- تىزىملاتقان
- 2016-2-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 111
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
37%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا komech تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-11 01:00
ئىزدىنىش روھىڭىز ۋە تەرجىمە قابىلىيىتىڭىزگە ھەۋەس قىلىپ قالدىم، قىزىققۇچىلارنى غەرب پەلسەپەسى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەخمەت . مەن بۇلتۇردىن تارتىپ سىزنىڭ ئۇيغۇر سىتودېنتلار كۇلۇبى مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىڭىز بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىغان ؛ تۆۋەندە مەن يۇقارقى مۇنبەردىكى ئىككى تېمىڭىزدىن بەزى مەزمۇنلارنى نەقىل قىلىپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقاچ مەزكۇر مەزمۇنلار ھەققىدە ئىزاھات بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . بىرىنجى نەقىل:
پەلسەپە ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-ئىدراكىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ ، ئىلاھشۇناسلىق بولسا ھەرخىل بېشارەت ، ۋەھىي ۋە مۆجىزىلەرگە مۇراجىئەت قىلىدۇ . پەلسەپە بىلەن ئىلاھشۇناسلىقنىڭ تەتقىق قىلىش ئوبىيېكتى ئوخشاش ئەمما قوللانغان ئۇسۇل ئوخشىمىغانلىقتىن ، مۇنداقلا قارىماققا بۇ ئىككىسىنىڭ تاپقان جاۋابىنىڭ ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ ، ۋاھالەنكى ، پەلسەپە تارىخىدىن قارىغاندا ( بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى غەرب پەلسەپە تارىخىنى كۆرسىتىدۇ ، بەلكىم بەزى ئوقۇرمەن دوستلار ‹ غەرب - غەربلا دەيدىكەن ما گۇي › دەپ ئاچچىقلاپ قىلىشى مۇمكىن ،بىراق مېنىڭ بۇ يەردە غەرب پەلسەپىسى ۋە ئىلاھشۇناسلىقىدىكى بەزىبىر مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىشىم ھەرگىزمۇ مۇشۇ نەرسىلەرنى ئۆزىمىزنىڭكىگە دەسسىتىش بىلەن باراۋەر ئەمەس ، پەقەتلا ئۇلارنىڭ تەپەككۇر جەريانىدىن زوق ئىلىش خالاس ؛ ئۇيغۇر ۋە ئىسلام پەلسەپىسىنى تىخى دېگۈدەك تەتقىق قىلغۇچى بولمىدىم ، ئاللا خالىسا ئۆلمەي ھايات بولساق ئۇنىمۇ قىلىۋالارمىز ، ھازىر ۋاقتىنچە قىلماسلىقىمىز ھەرگىزمۇ مەڭگۈ قىلماسلىقىمىزدىن دىرەك بەرمەيدۇ ) ، ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس .
ئىككىنجى نەقىل:
روھ مەۋجۇتمۇ ؟ تەڭرىچۇ ؟ ئەگەر مەۋجۇت بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ قەيەردە ، قايسى ۋاقىتتا ؟ ئەەەر ئۇ بىر ئورۇنغا ئىگە بولمىسا ، مەلۇم ۋاقىت داۋام قىلمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ يەنىلا مەۋجۇت دەپ ھېسابلىنامدۇ ؟ ئۆلگەندىن كىيىنكى ھاياتلىق مەۋجۇتمۇ ؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ « قۇتادغۇبىلىك » داستانىدا ئۆلگەندىن كېيىن بەدەننىڭ چىرىپ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ، ئۆلۈمنىڭ مۇقەررەر ، تىرىلمەكنىڭ مۇقەررەر ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېگەنىدى :
« نەچچە مىڭ ياشىسا ئۆز ئۆلگۈچىدۇر ،
ئۇلانغان ئەزالار ئۈزۈلگۈچىدۇر. »
« ئىشىم تامام ، ئۆلۈمدىن كېيىنلا يانا ،
قارا يەر تېگىدە چىرىمەك مانا . »
«ئۇ قايتىپ كەلگۈچى ئەمەستۇر يانا ،
سەن ھەم بىزمۇ قايتىپ كېتەرمىز ئاڭا . »
ھازىر ئارىمىزدىن پىكىر-تەپەككۇر قىلىشتا بولسىمۇ مۇشۇنچىلىك ئۆپكىسى بارلاردىن قانچىلىك قالغانلىقى نامەلۇم .
ئۈچۈنجى نەقىل:
مەن شۇنىڭغا ئىشىنىشنى خالايمەنكى ، ئەگەر ئىلاھ مەۋجۇت بولسا ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھايۋانىيلىقتىكى ئاجىزلىقىدىن ، بىر-بىرىگە بولغان دۈشمەنلىكى ۋە غەزەپ نەپرىتىدىن ، جىنايەت-گۇناھىدىن پۈتۈنلەي ئازاد بولغاندىكى ھالىتىنىڭ دەل ئۆزى بولۇشى كېرەككى ، ئۇ ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى مەڭگۈلۈك ئازاپ-ئوقۇبەت ، قىيىن-قىستاق ئارقىلىق قورقۇتۇش يولى ياكى مەڭگۈلۈك راھەت-پاراغەت بىلەن كىشىلەرنىڭ بۇ دۇنيادا قېنىپ بولالمىغان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ۋەدە قىلىپ قىزىقتۇرۇش يولى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىشىنىشنى مەجبۇرلايدىغان بولماسلىقى ، كىشىلەرنى ئۆچ-ئاداۋەتكە كۈشكۈرتمەسلىكى كېرەك . « ئەقىل پاراسەتنىڭ ئۆزىگە بولغان سۆيگۈ » دەپ نېمىنى ئېيتىمىز ؟ ئەگەر ئەقىل-پاراسەتكە بولغان سۆيگۈ ئەقىل-پاراسەتتىن باشقا نەرسىلەرنى ئۆزىگە مەقسەت قىلسا ، يەنى ئەقىل پاراسەتكە بولغان سۆيگۈنى باشقا نەرسىلەرگە ئېرىشىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالسا ، بۇنداق سۆيگۈ يەنىلا تەبئىي ھايۋانىي ئىھتىياجدىن ھالقىپ چىقمىغان بولىدۇ .
مەنبە :
http://uystudent.com/forum.php?m ... 3%DB%95%D9%BE%DB%95
http://uystudent.com/forum.php?m ... 3%DB%95%D9%BE%DB%95 |
|