قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 302|ئىنكاس: 0

پېرىۋوت سودىسى قىلغۇچىلارغا 10 تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

41

تېما

2

دوست

1934

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   93.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40020
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 87
تۆھپە : 582
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 11:29:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پېرىۋوت سودىسى قىلغۇچىلارغا 10 تەكلىپ

تاشقى پېرىۋوت ۋال كوچىسى تورى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى

u=901479024,3735067398&fm=21&gp=0.jpg

1. تېجەپ قالغان پۇلدىن مەبلەغ سالغاندا ئەگەر سىز ئائىلىدىكى تۇرمۇشتا زۆرۈر ئىشلىتىدىغان خىراجەتنى مەبلەغ قىلىپ سالسىڭىز، ئەگەر زىيان بولۇپ قالسا بۇ بىۋاستە ئائىلە تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، مەبلەغ سېلىش بازىرىدا مەغلۇب بولىدىغان پۇرسەتمۇ كۆپىيىدۇ، ئىشلىتىشكە بولمايدىغان پۇلنى ئىشلىتىپ قويغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆڭلىڭىزدە ئېگىز پەسلىك بولغاچقا، سودا جەريانىدا ھۆكۈم چىقارغاندا ئوبېكتىپ ۋە سوغۇققان پىسخىكىنى ساقلىماق ئىنتايىن تەس، شۇڭا بۇنداق پۇل بىلەن مەبلەغ سالماسلىق كېرەك.

2. ئۆزىنىڭ خارەكتېر ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش كېرەك، ئاسان ھاياجانلىنىدىغانلار، كەيپىياتى ئاسان ئۆزگىرىدىغانلار، قورقۇنچاقلار، پايدا ئالغاندا بۆكنى ئاسمانغا ئېتىپ، زىيان تارتقاندا ئاغرىپ يېتىپ قالىدىغانلار بۇ بازارغا ماس كەلمەيدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلالايدىغانلار ۋە يۈكسەك ئىنتىزامچانلىققا ئىگە كىشىلەردۇر.

3. بىرلا ۋاقىتتا كۆپ مال تۇتۇۋالماسلىق كېرەك. مەبلەغنىڭ كۆپ قىسمى باھا تەۋرىنىشىگە بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن ساقلاپ قېلىنىشى كېرەك. ئەگەر مەبلەغ باھا تەۋرىنىشىگە بەرداشلىق بېرىشكە يېتىشمىسە قولدىكى مالنى ئازلىتىش كېرەك، بولمىسا مەجبۇرى پارتلايدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ.

4. سودا قىلغاندا ھىسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرمەسلىك كېرەك، ھىسسىيات، ئارزۇ ۋە سودا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. كەلگۈسىگە ھەددىدىن زىيادە ئۈمىدۋار بولۇپ كېتىشكە، ياكى ئۆتمۈشكە بولغان ئەسلىمە ئىچىدە يۈرۈشكە بولمايدۇ.

5. كۆز ئالدىكى بازار ئەھۋالىغا قاراپلا دەسلەپتە تۈزگەن پىلانىنى يىنىكلىك بىلەن ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. كۆز ئالدىدىكى باھا تۈپەيلىدىن ئەسلىدىكى قارارىنى ئۆزگەرتىش بەكمۇ خەتەرلىك.

6. كۈندە مال ئېلىپ مال سېتىپ ئۆزىڭىزنى چارچاتماڭ، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى چېكىنىپ كېتىدۇ، روھىي ھالىتىڭىز ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىڭىز تۆۋەنلەپ كەتكەن چاغدا بازاردىن يىراق تۇرۇڭ، بىر مەزگىللىك دەم ئېلىش سىزگە ئۆزىڭىزنى ۋە بازارنى قايتىدىن تونۇشىڭىزغا، چۈشىنىشىڭىزگە، كەلگۈسى نىشاننى پەرق ئېتىشىڭىزگە  پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئورمانلىققا بەك يېقىن تۇرغان ۋاقتىڭىزدا كۆز ئالدىڭىزدىكى دەرەخنىڭ زادى قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرەلمەيسىز.

7. ئەتراپتىكىلەرنىڭ پىكرىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەڭ، شامالغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەڭ، بىلىشىڭىز كېرەككە، ھەممە ئادەم ئۆسۈشكە كىرىۋالغاندا بازار چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، ھەممە ئادەم چۈشۈشكە كىرىۋالغاندا بولسا، بازار ئەكسىچە ئۆسۈپ كېتىشى مۇمكىن، شامالغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش خەتەرنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

8. بازار ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەپ، يۆنىلىشكە قارار قىلىپ بولغان ۋاقتىڭىزدا ئەتراپىڭىزدىلەرنىڭ پىكرىنى قارىغۇلارچە قوبۇل قىلىپ يېنىكلىك بىلەن قارارىڭىزنى ئۆزگەرتمەڭ. بەزىدە باشقىلارنىڭ پىكرى قارىماققا ئىنتايىن ئورۇنلۇقتەك بىلىنىپ قاراىڭىزنى ئۆزگەرتىسىز، كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلىدىكى قارارىڭىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا باشقىلارنىڭ پىكرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى قارارنى يەنىلا ئۆزىڭىز چىقىرىسىز.

9. پۇرسەت كۈتۈشنى بىلىش، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، بازارغا كىرىشنىڭ ياخشى پەيتىنى تاللاشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

10. زىياننىڭ سودىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش كېرەك.

مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)


20151126114247_87922.png


uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )