- تىزىملاتقان
- 2013-4-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2559
- نادىر
- 0
- يازما
- 107
ئۆسۈش
18.63%
|
تۇققان
(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)
بىر قورادا بىربۆشۇكتە چوڭ بولدۇق
چوڭ بولغىچە كۆپ ئىشلارنى تەڭ كۆردۇق
ئىشەك مىنىپ جەڭ ئويندۇق بىر چاغلار
دادام ئىشەك بولۇپ بەرسە بىز مىندۇق
كونا ئىدى ئولتۇرغان ئۆي بەك سوغاق
بىر يوتقاندا تەڭ ياتقانتۇق يوتقان يوق
ئوماچقىمۇ زار بولغانتۇق بىر چاغلار
باشاقنمۇ تېرگەنتۇق ئاش نان يوق
ئىسىڭگە ئال شۇ كۇنلەرنى بىر تۇققان
يەتكەن ئىددى شۇ كۇنلەردە بىر يوتقان
تىزىپ قويدۇم مەن ئۆيۈمگە ئون يوتقان
قۇنالمايدۇ نىچۇن كىلىپ بىر تۇققان
پۇل كورگەندە سۇسلاشتمۇ مۇھەببەت
ئانامتىغۇ قىرىنداشنى جەم قىلغان
سەن يوق دەيسەن مەن توقلىقتائوينايمەن
پۇل سورساڭ يوق دەپتمەن بىر تۇققان
مەن يىقلسام سەن تاڭسەن ئىڭەكنى
سەندىن ئاياپ نىمە قىلاي ئېشىمنى
سەن ئۆيۈڭدە زاغرا يىسەڭ پۇل يوق دەپ
مەن ئۆيۈمدە قانداق يەيمەن پولۇنى
بەخىت كەلسە ساڭا كەلسۇن قىرىنداش
ماڭا بەرسۇن ساڭا بەرگەن جاپانى
نىمە كورسەك تەڭ كۆرەيلى تەڭ يەيلى
قالما ئۇنتۇپ بىر تۇققۇنۇم ئۆيۇمنى
مەن ئاغرسام سەن يوقلايسەن بىر تۇققان
مەن ئۆلگەندە سەن كۆمسەن بىر تۇققان
قېرىنداشلىق مېھرى ئۇلۇغ چۇشەندىم
جان بەرسەممۇ ئەرزەر ساڭا بىر تۇققان.
يېقىننىڭ ياقى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر» نامى بىلەن نەچچە پارچە شېئىرنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. لېكىن شېئىرنىڭ بېشىنى باشلاپ ئوقۇپلا كۆڭلۈمگە بىر گۇمان كەپ قالدى. مەن ئۆزۈم بىر شېئىر ھەۋەسكارى بولۇپمۇ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھازىرغىچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان «قەشقەر داستانى»دىن باشقا ھەرقانداق شېئىرىنى ئوقۇپ تۈگەتكەنمەن ھەتتا بەزى شېئىرلىرىنى نەچچە ئون قېتىم ئوقۇپتىمەن،، ھەردائىم تورلاردىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇيتۇم، لېكىن مەن كۆرگەن بۇ شېئىر ماڭا غەلىتە بىر خىللا تۇيۇلدى ، شۇندا مەن بۇ شېئىرنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغانتىم. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ بۇ شېئىرنى ساقلىغۇچقا ساقلىۋالدىم. مانا ھازىر بۇ شېئىرنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى،،،، ئىشلار ئايدىڭ بولدى
مەن دوستلار چەمبىرىكىدىن يەنە بىر پارچە گۇمانلىق شېئىر كۆردۈم مەن بۇ شېئىرنىڭمۇ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىكەنلىكىدىن گۇمانىم بار كۆرۈپ باقساڭلار
ئۆمۈر مەنزىلى
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
يەشكەندە ئادەملىك مەناسىنى مەن ،
سۆڭۈكۈم تاش كەبى قېتىپ بوپتىكەن .
نە ساۋاب نە گۇناھ بىلگەن چېغىمدا ،
گۇناھىم ھەقدارغا يېتىپ بوپتىكەن.
دوست بىلىپ سىرىمنى بەرسەم بىرىگە ،
ئۇ مېنى ياتلارغا سېتىپ بوپتىكەن .
كۆزلىرىم كور ئىكەن كۆرگىنى قۇرسۇن ،
غەپلەتتە باھارىم كېتىپ بوپتىكەن .
مەن نادان ، نادانمەن يىللار ئالدىدا ،
نەچچە تاڭ مەن ئۈچۈن ئېتىپ بوپتىكەن .
ھوشۇمنى تاپقاندا يۈگۈردۈم ئەمما ،
كۈن مېنى ساقلىماي پېتىپ بوپتىكەن.
گۈل نىمە؟ نە تىكەن قەدرىنى بىلمەي ،
ياخشىلار مېنىڭدىن كېچىپ بوپتىكەن .
ئۇلارغا تەلمۈرۈپ قولۇم سۇنغاندا ،
يەتمىدى بەك يىراق كېتىپ بوپتىكەن .
سىرلىرىم بارمىكىن دەپتىمەن ئەسلى ،
سىرىمنى رەقىپلەر ئېچىپ بوپتىكەن .
مەس ئىكەن يۈرەگىم دەرت پۇشايماندىن ،
قەدەھلەر تولدۇرۇپ ئىچىپ بوپتىكەن .
تىلەيمەن بىر تىلەك ھەمدۇساناھدىن ،
ئۇماڭا كۈچ قۇۋەت بەرسە بوپتىكەن .
شۇم بۇيا ،تىكەنزار بولسىمۇ ئىزىم ،
سايلارغا بىر كۆچەت تىكسەم بوپتىكەن. |
|