ئېغىر مەسىلە: توپ ئۇچۇرى يوللاش ئەتتىگەندەئۈندىدارىمىزغا ئۇچۇر كېلىدۇ، كىم ئۇچۇر يوللىغاندۇ دەپ ئېچىپ قارىساق، «خەيرلىكسەھەر» دېگەندەك ئۇچۇرلار. بۇنداق ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلىكىدىن كەينىنى ئوقۇپمۇقويمايمىز. ھەرقانداق ئىشتىن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ نەتىجە قازانغىلى بولمايدۇ.ھەتتا بەزىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ قويىشىمىزمۇ مۇمكىن. ئەتىگەنلىكى كېلىدىغانتوپ ئۇچۇرلىرىمۇ شۇنداق، ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغاندا، سىزگە نەتىجە ئېلىپ كېلىشنىڭئورنىغا، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق بولىۋەرسە ھەتتائۈندىداردىكى دوستلىرىڭىزنى ساقلاپ قېلىشىڭىزمۇ تەسكە توختايدۇ. بايراملاردا بايرامنى مۇبارەكلەپ توپ ئۇچۇرى يوللاش ئەۋج ئالىدۇ. يىلدائاران كېلىدىغان بايراملارنى توپ ئۇچۇرى يوللاپ ئۆتكۈزۈۋەتمەستىن، ئەڭ ياخشىسىئائىلىڭىزدىكلەرگە ياخشى ھەمراھ بولۇپ، بولسا گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپئويناپ كېلىڭ. ھېچكىممۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق قىممەتلىك كۈنلىرىنى توپ ئۇچۇرى قوبۇلقىلىش ۋە تەبرىكلەرگە جاۋاپ قايتۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكۈسى كەلمەيدۇ. «يۈرەكبېرىڭ» دېگەندەك توپ ئۇچۇرلىرى ئەڭ كۆپ شەكىلدە كېلىدىغۇ دەيمەن. ھازىر بۇپائالىيەتلەرگە قاتناشقانلارنىڭ يۈرەك سوراش سەۋىيەسى ئۆسۈپ خېلى بىر يەرلەرگەبېرىپتۇ. ناھايىتى چىرايلىق سالام-سائات، قىزغىن ئەھۋاللىشىشتىن كېيىن، خاپابولماي چەمبىرىكىمدىكى مەزمۇنغا يۈرەك بېرىپ قويغان بولسىڭىز دېگەن گەپ چىقىدۇ.باشتا بۇنداقلارغا بېرىدىغان جاۋابىم سۈكۈت ئىدى. ھازىر بىر نەچچە قېتىمتەكرارلانسا يۇيىۋىتىدىغان بولدۇم. توپ ئۇچۇرىيوللاپ پۇل سورايدىغانلارمۇ يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇنداقلارنى ئىنتىرنىتلاشقانزامانىۋى تىلەمچىلەرمۇ دەپ قويىدىكەن. بىر سۇم قىزىل بولاق بەرگەن بولسىڭىزدېگەندەك. بۇلارغىمۇ بېرىدىغان جاۋابىم خەيرخوش بولىدىغان بولدى. مەھسۇلاتتونۇشتۇرۇپ توپ ئۇچۇرى يوللايدىغانلارنى دېمەيلا قويايلى. بىر قېتىم يوللىسامەيلىغۇ، كەينى كەينىدىن يوللاپ كۆزنى ئىمىر-چىمىر قىلىپ تاشلايدۇ. ھەر كۈنىئۈندىدارىڭىزغا بۇنداق ئۇچۇرلار تاجاۋۇز قىلسا كىممۇ چىداپ تۇرالىسۇن دەيسىز. بۇنداق توپئۇچۇرلىرى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ. ئەكسىچەباشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىڭىز چۈشۈپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ئۈندىدار سودىسىقىلىۋاتقانقانلار توپ ئۇچۇرى يوللاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. مەسىلىنىبۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ ئەمەس، يىراقنى كۆرۈپ ئويلىشى، ئۆزىنى باشقىلارنىڭئورنىغا قويۇپ، مەن مۇشۇنداق قىلسام باشقىلار قانداق ئويلا، قوبۇل قىلالامدۇ ياكىبېزار بولۇپ قالامۇ دېگەننى ئويلاپ ئىش قىلساق دەيمەن. ئۈندىدارسودىسى جەھەتتە مەن بىلەن پىكىرلىشىشنى خالىسڭىز ئۈندىدارىمنى قوشۇۋىلىڭ:18199884720
|