قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2674|ئىنكاس: 35

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەننى جازالاش قارارىنى ماقۇللىدى، جۇڭ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

42

تېما

2

دوست

2010

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40020
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 89
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 12:22:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەننى جازالاش قارارىنى ماقۇللىدى، جۇڭگو قوللاش بېلىتى تاشلىدى

بېيجىڭ ئەتىگەنلىك گېزىتى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى


ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2-مارت قارار ماقۇللاپ،  بىر تۈركۈم جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ يادرو تېخنىكىسى ئېچىش پىلانىغا قارشى تۇرۇشنى قارار قىلدى.
يېڭى قارار گەرچە چاۋشيەنگە يۈرگۈزۈلىدىغان يېڭى جازا تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي گەۋدىسى تەڭپۇڭ، نىشانى ئېنىق. جۇڭگو ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سالاھىيىتى بىلەن قوللاش بېلىتى تاشلىدى.
چاۋشيەن 6-يانۋار يادرو سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ چاۋشيەننىڭ 2006-يىلدىن بۇيان 4-قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى ھېسابلىنىدۇ. 7-فېۋرال چاۋشيەن يىراق مۇساپىلىك راكىتا ئارقىلىق بىر سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بەردى. ئۇندىن كېيىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. شۇنداقلا يېڭى قارار ماقۇللاپ مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇڭگو نېمە ئۈچۈن چاۋشيەننى جازالاش قارارىنى قوللايدۇ؟
بىرىنچىدىن، دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا چاۋشيەن ب د ت نىڭ قارارلىرىغا كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلىپ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى. رايون قاتلىمىدىن قارىغاندا، چاۋشيەن ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ  يادرو مەسىلىسىگە چېتىشلىق نۇرغۇن كۆپ تەرەپلىك ياكى ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت بولدى، شەرقىي شىمالى ئاسىيا ۋەزىيىتىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى.
يۇقارقىلارغا ئاساسلىنىپ شەرقىي شىمالى ئاسىيا ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش مەقسىتىنى چىقىش قىلغاندا جۇڭگو ب د ت نى قوللاپ، چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلىشىغا ۋە سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىشىگە قارىتا زۆرۈر ھەم مۇۋاپىق ئىنكاس بىلدۈردى، بۇنىڭدىكى مەقسەت چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا داۋاملىق مېڭىۋېرىشىنى توسۇش. جۇڭگو ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ئىككىنچىدىن، جۇڭگونىڭ بۇ يېڭى قارارنى قوللىشى چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى توسۇش ئۈچۈن بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ چاۋشيەن خەلقىگە قارىتىلمىغان.
ئۈچىنچىدىن، جۇڭگونىڭ يېڭى قارارنى قوللىشى چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى قايتىدىن سۆھبەتلىشىش يولىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈندۇر.
گەرچە يېرىم ئارال يادرو مەسىلىسىنىڭ سەۋەبى جۇڭگودا بولمىسىمۇ، ئەمما جۇڭگو تەرەپ باشتىن ئاخىر ئادىل مەيداندا تۇرۇپ ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىدۇ.
جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپنىڭ قايتا سۆھبەتلىشىشتىن، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كەچمەسلىكنى قايتا قايتا تەكىتلىدى. جۇڭگو تەرەپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قايتا سۆھبەتلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى پەقەت سۆھبەتلىشىشلا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر توغرا يولى.
جازالاشنىڭ كونكېرت تەدبىرلىرى قايسىلار؟
ئامېرىكا 25-فېۋرال ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە چاۋشيەننى جازالاشقا مۇناسىۋەتلىك كېڭەيتىلگەن قارار لايىھىسىنى رەسمى سۇندى، ئامېرىكا بۇنى 20 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بۇيان  ب د ت نىڭ چاۋشيەنگە يۈرگۈزىدىغان ئەڭ قاتتىق جازاسى دەپ تەسۋىرلىدى.
لايىھە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ب د ت ئەزا دۆلەتلىرى چاۋشيەننىڭ بارلىق ئىمپورت ئېكىسپورت ماللىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى زۆرۈر.
بۇ قېتىمقى جازالاشنىڭ ئوبېكتى يادرو قورالى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك 17 نەپەر چاۋشيەنلىك ۋە 12 كوللېكتىپ، چاۋشيەن دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات ئىدارىسىمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، چاۋشيەن دېڭىز ئوكيان باشقۇرۇش شىركىتى ئىلكىدىكى 31 پاراخوت قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدۇ.
چاۋشيەننىڭ مەنئىي قىلىش بۇيۇملىرى تىزىملىكى كېڭەيتىلىدۇ، چاۋشيەننى  ئاۋىئاتسىيە يېقىلغۇلىرى ۋە راكىتا يېقىلغۇلىرى بىلەن تەمىنلەش مەنئىي قىلىنىدۇ، قانۇنسىز بۇيۇملار قاچىلانغان چاۋشيەن پاراخوتلىرىنى پورتقا ئەكىرىپ توختىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ، چاۋشيەننىڭ قورال ياراغلارنى ئىمپورت ئېكىسپورت قىلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ.
چاۋشيەننىڭ سىرت بىلەن كۆمۈر، تۆمۈر رۇدىسى، ئالتۇن، تىتان، سىرەك قاتارلىق كان بايلىقى مەھسۇلاتلىرى سودىسى قىلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ.

پۇل مۇئامىلە ساھەسى جەھەتتە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چاۋشيەن بىلەن يادرو پىلانى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەبلىغى توڭلىتىلىدۇ، چاۋشيەن بانكىسىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە يېڭىدىن تارماق ئورگان ۋە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. ئەگەر چاۋشيەن تەرەپ قانۇنسىز بانكا سودىسى بىلەن شۇغۇللانسا، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر چاۋشيەن دېپلوماتىيە ئەمەلدارىنى چىگرىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.


مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)


uyghuray

0

تېما

1

دوست

1007

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51320
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 288
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 13:29:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سورىۋالاي
بۇرۇن  مۇشۇ مۇنبەرگە يوللانغان ‹‹دىھقانلانىڭ چىقىش يۇلى نەدە››ماۋزۇلۇك تەرجىمە ماقالىنى تاپقىلى بولامۇ

241

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   25.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 467
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 4092
تۆھپە : 3516
توردىكى ۋاقتى: 5057
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 16:07:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oylan2315 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 13:29
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سورىۋالاي
بۇرۇن  مۇشۇ مۇن ...

ئۇستىدىكى ‹‹ئىزدەيدىغان مەزمۇن ›› دېگەن يەرگە ئىزدىمەكچى بولغان تېمىنى ( ياكى لازىم بولغان تېمىنىڭ مەلۇم بۇلىكى بولسىمۇ بولىدۇ )كىرگۇزۇپ ‹‹ ئىزدەش›› نى چىكىڭ . ئىزدىگەن تېما ( شۇنىڭغا ئائىت ماقالە ) نى كۆرەلەيسىز . سىناپ كۆرۈڭ .

3

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   22.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 6098
توردىكى ۋاقتى: 962
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 17:00:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر چاۋشەن ياپۇنلارنىڭ تەرەققى قىلىدىغان بولسا يەرشارىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى تەسەۋۋر قىلىش ئەسلا مۇمكىن بولمىغۇدەك .

تۈزۈكرەك جېنىنى باقالمايۋاتقان چاۋشەنلىكلەر نىمە ئۈچۈن ھەدىسىلا يادرو قوراللىرىنى ھەيۋە قىلىدىغاندۇ ؟

سىنگاپوردەك ، كورىيەدەك تىنىچ تەرەققى قىلسا بولمامدىغاندۇ ؟
uyghuray

0

تېما

4

دوست

4525

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35151
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1380
توردىكى ۋاقتى: 377
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 17:43:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  چاۋشيەنگە ئۇرۇش قۇزغاش  ،ياكى قۇزغىماسللق  ئىككلىسى  بەك خەتەرللك ئىشى بوپ قالدى مىنڭچە  

2

تېما

5

دوست

2453

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 708
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 17:45:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقارلىق

1

تېما

0

دوست

1603

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22397
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 482
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 17:48:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جوڭگۇ   ھۆكۈمىتىنىڭ  چاپاننى  تەتۈر  كىيىپ   چاۋشەنگە  قارشى  بېلەت  تاشلىشى  چاۋشىەن  ھۆكۈمىتى   جوڭگۇغا  يەنە  بىر  چېكىت  ئۇرۇپ  قويدى  ، جوڭگۇ  ھۆكۈمىتىمۇ   6 دۆلەت  سۆھبىتىىڭ   باشلامچىسى  بولغان   ئامىرىكىنىڭ   جەنۇبى  دېڭىزغا  شىددەت  بىلەن   ئىلگىرلەپ  كىرىشىگە  [ ئەتتىگەنكى  خەۋەردە  ئامىرىكىنىڭ   ئاۋياماتكا ئۇرۇش قىلىش  توپى  جەنۇبى  دېڭىزغا    بوسۈپ  كىردى  دىيىلدى  ]  ئىجابى  ئىنكاس  ياكى  خوشامەتلىك  قىلىپ   كىرىشنى  توسۇش  ،رايۇن  تەڭپۇڭلىغىنى  ساقلاش    يۈزىسىدىن   چاۋشەنگە  قارشى  بېلەت  تەشلىدىمىكى  دەيمەن  ،بۇ  ئويۇننىڭ  كەينىدە  ئامىرىكىنىڭ  بارلىغىنى  ھەممىسى  بىلىدۇ  ، شۇڭا  ئامىرىكىنىڭ  چىشىغا  تېگىشتىن  قورقىدۇ   ، ئەمەلىيەتتە   ئامىرىكا   چاۋشەننى  ئاسماققا  ئىلىپ  قويۇپ  ئۇ ياققا  ئۆتۈپ  بىرنى  تېپىپ  ،  بۇ  ياققا  ئۆتۈپ  بىرنى  تېپىپ  چاشقان  بىلەن  مۆشۈكتەك  يۈرۈشى   ھۆكۈمىتىمىزنى  بەك  بىئارام  قىلىۋاتىدۇ   ،  دىمىسىمۇ  شۇ  يادرۇ   قورالىنى  بانا  قىلىپ   ھۆكۈمۈتۈمىزنى  دۇنيادىكى  ئەڭ  ئىلغار  قوراللار  بىلەن
قورشاپ  بولدى  ، ئاسىيادا  تەڭپۇڭلۇقنى  ساقلايمىز دەپ   كىچىك  ناتۇدىن  بىر نەچچىنى  قۇرۇپ  بولدى  ،  مەسىلەن 1-  ئامىرىكا  ،  ياپون   كورىيە  ،  2 - ئامىرىكا  فىلىپپىن   سېنگاپور ،  ۋېتنام  ، 3 -  ئامىرىكا  ھىندىستان ، ئاۋۇستىرالىيى  قاتارلىق  يەنە  ئىسمى  تىلغا  ئېلىنمىغان   نۇرغۇن  دۆلەتلەرنى   قولغا  كالتۈرۈپ  بولدى   ، شۇنداقلا    فىلىپپىن  ۋە  تەيۋەننى   باش  نۇقتا  قىلىپ   1- ئۆتكەل 2- ئۆتكەل 3- ئۆتكەل  دەپ   ھۇجۇم  قىلىش  چېكىنىش   يوللىرىنى  خەرىتىلەشتۇرۇپ  بولدى   ، ھەممىدن  يامان  بەلغىنى  كورىيەگە  ئورۈنلاشتۇرماقچى  بولغان  ئەڭ  ئىلغار  رادار    جوڭگۇنىڭ  يېرىمىنىلا   كۈزۈتەلەيدىغان  بولۇپ   يەپ -ئىشكەن ،  يېتىپ -قوپقاننى  مانا مەن  دەپلا  ئوچۇق  كۈزۈتەلەيدىكەن   ،ئاۋياماتكىدىن باشقا   دۇنيادىكى ئەڭ  ئىلغار  B 52    بومباردىمانچى  ئايرۇپىلان  ، F 22  قىرغۇچى كۆرۈنمەس  ئايرۇپىلان F35    ئايرۇپىلان ئۇندىن  باشقا  بىز  بىلمەيدىغان  نىمىلەرنى  ئېپ  كىردى  خۇدا  ئۆزى  بىلىدۇ   ، ھۆكۈمۈتىمىز  ھەربى  ئالىملىرى  ئۇرۇش  قاش  بىلەن  كىرپىك  ئارىلىغىدا  قالدى  دىسە  بەزى  ھەربى  ئالىملار    ئۇرۇش  بولمايدىغانلىغىنى  بۇ  بىر  ھەيۋە    بولسىمۇ  تەسىرى  ۋە  خەتىرى  يامان  بولىدىغانلىغىنى   سۆزلىمەكتە  ..... چاۋشان  مەسىلىسى  ئەمەلىيەتتە  ئامىرىكىنىڭ  باش  قاتۇردىغان  مەسىلىسى  ئەمەس   ئاساسلىغى   روسىيە  بىلەن  جوڭگۇنى   نىشان  قىلغان  ئاسىيا  تىنچ ئوكيان  تەڭپۇڭلىغى  ، شۇڭا  ھۆكۈمۈتىمىزنىڭ  سەگەكلىشىپ  كەتكىنىمۇ  شۇ  ، ئامىرىكىنىڭ 11 يۇرۈش   ئاۋياماتكا توپى بولسىمۇ   دۆلۈتۈمىزنىڭ   مەخسۇس  ئاۋياماتكىغا  زەربە  بېرىدىغان  باشقۇرۇلىدىغان  بومبىسى  سىناقتىن  ئۆتتى  ، بۇ  ھەتتا  روسىيە ياكى  ئامىرىكىدىمۇ  يوق  قورال  بولۇپ   تېخى  سىناق  باسقۇچىدىكەن  ،   .....بۇنۇڭدىنمۇ  سەزگۈر  مەسىلىلەرنى  بىلمەكچى  بولساڭلار  كۈندە  سائەت  7 يېرىمدا  مەركەز 4 -  قانىلىدا  ھەربى  ئالىملار  سۆزلەيدۇ  ، بەزىبىر  گەپلەر  ئارىسىدىن  بەزىبىر  گەپلەرنى  سېزىۋالالايسەن  .....

0

تېما

4

دوست

4713

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28151
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1438
توردىكى ۋاقتى: 249
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 17:52:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا دەيمەن،نۇرغۇن دۆلەتلەر يادرۇ سىنىقى قىلسا ئاتوم بومبىسى ياساپ ئامبار-ئامباردا ساقلىسا،يىلىغا نەچچە سۈنئى ھەمرا قۇيۇپ بەرسە ھېچكىمنىڭ كارى يوقكەن،ئىراق ياسىسا چاۋشەن ياسىسا بولمايدىكەن،بۇ نەنىڭ قانۇنىدۇر؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )