قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2290|ئىنكاس: 40

شەھەر نامى سۆرەپ چىققان 6سۇئالغا چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

129

تېما

2

دوست

6817

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   36.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33022
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 256
تۆھپە : 2094
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 20:59:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شەھەر نامى»سۆرەپ چىققان 6 سۇئالغا چۈشەنچە

جىمسارى

«昆玉市» دەپ ئاتالغان شەھەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى قانداق ئاتاش مۇناسىۋەتى بىلەن يازىلغان ئەسەر-ئىنكاسلار،  قۇرۇم دىگەن نىمە؟ قۇرۇمتاش دىگەن نىمە؟ قۇرۇمتاغ سىستېمىسى دىگەن نىمە؟ ئۇ قەيەردە؟ قاراقۇرۇمتاغ دىگەن نىمە؟ ئۇ قەيەردە؟ قاراقورامتاغ  دىگەن نىمە؟ بارمۇ-يوق؟ ئۇ قەيەردە؟، تىبەش دىگەن نىمە؟ قاش دىگەن نىمە؟ دىگەندەك  سۇئاللارنى سۆرەپ چىقتى. بۇلار توغرىسىدا كۆپۈنچىسىگە چۈشەنچە بەرگەن ئىدىم. تۆنۈگۈن تورغا كىرسەم، بەزى بۇرادەرلەر يەنە شۇ سۇئاللارنى، ئىسپاتلارنى سوراپتۇ. مەن ئادەتتىكى بىر پۇقرا بولغانلىقىم ئۈچۈن، گىپىمنى ئىشەنچىسىز دەپ قاراغان ئوخشايدۇ. دىگەنلىرىممۇ بۇرادەرلەرنىڭ يادىدا ئاسان قالمايدىغان ئوخشايدۇ. بۇنىڭ ھېچقىسى يوق. بىلمەگەننى مۇۋاپىق ئۇسولدا سوراش كېرەك. بىلگەننىمۇ ئايىماسلىق كېرەك. كىتاپتىكىلا توغرا، مۇئەللىمنىڭلا توغرا، مەشھۇر، نامى بار بولغان كىشىنىڭلا دىگىنى توغرا دەپ قاراۋالماسلىق كېرەك. يازىلغان ئەسەرلەرنى تاكى ئېنىق چۈشەنگىچە قايتا-قايتا ئوقۇپ بېقىش كېرەك. ئەمەلىيەتلەرنىمۇ كۈزىتىپ بېقىشىمىز، ئۆزىمىزمۇ ئىزدەنىپ بېقىشىمىز تېخىمۇ مۇھىم. يوقۇرىدا كۆرسەتىلگەن سۇئاللار سەۋەبىدىن، مەزگۇر ئەسەردە، بۇلار توغرىسىدا ئۆزەمنىڭ ئىزدەنىپ بىلگەنلىرىمنى يەنە بىر قىتىم ئىزاھلاپ چۈشەنچە بېرىۋىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.


1-«قاراقورۇم» توغرىسىدا
ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت بىر قىسىم ئەسەرلەردە، «قاراقورۇم » دىگەندەك سۆزلەر ئۇچرايدۇ. بۇ سۆزلەر توغرىسىدا، لۇغەتلەردىن، تورلاردىن ئانچە-مۇنچە ئىزدەپ باقتىم. «ۋىكىپېدىيا»دىكى بايانلارغا قاراغاندا، «قاراقورۇم» دىگەن سۆز، قەدىمى تۈركچە سۆز بولۇپ، «قاراتاشلار» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدىكەن. «قاراقورۇم» دەپ ئاتالغان بۇ يەر، مۇڭغۇلىيەدىكى ئورخۇن ساينىڭ غەربىدە بولۇپ، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانى بۇگۇخان بۇ يەردە شەھەر بىنا قىلغان ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ نامى، «قاراقورۇم» دەپ ئاتالغان. (تارىخچىلار، بۇنى يەنە«قارابالاساغۇن» دەپ ئاتىشامدىكىن بىلمەدىم.) كىيىن، چىڭگىزخان، بۇ شەھەرنى ئۆزىنىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى قىلغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن، بۇ شەھەر، مۇڭغۇلچە،«خارخورۇم» دەپ ئاتالغان. قىزىل ئوردا خانلارى، ئىلىك ئېلخانلارى بۇ يەرگە قارام بولۇپ، باج-خەراج تاپشۇرۇپ تۇرغان ئىكەن. دىمەك، «قاراقورۇم»، دىگەن ئىسىمدا ئاتالغان بۇ جاي، تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ ئورخۇن ساي تەۋەسىدە.


2-«قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم» توغرىسىدا
مەن تۇغۇلۇپ ئېسىمنى بىلسەم، بىزنىڭ ئۆيدە، قۇرۇم چەينەك، قۇرۇم پىيالە، قۇرۇم بىلەيزۈك، قۇرۇم غاڭزا، قۇرۇم ئات ۋە قۇرۇم ساقا دەپ ئاتالغان نەرسىلەر بار ئىكەن. يەنە چوڭ تەخسە چوڭلۇقىدا بىسمىللاھى رەھمانىر رەھىم دىگەن ئەرەپچە ھۆسنىخەت ئۇيۇلغان ئاق رەڭلىك بىر قۇرۇمتاشمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ نامىنى قۇرۇم  ۋە قۇرۇمتاش دەپ ئاتايدىغانلىقىنى كىچىكىمدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغان. بۇ تاشلارنىڭ خوتەن تەرەپتە قۇرۇمتاغ دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغدىن چىقىدىغانلىقىنى، دادامنىڭ خوتەنلىك كۈيۆئاكىسى شاھىدىن شاڭيۇ (يېزا باشلىقى دىگەندەك ئەمەل ئىكەن) دىگەن كىشىنىڭ خوتەندىن ئەكەلگەنلىكىنى ئاڭلايدىغان. كىيىن ئۇ نەرسىلەر ئۆيىمىزدە يوق بولدى. پەقەتلا، 12سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا، ئوتتۇرسىدا بارماق قول پاتقىدەك تۈشۈكى بار يىشىل رەڭلىك بىر تال قۇرۇم بۇيۇم قاپتۇ. مەن بۇنى، ئاپامدىن سوراپ ئېلىپ، 1974-يىلى، ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئۆرۈمچى داشىزى ماگازىنىغا ئاپارسام بىر ياشانغان خەنزۇ بوۋاي، بۇنى نەدىن تاپقانلىقىمىنى سوراپ، 85 يۋەن باھا قويىۋىدى ئۇلارغا سىتىۋەتتىم. شۇ چاغدا، ئۇنىڭ خەنزۇچە يۈشى، يۈ دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلدىم. شۇنداق قىلىپ، قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم دەپ ئاتالغان بۇ سۆزلەرنى ئاتام-ئاپاملاردىن، بولۇپمۇ دادامدىن كۆپ ئاڭلىغان. باشقىلار ۋە باشقا جايدىكى كىشىلەرنىڭ شۇنداق ئاتايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. كىيىن خىزمەتكە چىقىپ، قۇرۇم تاغلىرىنى، خوتەن دىيارىنى كۆرۈشكە نېسىپ بولدى. 1990-يىلى، چىرا يېزالىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەتسىدىق مەتساۋۇرنىڭ قوروسىدا، توخو مايىقى بېسىپ كەتكەن ئىككى پارچە چوڭ تاشنى كۆردۈم. بۇنى سورىسام، ئۆستەڭ قازغاندا تېرىۋالغان قاشتېشى دەپ چۈشەندۈردى. سىزگە لازىم بولسا بېرىمەن، ئۆرۈمچىگە ئاپارسىلا ئازراق پۇلغا يارايدۇ دەپ قوشۇپ قويدى. شۇ چاغدا، ئابدىرىشىت ئۇستام، بۇ تاش بەك ئېغىركەن، ماشىنامنىڭ گاڭبەنى ئۈزۈلگىدەك دەپ تاشنى ئالمىدۇق. ئەمما، نىمە ئۈچۈن قاشتېشى دەپ ئاتالغانلىقىنى، بۇ يەردىكىلەرمۇ ئېنىق بىر نىمە دىيەلمىدى. كىچىكىمدە، دادامنىڭ، « تېرىنىڭ ياخشىسى خۇرۇم، تاشنىڭ ياخشىسى قۇرۇم»، «ئادىمىدىڭ ئادىمىدىڭ پەرقى بار، ھەر قۇرۇمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق نەرقى بار» دەيدىغان گەپلىرىنى تۇلا ئاڭلايدىغان. بۇلارغا ئاساسەن، قۇرۇمتاغ دىگەن سۆزنى تەھلىل قىلىپ، مۇشۇ قۇرۇمتاش، قۇرۇم چىقىدىغان تاغ دىگەن مەنانى بېرىدىكەن دىگەن خۇلاسەگە كەلدىم. ئەمما، بۇ ئىشلار شۇ جايىدىلا قالدى. 2014-يىلى، ئۆزەمنىڭ «ئاكادېمىيە» ناملىق بلوگىمدا، قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم ناملىق قىسقا ئەسەر يازدىم. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىن، باغداش تورىدا بۇ ئەسەرنى قايتا ئىخچاملاپ نەشىرقىلدىم. شۇنداق قىلىپ، قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم دىگەن سۆزلەرنى جامائەتكە يايدىم. بۇنىڭغا بەزىلەر قوشۇلدى، بەزىلەر قارىشى تۇردى. ئەمما، قارىشى تۇرغۇچىلار، ئادەتلەنگەن سۆز دىگەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلىمى ئاساسنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. شۇنداق قىلىپ، قۇرۇمتاش، قۇرۇم ۋە قۇرۇمتاغ  دىگەن سۆزلەرگە ئىزاھات بەرگۈچى ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئاساس سالغۇچى تۈنجى كىشى بولۇپ قالدىم.


3-«قۇرۇمتاغ سىستېمىسى» ۋە «قاراقۇرۇمتاغ» توغرىسىدا
«قۇرۇمتاغ سىستېمىسى»، پامىر تاغلەڭىدىن باشلىنىپ سىچۋەن ئۆلكەسىنىڭ شىمالىغىچە تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭ غەرپتىن شەرققىچە بولغان  ئۇزۇنلىقى2500 كلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدىكەن. قۇرۇمتاغ سىستېمىسى، قاراقۇرۇمتاغ تىزمىسى، چىمەنتاغ تىزمىسى، ئارچىنتاغ تىزمىسى (ئالتۇنتاغ دەپمۇ ئاتالغان)، كۆكشىلتاغ تىزمىسى، بايىنقاراتاغ تىزمىسى دىگەندەك كۆپلىگەن تاغ تىزمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرۇمتاغ سىستېمىسى ئادەتتە، چوڭ جەھەتتىن غەربى قۇرۇمتاغ سىستېمىسى ۋە شەرقى قۇرۇمتاغ سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان. يەنى، چەرچەن غولنىڭ شەرقى قىسمى، شەرقى قۇرۇمتاغ سىستېمىسى دەپ ئاتالغان. شەرقى قۇرۇمتاغ سىستېمىسى، چىمەنتاغ، ئارچىنتاغ، كۆكشىلتاغ، بايىنقاراتاغ (بايانقاراتاغ) دىگەندەك كۆپلىگەن تاغ بۆلەكلىرىنى ئاساس قىلىدىكەن. چەرچەن غولنىڭ غەربى قىسمى، غەربى قۇرۇمتاغ سىستېمىسى دەپ ئاتالغان. «غەربى قۇرۇمتاغ سىستېمىسى»، قۇرۇمتاغ سىستېمىسىنىڭ غەربى بۆلىكى يەنى، كۈن ئولتۇرۇش تەرەپتىكى قۇرۇمتاغ سىستېمىسى بولغانلىقتىن، بۇنى مەن «قاراقۇرۇمتاغ»دەپ ئاتادىم.  «قاراقۇرۇمتاغ»، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «كوئىنلۇن تاغ تىزمىسى قۇرۇمتاغ تىزمىسى » دىگەندەك ئىسىملاردا ئاتالغان. «كوئىنلۇن» دىگەن سۆزنىڭ نەچە سۆز، نىمە مەناسى بارلىقىنى بىلمەيمەن. قۇرۇمتاغ سىستېمىسى دىگەن سۆزگىمۇ قايسى بۆلىكى دىگەندەك ئىزاھ سۆز بولمىسا، تازا ئېنىق بولمايدۇ. شۇڭا مەن،«قۇرۇمتاغ غەربى سىستېمىسى ۋە كوئىنلۇن تاغلىرى» دىگەن ئىسىملارنىڭ ئورنىغا ئىخچاملاپ، «قاراقۇرۇمتاغ» دەپ ئاتىدىم. قاراقۇرۇمتاغ، ھەم ئىگىز، ھەم كەڭ ھەم تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىسىدىن ئىبارەت. «قاراقۇرۇمتاغ» دىگەن ئىسىمنى، ھازىرقى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىن كۆرۈپ باقمىدىم. شۇڭا، «قاراقۇرۇمتاغ» دىگەن بۇ ئىسىم، مىنىڭ ئىجادىيەتىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. «قاراقۇرۇمتاغ»، پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايەتىنىڭ جەنۇبىدىكى پامىرغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز زىمىنى بىلەن، تىبەت تىبەش(زاڭزۇ) ئاپتونۇم رايونىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاغپاسىل ھېساپلىنىدۇ. قۇرۇمتاغ دىگەن سۆز، قۇرۇمتاش، قۇرۇم چىقىدىغان تاغ دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. قاراقۇرۇمتاغ دىگەن سۆز، كاتتا قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم چىقىدىغان غەربى قىسىم قۇرۇمتاغ دىگەن مەنانى بېرىدۇ.


4- تىبەش سۆزى توغرىسىدا
تىبەت، دىگەن سۆز، يەر نامى بولۇدۇ. «تىبەش» دىگەن سۆز، مىللەت نامىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى خەنزۇچە زاڭزۇ مىللىتى دىگەن سۆزنى بىلدۈرىدۇ. تىبەش دىگەن سۆزنى، مەن 1982-يىلى تەساددىپى ئىجاد قىلدىم. شۇ يىلى، چوڭ يۇلتۇزدىكى «جىنگۋاڭ» فېرمىسىدا، 4-5 نەپەر تىبەش (زاڭزۇ) بىلەن ئىككى كۈن بىللە بولۇپ قالدىم. بۇلارمۇ ئۇيغۇرچە بىلىدىكەن. بۇلارنىڭ دەپ بېرىشىچە، بۇلار ئەسلىدە تىبەتلىك بولۇپ، 1955-يىللىرى شىنجاڭغاكەلگەن 50 تەك دالاي لاما سوداگەرلىرىنىڭ قاغىلىق، قەشقەرلەردە تۇغۇلغان ئەۋلاتلىرى ئىكەن. ئۇلار ئالدى بىلەن قاغىلىق، قەشقەرلەردە تۇرۇپتۇ. 57-يىللىرى ئەتراپىدا بۇ تىبەشلەر ئالماشىپ تۇرۇش ئۈچۈن، بۇلارنىڭ يېرىمى تىبەتكە قايتىپ كېتىدىكەن. قالغانلىرى، كەتكەنلەر كەلگەندىن كىيىن ئاندىن قايتماقچى بولۇپ قالىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، كەتكەنلەر ئىككى يىلغىچە كەلمەپتۇ، خەۋەرمۇ يوق. بۇ يەردە قالغانلار، تىبەتكە قايتماقچى بولۇپ تۇرغاندا، تىبەتتە قاتتىق ئۇرۇش بولۇۋىتىپتۇ دىگەن خەۋەرنى ئاڭلايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن، بۇلار تىبەتكە قايتالماي قالىدىكەن. قالغانلارنىڭ بىر مۇنچىسى ئاخىرى مۇشۇ بايىنبۇلاقنىڭ چوڭ يۇلتۇزىدا ماكانلىشىپ قاپتۇ. بۇلارنى مەن مىللىتىڭلارنى تۇبۇت دەيمىزمۇ، تاڭغۇت ياكى چىياڭزۇ دەيمىزمۇ دىسەم، بىز تۇبۇت، تاڭغۇت ھەم چىياڭمۇ ئەمەس. جۈيبا ياكى دۈيبا دىگەندەك قىلدى. بىز ھازىر سىلەرنى زاڭزۇ دەپ ئاتايمىز دىۋىدىم، زاڭبا دەپمۇ بار. لېكىن بىزنى دۈيبا ياكى جۈيبا دىگەندەك ئاتايدىكەن دىدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز سىلەرنى تىبەش دەپ ئاتىساق بولامدۇ دەپ چاقچاق قىلدىم. ئۇلار، تىبەش دىگەن سۆزنى چۈشەنمەي سورىدى. مەن، تىبەت مىللىتى دىگەن گەپ دەپ چۈشەنچە بەردىم. يامان مەناسى يوقتۇ ھە؟ دەپ يەنە گۇمان قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ مىللىتىگە ئۆزەمچە، ئۇيغۇرچە تىبەش دىگەن ئىسىمنى قويۇپ قويدۇم. بىز ئۇ يەردە 4 كۈن تۇرۇپ قالدۇق. بۇ 4 كۈن جەرياندا، ئۇلار ئۇچراپ قالسا، تىبەش ئاغىنە، ئەھۋالىڭىز قانداق؟ دەپ ئۇيغۇرچە ھال سوراپ قويسام، خۇش بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن، زاڭزۇ دىگەن سۆز، خەنزۇچە سۆز ئىكەن، ئۇيغۇرچە تىبەش دىسەك بولغۇدەك دەپ قارادىم. ئەمما، بۇ توغرىدا بىرەر ئەسەر يازىپ، ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئورتاقلىشىپ باقمادىم. بۇ قىتىمقى ئەسەرىمدە، توغرا كىلىپ قېلىپ، تىبەش دىگەن سۆزنى ئىشلەتتىم. بۇرادەرلەر چۈشەنمەي قالماسۇن دەپ، تىرناق ئىچىگە زاڭزۇ دەپ ئەسكەرتىپ قويدۇم.

5-«قاراقورامتاغ» توغرىسىدا
«قاراقورامتاغ»، يەنە «قاراقورامتاغ تىزمىسى» دەپمۇ ئاتالغان. «قاراقورامتاغ»دىگەن سۆزدىكى «قارا» سۆزى، ھەم ھەيۋەت، چوڭ دىگەن مەنادىن باشقا، بۇ يەردە، قارارەڭنى كۆرسەتىدۇ. «قورام» دىگەن سۆز، ئادەتتىكى چوڭ تاشلارنى كۆرسەتىدۇ. دىمەك، «قاراقورامتاغ» دىگەن سۆز، رەڭگى قارا يوغان تاشلىق تاغ، دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. قاراقورامتاغ، قۇرۇمتاغ سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى ئايرىم بىر تاغ بولۇپ، « قاراقۇرۇمتاغ»نىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى جۇڭگو-كەشمىر چىگرسىغا توغرا كېلىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمنى مەن بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇن سىزىپ قويغان ئىدىم. ئۇنىڭدا، قاراقورامتاغلىرى ئورنى كۆرسەتىلگەن. قاراقورامتاغ،خەنزۇچە، «كالاكۇنلۇن شەن» دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، قاراقۇرۇم تاغلىرى دىيىلگەن. بۇنداق ئاتاش مىنىڭچە خاتا بولۇپ قالغان. مەن بۇ تاغدىن قۇرۇمتاش ياكى قۇرۇم چىققانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. بەزى بۇرادەرلەر، قاراقورامتاغ دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ باقمىدۇق، ئۇنداق نامدا ئاتالغان تاغ يوق دەپ ئىنكاس يېزىپتۇ. مەن بار، دىدىم، بۇنىڭغىمۇ ئىشەنمىگەنلەر بولسا، ۋىكىپېدىيادا بېرىلگەن تۆۋەندىكى ئابزاسنى ئەينەن نەقىل قىلىپ قويدۇم: « Karakoram is a Turkic term meaning black gravel. The namewas first applied by local traders to the Karakoram Pass.[6] Early Europeantravellers, including William Moorcroft and George Hayward, started using theterm for the range of mountains west of the pass, although they also used theterm Muztagh (meaning, "Ice Mountain") for the range now known asKarakoram.[6][7] Later terminology was influenced by the Survey of India, whosesurveyor Thomas Montgomerie in the 1850s gave the labels K1 to K6 (K forKarakoram) to six high mountains visible from his station at Mount Haramukh inKashmir.»

شىنجاڭدىكى تاغلارDSC_0843.jpg

6-«قاش» سۆزى توغرىسىدا
بىزدىكى قاش سۆزىنىڭ لۇغەت مەناسى كىشىلەرگە ئايان. بۇ ھەقتە سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. گىپىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغانى، بىزدىكى «قاراقاش» ۋە «يۇرۇڭقاش» دىگەن ئىككى سۆزدىن ئىبارەت. خوتەن شەھرىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ كۈنچىقىش تەرەپىدە بىر غول (دەريا) ۋە كۈن ئولتۇرۇش تەرەپىدە بىر غول بار. كۈن چىقىش تەرەپتىكى غول (دەريا)، «يۇرۇڭقاش» دەپ ئاتالغان. يۇرۇڭقاش دىگەن سۆز، خوتەن شەھىرىگە نىسبەتەن، ئۇنىڭ كۈنچىقىش تەرەپى، كۈنچىقىش قاشى، يورۇققاشى، يورۇق تەرەپى ياكى دىگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ. كۈن ئولتۇرۇش تەرەپىتىكى غول، «قاراقاش» دەپ ئاتالغان. قاراقاش دىگەن سۆز، كۈن ئولتۇرۇش قاشى، قاراڭغۇ قاشى دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. يۇرۇڭقاش، قاراقاش دىگەن سۆزلەر، ھەم جاي ئىسمى ھەم غول(دەريا) ئىسمى بولۇدۇ. بۇ يەردىكى «قاش» دىگەن سۆز، بويى، تەرەپى، ئەتراپى، قىرى دىگەن مەنالارنى بېرىدۇ. دىمەك، بۇ يەردىكى «قاش» دىگەن سۆزنىڭ، «قۇرۇم، قۇرۇمتاش» (玉石,玉) دىگەن سۆز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەتى يوق.


يوقۇرىدا دىگەنلىرىم، ئەمەلىيەتتە كۆرگەن بىلگەنلىرىمگە ئاساسەن بولغان چۈشەنچىلەردىن ئىبارەت. يول مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئېچىلىدۇ. سۆزلەر مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ كۆپىيىدۇ. ئەسەرىمدىكى  بەزى سۆزلەر، بىزنىڭ قەغەز نەشىردىكى ئەسەرلەردە يوق. خۇايىم بۇيرىغان بىر كۈنى، بۇ سۆزلەر، لۇغەتلىرىمىزدىن ئورۇن ئالىدۇ دىگەن ئۈمۈدۈم بار. شۇنىڭ بىلەن گىپىم تۈگىدى. ئەمما، سۇئال سورىغان ئەركەك007، ئارالچە قاتارلىق بۇرادەرلەر رازى بولامدۇ يوق بىلمىدىم. مۇمكىن بولسا، سىزلەرنىڭمۇ ئىزدىنىپ بېقىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

uyghuray

0

تېما

1

دوست

3155

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33034
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 994
توردىكى ۋاقتى: 428
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 10:54:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مىللەتكە ئۇنداق ئۆزىڭىزچە ئىسىم قۇيۇۋالماڭ بىرىنچىسى
ئارچىنتاغ دەپ ئۆزىڭىز ئىجاد قىلغانما ،مەن ئۇ يەلەردە يۈرۈش جەريانىدا ھىچكىمدىن ئارچىن دەپ ئاڭلاپ باقماپتىمەن،توپلانغان ۋەسقىلەر ۋە تارىخى ماتىرياللاردا ئۇ تاغ ئەزەلدىن ئالتۇن تاغ دەپ ئاتىلاتىكە ،مەيلى موڭغۇل ياكى سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا ئالتىن دەپ ئاىلىدۇ ،چۈشەنچە بەرسىڭىز

1

تېما

0

دوست

3034

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13257
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 925
توردىكى ۋاقتى: 359
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 14:00:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jasuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-5 15:37  

يول دىگەن ماڭغانسېرى ئ‍ېچىلىدۇ، مېڭىشقا جۈرئەت بولمىسا چىغىر يولمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ، شەخسەن جىمارى ئ‍ەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىل بولدۇم.
  تەۋسىيەم ، جىمسارى ئ‍ەپەندى كەمتەرلىك ئ‍اشقۇنلىقىدىن ساقلانسا دەيمەن، چۈنكى ئ‍اپتورنىڭ چەكتىن ئ‍اشقان كىچىك پېئىللىقى ئ‍ەسەرنىڭ قايىل قىلىش كۈچىگە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ، يازغان ئ‍ەسىرىمىزگە ئ‍ىشەنچ قىلغاندا مەھمۇت قەشقەرىدەك مەن تۇركلەرنىڭ ئ‍ەڭ ئ‍ەقىللىق، ئ‍ەڭ سۆزمەنلىرىدىن دىيەلىسەك، ھەم شۇنىڭ ئ‍ۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز تىرىشساق دەيمەن.

1

تېما

2

دوست

8361

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 2408
توردىكى ۋاقتى: 567
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 15:54:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jasuri يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 14:00
يول دىگەن ماڭغانسېرى ئ‍ېچىلىدۇ، مېڭىشقا جۈرئەت بولمىس ...

جىمىسارى ئەپەندىنى زامانىمىزنىڭ مەھمۇد كاشغەرىسى دېمەكچىمۇ؟ قالتىس توغرا باھا بېرىپسىز. شۇنىڭدىن قارىغاندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2018-يىلىنى خەلقئارا جىمىسارى ئەپەندى يىلى قىلىپ بېكىتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپسىزدە.
uyghuray

2

تېما

21

دوست

6032

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1879
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 16:20:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ توختىماستىن ئىزدىنىدىغان ، ھارماس تالماس قەلەملىرىڭىزگە ئاپىرىن !

1

تېما

0

دوست

3034

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13257
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 925
توردىكى ۋاقتى: 359
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 17:06:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
niyaz1 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 15:54
جىمىسارى ئەپەندىنى زامانىمىزنىڭ مەھمۇد كاشغەرىسى دې ...

  مەنغۇ ئ‍ۇنداق دىمەكچى ئ‍ەمەس، گېپىڭىزدىن قارىغاندا بىزدىن  يەنە بىر مەھمۇت قەشقىرى چىقىشىغا قارىشى ئ‍وخشىمامسىز، ئ‍ىنكاسىمنى قايتا قايتا ئ‍وقۇپ ، ياخشىراق چۈشەنچە ھاسىل بولغاندا جاۋاپ قايتۇرسىڭىزمۇ ھەرگىز كېچىككەن بولمايسىز!

4

تېما

10

دوست

8235

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   64.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2470
توردىكى ۋاقتى: 628
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 19:47:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پۈتۈنسۈرۈك مىللەتكە ئۆزىڭىزچە ئىسىم قويۇپ،يازمىلىرىڭىزدا قوللىنىپ ئۈلگۈردىڭىز دەڭ.......‹يامان› ئادەمكەنسىز جۇما..

0

تېما

3

دوست

707

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   41.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50782
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 228
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 20:34:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاساددىبى ئىجاد قىلدىم دەڭ ، ئەمىسە مۇشۇ خەنزۇ دېگەن مىللەتنىڭ نامىنى ئاھاڭ تەرجىمىسى بىلەنلا قوللىنىپ خاتا قىپتىمىز .ئەقلىڭىزنى يەنە بىر ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرچىنى پىششىق بىلىدىغان خەنزۇ يولداشلار بىلەن پاراڭلىشىپلا  يەنە بىر ئىسىم ئىجات قىلىۋەتمەمسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )