قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 669|ئىنكاس: 5

ئاپامنى ئەسلەيمەن!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

21

دوست

6350

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 172
تۆھپە : 2442
توردىكى ۋاقتى: 329
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 07:09:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپامنى ئەسلەيمەن

رەھىمە مەخمۇت

(ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن نەشىرگە تەييارلىدى)

«ئانا ئايىغىدا جەننەت بار»  - ئۇيغۇر خەلق ماقالىسى.

   ئاپام بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پاراڭلاشقان كۈنى يەنى 2013 - يىلى 1- ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسى ئىدى. مەن دوختۇردىن بىئوپسىيە نەتىجىسىنى ئالغان كۈنىنىڭ ئەتىسى ئىدى. ئۇ كۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ قاراڭغۇ كۈنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دوختۇر ماڭا بەدىنىمدىن ئالغان ئۇچ  ھۈجەيرە نۇسخىسىنىڭ (Biopsia) ھەممىسىنىڭ نەتىجىسى ئەڭ يامان سۈپەتلىك راك ئۆسمىسى تىپىدىن ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى، ھەمدە بەدىنىمگە تارقاپ كەتكەنلىكىنىڭ چوڭ ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ كۈن يەنە كېلىپ ئۇلۇغ جۈمە كۈنى ئىدى. مەن شۇ جۈمە كۈنىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن دوختۇرخانىغا ئۆزۈمنى تەكشۈرتۈشكە بارغاندا دوختۇر نىڭ تەكشۈرۈشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ماڭا ئەھۋالىمنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، كېيىنىكى قېتىملىق نەتىجىنى ئالغىلى كەلگەندە چوقۇم بىرسىنىڭ ماڭا  ھەمراھ بولۇپ كېلىشىنى تاپىلىغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە مېنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىمدىن خەۋەر تاپقان دوستۇم ئەدىبە نوتتىڭھام (Nottingham) شەھرىدىن لوندونغا مېنى يوقلىغىلى كەلگەن بولغاچقا مەن دوختۇرخانىغا مۇشۇ دوستۇمنىڭ ھەمراھلىقىدا بىللە بارغان ئىدىم. ئەدىبە مەن ئەنگلىيىگە كېلىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا تونۇشقان تۇنجى دوستۇم ئىدى. بۇ قىز ئۆزى ئەنگىلىيىدە توغۇلغان بولۇپ، ئاتا - ئانىسى پاكىستاندىن كۆچمەن بولۇپ ئەنگلىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن ئىكەن.

مەن بەدىنىمدىن ئېلىنغان ھۈجەيرە نۇسخا نەتىجىسىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ چىقمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايتتىم چۈنكى چۈشلىرىمدە كۆپ نەرسىلەر ماڭا ئايان بولغان ئىدى. مەن پەقەت راكنىڭ بەدىنىمگە تارقاپ كەتمەسلىكىنىلا ئۈمىت قىلاتتىم. شۇڭا كاللامدا ھەر - ھالدا ئالدىدىن تەييارلىقىم بار ئىدى.

مېنىڭ دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتىم چۈش سائەت 12 دە ئىدى . مەن دوستۇم ئەدىبە بىلەن بىللە دوختۇرخانىدا نەچچە سائەتنى ئەنسىزلىك ئىچىدە كۈتۈپ ئۆتكۈزدۇق.  ئاخىرى سائەت چۈشتىن كېيىن تۆت بولغاندا مېنى باش دوختۇر مۇھەممەت ئالدۇبايز ئىشخانىسىغا چاقىرتتى. (ئادەتتە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئەڭ ئېغىر كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلارنى باش دوختۇر ئۆزى قوبۇل قىلىدىكەن) مەنمۇ مۇشۇ دوختۇرنىڭ مىنى ئىشخانىسىغا چاقىرىدىغانلىقىنى تۇيۇپ تۇراتتىم. ئەدىبە ئىككىمىز ئىشخانىغا كىردۇق، دوختۇرنىڭ ياردەمچى سېستراسى كارولەي خانىم بىزگە ناھايىتى مۇلايىم ئاۋازدا تەبەسسۇم بىلەن “خوش كەلدىڭلار، قېنى ئولتۇرۇڭلار” دەپ ئىلتىپات كۆرسەتتى. دوختۇر ماڭا جىددى بىر قىياپەتتە قاراپ سۆزىنى باشلىدى:

« - رەھىمە خانىم، ئەپسۇس مەن سىزگە ناھايىتى بىر يامان بىر خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە مەجبۇرمەن. ھۈجەيرىڭىزدىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنداق خۇلاسىلەندىكى سىز  كۆكرەك راك ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇپسىز.  بىز ئالغان ئۇچ خىل ھۈجەيرە نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىسى ئەڭ يامان سۈپەتلىك راك ئۆسمىسى بولۇپ چىقتى. بىزنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىدىغان تەرىپى بۇ ئۆسمىلەر تىزدىن كېڭىيىپ بەزگە ئۆتۈپ كېتىپتۇ. شۇڭا ئۆسمىلەرنىڭ بەدىنىڭىزگە تارقىلىپ كەتكەن بولۇشىدىن گۇمان قىلىمەن. بۇ گۇماننى ئېنىقلاش ئۇچۇن سىزنى سۆڭەك CT تەكشۇرۇشىكە يوللايمەن. ئوپىراسىيەنى ھازىرچە 2-ئاينىڭ 20 - كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرىمەن. ئەگەر ئۆسمە پۈتۈن بەدىنىڭىزگە يامراپ كەتكەن بولسا ئوپىراسىيەنى قىلماسلىغىمىزمۇ مۇمكىن.” دەپ گېپىنى تۈگەتتى كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ مىنىڭ ئىنكاسىمنى كۈتكەن ھالدا.

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا پۈتۈن ھۇجۇدۇم بىردىنلا مۇزلاپ، ئاغزىم قۇرۇپ كەتكەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ بارلىق كۈچۈمنى يىغىپ، ئۆزەمنى چاندۇرماي نورمال ھالەتتە گەپ قىلىشقا تىرىشتىم. مەن قىسقىغىنە سۈكۈتتىن كېيىن تەبئىي بىر ھالەتتىكى كەيپىياتتا سۆز باشلىدىم:

« - مەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ راك بولۇپ چىقىپ قېلىش ئېھتىماللىقنى پەرەز قىلالايتتىم، شۇڭا ئۆزەمدە ئالدىدىن روھى تەييارلىق بار ئىدى. لېكىن بەدىنىمگە تارقىلىپ كەتكەنمىدۇ ياكى كېسىلىم ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتىمىدۇ دېگەندەك ئاقىۋەتلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقماپتىكەنمەن.... دوختۇر، ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ، ئەگەر ئۆسمە بەدىنىمگە تارقىلىپ كەتكەن بولسا مەن يەنە قانچە ئۇزاق ياشىيالايمەن؟ مىنىڭ بۇ دۆلەتتە بىر تال ئوغلۇمدىن باشقا ھىچ بىر ئۇرۇق تۇغقانلىرىم يوق. ئوغلۇم ھازىر ئۇتتۇرا مەكتەپنىڭ «ئا» دەرىجىسىدە ئوقۇۋاتىدۇ. بۇ ياز ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدۇ. شۇڭا مەن ھىچ بولمىغاندا ئوغلۇم ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئۇقۇشقا كىرىپ بولغۇچە بولسىمۇ ھايات تۇرۇشۇم كېرەك .... مەن شۇ ۋاقىتقىچە ھايات تۇرالامدىم دوختۇر؟»  

دوختۇر ئادەتتە بىمارلارغا كۆرسىتىدىغان مېھرىبانلىقى بىلەن ماڭا قاراپ تۇرۇپ:

« - ئەگەر ئۆسمە بەدىنىڭىزگە تارقىلىپ كەتمىگەن بولسا ھازىرقى داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن ساقايتالايمىز ئەمما سىز بىزنىڭ داۋالىشىمىزغا تولۇق ماسلىشىپ بېرىشىڭىز كېرەك. سىز ناھايىتى بىر كۈچلۈك ئايالدەك تۇرىسىز، كۆپ ساندىكى ئاياللارغا مەن مۇشۇنداق يامان خەۋەرنى يەتكۈزگىنىمدە، ئۇلار يىغلاپ ئەس - ھوشىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بەزىلىرى ئۆزىنى تۇتۇپ ئالالماي يەرگە يېقىلىدۇ ئەمما سىز كۆپ غەيرەتلىك ئىكەنسىز، ئۆزىڭىزنى ناھايىتى سالماق تۇتتىڭىز. مەن ئىشىنىمەن، بۇ كېسەل سىزنى يېڭەلمەيدۇ، سىز كېسەلنى يېڭەلەيسىز» دېدى.

« - ئەگەر ئۆسمە بەدىنىمگە تاقىلىپ كەتكەن بولسىچۇ ...؟ » دەپ سوئالىمنى تەكرارلىدىم .  

« - ئەگەر تارقىلىپ كەتكەن بولسا بارلىق مۇمكىن بولىدىغان داۋالاش تېخنىكىلىرىنى قوللىنىپ ئۆمرىڭىزنى ئۇزىتىشقا تىرىشىمىز. ھازىرچە بۇ كېسەلنىڭ يامان تەرىپىنى كۆپ ئويلىماي ئۇنى ۋاقتىدا تىزگىنلەش ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش مېتودلىرىنى بېكىتىشكە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۇرەيلى. كېسەلنىڭ ياخشىلىنىش تەرىپىنى كۆپرەك ئۈمىد قىلايلى. سىزنىڭ سۆڭەك ۋە ئىچكى ئەزالىرىڭىزنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن بىز يەنە كۆرۈشىمىز. مەن شۇ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىلەرگە قارتا پىلان تۈزەيمەن. كېيىنكى قېتىم سىز  بىلەن كۆرۈشكەندە داۋالاش ئۇسۇللىرى ئۇستىدە تەپسىلى مۇزاكىرلىشىمەن »  دەپ گېپىنى ئاخىرلاشتۇردى دوختۇر.

«  - بولدۇ، رەھمەت سىزگە دوختۇر!» دەپ دوستۇم ئەدىبە بىلەن بىللە دوختۇر ئىشخانىسىدىن چىقتىم.

ئەدىبە ئىككىمىز خېلە بىر ۋاقىتقىچە جىمجىتلىققا چۆكۈپ ماڭدۇق. ئەشۇ دەقىقىلەردە مىنىڭ بارلىق ئوي - خىيالىمدا پەقەت سۆيۈملۈك يالغۇز ئوغلۇم زۇلپىقار بىلەن مەندىن 10 نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتا ياشىنىپ قالغان سۆيۈملۈك ئاپاملا بار ئىدى... مەن ئەجەلنىڭ ماڭا مۇنداق بالدۇر يېتىپ كېلىشىگە تېخى ھازىرلىقسىز ئىدىم. ئەمەلىيەتتە يۈرىكىم ھالسىز سوقاتتى ئەمما  قەلبىم دېڭىز دولقۇنلىرىدەك ئىچىمگە پاتماي شاۋقۇنلايتتى.  بۇ قىسقىغىنە ھاياتىمنىڭ سۇئال - سوراقلىرى بېشىمغا تۇيۇقسىز ياغقان مۆلدۈردەك ئۇرۇلاتتى...  

« - مەن ئۆلۈپ كەتسەم ئوغلۇم قانداق قىلار؟ مېنى قاچان كۆرەرمەن دەپ يىللاردىن بۇيان كۆز يېشى قىلىپ يولۇمغا تەلمۈرۈپ تۇرغان مېھرىبان ئاپام ئۆمۈرنىڭ ئاخىرغا كەلگەندە مىنىڭ ئۆزىدىن بالدۇر ئۆلۈپ كەتكىنىنى بىلسە، ئۇ بۇ  ئازابلارغا قانداقمۇ بەرداشلىق بىرەر؟! »  -  قەلبىمدىن ئوخچۇپ تۆكۈلۈۋاتقان ھەسرەتلىرىم خۇددى مەن سۈيىنى ئېچىپ چوڭ بولغان ئىلى دەرياسىنىڭ قۇرام تاشلارغا ئۇرۇلۇپ نەرە تارتقان قىيان سۇلىرىدەك پۈتۈن ھۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالاتتى.  

ياراتقۇچى ئاللاھ ئىگەمگە مېنى يالغۇز ئوغلۇمدىن ئايرىۋەتمەسلىكنى تىلەپ مۇناجات قىلاتتىم. ئۆز - ئۆزۈمگە ئۈنسىز پىچىرلايتتىم… «ھىچ بولمىسا ئوغلۇم زۇلپىقار ئالى مەكتەپكە ئۇقۇشقا كىرگەنگە قەدەر بولسىمۇ مېنىڭ بۇ بىر جۈپ كۆزۈمدىن نۇر ئۆچمىسۇن. مەن قەتئىي ئىرادىلىك بولۇشۇم، مەن ئوغلۇم ئۈچۈن ھايات تۇرۇشۇم كېرەك ... مەن شۇ ۋاقىتقىچە ھايات تۇرالارمەنمۇ؟»

كېسەلچان، ياشىنىپ قالغان ئاپامنى ئويلاپ كۆڭلۈم بۇزۇلۇشقا باشلىدى. ھېلى ھەم شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. بىر ئانا بولغۇچى ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ قېلىش نېمە دېگەن ۋەھىمىلىك ھە؟! مېنىڭ 13 ياش ۋاقتىدا  كىسەل بولۇپ تۈگەپ كەتكەن ھەمرائاي ھەدەمنىڭ ئۆلۈمى كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئۇ چاغدا مەن تېخى 11 ياشلىق بىر قىز بالا ئىدىم. ئاپام شۇ ۋاقىتتا بىر يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ قانچە يىللار ئازاب ئوتىدا يۈرىكى پۇچىلىنىپ ياشىمىغان ئىدى - ھە؟! شۇ يىللاردا ئاپامنىڭ قوشاقلارنى قوشۇپ تۆككەن كۆز ياشلىرى، دادام رەھمەتلىكنىڭمۇ يىرىم كىچىكىدە ئورۇندىن تۇرۇپ يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ دەپ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلاشلىرى... جايناماز ئۈستىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇپ، ئاخىردا ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ «ئېي ياراتقۇچى پەرۋەردىگارىم ئاللاھ، ماڭا سەبىر - تاقەت بەرگىن! » دەپ بۇقۇلداپ - بۇقۇلداپ يىغلاشلىرى خىيالىمغا كېچىشكە باشلىدى....

مەن ئىچكىرىدە ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا كۆيۈمچان دادام تۈگەپ كەتكەن. شۇڭا ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم مېنىڭ ئوتۇمدا كۆيىدىغان دادام يوق. دادام مىنى يوقىتىش ئازابىنى چەكمەيدۇ، بىراق بۇ ئازابلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئۆمۈرى پەرزەنت جاپاسى بىلەن ئۆتكەن ئەمما پەرزەنت مۇھەببىتىگە قېنىپ باقمىغان شۇ مېنىڭ  كۆڭلى سۇنۇق ئاپامغا بولىدىغان بولدى دېگەنلەرنى ئويلىدىم.

گەرچە بۇ مىنۇتلاردا ئىككى پۇتۇم يەر دەسسەپ ئاستا مىدىراۋاتقان بولسىمۇ مېنىڭ ئەس - خىيالىم ئۆز تېنىمدە ئەمەس ئىدى. بىر چاغدا مېنى قولتۇقلاپ ماڭغان دوستۇم ئەدىبەگە قارىسام ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى سىرغىپ چۈشۈۋاتقان ئىكەن. ئۇمۇ ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ مېنى قولتۇقلاپ مېڭىۋېتىپتۇ. ئۇ بىچارىنىڭمۇ ئىككى يىل ئاۋال 38 ياشلىق ھەدىسى قان راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، 6 ئايدىن كېيىن بۇ ۋاپاسى كەم دۇنياغا ئۇچ  پەرزەنتىنى ئاپسىز تاشلاپ قويۇپ كەتكەن ئىدى. «توۋا بۇ دۇنيادىكى ئادەملەر ئۈچۈن ھاياتنىڭ ئەسلى مەنىسى مۇھەببەت بىلەن ماماتلىق ئوتتۇرسىدىكى قەبىھ بىر كۈرەش ئىكەن ئەمەسمۇ؟!  بۇ ھايات قىسمەتلىرى نېمىدېگەن رەھىمسىز ھە؟! » دەپ ئۇھ تارتتىم ئىچىمگە.

« - رەھىمە، مەن سىنىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىۋاتقىنىڭنى بىلەلمەيمەن چۈنكى ھەر ئادەم پەقەت ئۆز بېشىغا كەلمىگىچە بىلمەيدۇ. بىراق سەن شۇنىڭغا ئىشىنىشىڭ كېرەك، سەن بۇ دۆلەتتە يالغۇز ئەمەس، بىزنىڭ ئائىلىمىزدىكىلەر سېنى ئۆيىمىزنىڭ بىر ئەزاسىدەك كۆرىدۇ. ھازىر ھاياتىڭدا بىر چوڭ جەڭ باشلىنىۋاتىدۇ، بۇ جەڭدە بىز سىنىڭ يېنىڭدا بولىمىز. سېنى ئاللاھ ساقلايدۇ، سەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن، ئىنشائاللا! ...” دەپ تەسەللى بېرىشكە باشلىدى دوستۇم ئەدىبە. مەنمۇ «ئىنشائاللا!» دەپ قىسقىغىنە جاۋاپ قايتۇردۇم.

بىز ئۆيگە قايتىپ كەلسەك ئوغلۇم زۇلپىقار بار ئىكەن، ئۇ ئالدىمىزغا يۈگرەپ كېلىپ ئەدىبە بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ماڭا قاراپ ئەنسىزلىك بىلەن:

« - ئاپا دوختۇر نېمە دەيدۇ؟» دەپ سورىدى.

مەن ئۆزۈمدىكى بارچە كۈچۈمنى يېغىپ، ئوغلۇمنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن چىرايىمغا ئانىلىق تەبەسسۇمى يۈگۈرتۈپ ئىمكان بار نورمال بىر ھالەتتە گەپ قىلىشقا ئۇرۇندۇم ۋە سىپايىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇردۇم:

« - ئۇلار يەنە ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز دەيدۇ، بالام!» دېدىم.

« - ئۇنداقتا بىئوپسىيەنىڭ نەتىجىسىچۇ؟» دەپ سورىدى ئوغلۇم بەرگەن جاۋابىمغا تەخىرسىزلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ.

« - ساقام، دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ئانچە ياخشى ئەمەسكەن ئەمما بەدىنىمگە تارقالمىغان بولسىلا ساقىيىپ كېتەلەيدىكەنمەن” دېدىم.

« - مەن بۈگۈن دوستلىرىم بىلەن سىرتتا تاماق يەيدىغانغا كېلىشىپ قويغان، مەن ھازىر ئۇلارغا بارالمايمەن دەپ تېلېفون قىلىپ قوياي» دېدى ئوغلۇم زۇلپىقار.

« - ساقام، سەن پىلانىڭنى بۇزما، ئۆيدە بولساڭ ماڭا نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيتتىڭ؟ ھىچ ئىش بولمىغاندەك كۆڭلۈڭنى خاتىرجەم تۇتۇپ دوستلىرىڭ بىلەن ئويناپ كەل. شۇنى ئېسىڭدە تۇت - سەن  ھەر ۋاقىتتىكىدەك ئوقۇشۇڭنى نورمال ئوقۇپ، ئويىنىڭنى ئويناپ، تەنتەربىيە مەشىقىڭنى قىلىپ يۈرۈۋەر. ئاپاڭ شۇ چاغدا سەندىن خاتىرجەم بولىدۇ. مەندىن ھىچ بىر ئەنسىرىمىگىن، مېنىڭ كېسىلىمنى داۋالايدىغان دوختۇرلار بار، دوستلىرىم بار. مىنىڭ بارىمدا بىر كۈن بولسىمۇ ياخشى ياشىۋال بالام! » دەپ قۇچاقلاپ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدۇم.

« - ماقۇل ئەمىسە ئاپا، مەن كەچتە كەلگەندە بىز ياخشىراق بىر  (Let’s us have a Motivational talk)  سۆھبەت قۇرايلى» دېدى.

مېنىڭ ھاياتىم كېسىلىمنى خىمىيىلىك داۋالاش جەريانىدا خەتەر ئاستىدا قالغان ۋاقتلادا ئوغلۇم مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ روھى مەدەتكار بولغان ئىدى.  ھەر دائىم ئوغلۇم مېنى دوختۇرخانىغا يوقلاپ كەلگەندە مەن خوش بولىدىغان، مەن ئۈمۈدلىنىدىغان، مېنىڭ مىسكىن يۈزۈمگە كۈلكە يۇگۇرتىدىغان گەپلەرنى قىلاتتى. ماڭا ئىمكانىنىڭ بېرىچە كۇچ - قۇۋۋەت، مەدەت تىلەيتتى. ھەر قېتىم ئوغلۇم بالنېستىن ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن مەن بىلەن خوشلاشقان ۋاقتىدا ماڭا: «جېنىم ئاپا، سەن چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىسەن، سەن بۇ ئىبلىس كېسەلنى يېڭىسەن، سەن ئۆزۈڭگە ئىشىنىشىڭ كېرەك!» دەپ ئىلھام بېرەتتى. ئوغلۇمنىڭ ئېيتقان بۇ سۆزلىرىنىڭ ئەكىس ساداسى ئۇ كەتكەندىن كېيىن نەچچە سائەتلەپ ياستۇقۇم ئاستىدىن قۇلىقىمغا تەكرار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن ئوغلۇمنىڭ كېلەچەككە ئۈمىدكە، جاسارەتكە تولغان ياڭراق ئاۋازىدىن ئۆزۈمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايتتىم، ھەرىكەتلىرىدىن ئۆز ھەركەتلىرىمنى تاپاتتىم.

ئەدىبە مەن بىلەن بىر كۈن تۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى. مەن ئۇنى يولغا سېلىۋېتىپ ئاپامغا تېلېفون قىلدىم. ئاپام تېلېفون خېلە ئۇزۇن جىرىڭشىغاندىن كېيىن تېلېفوننى ئالدى. مەن سالام بەرگەندىن كېيىن ئاپامنىڭ ھاسىرىغان بوغۇق ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى:

« - ۋاي جېنىم بالام، تېلېفوننىڭ قىشىغا كېلىپ بولغۇچە يۈرىكىم سېلىپ كەتتى. ئىككى كۈن بولدى مېنىڭ ھىچ ھالىم يوق. سوغۇق تەككۈزۋالغان ئوخشايمەن، يوتۇلۇپ بەزىدە دېمىم سىقىلىپ كەچتە ياخشى ئۇخلىيالمايۋاتىمەن. سىزچۇ قىزىم؟ يەنە تۈگىمەيدىغان ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرەمسىز؟» دەپ سورىدى.

« - ھەئە، مەن ياخشى ئاپا، سىز بىلەن بىردەم بولسىمۇ مۇڭدىشۋالاي دەپ تېلېفۇن قىلغانتىم» دېدىم ھىچ بىر كېسەل ھالىمنى چاندۇرماي.

« - ئاۋازىڭىز بوش چىقىدىغۇ بالام، ماڭا قايغۇلۇق تۇيۇۋاتىدۇ....” دېدى مىنىڭ زېرەك ئاپام.

« - ۋاي مەن ياخشى ئاپا، شۇ ئىشلار كۆپ، ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم» دېگەن سۆزنىلا  ئارانلا دېيەلىدىم تىترەپ تۇرۇپ، ئەمما يۈرىكىم ئۈنسىز ھالدا ئۆز - ئۆزۈمگە: «ئاھ جېنىم ئاپا، مىنىڭ بېشىمغا نېمە كۈلپەتلەر كېلىۋاتىدۇ. پەقەت ئۆزۈم بىلىمەن، سىزگە بۇلارنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن» دەپ يۈرىكىدىن پىچىرلىدىم. تۇيۇقسىز كۆڭلۈم بۇزۇلۇشقا باشلىدى. كۆزۈمدىن ياشلار تامچىلاپ چۈشمەكتە ئىدى. بۇ ياشلار ئۆزەم ئۈچۈن ئەمەس، ئاپامغا ئىچىم ئاغرىشىدىن چۈشۈۋاتاتتى.

پاراڭلىرىمىز  ئاخىردا ئاپام: «بالام يەنە كۆرۇشەلەمدۇق ئۇنى پەقەت بىر ئاللاھ بىلىدۇ، مىنىڭ ئەھۋالىم كۈندىن كۈنىگە بوشاپ كېتىۋاتىدۇ، قايتىدىغان ۋاقتىم بۈگۈنمۇ، ئەتىمۇ دەپ ئۆزۈمنى تىڭشاپ تۇرۇۋاتىمەن بالام. مېنىڭ باشقا ھىچ بىر ئارمىنىم يوق. رەھمەتلىك دادىڭىز ئىككىمىز 10 بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقىچە كۆپ جاپالارنى تارتقان ئىدۇق ئەمما ھەممە بالىلىرىمىز بىرى بىرىدىن ئېسىل، كۆيۈمچان ئادەم بولدى. ئاكىلىرىڭىز ، ھەدىلىرىڭىز بىرسى كەتسە بىرسى كېلىپ مىنى يالغۇز قويماي بېقىۋاتىدۇ. ئادىل بالام سەھەر نامازدىن قايتىپ ئۇدۇل مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىپ مېنى يوقلايدۇ، مەشكە كۆمۈر سالىدۇ. بەزىدە ئالدىراش كېلىپ دېرىزىدىن قاراپ قويىدۇ. مەن نېمە دېگەن بەخىتلىك ئانا! كېلىنلىرىممۇ شۇنچىلىك ئامراق ماڭا. سىز ئۇ يەردە چوڭ ئىشلار بىلەن ئالدىراش سىز، مەن سىزدىن ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا رازىمەن بالام. دادىڭىز رەھمەتلىكمۇ سىز دالىيەندە ئوقۇۋاتقاندا ئولتۇرسا - قوپسا سىزگە دۇئا قىلاتتى. رەھمەتلىك سىزنىڭ نەتىجىلىرىڭىزنى كۆرەلمىدى. سىز ئۇزاقتا تۇرغان بىلەن مەندىن ھىچ ئايرىلمىدىڭىز، ئىككى كۈندە بىر قېتىم تېلېفون قىلىسىز، ئاكىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ ھەرەملەرگە بىرىشىمىزگىمۇ سەۋەپ بولدىڭىز. ئاللاھ سىزنىڭ بەختىڭىزنى بەرسۇن، سالامەت بولۇڭ! سىزنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم گۈلۈم. تېلېفون قىلغىنىڭىزغا رەھمەت قىزىم!» دېگەن ئىدى.

مەنمۇ ئاپامغا «ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ جېنىم ئاپا، سىزنى ئاللاھغا تاپشۇردۇم» دېدىم. پارىڭىمىز تۈگەي دېگەندە ئاپامغا خوش دەي دەپ تۇرسام، ئاپام: «بالام، ئەگەر بۇدا تېلېفون قىلغاندا تېلفونىڭىزنى مەن ئالالمىسام ھەرگىز يىغلاپ پەرىشان بولماڭ. سىز يالغۇز ئاغرىپ قالسىڭىز يار يۆلەك بولدىغان بىرسى يېنىڭىزدا يوق، زۇلپىقار تېخى كىچىك، سىزنىڭ ھالىڭىزغا يېتەلمەيدۇ...» دەپ گېپىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى. ئاپام بىلەن خوشلىشىپ بولۇپ تېلېفون قولۇمدىن خېلى ۋاقىتقىچە ئۈزەلمەي تۇرۇپ قالغان ئىدىم.  ئاپامنىڭ ئاخىردا دېگەن گەپلىرى ماڭا كۆپ تەسىر قىلغان. مەن شۇ قېتىمقى پارىڭىمىزدىن ئاپام بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىشنىڭ شەپىسىنى تۇيغان ئىدىم. كۆڭلۈم ناھايىتى پەرىشان بولغان ئىدى.  مەن يەنىلا ئۆز - ئۆزۈمگە «ئاپام مىنىڭ ئاغرىقلىغىمنى بىلمەي، مېنىڭ ئۆلۇم خەۋىرىم يۇرتقا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۇ دۇنياغا كەتسە كۆپ ئازابلاردىن خالى بولاتتى ….» دېگەنلەرنى پىچىرلىدىم.  ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىشكە ئۇرۇندۇم. ئەسلى ئەنە شۇ كۈندىكى تېلېفوندا كۆرىشىشىمىز بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۆرۇشىشىمىز بولۇپ قالغان ئىكەن. مەن ئەتىسى ئاپامغا تېلېفون قىلسام ئۇنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تېلېفوننى ئالالمىدى.

مەن ئۇچ كۈندىن كېيىن CT سۆڭەك تەكشۈرۈشكە چۈشتۈم. CT تەكشۈرۈشنىڭ جاۋابى يىرىم سائەت ئىچىدە ياخشى دەپ چىقتى ئەمما سۆڭەك سكان ئانالىز  تەكشۈرۈشىنىڭ جاۋابى ئىككى كۈندىن كېيىن چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىككى كۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاستا ئۆتكەن ئىككى كۈن بولسا كېرەك، مەن ئالدىراپ بىر ئىشلاردىن ئەنسىرەپ ئۆزۈمنى ئاۋارە قىلمايتتىم ئەمما بۇ مەن ئۈچۈن ھايات ماماتلىق ھەققىدىكى بىر نەتىجە بولغاچقا كەيپىياتىم قاتتىق ئەنسىزلىككە تولغان ئىدى.

جۈمە كۈنى، 2013 - يىلى 1 - فېۋرال. مەن ئەتىگەندە بىر ياپۇنلۇق دوستۇم ھىكارۇنىڭ ئۆيىگە كېسەلىمگە قارىتا روھىي مەسلىھەت ئېلىش ئۈچۈن بارغان ئىدىم، مەن ھىكارۇغا:

« - سۆڭەك تەكشۈرۈشنىڭ جاۋابى مېنىڭ قانچىلىك ياشىيالايدىغىنىمنى بەلگىلەيدۇ، شۇڭا قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمەن» دېدىم. ئۇ ماڭا تەسەللى بېرىپ:

« - رەھىمە، مېنىڭ كۆڭلۈم شۇنداق يورۇق، ساڭا بۈگۈن ياخشى خەۋەر كېلىدۇ» دېدى. بىزنىڭ پاراڭلىرىمز باشلىنىپ ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي يانفونۇم جىرىڭلىدى ئەمما قارشى تەرەپنىڭ نومۇرى يانفۇن ئېكرانىدا كۆرۈنمىدى. بۇنى چوقۇم دوختۇرخانىدىن كەلگەن تېلېفۇن دەپ پەرەز قىلدىم دە جاۋاپ بېرىش كۇنۇپكىسىنى باستىم. بۇ دەقىقىلەردە يۈرىكىم سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك پۈتۈن بەدىنىم قېتىپ قالغان ئىدى.

« - ھېللو! سىز رەھىمە خانىم بولامسىز؟ مەن لوندون بارنېت دوختۇرخانىسىدىن سىزگە تېلېفون قىلىۋاتىمەن» دېدى جىددىي بىر ھالەتتە.

«- ھە مەن شۇ، رەھىمە!»  

«- سىزگە خوش خەۋەر بار، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن سۆڭەكلىرىڭىز  ساغلام چىقتى!، راك ئۆسمىسى سۆڭەكلىرىڭىزگە تارقالماپتۇ!»

«- سىزگە كۆپ رەھمەت دوختۇر ! بۇ خەۋەردىن مەن بەك خوش بولدۇم! » دېدىم ھاياجان بىلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا.

شۇ مىنۇتلاردا مېنىڭ يېنىمدا بولۇنغان تېلېفون پاراڭلىرىمىزنى ئاڭلىغان ھىكارۇ مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:

«- سېنى تەبرىكلەيمەن! سەن بۇ كۈرەشتە چوقۇم ئۇتۇپ چىقىسەن! مىڭ قەترە شۈكرى، سەن ئەمدى ياشايسەن. سەندەك ئىنسانلار ئۇزۇن ياشىشى كېرەك چۈنكى سەن بۇ دۇنيادىكى ئادەملىك ئورنۇڭنى بىكارغا ئىگىلەپ ئولتۇرمىغان سەن. ياراتقۇچىنىڭ بۇ دۇنيادا ساڭا بەرگەن نۇرغۇن ۋەزىپىلىرى بار. سەن بۇ ۋەزىپىلەرنى تۈگەتمىگۈچە سىنى ئېلىپ كەتمەيدۇ. بۇ كېسەلدىن سەن ھەرگىز قورقما، بۇ كېسەل سەن ئۈچۈن قايتىدىن دۇنياغا بىر تۇغۇلۇش، پاكىزلىنىش! بۇ ھاياتتىكى ياشاش سەپىرىڭدە  يىللاردىن بۇيان بەدىنىڭدە يىغىلغان زەھەر مولىكۇلارنىڭ ھەمىسى بىر يەرگە توپلىنىپ ئۆسمە بوپتۇ. ئەمدى بۇ ئۆسمىنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن ھەرخىل داۋالاشلار بىلەن سەن پاكلىنىسەن. ئالدىڭدىكى يول ناھايىتى بىر مۇشكۈل يول، مېنىڭ ئېرىم كارناي راكى بولغان، شۇڭا مەن بۇ كېسەلنى ياخشى بىلىمەن. ئۇ ھازىر ساقىيىپ شۇنداق ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ، سەنمۇ چوقوم ياخشى بولۇپ كېتىسەن. ئەگەر سېنىڭدە ياشاشقا بولغان ئىشەنچ، كېسەلنى يېڭىشقا بولغان مۇستەھكەم ئىرادە بولسىلا بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ ئىلغار راك كېسىلىنى داۋالاش بىلەن بىللە ياخشى ماسلاشسىلا ، سەن بۇ كېسەلدىن تولۇق ساقىيىپ كېتەلەيسەن! مەن بۇ ئېغىر كۈنلەردە ھەر زامان سېنىڭ يېنىڭدا بولىمەن!» دېدى كۆزىگە لىققىدە ياش ئېلپ تۇرۇپ.

مەنمۇ  بۇ خوش خەۋەردىن قاتتىق ھاياجانلانغان چېغىم، بۇ دۇنيادا بىر قانچە يىل بولسىمۇ ئۇزىقاراق ياشاشقا بولغان ئۈمىد نۇرىنىڭ مەندە قايتا پارلىغىنىدىن ياراتقۇچى ئاللاھقا مىڭ شۈكرى ئېيتىپ خوشاللىق ياشلىرىمنى تۆكتۈم. بۇ خوش- خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. دېمەك بەدىنىمدە راك ئۆسمىسى بولسىمۇ ئەمما ئۇ تېخى پۈتۈن بەدىنىمگە تارقىلىپ كېتىپ بولالمىغاندىن كېيىن مەن يەنە ئاللاھ نېسىپ قىلسا بىر قانچە يىل ياشىياليمەن دېگەن گەپ. بۇ ئەلبەتتە مەن ئۈچۈن زور خوشاللىق. ئەمدى مەن خوشال بولماي كىم خوشال بولسۇن! ماڭا ئەڭ مۇھىمى مەن ئەمدى ئوغلۇم زۇلپىقارنىڭ ئالى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەلەيدىغان بولدۇم! ئوپېراتسىيە قىلىپ دوختۇرلار بەدىنىمدىن ئالىدىغىنىنى ئالسۇن، خىمىيىلىك داۋالاشتا قاش كىرپىك، چاچلىرىم چۈشۈپ سويمىدەك بولۇپ كەتسەممۇ بۇنىڭ كارايى چاغلىق. مەندە ئەمدى بۇ دۇنيادا ياشاشقا تەۋرەنمەس ئىرادەم بار. بۇ ياشاش كۈرىشىدە مەن قانچىلىق قىينالساممۇ ماڭا كەلگەن بۇ ئازابلارنى مەن تارتىشقا رازىمەن ۋە ھازىرمەن. ماڭا بۈگۈنگىچە ھاياتلىق بەرگەن ئاللاھقا تۈمەن مىڭ مەرتە شۈكرى دېدىم ئۆز - ئۆزۈمگە ئىشەنچ، مەدەت، سەبىر ۋە قانائەت تىلەپ.

2013- يىلى 2-ئاينىڭ 20 - كۈنى دوختۇرخانىدا ئوپىېراسىيەدە بولدۇم، بۇ قېتىملىق ئوپېراتسىيە ئۇتۇقلۇق مۇۋپپەقىيەتلىك بولدى. ئوپېراتسىيىدىن كېيىن دوختۇرخانىدا ئىككى كۈن يېتىپ بالنېستىن چىقتىم. لوندوننىڭ شىمالىدا ياشايدىغان تۈرك دوستۇم ئويا مېنىڭ ئۆيۈمگە كېتىشىمگە ئۇنىماي مېنى ئۆز ئۆيىدە 5 كۈن باقتى. مېنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىمدە ماڭا دوستلىرىم ئەڭ چوڭ دەستەك بولدى. مەن ئۇلاردىن كۆپ مىننەتدارمەن، ھەممىسىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن!

دوستۇم ئويانىڭ ئۆيىدىن ئۆز ئۆيۈمگە قايتىپ كېلىپ ئاپامغا تېلېفون قىلدىم، تېلېفوننى كېچىك سىڭلىم ئارزۇ ئېلىپ ئاپامنىڭ تېلېفوندا سۆزلەشكىدەك ماغدۇرىنىڭ يوقلىقىنى ئەمما ئەھۋالىنىڭ ئۇ دەرىجىدە ئەنسىرگىدەك  ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. مەن ھەر كۈنى سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا تېلېفون قىلىپ ئاپامنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بولۇپ تۇردۇم.  ھەر قېتىمدا قېرىنداشلىرىم تېلېفوننى ئالىدۇ ۋە ماڭا ئاپامنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە ھەمىسى بېشىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ..... مەن بۇ كۈنلەردە ئۆز ئاغرىقىمنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئاپامنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەش بىلەن ئەنسىزلىك ئىچىدە كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈم. ھەر كۈن مەن تېلېفون قىلىمەن ۋە ھەر كۈنى ئوخشاشلا بىر خەۋەرنى ئاڭلايمەن....

2013- يىلى 3-ئاينىڭ 5- كۈنى لوندون ۋاقتى سەھەردە غۇلجىغا تېلېفون قىلسام تېلېفوننى ئادىل ئاكام ئالدى.

« - ساقام بۈگۈن ئاپام بىر ئاز ياخشى، نەچچە ۋاقىتتىن دوختۇرغا بېرىشنى رەت قىلغان شۇڭا مەھەللىدىكى دوختۇر ئۆيگە كېلىپ داۋالاۋاتقان ئىدى. بۈگۈن بىزنىڭ مەھەللىگە يېقىن يەردىكى بىر يۈرەك دوختۇرنى ئۆيگە ئەكەلگەن. دوختۇر ئاپامغا دوختۇرخانىغا بېرىڭ، بىز ئاللاھ بۇيرىسا سىزنى ساقايتىۋىتىمىز دېگەنتى. ئاپام ئاخىر دوختۇرغا بېرىشقا ماقۇل بولدى. ئەتە سەھەردە دوختۇر ماشىنىسى ئۆيگە ئاپامنى دوختۇرخانىغا ئاپارغىلى كېلىدۇ. ياتاقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق. سىزنىڭ تەلىيىڭىزگە بولسىمۇ ئاپام ياخشى بوپ قالىدىغان ئوخشايدۇ» دېدى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ بىر روھ بىلەن.

مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قايتىدىن روھلاندىم، ئۈمۈتلەندىم، ئاپامنىڭ ساقىيىپ كېتىشىنى ئاللاھ دىن تىلىدىم.... سۆيۈملۈك ئاپام ئۈچۈن دۇئا قىلدىم.  ھاياتىمدىكى بۇ ئەڭ ئازابلىق كۈنلىرىمدە تېلېفوندا بولسىمۇ ئاپامنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇش مەن ئۈچۈن ئەڭ زور تەسەللىي ئىدى.

2015- يىلى 3-ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئەتىگەنلىك ناشتىلىقتىن كېيىن ئادىل ئاكامغا تېلېفون قىلدىم، ئۇ تېلېفوننى ئالمىدى. تاھىر ئاكامغا قىلدىم، تېلېفون ئۇمۇ تېلېفوننى ئالمىدى.... سىڭلىم ئارزۇغا قىلدىم، نەتىجىسى ئوخشاش بولدى. مەن تېلېفون قىلغان بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ھىچ بىرسى مەن قىلغان تېلېفونغا جاۋاپ بەرمىدى.  يۈرىكىم بىر يامان خەۋەرنى سېزىۋالغاندەك  ئەنسىزلىك بىلەن سوقاتتى. قولۇمغا ھىچ بىر ئىش كەلمەيتتى. مەن ئاخىرى ئاپامنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدىم ۋە ئىچىمدە «ھېچكىم تېلېفوننى ئالمىسۇن ئىلاھىم، ئاپام دوختۇرخانىغا بارالىغان بولسا ئۆيدە تېلېفوننى ئالىدىغان بىرسى بولماسلىقى كېرەك......»  دېگەنلەرنى قىياس قىلدىم.  بىر ئاز كۈتكەندىن كېيىن شۇ ئەسنادا تېلېفوننى قويۇۋېتەي دەپ تۇرۇشۇمغا ئەخمەت ئاكامنىڭ قىزى گۈلچېھرەمنىڭ تېلېفوندا « -ۋېي، ۋېي !»  دەپ توۋلىغان بوش ئاۋازى كېلىشكە باشلىدى.

ئەخمەت ئاكامنىڭ سۆرە ياسىن ئوقۇۋاتقان مۇڭلۇق ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىدىم... ئاۋازى تىترەپ چىقىۋاتاتتى. مەن نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدىم. يۈرىكىم بىلدى. بۇ دۇنيادىكى مېنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئاپا بىز بىلەن ۋىدالاشقان ئىدى. كۆزۈمدىن ئېقىۋاتقان ئىسسىق ياشلىرىم مارجاندەك دانە - دانە بولۇپ تۆكۈلۈپ مەڭزىمنى بويلاپ زىڭاقلىرىمغا، بويۇنلىرىمغا  يېيىلماقتا ئىدى.

شۇ مىنۇتلاردا سىڭلىم گۈلچېھرەمنىڭ « - ھەدە، ئادىل ئاكامنىڭ يانفونىغا تېلېفون قىلامسىز؟” دېگەندەك  بىر سۆز قۇلىقىمغا ئاڭلانغاندەك بولدى.  مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىپ تۇرۇپ، ئادىل ئاكامغا تېلېفون قىلدىم. ئاكام تېلېفونى ئېلىپلا:

«- ساقام يېنىڭىزدا بىرسى بارمۇ ؟» دەپ سورىدى.

«- ياق مەن يالغۇز ئاكا!» دېدىم. ئاكام سۆزىنى داۋام قىلىپ:

«- ئاپام بىزنى دوختۇرخانىغا بارىمەن دەپ ئالداپ قويۇپتىكەن، بۈگۈن سەھەردە بىز بىلەن خوشلاشتى. دادامنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدۇق...» دىدى.

بۇ دەقىقىدە ماڭا ئاسمان دۇم كۆمتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ دۇنيا قاپ - قاراغۇدەك كۆزۈمگە نۇر كۆرۈنمەيتتى. ياش تولغان كۆزۈم خىرەلەشكەن ...  خۇددى يەر تەۋرىگەندەك ئىككى پۇتۇمدا كۇچ دېگەن نەرسە قىلمىغان ئىدى. مەن يېقىلغان ئىدىم....  تېلېفوندا ئاكامنىڭ ماڭا:

«  - جېنىم ساقام سىز ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، ھەمىمىز سىزدىن كۆپ ئەنسىرەۋاتىمىز. سىز تېخى ئاپامنىڭ يىرىم يېشىنى ياشىدىڭىز. ئاللاھ سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر بەرسۇن. ئاپام ھەممىمىزدىن شۇنداق رازى، بىز ئاپىمىزنى ياخشى بىقىۋالدۇق. تۇپراق بېشىغا چىقان ئادەملەرنى كۆرسىڭىز ھەيران قالىسىز، ئاپامنىڭ ئۆلۈمى ئەمەس تويى بولدى، يىغلىماڭ...” دەپ كۆڭلۈمنى بەزلەشكە ئۇرۇندى. ئاخىردا ئاكام گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ: « - يېنىڭىزدا ھازىر ھېچكىم بولمىسا مەن تېلېفوننى قانداقمۇ قويىمەن، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ سىڭلىم! ’ دەپ تەسەللى باردى. مەن ئاكامغا يىغا ئارلاش بوغۇق ئاۋازىم بىلەن تېلىقىپ تۇرۇپ جاۋاپ قايتۇردۇم:

« - ھىچ ئىش يوق ئاكا، ئەمما مەن يېنىمدا ھېچكىم يوق ۋاقتىدا قانغۇچە يىغلىۋالاي، مەن يىغلاپ بولسىمۇ بۇ ئازابلىرىمنى تۆكۈۋالاي... مەندىن ئەنسىرىمەڭ!» دەپ تېلېفونىنى قويدۇم.

مەن قەدىردان ئاپام ابىلەن ۋىدالاشقان بۇ كۈنى ئۆيۈمدە قانچە ئۇزاق ياش تۆككۈنۇمنى ۋە كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى تولۇق ئەسلىيەلمەيمەن. بىر چاغلاردا ئېسىمگە كەلسەم ئارىدىن نەچچە سائەت ۋاقىتلار ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۇ مۇسىبەتلىك كۈن ماڭا  دۇنيا قاپ - قاراڭغۇلۇققا چۆككەندەك تۇيۇلغان ئىدى. ماڭا قوشلاپ كەلگەن بۇ ئېغىر جىسمانى ۋە روھىي ئازابلاردىن تېنىم ماغدۇرسىزلىق ئىچىدە تىپىرلايتتى ...

ئىنسان ھاياتىنىڭ رىئاللىقى نېمە دېگەن رەھىمسىز ھە، ئۇ ھىچ بىر كىشىنىڭ خاھىشىغا باقمايدىكەن. ئىنسان بېشىغا بەزىدە قوشلاپ بەخت - ئامەتلەر كەلسە،  بەزىدە قوشلاپ دەرد ئەلەملەر كېلىدىكەن. خوشاللىق بىلەن قايغۇنىڭ ئورنى دائىم ئالمىشىپ تۇرىدىكەن. مەن راك ئۆسمىسى ئوپېراسىيەسىدە بولۇپ ئەمدى ئىككى ھەپتە بولغان كۈنىدە مېھرىبان ئاپامدىن ئايرىلدىم. ئاپامنىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىركى نۇرلۇق يۈزىنى كۆرەلمىگەن بولساممۇ ئاۋازىنى تېلېفوندا ئاڭلاپ تۇردۇم. ئاپام مېنىڭ ئاپاملا ئەمەس ئۇ مېنىڭ بىر سىرداش دوستۇم ئىدى. ئۇ بەزىدە قىزىق گەپلەر قىلىپ بېرىپ مېنى كۈلدۈرەتتى، ماڭا ماقال تەمسىلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى، خاتىرىسىدە بار شېئىرلارنى ئوقۇپ بېرەتتى.... ئاپام گەپكە باي، كۆڭلى - كۆكسى ئوچۇق، قەلبى پاك، مېھمان دوست، ئىنسان پەرۋەر، ئىشچان بىر ئايال ئىدى.  ھاياتىمدا مەن ئاپامنىڭ ھىچ بىر ئىنساننىڭ ئارقىسىدىن ئاق - كۆك دەپ گېپىنى قىلپ باققىنىنى ئاڭلىمىغان مەن.  كېلىنلىرىمىزمۇ ئاپامنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى. ئاپام بىزگە دائىم نەسىھەت قىلىپ:

مېنىڭ قەدىردان ئاپام مەرھۇمە رۇقىيەم ئۆمەر قىزى بىزگە:  «  - قولۇڭلاردىن كېلىشچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، ئىنسانلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچماڭلار، سىر ساقلاڭلار، مەرت بولۇڭلار، نەزىرىڭلار ئۈستۈن بولسۇن، غەيۋەت قىلماڭلار، ھەممە ئىنساندا سەۋەنلىك بولىدۇ،. ئىنسانلارنىڭ ئارتۇق تەرىپىگە كۆز سېلىپ كەمچىلىكىگە ئارتۇق كۆز سالماڭلار.  سىلەرنى يامان دېگەن ئادەملەردىن رەنجىمەڭلار، سىلەرگە يامانلىق قىلغان كىشىلەرگە يامانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا ئاللاھ دىن ئىنساپ تىلەڭلار. سەۋىرچان بولۇڭلار. ئاللاھ سىزلەرنى ھەر يەردە ئەزىز ئەتسۇن....»  نەسىھەت قىلاتتى. مەن ئاپامنىڭ ھەمىشە ئېيتىدىغان «سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلۇڭنى خار ئېتەلمەس ھىچ كىشى، سەن ئىگەم خار ئەيلىسەڭ ھەر جايدا بولار خار كىشى» بۇ سۆزى ھىچ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. مەن سۆيۈملۈك ئاپامدىن ئايرىلدىم. ماڭا كەلگەن بۇ ئازابلارنى يەككە ئۆز بېشىمغا ئېلىپ يالغۇز تارتتىم. بۇ كەچمىشلەر مېنىڭ ھاياتقا بولغان ئىرادەمنى قايتىدىن چىڭىتتى.

بۈگۈن مانا 3 يىل بوپتۇ، كېسەل تۈپەيلىدىن يوقىتىپ قويغان ھەممە نەرسىلىرىم ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. بېشىمغا قايتا چاچ چىقتى، كىرپىكلىرىم قارا كۆزۈمگە قايتىدىن ھەمراھ بولدى. دوختۇرخانىدا ئېلىپ بېرىلغان راك ئۆسمىسىگە قارشى نەچچە قېتىملىق خىمىيىلىك داۋالاشلار سەۋەبىدىن پۈتۈنلەي چۈشۈپ كەتكەن قاش كىرپىكلىرىم، چاچلىرىم بۇرۇنقىدىنمۇ قويوق ئۈسۈپ چىقتى. ئەمدى مەن قايتىدىن ئۆزۈمگە ئۆخشۇدۇم. بۈگۈنكى كۈندە ھەممە نەرسىگە چارە باركەن ئامما بىر رىزىق تۈگەپ كەتكەن بولسا ئۇ چاغدا ئۆلۈمگە چارە يوقكەن! مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى سۆيۈملۈك ئاپام، سىز قايىتقاندا مەن سىزنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۇزىتالمىدىم. تېخىچە قەبرىڭىزنى يوقلاپ بارالمىدىم ئەمما سىز ئۈچۈن ئاللاھدىن ئۇ دۇنيادىكى ياتقان يېرىڭىزنىڭ ئەڭ گۈزەل بىر جەننەت ماكان بولۇشىنى تىلەپ ھەر كۈنى دۇئا قىلىپ تۇردۇم. قەدىردان ئاپا، نۇر ئىچىدە ياتقايسىز!

مەن راك كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان شۇ كۈنلەردە يالغۇز ئوغلۇم زۇلپىقارنىڭ ئوقۇشىدىن كۆپ ئەنسىرىگەن ئىدىم چۈنكى شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىۋاتقان ۋاقىت بولۇپ، مەن بولسام خىمىيىلىك داۋالاش سەۋەبىدىن زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ئىدىم.  ئوغلۇم  ئاخىر 2 A* 1 A  نەتىجە بىلەن ئۆزىنىڭ ئارزۇ قىلغان ئالى مەكتىپىگە ئۆتتى. مەن ئوغلۇمنىڭ ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە قادىر بولدۇم. ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتىدىكەن، مەنمۇ بۇ قورقۇنۇچلۇق كېسەلدىن ساقايدىم. بۇ ھايات ماڭا قايتىدىن گۈزەل، نورمال بولۇپ كۆرۈندى. مانا ئوغلۇم بۇ يىل ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرىدۇ. ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن لوندوندىكى دۇنيادىكى 4 - چوڭ پۇل - مۇئامىلە  شىركەتنىڭ بىرسىدە خىزمەت قىلماقچى. ئۇ يېقىندا شۇ شىركەتتىن رەسمى خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

ئىنسان ئۈچۈن بۇ ھاياتنىڭ سىرلىرى كۆپكەن. بىز كۈتمىگەن بېشىمىزغا كېلىدىغان قىسمەتلىرى تېخىمۇ كۆپكەن ئەمما ھاياتقا بولغان قىزغىن مۇھەببەت، مۇستەھكەم ئىرادە، تەۋرەنمەس ئېتىقاد بولىدىكەن، ئەگەر سىز  ھاياتقا بولغان ئىشەنچىڭىزنى يوقىتىپ قويمىسىڭىزلا، ئۆز ئىمكانىلىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ سەۋەپ قىلالىسىڭىزلا ئۇتۇق ھامىنى سىزنىڭ بولىدىكەن. مەن يەنە بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بۇ كەچمىشلىرىم ئارقىلىق ئادەم ئۈچۈن ئىرادە، ئۆزىگە ئىشىنىش، تىرىشچانلىق، ئەقىل پاراسەت، ساغلام تەن ۋە ساغلام روھىي ھالەتلەرنىڭ سىزنىڭ ھايات سەپىرىڭىزدە يولۇقىدىغان مۇشكىلاتلارنى يېڭىشىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللار ئىكەنلىكىنى قايتىدىن چۈشنىپ يەتتىم.     

مەن دۇنيا ئانىلار كۈنىدە مەرھۇم سۆيۈملۈك ئاپامنى چوڭقۇر سېغىندىم. ئۇنىڭ بىلەن غايىبانە مۇڭداشتىم. ئاخىر  شۇ كېچىسى بېشىمدىن ئۆتكەن بۇ ئازابلىق كەچمىشلىرىمنى مەرھۇم ئاپامنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن يېزىپ چىقىشنى ۋە ماڭا ئوخشاش ئاپىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، ھاياتىدا نۇرغۇن ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى چەككەن مېھنەتكەش ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش، بىرگە تەسەللى تېپىش ئىستەكلىرىم بىلەن، يەنە كېلىپ بېشىدىن ھاياتنىڭ قىسمەتلىرى ئۆتمىگەن ياش سىڭىللىرىمىزغا بىر ئىجابىي ساۋاق بولۇشىنى مەقسەت قىلىپ ئۆزۈمنىڭ بۇ قىسقىغىنە ھايات ھېكايىسىنى يېزىپ چىقتىم.

مەن ئۆزۈم غۇلجىدا خەنزۇ مەكتىپىدە ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن ئۇيغۇر ئانا تىلىدا يېزىش سەۋىيەم يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. ئەمما دوستۇم ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى مېنىڭ بۇ كەچمىشلىرىمنى يېزىپ چىقىشىمغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ بۇ يازمىنىڭ يېزىلىشىدا ماڭا كۆپ ياردەملەردە بولدى. ھەم بۇنىڭ تور سەھىپىلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۇشىشىگىمۇ بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بەردى. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوستۇم ئەلكۈن ئەپەندىگە ئالاھىدە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىمەن!

قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ مېنىڭ كەچمىشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشقانلىغىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن!

مەن بۇ يازما ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئانىلارنى، خانىم - قىزلىرىنى كېلىۋاتقان 6- مارت دۇنيا ئانىلار كۈنى ۋە 8- مارت ئاياللار بايرام كۈنلىرى بىلەن  تەبرىكلەيمەن! تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن!


2016 - يىلى 5 - مارت، لوندوندا يېزىلدى.



——————————————————  


رەھىمە مەخمۇتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:

رەھىمە مەخمۇت ئىلى ۋادىسىدىكى گۈزەل يۇرت غۇلجا شەھىرىدە توغۇلغان. ئۇ غۇلجىدا خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1992 - يىلى داليەن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى خېمىيە ئىنژېنېرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مايتاغدا خېمىيە ۋە ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. رەھىمە 2000- يىلى ئەنگلىيىگە ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن بۇيان لوندوندا ئولتۇراقلىشىپ ۋە  خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. رەھىمە مەخمۇت خەلقىمىزگە ئۆز خىزمەتلىرى بىلەن تونۇلغان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى. ئۇ لوندون ۋە ياۋروپا سەھنىللىرىدە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ، ئۇيغۇرلارنى غەرب ئەللىرىگە تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. رەھىمە مەخمۇت ھازىر لوندوندا تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  2010- يىلى لوندوندا ئۇنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرىدىن ئىشلەنگەن «ئاق بېلىق» ناملىق لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ CD ئۈن پلاستىنكىسى نەشىر قىلىنغان.


1_Ruqiyem_Omer.jpg
  

2_Rahime.jpg


3_Zuli.jpg


4_LUE.jpg



بۇ يازمىنىڭ ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورىدىكى مۇقىم ئادېرىسى:

http://www.azizisa.org/index.php/2016/03/07/apamni_esleymen

uyghuray

0

تېما

0

دوست

63

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57969
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 14:45:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىراۋنىڭ  ئانا  ! دەپ  چاقىرغىنىنى  ئاڭلىساممۇ  ئىختىيارسىز  كۆزۈم نەمدىلىدۇ .

1

تېما

0

دوست

3133

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13257
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 957
توردىكى ۋاقتى: 362
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 19:53:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jasuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-8 19:56  

   ئ‍ەلكۈن ئ‍ەپەندى پىشقان قەلەم ئ‍ىگىسى ئ‍ىكەن، ھەر قېتىم يازمىلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئ‍وقۇپ چىقىمەن. قەلەم تۇتقان قوللىرى ھارمىغاي.

1

تېما

0

دوست

1142

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   14.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26787
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 02:39:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى ئۇقۇۋىتىپ تۇيماي قالدىم ،كۆزۈمدىن ياش چىقىتى ……ياش  
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2067

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20352
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 624
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 10:43:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات چىغىدا ئانىلارنىڭ قەدىرىنى ھۆرمىتنى قىلۋالساق،كىينىكى پۇشايمان ئاز بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

734

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   46.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20179
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 12:32:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھىمە مەھمۇد بىر قەيسەر ئايال ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا لايىق ، ئوغلى زۇلپىقار ئابلىكىم كىچىگىدىلا ئەنگىلىيەنىڭ ئۆسمۈر ياشتىكىلەرنىڭ تايكېنداۋ چىمپىيونى بولغان ، تېخى بۇ يىل بېشىدىلا برىتانىيە دۆلەتلىك تەنھەركەت يىغىنىدا تايكېنداۋنىڭ كۈمۈش مىدالىغا ئېرىشىپتۇ ، تېخى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرمەيلا دۇنياۋىي شىركەت KPMG غا قوبۇل قىلىنىپتۇ ، مۇشۇ نەتىجىلەر بىر ئانا ئۈچۈن نۇرغۇن نەتىجىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ جۇلالىق ھاردۇغىنى ئەڭ چىقىرىدىغىنى دەپ ئويلايمەن .
رەھىمە مەھمۇد ئەنگىلىيەدە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىغا دوستلۇق قولىنى سۇنغان ، تەسىرلىك ھىكايىلىرى بەك جىق ، ئاپتور ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن بىر قىسمىنى ئەكس ئەتتۈرۈپتۇ ، ئاپتورغىمۇ تەشەككۈر .
  ئىگەم رەھىمە مەھمۇدنىڭ تېنىغا سالامەتلىك ھاياتىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاي !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )