- تىزىملاتقان
- 2016-2-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 293
- نادىر
- 0
- يازما
- 12
ئۆسۈش
97.67%
|
ئۈندىدار ئىشلىتىدىغان كۆپىنچە ئادەملەردە ئۆزى قۇرغان بىر ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق توپلىرى بولىدۇ. لېكىن كۆپىنچىسى توپ قۇرۇپ قويۇپ كارى بولمايدۇ. توپ ئىچىدە بىرى ئېلان يوللاپ قويسا، باشقىلارمۇ شامالغا ئەگىشىپ ئېلان يوللىغىلى تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ توپ ئېلان توپىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
باشقۇرۇش ئىلمىدا مۇنداق بىر دەرىزە نەزەرىيىسى بار: ئەگەر بىر ئۆينىڭ دەرىزىسى بۇزۇلۇپ قالغان بولسا، ھېچكىم ئۇنى رېمۇنت قىلمىغان بولسا، ئۇزاق ئۆتمەي باشقا دەرىزىلىرىمۇ بۇزۇلۇپ چېقىلىپ كېتىدۇ-دە، ئۆينىڭ ئىچىگە مەينەتچىلىك كىرىشكەباشلايدۇ؛ ئەگەر بىر تامغا بوياق سۈركىلىپ كېتىپ تازلانمىسا، ئۇزۇن ئۆتمەي تامنىڭ ھەممە يېرى بويىلىپ كېتىدۇ؛ بىر پاك پاكىز يەرگە كىشىلەر ئەخلەت تۆكۈشتىن خىجىل بولىدۇ، ئەگەر شۇ يەردە ئەخلەت بايقىلىپ قالسا، كىشىلەر ئىككىلەنمەستىنلا ئەخلەت تۆكۈشكە باشلايدۇ، قىلچە تارتىنىپ قالمايدۇ.
تۇرمۇشىمىزدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۈندىدار توپلىرىدىمۇشۇنداق.
ئەگەر ئەھمىيەت بېرىلمەي تاشلىنىپ قالساق قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ بۇنى تۆۋەندىكى مەكتەپتە يۈز بەرگەن بەش باسقۇچ بويىچە چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ:
1. ئەگەر مەكتەپتەتەرتىپسىزلىك بولۇپ، ھەممە يەردە قالايمىقانچىلىق بولسا، بەزى ئوقۇغۇچىلار شۇمەكتەپتىن يۆتكىلىپ كېتىدۇ (توپتىن ئادەم چېكىنگەنگە ئوخشاش)
2. ئەگەريۆتكىلىپ كەتمىگەن بولسا، مەكتەپنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولماي ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ. (توپتىكى ئادەملەرنىڭ دائىم جىم تۇرۇۋالغانلىقىغا ئوخشاش)
3. مەكتەپنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ، تەرتىپ تۈزۈمدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ.(توپتىكىلەرنىڭ توختىماي ئېلان يوللىغىنىغا ئوخشاش)
4. تېخىمۇكۆپ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ، قالغانلىرى بولسا ۋاقتىنى مەكتەپكە ئەمەس باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلىدۇ (توپتىكى كىشلەرنىڭ توپنى ئاۋازسىزقىلىپ قويغىنىدەك)
5. سىرتتىكى يامان ئادەملەر بۇ مەكتەپكە كىرىشكە باشلايدۇ، مەكتەپتە تېخىمۇ بەك تەرتىپسىزلىك يۈز بېرىدۇ. (توپقا تېخىمۇ كۆپ سودىگەرلەر كىرىۋىلىپ، توپتا ئېلان يوللايدىغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ كەتكەنگە ئوخشاش)
ئۈندىدار سودىسى توغرۇلۇق مەن بىلەن پىكىرلىشىشنى خالايدىغانلار مېنى قوشۇۋالسۇن: 18199884720
|
|