر ئەينەن داۋاملاشقانلىقىنى يەنە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسىرىدىن بىلىمىز. مەھمۇد كاشغەرىي «ئال» سۆزىنى ئىزاھلىغاندا، ئۇنى خانلارغا بايراق قىلىشقا، ئەمەلدارلار ئىگەر قاپلاشقائىشلىتىدىغان ھال رەڭ يىپەك رەخت، دەپ چۈشەندۈرگەن(35). بىر شېئىردا قىزىل رەڭلىك بايراقنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى يېزىلغان(36).  بۇنىڭ ماھىيىتىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ياردىمى بىلەن تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز. يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇياش ئۆرلىدى،  قوپتى يەردىن توزان، توققۇزرەڭدە ھال تۇغ  يېقىنلاپ ھامان»(37) دەپ يازىدۇ. ئۇرۇش بەلگىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدىغان ۋە ھۆكۈمدارلارغا خاس بولغان بۇ قىزىل بايراقنى ئۇرۇش باشلانغاندا، ئاۋانگارت قىسىمدىكى بايراقدار كۆتۈرۈپ ماڭاتتى.
    مەلۇم بولغىنىدەك، تېز ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى تۈرك - ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى. شۇ سەۋەبلىك، خەنزۇچە مەنبەلەردە ئۇرۇشقا ئاتلانغان ھۇن، كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ ھەرىكىتى چاقماقنىڭ چېقىشىغا، قۇشلارنىڭ ئۇچىشىغا ۋەكەلكۈننىڭ ئېقىشىغا ئوخشىتىلغان  (38). بۇ خىل ئوخشىتىشلار ئورخۇن ئابىدىلىرىدىمۇ كۆرۈلگىنىدەك،يەنە «دىۋان»دىمۇ تىلغائېلىنىدۇ. «دىۋان»دىمۇ كۆرسىتىلگىنىدەك، قەدىمكى تۈركچىدە قوشۇننىڭ «سۇ» دەپ ئاتىلىشى ۋە كېچىسى دۈشمەننىڭ ئۈستىگە بېسىپ كىرىدىغان قوشۇننىڭ «ئاقىنچۇ» دەپ ئاتىلىشى تۈركىي قوۋملەر قوشۇنىنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتىگەقاراپ  قويۇلغان نام بولسا كېرەك (39). شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېچىسى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش، بۈكتۈرمە قۇرۇش، يالغان چېكىنىش ئارقىلىق دۈشمەن قوشۇنىنى قورشاۋغا ئېلىش، ۋارقىراش ۋە شاۋقۇن- سۈرەن چىقىرىش ئارقىلىق دۈشمەن قوشۇنىنى روھىي جەھەتتىن قورقىتىش قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى تۈركىي قوۋملەرنىڭ ئاساسلىق ئۇرۇش تاكتېكىسى بولۇپ كەلگەنىدى. كۈنىمىزنىڭ تارىخچىلىرى تەرىپىدىن «تۇران تاكتېكىسى»، «بۆرە ئويۇنى» ياكى «غاز تاپىنى» دەپ ئاتالغان بۇ تاكتېكىنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تولۇق تەتبىقلانغانلىقى «دىۋان»غا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلاردىن مەلۇم بولماقتا. تۆۋەندىكى شېئىرلار بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆرنىكى ھېسابلىنىدۇ:

ئاتلارغا  بەلگە تاقاپ
ئۇيغۇر (ئىلى)دىكى  تاتلارغا،
ئوغرى ياۋۇز، ئىتلارغا (قاراپ)،
خۇددى قۇشلاردەك ئۇچتۇق(40).
  
كەلكۈن بولۇپ ئاقتۇق،
كەنتلەرنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق،
بۇتخانىنى يىقىتتۇق،
بۇت ئۈستىگە چىچتۇق(41).
  
تۈن بىلەن باستۇق،
ھەر تەرەپتىن بۆكتۈرمە قۇردۇق،
ئاتلىرىنىڭ  كۇكىلىرىنى كەستۇق،
مىڭلاق ئەرلىرىنى سويدۇق (42).

  
قىقىراپ ئاتنى سالايلى،
قالقان- نەيزە ئۇرايلى،
قايناپ يەنە يۇمۇشايلى،
قاتتىق يىغا بوشىسۇن(43).
  
(ئات) قۇيرۇغىنى قاتتىق تۈگدۇق،
تەڭرىگە كۆپ ھەمدۇ-سانا ئېيتتۇق،
ئاتنى دېۋىتىپ تەگدۇق (ھۇجۇم  قىلدۇق)،
ئالداپ يەنە  قاچتۇق(44).
  
چۆرىسىنى ئولىشىپ قورشايلى،
ئاتتىن چۈشۈپ يۈگرەيلى،
ئارسلاندەك ھۆكۈرەيلى،
كۈچى شۇنىڭ بىلەن ئاجىزلاشسۇن(45).
  
   يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇرۇش تاكتېكىلىرىدىن باشقا، مەھمۇد كاشغەرىي ئۇرۇشتا تەتبىقىلىنىدىغان ۋە «ئۈلكەر چەرىگ» دەپ ئاتلىدىغان بىر خىل ھىيلىدىنمۇ سۆز ئاچقان. بۇنىڭدا ئەسكەرلەر ھەر تەرەپتىن توپ– توپى بىلەن يىغىلىدۇ. بىر توپى ئىلگىرىلەش بىلەن باشقىلىرىمۇ ئۇنىڭغا سوڭدىشىپ ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ ھىيلە قوللىنىلغاندا يېڭىلىش بەك ئاز كۆرۈلەتتى(46). بۇ خىل ھىيلىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئالىملار بۇنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇرۇش تاكتېكىسىنى ئىپادەقىلىش بىلەن بىللە، ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئەھۋالىغاقاراپ قىسىملارنىڭ كۈچىنى ئىشلىتىشتە تولۇق ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگەقىلىدىغان، تارقىلىپ ھەمتوپلىنىپ ئۇرۇش قىلىدىغان تاكتېكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنىڭ ئېھتىمالغا يېقىنلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا(47). ئۇنىڭدىن باشقا، تارقاق شەكىلدەقىلىدىغان ھۇجۇم بىلەن دۈشمەننىڭ ئالدىغا چىقماي تۇرۇپ بىر مانېۋىر بىلەن ئوڭ تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان تاكتېكىلارمۇ بار ئىدى(48). يېڭىلىپ قاچقان دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشمۇ ئۇرۇش تاكتېكىلىرىنىڭ بىرى ئىدى(49). «دىۋان»دا ئۇچرايدىغان خاتىرىلەردىن ئۇرۇشتا ئەسىر ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ پۇل ۋە مال– مۈلۈك تۆلەش ئارقىلىق ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقى مەلۇم(50).
    تۈركىي قوۋملەرنىڭ قوشۇنلىرى ئومۇمەن ئاتلىق ئەسكەرلەردىن تەشكىللىنەتتى، ئاز ساندا پىيادە ئەسكەرلەر قىسمى قۇرۇلاتتى. قوشۇننىڭ كۈچىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، زاپاس قوشۇن ئايرىش مۇھىمئورۇنغا قويۇلغانىدى. بۇ خىل قوشۇن تەشكىللەش ئۇسۇلىغا 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بەكلا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى يەنە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسىرىدىن كۆرۈمىز. مەسىلەن، «دىۋان»دا ئۇچرايدىغان «ياداغ» سۆزى «پىيادە ئەسكەر» مەنىسىدە كەلگىنىدەك، «يەتۈت» سۆزى ئۇرۇشتا ئېھتىياج كۆرۈلگەندە ئەۋەتىلىدىغان «زاپاس قىسىم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن(51). شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، تۈركىي قوۋملەردە يۈرۈشكە چىققان ھەر بىر ئەسكەرنىڭ ئىككى- ئۈچ ئات ئېلىپ مېڭىشى شەرت ئىدى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان بىر خەنزۇ شائىرى بەش مىڭ كىشىلىك ئۇيغۇرئەسكىرىدە ئون مىڭ ئاتنىڭ بارلىقىنى يازغان(52).  مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، خاننىڭ يېنىدىكى زاپاس ئات «قوش ئات» دەپ ئاتىلاتتى(53). مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان»دا «قوشلاندى» سۆزىنى ئىزاھلىغاندا: «ئادەم ئۆزىگە يەنە بىر  ئات ياندىۋالدى»(54) دەپ يازغان. بۇنىڭدىن 11- ئەسىردە ئۇرۇش بولغاندا ئەسكەرلەرنىڭ زاپاس ئات ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.  
تۈركىي قوۋملەر مىللەت ۋە ۋەتەن يولىدا ھەرقانداق بىر تەھلىكىگە كۆكرەپ كىرىپ ئوتتۇرىغاچىقاتتى، ھەتتا بۇ يولدائۇرۇش مەيدانىدا جان بېرىشنى بىر خىل ئىدىئال ھايات دەپ قارايتتى، بۇنىڭدىن غۇرۇر ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ھېس قىلاتتى. قىز- ئاياللارمۇ مۇشۇنداق روھقا ئىگە ئىدى. شۇ سەۋەبلىك، ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە نوپۇزى ناھايىتى ئۈستۈن بولاتتى. مىللەت ئەزالىرى ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق تەسۋىرلەيتتى، يەنى ھەيكەل، بالبال تىكلەش، قەۋرىسىنىڭ بېشىغا خاتىرە ئۆي سېلىپ، ئۇنىڭ تاملىرىغا قەھرىماننىڭ ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى تەسۋىرلەش، ئابىدە تىكلەپ ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىنى خاتىرىلەش، ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ قوشاق ۋە داستانلارنى ئىجاد قىلىپ ئېيتىش ئارقىلىق، ئەدەبىيلىك بىر سالاھىيەت بېرىشكە تىرىشاتتى. شۇ ۋەجىدىن، ئەسكەرلەرنى مۇكاپاتلاش، ئۇنۋان ۋە شەرەپ نامى بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ئورنىنى بېكىتىش ۋەجەمئىيەتتىكى قەدرىنى ئۆستۈرۈش ـ ھۆكۈمدار ۋە قوماندانلارنىڭ مۇھىم ھەربىي ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىدى.  «دىۋان»دا بۇنداق ناملاردىن بىر قانچىسى ئۇچرايدۇ. بۇلار:
   ئالپ ــ باتۇر،قەھرىمان(55). ئاتىم ئەر ــ ئاتقۇچى ئەر، ئوق ئېتىشقا ئۇستا ئەر(56). ئالپاغۇت ــ يېڭىلمەس،قەھرىمان، تاغ يۈرەك باتۇر(57). كۈر ئەر ــ جەسۇر ئەر(58). لاچىن ــ بىر خىل يىرتقۇچقۇش. باتۇر يىگىتلەرمۇ لاچىن دېيىلىدۇ(59). سۆكمەن ــ باتۇرلارغا بېرىلىدىغان ئۇنۋانلاردىنبىرى. مەنىسى «ئۇرۇشلاردا سەپلەرنى يارغۇچى قىران كىشى» دېگەنلىكتۇر(60). بۇلاردىن باشقا، مەھمۇد كاشغەرىي ھەربىيئۇنۋانلاردىن بىرى سۈپىتىدە «چاۋۇش» دېگەن نامنىمۇ تىلغا ئالغان. ئۇ ئۇرۇشلاردا سەپلەرنى تۈزەيدىغان، ئۇرۇش قىلمىغان چاغلاردا ئەسكەرلەرنى خەلققە زۇلۇمسېلىشتىن چەكلەيدىغانئوفىتسېر ئىدى(61).
   يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈلگىنىدەك، مەھمۇد كاشغەرىي ئۇيغۇرقاتارلىق تۈركىي قوۋملەرنىڭ ھەربىي ئىشلار مەدەنىيىتى ھەققىدە بۇ قەدەر قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بېرىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ بىرمۇنچە ھەربىي تەۋسىيەلىرىنىمۇ بىلدۈرگەن. مەسىلەن، تەھلىكە كۆرۈلگەن ھامان ئۇرۇش قىلىش، دۈشمەننى زادىلا سەل چاغلىماسلىق، دۈشمەندىنبۇرۇن ھەرىكەتكە ئۆتۈش، دۈشمەنگە ئۆتكۈر كۆز بىلەن نەزەر سېلىش، قاتتىقئۇرۇشۇش ۋە زادىلا قورقۇنچ تۇيغۇسىدا بولماسلىق قاتارلىق پىكىرلەر ئۇنىڭ خاسچۈشەنچىلىرىگە مەنسۇپ ئىدى.
   قىسقىسى، تارىختىكى ئۇيغۇر بۈيۈكلىرىدىن بىرى بولغان مەھمۇدكاشغەرىي يالغۇز تۈركولوگىيەنىڭ ئاساسىنى قۇرغان بىر تىلچىلا ئەمەس، ئۇ ھەربىي ئىشلارقاتارلىق مەدەنىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىنمۇ سۆز ئېچىش ئارقىلىق، قاراخانىيلار جەمئىيىتىنىڭ ھەممە تەرىپى ھەققىدە ئومۇمىي بىر مەلۇمات بېرىشكە تىرىشقان ئېنسىكلوپېدىك ئالىمدۇر. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇشۇ دەۋرىنى يورىتىشقا تىرىشقان ھەر قانداق ئالىم ئۆزى قولغا ئالغان ھەر قانداق بىر تېمىدا ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇردۇر. مەھمۇد كاشغەرىي ئۇيغۇر تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي بەلگىلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئالىم. شۇ سەۋەبلىك، ئۇنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىنىڭ نۇرى ئاستىدا بۈيۈك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تۈپخاراكتېرىنى كۆزئالدىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز.
ئىزاھلار :
① جاھىز : «خىلافەت ئارمىيەسىنىڭ مەنقىبەلىرى ۋەتۈركلەرنىڭ پەزىلەتلىرى»، ئەنقەرە : تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىشئىنستىتوتى نەشرىياتى، 1988- يىلى تۈركچە نەشرى، 80- بەت.
② «دىۋان»، 1- توم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 456-بەت.  
③ «دىۋان»، 1-توم، 151- بەت.
④ «دىۋان»، 1- توم، 504- بەت.
⑤ «دىۋان»، 1- توم، 243-، 308- بەتلەر.
⑥ «دىۋان»، 1- توم، 471 - بەت.
⑦ ئىبراھىم كافەسئوغلۇ : «تۈرك مىللىي كۈلتۈرى»،ئىستانبۇل : ئۆتۈكەن نەشرىياتى، 2004- يىلى تۈركچە نەشرى، 284-، 285- بەتلەر.  
⑧ ۋېي لياڭتاۋ : «قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان»، قەشقەرئۇيغۇر نەشرىياتى، 2000- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 289- بەت.
⑨ فەنيى، سىما بياۋ : «كېيىنكى خەننامە»، شىنجاڭ خەلقنەشرىياتى، 1996- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 530- بەت.
⑩ «دىۋان»،1- توم، 67-،68- بەتلەر.
⑪ «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»(«قاراخانىيلار» ماددىسى) 5-توم، ئىستانبۇل : مىللىي مائارىپ نەشرىياتى، 1979- يىلى تۈركچە نەشرى،  259- بەت.
⑫ «دىۋان»، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 56- بەت.
⑬ «دىۋان»، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 676- بەت.
⑭ «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭقىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 310- بەت.
⑮ «دىۋان»،1- توم، 603- بەت.
⑯ ئابدۇلقادىر دونۇك : «ئىدارىي ــ ئەسكەرىي ئۇنۋان ۋەئاتالغۇلار»، ئىستانبۇل : تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى فۇندى نەشرىياتى، 1988- يىلىتۈركچە نەشرى، 107-، 109-بەتلەر.  ب. ئۆگەل: «تۈرك كۈلتۈر تارىخىغا كىرىش» 1-توم، ئەنقەرە : گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر فاكۇلتېتى نەشرىياتى، 2000- يىلىتۈركچە نەشرى، 359- بەت.
⑰ «دىۋان»، 3 - توم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984- يىلىئۇيغۇرچە نەشرى، 55- بەت.
⑱ «دىۋان»، 3 - توم، 469- بەت.
⑲ «دىۋان»، 3- توم، 169- بەت.
⑳ «دىۋان»، 3- توم، 55- بەت.
(21) «دىۋان»، 1- توم، 611- بەت.
(22) ب . ئۆگەل : «تۈرك كۈلتۈر تارىخىغا كىرىش» 6- توم،ئەنقەرە : گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر فاكۇلتېتى نەشرىياتى، 2000- يىلى تۈركچەنەشرى، 103- بەت.
(23) ب . ئۆگەل، يۇقىرىقى ئەسەر، 6- توم، 106- بەت.
(24) ئىبراھىم كافەسئوغلۇ ، يۇقىرىقى ئەسەر، 287- بەت.
(25) بەنگۇ : «خەننامە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 314- بەت.
(26) «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى»(«مۇنار» ماددىسى) 24- توم،ئەنقەرە : مىللىي مائارىپ نەشرىياتى، 1976- يىلى تۈركچە نەشرى، 208- بەت.
(27)  «دىۋان»،ئۇيغۇرچە، 1- توم، 107-،207-بەتلەر.
(28) «دىۋان»، 2- توم،  شىنجاڭ خەلقنەشرىياتى، 1983- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 9- بەت. رېشات گەنچ : «قاراخانىيلارنىڭدۆلەت تەشكىلاتى»،  ئىستانبۇل : كۈلتۈرمىنىستىرلىقى نەشرىياتى، 1981- يىلى تۈركچە نەشرى، 313- بەت.
(29) «دىۋان»، 3- توم، 192-بەت.
(30) «دىۋان»، 1- توم، 54 - بەت.
(31) «دىۋان»،3-توم، 184- بەت.
(32) «دىۋان»، 1- توم، 607 - بەت.
(33) «دىۋان»، 1-توم، 630- بەت.
(34) رېشات گەنچ، يۇقىرىقى ئەسەر، 305- بەت.  
(35) «دىۋان»، 1- توم، 111-بەت.      
(36) «دىۋان»، 3- توم، 254-بەت.
(37) يۈسۈپ خاس ھاجىپ : «قۇتادغۇ بىلىك»(4893- بېيت)، مىللەتلەر نەشرىياتى،1984- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى،  1009- بەت.
(38) بەنگۇ : «خەننامە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 290-، 314 –، 691 -بەتلەر. لى يەنشۇ : «شىمالىي سۇلالىلەرتارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 571- بەت. «تۈركئېنسىكلوپېدىيەسى»(كۆكتۈرك» ماددىسى)، توم، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى، 1975-يىلىتۈركچە نەشرى، 268- بەت.  سەنجەردىۋىتچىئوغلۇ : «كۆكتۈركلەر»، ئىستانبۇل : ئادا نەشرىياتى، 1987- يىلىتۈركچە نەشرى، 206- بەت.
(39) «دىۋان»، 3-توم، 288 - بەت.
(40) «دىۋان»، 1- توم، 630- بەت.
(41) «دىۋان»، 1- توم، 448- بەت.
(42) «دىۋان»، 1- توم، 565 - بەت.
(43) «دىۋان»،1- توم، 574- بەت.
(44) «دىۋان»، 1- توم، 617- بەت.
(45) «دىۋان»، 2- توم، 194- بەت.
(46)  «دىۋان»،ئۇيغۇرچە، 1- توم، 129 - بەت.
(47)  رېشات گەنچ، يۇقىرىقى ئەسەر،309- بەت.
(48)ئابدۇلقادىر دونۇك، يۇقىرىقى ئەسەر، 107-،109- بەتلەر.
(49) «دىۋان»، 3- توم، 547- بەت.
(50) «دىۋان»، 1- توم،282-بەت.
(51)ئابدۇلقادىر دونۇك، يۇقىرىقى ئەسەر، 107-،109- بەتلەر.
(52) ب . ئۆگەل :«ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقىتۈرك كۈلتۈر تارىخى» ئەنقەرە : تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى، 2003- يىلى تۈركچەنەشرى، 366- بەت
(53) «دىۋان»، 3- توم، 174- بەت.
(54) «دىۋان»، 2 - توم، 367- بەت.
(55) «دىۋان»، 1- توم، 58- بەت.
(56) «دىۋان»، 1- توم، 102- بەت.
(57) «دىۋان»، 1- توم، 195- بەت
(58) «دىۋان»، 1- توم، 425 - بەت.
(59) «دىۋان»، 1- توم، 533 - بەت.
(60) «دىۋان»، 1- توم، 578 - بەت.
(61) «دىۋان»، 1- توم، 477- بەت.
uyghuray

12

تېما

0

دوست

3233

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29015
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 998
توردىكى ۋاقتى: 287
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 03:54:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تەتقىقاتلار مەھمۇت بوۋىمىز ئۇيغۇر ئىدى، دەپ داتلاشلاردىن كۆپ ئەۋزەل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )