- تىزىملاتقان
- 2012-6-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7115
- نادىر
- 0
- يازما
- 422
ئۆسۈش
42.3%
|
ئاپتۇرنىڭ نۇرغۇن تارىخى ئۇچۇرلارنى توپلاپ تەمىنلىگىنىگە كۆپ رەھمەت.
مەن بۇ ياردە كىچىككىنە ئىنىچكە نوقتىلارنى شەرىھلەشنى توغرا تاپتىم، گەپتانلىقىمنى كەچۈرەرسىلەر
1920ىنچى يىللاردىكى خەلىقئارادا يۈز بەرگەن ئىنقىلاب نەتىجىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسى ئىشلىرىدا لىدېر ھېسابلاپ، بۇ دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە ياكى يېرىم مۇستەملىكە دۆلەتلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغاندى. بۇ جەرياندا تاشكەنت موسكىۋادىن قالسىلا ئەڭ مۇھىم ئىنقىلابچىلارنى تەربىيلەيدىغان مۇھىم شەھەر بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ، بۇ ئىنقىلابچىلارنىڭ پائالىيىتى شىنجاڭ رايۇنىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا شىنجاڭ تاشكەنتتىكى ئىنقىلاب خاراكتىرلىك پائالىيەتلەرنىڭ ئوبېيتىنىڭ بىر قىسىمى بۇلۇپ قالغان. ئەسلى ئۇيغۇر مىللى كىملىك ئۇقۇمنىڭ شىنجاڭ رايۇنىغا تارقىلىشى 1916ىنچى يىللاردا باشلانغان بۇلۇپ، روسىيەدىكى چەتئەللىك سودىگەرلەرگە قارشى ھەركەت كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، قەشقەردىن كېلىپ دىئاسپورا شەكىللەندۈرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلار ، ئوقۇغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەر شىنجاڭغا قايتىشقا باشلىغان. بۇلار" ئۇيغۇر" مىللەت ئىسمىنى رەسمى قىلىپ ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىغان. شۇنداقلا كىيىنكى شۇ زىيالىلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئاتالغۇسى ئەسىلدىكى "قەشقەرلىكلەر" ياكى "تارانچىلار" دىگەندەك يەرلىك ئاتالغۇنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا باشلىغان، ۋە كىيىنكى يىللاردا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بىرلىككە كەلگەن تىل دىئالىتىكىسىنىڭ ۋە ئۆلچەملىك يېزىقنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا ئاساس سالغان.
قەشقەرلىك، تارانچى دىگەن كىملىك نامىنىڭ چىقىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن بىر ئامىل بولسا سەئىدىيە خانلىقىدىن كېيىن بۇ زىمىننى بېسىۋالغان جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىدۇر. جۇڭغارلارنىڭ سىياسىتىدە تارانچى، مىسكەرچى، تۆمۈرچى دىگەندەك كەسىپ ئىسمىنى تەبىقە قىلىپ ئاتىغان ۋە بۇ ئىسىملار بىر كىملىك بۇلۇپ شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا جۇڭغارلارنىڭ دەسلەپتىكى سىياسى مەركىزى تەڭرىتاغنىڭ شىمالى تەرىپى بۇلۇپ ،1636ىچى يىلى روسىيە ئېكىسپىدىتيەچىلىرى تەرىپىدىن" دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان بۇخارالىقلار دەپ ئاتالغان. يەرلىك خەلىقلەر بىر- بىرىنى بولسا ئەسلى كەلگەن يۇرتىنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. مەسىلەن ئىلى رايۇنىغا جەنۇپ تەرەپتىن كەلگەنلەرنى "ئاقسۇلۇقلار"، "دولانلىقلار"، 'قەشقەرلىكلەر" دىگەندەك نام بىلەن ئاتاشقان. بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتنىك بىرلىك جەھەتتە ئۇزۇن ۋاقىتقىچە بىر پىكىرگە كىلەلمەسلىكىگە سەۋەپ بولغاندى.
ئۇيغۇر دىگەن نامنىڭ ئىلمى تەتقىقاتلاردا رەسمى ئوتتۇرغا چىقىشىدىن، ھازىرقى شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىك مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىش باشلانغاندىن تارتىپ مىللى كىملىك، مىللەت ئىسمى سۈپىتىدە قوللىنىلىغىچە بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن.
19 ىنچى ئەسىردە ياشىغان شەرىقشۇناس كىلاپرۇس (Klaproth) ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسسسيەگە قىلغان سەپىرىدە ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەۋمنىڭ بارلىقىنى، ھالا تۇرپان ۋە ئەتراپىدىكى رايۇنلاردا ياشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى يازغان، ئۇ ئۇيغۇرلار ياشىغان يەرلەرنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بۇلالمسىمۇ رۇسىيەدە تۇرپاندىن كېىلىپ ياشاۋاتقان بىر كىشىنى ئۇچراتقان ۋە ئۇيغۇر تىلىغا ئاىت بىر قانچە سۆزلەرنى خاتىرلىۋالغان. كېيىن يەنە مانجۇچە، خەنزۇچە ۋە ئىسلام مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ 1811 ىنچى يىلى بېرلىندا "ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى ھەققىدە" (Uber die Sprache und Schrift der Uigure) ناملىق بىر ئەسەر يازغان . بۇ ئەسەردە كىلاپروس ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم ئىككى نوقتىدىن ئۇچۇر بەرگەن. بىرى، ئۇيغۇرلار خەنزۇچە مەنبەلىردە دېيىلگەن Huihu دەپ ئاتالغان قەۋمنىڭ ئۆزى شۇ، شۇنداقلا تۈركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان تۇركى خەلىقلەرنىڭ بىرى. يەنە بىرى، ئۇلارنىڭ يېزىقى يەنە تارىخى دەۋىر بۇيىچە ئەسلىدىكى سۈرىيە يېزىقى( ئارامىك يېزىقى) ،ئۇيغۇر يېزىقى، ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئۆزلەشكەن مۇڭغۇل يېزىقى، شۇنىڭدەك 19ىنچى ئەسىردىكى مانجۇ يېزىقىغا كۆچۈشتەك جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن.
شىمىت (Schmidt) ئىسىملىك تەتقىقاتچىنىڭ 1823ىنچى يىلى ئېلان قىلغان ئەسىرىدە ئۇيغۇر ئاتالغۇسنىڭ مەنىسىنىڭ "ئۇيۇشقاق" ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان.
ۋاسىلېۋ 1867 ىنچى يىلى سانت پىتېربورگ ئۇنىۋېرسىتىدا "جۇڭگودىكى مۇسۇلمانلار ھەركىتى"ناملىق لىكسىيە بەرگەن ۋە لىكسىيەسىدە شىمىتنىڭ كۆز قارىشىنى قۇۋۋەتلەپ،ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇھىم رول ئوينىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىكى تاڭغۇتلار بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە مەنبەلەردىكى Hui نامى بىلەن ئاتالغان مىللەت شۇ ئىكەنلىكىنى ،شۇنداقلا تۇڭگان دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئەسلى تاڭغۇت نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئوخشاش دەۋىردە بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان رادلوف، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى جەھەتتىن "جەنۇبى ئۇيغۇرلار" ۋە "شىمالى ئۇيغۇرلار" دەپ ئىككىگە ئايرىلغانلىقىنى، شىمالى ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇچە مەنبەلەردىكى Huihu دەپ ئاتالغان مىللەت شۇ ئىكەنلىكىنى، جەنۇبى ئۇيغۇرلار بولسا كېيىنكى دەۋىردىكى خۇيزۇلار ، قۇمۇل مۇسۇلمانلىرى ۋە تارانچىلارنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكىنى ئوتۇرغا قويغان. بەزى تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا ئوخشاش تەتقىقاتلارنى خۇلاسىلىگەندە، شىنجاڭ رايۇنىدىكى مۇسۇلمان خەلىقنىڭ شۈبىھسىزكى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان، بو نوقتىدىن قارىغاندا رادلوفنىڭ تەتقىقاتى كىنيىنكى ، يەنى 1920ىنچى يىللاردىكى ئىزدىنىشلەردە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللى كىملىكىنى ئېنىقلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان.
ئەسلى زوزۇڭتاڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، يەرلىك كىشىلەرنى چەنتۇ، چەنزۇ، ياكى چەنخۇي دەپ ئاتاشقا باشلىغان بۇلۇپ، رەسمى يېزىقلاردىمۇ شۇنداق قوللىنىلغان، شۇنداق كۆنۈپ كەتكەن.
مالوۋ قاتارلىق كىيىنكى سوۋېت تارىخشۇناسلىرى ۋە تىلشۇناسلىرى رادلوفنىڭ تەتقىقاتى ئاساسىدا تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان، بۇ تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بىر قىشىم كىشىلەر شىنجاڭدىكىلەرنى قەدىمكى ئىسمى بويىچە ئۇيغۇر دەپ ئاتاش تەكلىپى بەرگەن، 1921ىنچى يىلى تاشكەنتتە ئېچىلغان بىر يىغىندا ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنى قوللىنىش قارارى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان. بۇ جەرياندا سوۋىتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. كىيىنچە بۇ سىتالىننىڭ تۈركى مىللەتلەرنى بۆلۈش ئىستىراتىگىيسىگە ئۇيغۇن بولغاچقا، ھەم شىڭ شىسەي سىتالىنغا ياخشىچاق بۇلالماي يۈرگەن كۈنلەر بولغاچقا، سوۋىتلارنىڭ تەكلىپى بىلەن شىڭ شىسەي تۇنجى بۇلۇپ شىنجاڭدىكى چەنزۇلارنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر دەپ ئۆزگەرتىش بۇيرۇقىنى بەرگەن كىشىدۇر. 1934-ىنچى يىلى شىڭ شىسەي ھۆكىمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان، ناھىيە ناھىيەگە چاپلانغان بىر بۇيرۇقنىڭ تۇرپان تەۋەسىگە چاپلانغان نۇسخسىدىن ئېلىغان نەقىلدە:
”چەنزۇلار خەن سۇلالىسى ۋە تاڭ سۇلالىسى ۋاقتىدىن تارتىپ تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا تارقاق ھالدا ياشاپ كەلگەن. ئارىلىرىدا ناھايىتى كۆپ ئايماقلار بار بولۇپ، ئىسىملىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ. مانجۇ ئىمپېرىيەسى خاندانلىقىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭ ئۆلكىسى تەسىس قىلىنغاندا، بۇيەردە ياشاۋاتقان خەلقلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ›چەنزۇ‹ دەپ ئاتالغان. مەزكۇر خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە سۇنغان "چەنزۇ" دېگەن نامنى ئەزەلدىن قوللىنىلىپ كەلگەن "ئۇيغۇر ' نامىغا ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى تەلىپى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ھۆكۈمەت بارلىق تارىخ مەنبەلىرى ھەمدە ئۆلكە تارىخ مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، نەتىجىدە بۇ خەق ئارىسىدا تارىختا 威武爾 دەپ ئاتالغان كىشىلەرنىڭ بولغانلىقى ئىسپاتلاندى ، ............................. بۇ سەۋەبتىن، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ 30 – قېتىملىق يىغىندا دىققەت بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە، بۇ مەسىلە مەخسۇس مۇزاكىرىگە قويۇلدى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئورتاق قارارى بىلەن ›چەنزۇ‹ دېگەن نامنىڭ ئۇرنىغا ".ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىش قارار قىلىندى. 維吾爾 يەنى "ئۇيغۇر" دېگەن نامنىڭ تار مەنىدە خەلقىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىش مەنىسى بار؛ كەڭ مەنىدە بولسا، دۆلىتىمىزنى قوغداش مەنىسىگە ئىگە . بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر خەلقنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق پەقەت قارىمۇ قارشىلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىدىن يوقىتىپلا قالماي، خەتنىڭ شەكلىگە قاراپ مەنىسىنى چىقىرىش نۇقتىسىدىن بۇ مىللەتنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت ئومۇمىي تۇيغۇلىرىنى كۈچەيتكىلىمۇ بولىدۇ. قىسقىسى، باشقا شەكىلدىكى تەرجىمىلەرگە قارىغاندا بۇ نام پەۋقۇلئاددە ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ بۇ خەلقنىڭ نامى "ئۇيغۇر مىللىتى". بۇرۇنقى 威武爾 دەپ خاتا تەرجىمە قىلىنغان ئىسىملار پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن خاتا تەرجىمە قىلىنىپ قىلىشىدىن ساقلىنىش لازىم. بۇ ئۇقتۇرۇش گېزىتتە ۋە ئۇقتۇرۇش شەكلىدە ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، ئىجرا قىلىنىشى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدۇ. »
ماتىرياللارغا قارىغاندا ئەڭ دەسلەپتە قولللقنىش تەكلىپى بېرىلگەن بۇرۇنقى 威 دىگەن گەپ شىڭ شىسەيگە ياقمىغان، قايتا قايتا ئىككى قېتىملىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ۋەتەننى قوغداش مەنىسىدىكى 維 نى توغرا تاپقان.
kanat
|
|