قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 723|ئىنكاس: 7

ئابدۇنىياز (ت): نام چىقىرىشنىڭ بەدىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

0

دوست

2212

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31172
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 700
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 00:40:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نام چىقىرىشنىڭ بەدىلى

لوجېنيۈ



ئابدۇنىياز ئىمىن تەرجىمىسى









   ھەرقايسىڭلارنىڭ «لوگىكىلىق تەپەككۇر» غا كەلگىنىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، ئالدى بىلەن، كۆپچىلىككە قەدىمكى راھىبلارنىڭ بىر ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەي، بىر راھىبكالان شاگىرتىدىن سوراپتۇ: « يولدا چېپىپ يۈرگەن بۇ ئادەملەرگە قارا، قانچلىك ئادەم بار ئىكەن؟»، كىچىك راھىپ بىر، ئىككى دەپ ساناشقا باشلاپتۇ، قېرى راھىپ ئۇنىڭغا سانىماسلىقنى ئېيتىپ: «پەقەت ئىككىلا ئادەم بار، بىرى نام، يەنە بىرى مەنپەئەت» دەپتۇ. بۈگۈن بىز نام توغرىلىق پاراڭلىشايلى.
   تور دەۋرىدە، مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن، نام چىقىرىش بارغانسېرى ئاسانلىشىپ باردى. ئاساسەن ھەر ھەپتىدە بىر-ئىككى ئادەم قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. سېسىق نام چىقىرىشمۇ يامان ئىش بولۇشى ناتايىن، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكىلەر نېمىشقا دائىم ئۆزىنىڭ نامىنى بۇلغاپ يۈرۈيدۇ؟ مەسئۇل كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن چولپانلار ئارقىسىىدىن پىتنە-پاساتلارنى تارقىتىدۇ؟ بۇنىڭ قائىدىسى ناھايىتى ئاددىي، چۈنكى تور دەۋردە كىشىلەر ناھايىتى ئۇنتۇغاقلىشىپ كەتتى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ كىشىنى باشقىلار ناھايىتى داڭدار دەپلا تونۇيدۇ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا نېمە سەۋەبتىن بۇنچە داڭدار بولۇپ كەتكەنلىكىنى، قانداق رەزگى ئىشلارنى قىلىپ نام چىقىرىپ كەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كېتىپ، پەقەت بۇ كىشىنىڭ ناھايىتى مەشھۇر ئىكەنلىكىلا ئېسىدە قالىدۇ. ئۇ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزسە نۇرغۇن كىشىلەر تېخىمۇ جىق پۇلنى خەجلەپ كىرىشنى خالايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ قائىدە بۇرۇنقى ئەنئەنىۋىي جەمئىيەت بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. مانا بۇ تور دەۋرى روياپقا چىقارغان پۇرسەتتۇر.
    بىر كۈنى ئەتىگەنلىك تاماق يەۋاتقاندا ئايالىم مەندىن سوراپ قالدى، گوۋ دېگاڭ قەھرىمانمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئىككىلىمىز گوۋ دېگاڭنىڭ ئەڭ ئامراق مەستانىللىرى ئىدۇق، مەن: «بۇ مەسىلىنى سورىشىڭىز ھەقىقەتەن بىر قىززىق ئىش بولدى» دېدىم. ئەنئەنىۋىي جەمئىيەتتە گوۋ دېگاڭنىڭ مەيلى قانچىلىك نامى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ئوخشاشلا قەھرىمان ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ تايىنى يوق ئىدى. مەسىلەن ئېيتساق، ئازاتلىقتىن كېيىن بىر تۈركۈم ئەدىبلەر پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە پىروفىسسور دەرىجىلىك زىيالىيلارنىڭ يىغىلىشى ئىدى. بۇ ئەدىبلەر لاۋ شېدەك بۇنداق يازغۇچىلارنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايتتى، چۈنكى لا شې ئۇنىۋېرسىتېت پىروفىسسورى ئەمەس بولۇپ، پەقەت بىر گېزىتنىڭ كەسپىي چاتما ھېكايە يازغۇچىسى ئىدى. مانا بۇ ئەنئەنىۋىي جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى پىرامىدا شەكىلدە ئىدى، سىز يامىشىپ مەلۇم بىر ئىجتىمائىي قاتلامغا چىققاندا، ئاندىن سىزنىڭ قەھرىمانلىقىڭىزنى ئېتراپ قىلىناتتى.
    بىراق، تور دەۋرى ئوخشىمايدۇ. ئېنتىرنىت تورى خۇددى چوڭ بىر شارغا ئوخشايدۇ. سىز ھەر قانداق بىر نۇقتىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئېگىزلىكىڭىزنى ياراتسىڭىز بولىدۇ. «ئالەم دېگەن تەكشى» دەيدىغان بىر گەپ بارغۇ، سىز پەقەت پۇرچاق چوڭلۇقىدا كۆتۈرۈلسىڭىز سىز چومۇلاڭما چوققىسى، سىز قەھرىمان ، سىز نامدار دېگەن گەپ. شۇڭلاشقا تور دەۋرى بىز بىر ئەۋلادقا ناھايىتى چوڭ بىر نام چىقىرىش پۇرستىنى تەمىن ئەتتى. بىراق، ھەر قايسىڭلار چوڭقۇر ئويلاندىڭلارمۇ يوق، تور دەۋرىدىكى نام چىقىرىشنىڭ ئارقىسىدىكى تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى. نام چىقىرىش ئۈچۈن كەلگۈسىدە بەلكىم ناھايىتى يۇقىرى بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرماي چېپىپ يۈرگەنلەر، مەن نەسىھەت قىلىمەنكى، ئەڭ ياخشىسى بىردەم ئۆپىكىڭىزنى بېسىۋالغىنىڭىز ياخشى.
    قايسى بەدەللەر بولىشى مۇمكىن؟ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى، نام چىقارغاندىن كېيىن ئەمەلىيەتتە سىز ئاممىنىڭ تەسەۋۋۇرى ئارقلىق كىشىلەر توپىدىن قاڭقىپ مەلۇم بىر ئېگىزلىككە چىقىرىلىپ قويۇلىسىز. بىراق قاڭقىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ.  بۇ خۇددى قاڭقىش سىزىقىدا ھەركەت قىلغانغا ئوخشايدىغان بولۇپ، قاڭقىپ چىقسىڭىز يەنە ھامان چۈشىسىز. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا قانچە ئېگىز قاڭقىسىڭىز پەسكە شۇنچە ئېچىنىشلىق چۈشىسىز. تور دەۋرى ئادەمنى ناھايىتى ئاسان يۇقىرى ئۇرۇنغا چىقىرىپ قويىدۇ. شۇنداقلا كۆپچىلىك سىزنى بىر قالتىس، يۈكسەك، ئۇلۇغ، ئەخلاقىي كامىل ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلايدۇ. چېن گۈەنشى ئەپەندىم ئەمەلىيەتتە بىر ياش يىگىتقۇ، ئۇ پەقەت ئاسان نام چىقىرىدىغان بىر ئىشنى قىلدى، خالاس. ئۇنداق بىر ياش، نورمال ئادەمنىڭ بىر قىسم خۇسۇسىي تۇرمۇشى شۇنداقلا ئاشكارلىنىپ كەتسە يۈزلىنىدىغىنى تەگسىز ھاڭدۇر. مانا بۇ تور دەۋرى بولۇپ، ئاممىنىڭ داڭدارلارنى چۈشەنمەسلىكى ۋە كەچۈرۈشنى خالىماسلىقىدۇر.
   شۇڭلاشقا، ۋۇ بوفەن ئەپەندى مۇنداق بىر جۈملە گەپنى قىلغان: ھازىرقى بۇ دەۋر، مەشھۇرلار ئەخلاقىنىڭ تۆۋەن چېكى ئادەتتىكى ئامما ئەخلاقىنىڭ يۇقىرى چېكىدۇر. چۈنكى بارلىق كىشىلەر سىزنى ئۇلۇغ، شەرەپلىك، دۇرۇس، مۇكەممەل دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.
   جوڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە بۇنداق مىساللار دائىم چېلىقىپ تۇراتتى. نامدارلار دائىم چىقىپ تۇراتتى، بولۇپمۇ خانقىزلار، ئۇلار كۈندە تالانتلىقلار ۋە گۈزەللەرنىڭ قىسسەلەرلىرىنى ئاڭلاپ، ئاشۇنداق مۇكەممەل تالانتلىقلاردىن بۇلۇشنى خىيال قىلىپ كەلگەن. ئەڭ تىپىك بولغىنى سىما شىياڭرۇ بىلەن جوۋ ۋېنجۈن ئىدى. سىما شىياڭرۇ تالانتى تولۇپ تاشقان كىشى بولۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ماھىر، ئەدەبىي تالانتى كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، جوۋ ۋېنجۈن بولسا داڭدار ئائىلىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇلار بىر-بىرىنى پەردە ئارقىسىدىن بىرلا كۆرۈپ ئاشىق بولۇشقان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار قېچىپ كەتكەن، قېچىشنىڭ بەدىلى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، جوۋ ۋېنجۈن تۇنۇلغان ساھىبجامال شۇنداقلا تۇرمۇشى باي-باياشات ئىدى، قېچىپ كەتكەندىن كېيىن پەقەت ھاراق ساتقۇچى، يەنى ئايال كۈتكۈچى بولغان. گەرچە مۇشۇنداق تۇرمۇش ئۆتكۈزسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلغان، چۈنكى ئۇ مۇھەببەت ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئىدى.
   بۇنداق قىزىق پاراڭلار قەدىمكى جوڭگودا كۆپ بولغان، نام چىقىرىشنى قوغلىشپ، ئۆمۈرلۈك ئېچنىشلىق پاجىئەگە گىرىپتار بولغانلار ناھايىتى كۆپ. تاڭ دەۋرىدە بىر تالانت ئىگىسى بولۇپ ئىسمى لويىن ئىدى. ئۇ كېيىنكى تاڭ شېئىرىيەت مۇنبىرىدە ناھايىتى مەشھۇر بىر قىسىم شېئىرلانى يازغان. مەسىلەن، « ياخشى پەيت كەلگەندە قاغىمۇ ھەم ھۇمادۇر، تەلەي قېچىپ كەتكەندە قەھرىمانمۇ ناكادۇر»، « گۈللەر تىرىلىپ بولدى بال، بۇ كىمگە شاتلىق ۋە كىملەرگە ۋابال» دېگەندەك مىسىرالارنى پۈتكەن ئىدى. ئۇ ھەقتە بىر قىزىقارلىق پاراڭ بار، لويىن دائىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن، بىر قېتىم خانبالىققا (بېيجىڭ) غا بېرىپ ئىمتىھان بېرىدۇ. يولدا بىر پاھىشخانىغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى يۈن يىڭ ئىسىملىك بىر پاھىشە بىلەن كېلىشپ ئىشنى پۈتتۈرىدۇ. 12 يىلدىن كېيىنمۇ ئۇ ئوخشاشلا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدۇ ۋە يەنىلا مۇشۇ پاھىشخانىدىن ئۆتىدۇ، ھېلىقى قېرىپ، سولىشىپ كەتكەن يۈن يىڭ ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چەكتىن ئاشقان چاقچاقلارنى قىلىشىدۇ. لويىن ئاخىر يۈن يىڭغا ئاتاپ: «ياتلىق بولماي تۇرۇپ قېلىشىم، باشقىلارغا يەتمىگەنلىكتىندۇر بەلكىم» دېگەن شېئىرنى پۈتىدۇ. بۇ شېئىر كېيىنچە ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ، ناھايىتى مەشھۇر ھەجىۋىيەگە ئايلىنىدۇ.
   ئەلۋەتتە، بۈگۈن رەسمىي توختىلىدىغىنىمىز لويىن بىلەن بىر چوڭ ئائىلە خانقىزىنىڭ ھېكايىسىدۇر. بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ خانقىزى ۋەزىر جېڭ تىيەننىڭ قىزى، جېڭ تىيەن كېيىنكى تاڭ سۇلالىسىدىكى داڭلىق ۋەزىر ۋە مەشھۇر شائىر. بۇ جېڭ خانقىز ھازىرقى خەن خەننىڭ مەستانىلىرى ۋە ئاشۇ ياش قىزىققان ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرگە ئوخشاش بولۇپ، ھۇجرىسىدا لو يىننىڭ ھەر خىل شېئىر، دىۋانلىرىنى يىغقان، ھەمدە ئۇلارنى چىراق ئاستىدا، ئاي يۇرۇقىدا ئوقۇپ، لويىننى مۇكەممەل ئوبراز ھالىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغان.
   بىر قېتىم جېڭ تىيەن داڭدارلارنىڭ ھەممىسىنى مېھمانغا چاقىرغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە لويىنمۇ بار ئىدى، بۇنىڭ بىلەن جېڭ خانقىزمۇ نۇرغۇن جۇۋاپ، پالاقشىپ كېلىپ، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ خۇددى ئەينى ۋاقىتتىكى جوۋ ۋېنجۈنگە ئوخشاش پەردىنى قايرىپ ئوغرىلىقچە لويىننى مارايدۇ-دە، نەتىجىدە ئۇ بەك ئۈمىدسىزلىنىپ چىرايى ئۆڭۈپ كېتىدۇ، چۈنكى لويىن بەك كۆرۈمسىز بىر كىشى ئىدى. بۇنىڭ بىلەن جېڭ خانقىز ئۈمىدسىزلىنىپ، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىدۇ. ھەم لويىننىڭ بارلىق شېئىرلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.
   لويىن كېيىن ھېچقانداق چوڭ ئائىلىنىڭ قىزلىرى بىلەن توي قىلماي، ئادەتتىكى بىر قىز بىلەن توي قىلىدۇ، بۇ ھېكايە بىزگە مەشھۇلارغا ئايلانغاندا چوقۇم بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى، مەستانىلەرنىڭ سىزنى ئاپتوماتىك ھالدا مۇكەممەل بىر ئوبراز سۈپىتىدە خىيال قىلىدىغانلىقى، سىزنىڭ مەستانىلىرىڭىز بىلەن ئۇچرىشىپ، زىچ ئالاقە ئورنىتىلغان ھامان ئۇلارنىڭ سىزگە تۇتقان قىزغىن مۇئامىلىسىدىن ئەسەرمۇ قالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ، چۈنكى، سىزنىڭ مۇكەممەل بىر ئادەم بولالىشىڭىز ناتايىن، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ سىزنىڭ ناھايىتى تېزلا ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە فاڭ جوۋزى بىلەن خەن خەن جىدەللەشتى، فاڭ جوۋزىنىڭ لاگىرىدىكىلەر: « خەن خەن، سەن بىر مېتىر يەتمىشمۇ كەلمەيسەن» دېيىشتى. ئەمەلىيەتتە بۇ سان ئازراقمۇ مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى، نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر خەن خەننىڭ بىر مېتىر يەتمىش كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قېلىشتۇر، بۇ ئاشۇ ئېگىز، سالاپەتلىك ئوبرازنىڭ كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ۋەيران بولىشى ئەمەسمۇ.
   شۇڭلاشقا بۇ نام چىقىرىشنىڭ بىر بەدىلىدۇر، نامىڭىز شۇنداقلا چىقسا، ھەقىقىي تۇرمۇشتىن مەھرۇم بولىسىز. نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان چولپانلارنىڭ كىمنى ئالغانلىقى، كىمگە تەگكەنلىكى مەخپىي تۇتۇلىدۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ئاۋام بىلەن ئارىلىق ساقلىشى كېرەك، داڭلىقلار تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئاشكارلانغان ھامان مەستانىلەرنىڭ چۈشى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بەربات بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن، تور دەۋرىدە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش، ئاۋام بىلەن ئارىلىق ساقلاش ئوخشاشلا شۇنچىلىك تەس، شۇڭلاشقا، ئەگەر سىز نام چىقىرىشنى ئويلىسىڭىز، مانا بۇ سىز تۆلەشكە تېگشىلىك دەسلەپكى بەدەلدۇر.  



لو جېنيۈ سۆزلىگەن «لوگېكىلىق تەپەككۇر» ناملىق پىروگىراممىغا ئاساسەن تەييارلىنىپ، چاڭجىياڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن 2013-يىل 10-ئايدا نەشر قىلىنغان «لوگېكىلىق تەپەككۇر» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.

uyghuray

2

تېما

22

دوست

6058

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   21.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1887
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 14:23:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما بۇپتۇ ! نام قازىنىش ئىستىكىدە بولىۋاتقانلار پايدىلانسا بولغىدەك .

12

تېما

2

دوست

5019

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 1568
توردىكى ۋاقتى: 410
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-16 12:24:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نام چىقىرىش راستىنلا ھەۋەسلىنەرلىك ئىش. لېكىن نامى چىقىپ بولغاندىن كېيىن زېدىلىنىش، سېسىتىلىش كۆتۈرۈپ بولغۇسىز ئازاپلىق. بۇمۇ نام ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەلنىڭ بىرى.

2

تېما

2

دوست

8682

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   73.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 2624
توردىكى ۋاقتى: 870
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 18:17:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تور دەۋرىدە، مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن، نام چىقىرىش بارغانسېرى ئاسانلىشىپ باردى. ئاساسەن ھەر ھەپتىدە بىر-ئىككى ئادەم قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. سېسىق نام چىقىرىشمۇ يامان ئىش بولۇشى ناتايىن،
                        =====================

      سېسىق نام چىقىرىشمۇ يامان ئىش بولۇشى ناتايىن، - دەڭ . شۇڭا سىز ، ئابدۇنىياز ئەپەندى ، ھەمجىنىسلىق ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپ  بازارغا سېلىش ئارقىلىق ، سېسىق نام قازىنىپ بولسىمۇ ، نامىڭىزنى چىقىراي دەپسىزدە ؟ بۇنداق جاپا تارتىپ يۈرمەي ، قوڭىڭىزنى سېتىپلا ، ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن ھەمجىنىسلىق قىلىپلا ، دۇنيادىكى ئەڭ بولسىڭىز بولاتتىغۇ ؟
uyghuray

18

تېما

0

دوست

2212

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31172
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 700
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-24 19:42:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
obzorqi يوللىغان ۋاقتى  2016-3-20 18:17
تور دەۋرىدە، مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن، نام چىقى ...

كۆزۈڭگە ئىشتان تارتىپ ئولتۇردۇڭمۇ بۇنى كۆرۈش ئىمكانىيتى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك بىلەلمىدىم، ئىشقىلىپ كاللا ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن تەقسىم بولغان بىرنېمە ئىكەنسەن.
گەپ قىلىشتىن بۇرۇن تېمىنى مەن يازدىممۇ ياكى تەرجىمە قىلدىمۇ ئوبدانراق قاراپ كاسلىدا.  ئەمچەكنى تاپالماي بىر نېمىگە ئۈسسۈپتۇ دېگەندەك ئادەمنى بىئارام قىلماي.

2

تېما

2

دوست

8682

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   73.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 2624
توردىكى ۋاقتى: 870
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-24 23:58:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TVNYUKUK يوللىغان ۋاقتى  2016-3-24 19:42
كۆزۈڭگە ئىشتان تارتىپ ئولتۇردۇڭمۇ بۇنى كۆرۈش ئىمكانى ...

     مەن نەچچەكۈن ئىلگىرى ئابدۇنىياز ئىمىن تەرجىمە قىلغان « ھەمجىنىسلىق ... » ھەققىدىكى تەرجىمە تېمىسىنى كۆرۈپ ، بۇ تېما تاقالغاچقا ئىنكاس يازالماي . ئاخىرى تېما يوللاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارغا ئۇ تېمىنى ئۆچۈرىۋېتىش ھەم شۇ خىلدىكى تېمىلارنى تەستىقلىماسلىق تەكلىپىنى بەرگەنىدىم . بىراق ئۇ تېما يەنىلا ئۆچۈرۈلمىدى . ئابدۇنىيازنىڭ باشقا تېمىلىرىنى تېپىش مەقسىتىدە ئىزدىسەم بۇ تېما ئۇچراپ قالدى . شۇنداق قىلىپ « يەر » قەۋىتىدىكى ئىنكاسنى يېزىۋېتىپ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپ ، مۇشۇنداق تۆھمەتكە قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ ، « ھەمجىنىسلىق ... » ھەققىدىكى تېمىنى قايتا ئېچىپ ، ئىگىسىنىڭ ئابدۇنىياز ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن «  ئابدۇنىياز ئەپەندى » - دەپ ئېنىق يازدىم .
     ئۇنداقتا « ھەمجىنىسلىق ... » ھەققىدىكى تېمىنى تەرجىمە قىلغۇچى ئابدۇنىياز ، بۇ تېمىنى تەرجىمە قىلغان ئابدۇنىياز ئەمەسمۇ ؟ ئەگەر ئەمەس بولسا ئېنىق چۈشەنچە بېرىڭ ، مەن ئەپۇ سورايمەن .
     TVNYUKUK ئەپەندى ، سىز بۇ تېمىنى تەرجىمە قىلغان ئابدۇنىياز ئىمىن ئەپەندى شۇمۇ ؟ ئەگەر ئەمەس بولسىڭىز گەپلىرىڭىزنى قايتۇرىۋېلىڭ . ئەگەر شۇ بولسىڭىز ، شۇنداقلا « ھەمجىنىسلىق ... » تېمىسىدىكى ئابدۇنىياز ئەمەس بولسىڭى ، سىزنى بىئارام قىلغانلىقىمدى ئەپۇ سورايمەن .
      
     بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغان « سېسىق نام چىقىرىشمۇ يامان ئىش بولۇشى ناتايىن، » - دېگەندەك چاكىنا كۆزقاراشلارنى تەشۋىق قىلىدىغان ، شۇنداقلا « ھەمجىنىسلىق » قا ئوخشاش كېچىدە ، يوتقاننىڭ ئىچىدە ، ياكى پاھىشىخانىلاردا پىنھان ھالدا بولىدىغان ئۇياتلىق ئىشلارنى تەشۋىق قىلىدىغان نومۇسسىزلىقنى مۇنبەرلەردە نامايەن قىلىش چاكىنىلىقتۇر . شۇڭا مېنىڭ ئەيىپلىشىم شۇنداق قىلغۇچىلارغا تەئەللۇق . ئۇنداق قىلمىغانلارنىڭ ئۆزىگە ئېلىۋېلىشى ئەقلىغا باغلىق .











18

تېما

0

دوست

2212

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31172
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 700
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-25 00:16:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
obzorqi يوللىغان ۋاقتى  2016-3-24 23:58
مەن نەچچەكۈن ئىلگىرى ئابدۇنىياز ئىمىن تەرجىمە قىل ...

ئارتۇق ھاياجانلىنىپ كەتمەڭ، مەن  قىلغان ئىشىمغا ئۆزۈم ئىگە بولىدىغان ئادەم، ئۇنى دەرۋەقە مەن تەرجىمە قىلغان، پەقەت تەرجىمە قىلغان، ئۇنى مەن يازمىغان.
تەرجىمە قىلىش بىلەن يېزىشنىڭ پەرقىنى بىلىسىز بەلكىم.

2

تېما

2

دوست

8682

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   73.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 2624
توردىكى ۋاقتى: 870
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-25 00:21:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TVNYUKUK يوللىغان ۋاقتى  2016-3-25 00:16
ئارتۇق ھاياجانلىنىپ كەتمەڭ، مەن  قىلغان ئىشىمغا ئۆزۈ ...

     چۈشەندىم . بۇندىن كېيىن بۇنداق مەزمۇنلارنى مۇنبەرگە سۇنماسلىقىڭىزنى ئۆتۈنىمەن . باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ ئېھتىيات قىلىشىنى ئۆتۈنىمەن . ... اللەقا ئامانەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )