- تىزىملاتقان
- 2016-2-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 785
- نادىر
- 0
- يازما
- 55
ئۆسۈش
57%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ezizheytkun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-7 17:40
«دىۋان لۇغۇت تۈرك» نى مېنىڭچە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دەپ چۈشىنىش توغرا .چۈنكى
1. مەخمۇد قەشقىرى دەۋرىدە خاقانىيە تىلىدىن باشقا ئوغۇز،قىپچاق،توخسى،قارلۇق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي تىللار مەۋجۇت ئىدى.مەخمۇت قەشقىرى كىتابىدا كۆپ تۈركىي تىللار دىن نەقىل ئالغان. شۇ دەۋردە مەخسۇس «تۈرك تىلى »دەپ ئاتىلىدىغان بىر تىل مەۋجۇت بولغان ئەمەس.ئۇيغۇر تىلى يەنى خاقانىيە تىلى ئانا تۈرك تىلى بولۇش رولىنى ئوينىغان.
2. شۇ زاماندا يەنى 11-ئەسىردە ئەرەب دۇنياسى،فارىس دۇنياسىغا نىسبەتەن پەقەت «تۈرك تىلى»دېگەن ئاتالغۇ ئومۇمىي نام ئىدى.گەرچە 745-يىلدىن كېيىن كۆكتۈرك
مىللىتى ئۇيغۇرلارغا سىڭىشىپ تۈرك مىللىتى ھۆكۈمران ئۇرۇقى يوقالغان بولسىمۇ 6-7-8-ئەسىرلەرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە غەربىي كۆكتۈرك خانلىقى،كېيىنكى كۆكتۈرك خان لىقىنىڭ تەسىرى ئوتتۇرا ئاسىيا،شىمالىي ئاسىيا،غەربىي ئاسىيادىكى تەسىرى يەنىلا زور ئىدى.ئۇيغۇردېگەن نامغا قارىغاندا تۈرك نامى يەنىلا مەشھۇر ئىدى.شۇ دەۋردە تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان قوۋملار كۆپ ئىدى.
3: تۈركىي تىللار ۋە تۈركىلوگىيە بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دۇنيادا ھازىر 40 كۆپ مىللەت
نىڭ تۈركىي تىلغا مەنسۇپ ئەكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ.مەخمۇد قەشقىرى
ئەينى دەۋرىدە «ئوغۇز تۈركلىرى»«سەلجۇق تۈركلىرى»دېگەن ناملارنى ئەقەللىي
ساۋاد تەرەقىسىدە بىلگەن.شۇڭا «تۈركىي تىللار دىۋانى»مەنىسىدە «دىۋان لۇغەت تۈرك»نى يازغان بولۇشى مۇمكىن.
قوشۇپ قويۇش كېرەككى تۈرك ئاتالغۇسى بىلەن تۈركىيىلىكلەر ياكى تۈركىيە تۈركلىرى ،تۈركىي مىللەتلەر بۇ ئۈچ ئۇقۇم باراۋەر ئۇقۇم ئەمەس.يۈسۈپ خاس ھاجىپ نى تۈرك مىللىتى ياكى قىرغىز مىللىتىگە مەنسۇپ قىلىپ قويۇش بمۇۋاپىق ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ 1000 يىلدىن بۇيانقى ئىدلوگىيىسىگە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيىسى
سىڭىپ ئىزچىللىقىنى ساقلىغان.بىراق قىرغىزلاردا ۋە تۈركىىيىلىكلەردە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىدىيىسى مىللىي ئاڭغا سىڭگەنمۇ ۋە 1000 يىلدىن بۇيانقى تارىختا ئىزچىل لىشىپ كەلگەنمۇ يوق؟ مېنىڭچە تۈركىيىلىكلەردە ئۇنداق ئەھۋال يوق.بىچارە قىرغىز لاردا ئۇنداق ئەھۋال تېخىمۇ يوق. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ تۈركىيىيىدە مەخمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەتقىقاتى باشلىنىش بار.قىرغىزلاردا بولسا 1991-يىلى دۆلەت قۇرىۋالغاندىن كېيىن ئاۋال يۈسۈپ خاس ھاجىپنى،كەينىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى تارتىۋېلىش غەرىزىلا بار.
تۈركىيىنىڭ م قەشقىرى،ي ھاجىپنى تالاشقىنى خاتا ئەمەس.چۈنكى بۈگۈنكى تۈركىيە تۈركلىرى مىلادىيە 6-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر چوڭ تەركىبى -ئوغۇزلارنىڭ ئەۋلادى.ئۇلار ھەرگىزمۇ كۆكتۈرك -ئاشىنا تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى بولماستىن قېرىندىشىمىز-تۇققىنىمىز بولغان ئوغۇزلارنىڭ،كېيىن ئوغۇز تۈركلىرى دەپ ئاتالغان سەل جۇقىلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى.ئۇلار بىلەن يىلتىزىمىز بىر.قېنىمىز بىر.قىرغىزلار بولسا باشقا يات قەۋم،تارىختا كۆكتۈركلەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. |
|