- تىزىملاتقان
- 2015-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 889
- نادىر
- 0
- يازما
- 46
ئۆسۈش
77.8%
|
tengrikut يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 04:43
سىلەر ،بىز دەپ پاراڭلىشىش زىديەت ئۇرۇقىنىڭ مەنبەسى.
ھ ...
مەن ۋىكىپىدىيا تورىنىڭ ئىنگىلىزچە بىتىدىن يۇقارقى مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم، شۇنداقلا ۋىكىپىدىيا تورىنى ئىككىمىزگە قارىغاندا كۆپ ئىلمىي دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ دەپ قارايمەن.
شۇ بەتلەردە نورۇزنىڭ ئەسلى يىلتىزى زوروئاستىرنىزىمدىن كەلگەن دەپتۇ. زوروئاستىرنىزىمنى بولسا ئەين دەۋىردىكى ئەڭ كۈچلۈك دىنلاردىن بىرى ئىدى دەپتۇ. زورۇئاستىر بولسا زوروئاستىرنىزىمنىڭ ئاساسچىسى، زوروئاستىر دىگىنى گىرىكچە، زەردۇشىت دىگىنى پارسچە ئاتىلىشى دەپتۇ.
ئەگەر سىزنىڭ يۇقارقى ئىنكاسىڭىزغا تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىل ئىسپاتلىرىڭىز بولسا ۋىكىپىدىيا تورىغا ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلىپ، يوللاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ياكى مۇشۇ يەردە ئىلمىي پاكىتلار بىلەن، نەقىللىرى ۋە دەلىلىرى بىلەن رەددىيە قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. پايدىلىنىپ قىلىشىمىز مۇمكىن، ئەمما دەلىللىرىڭىز كۈچلۈك بولمىسا ئاۋارە بولماڭ.
نورۇز توغرۇلۇق قەدىمى رىۋايەتلەر پارسلاردا 3500 يىلغا بارىدىكەن، ئۇيغۇرلىرىمىزدا شۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن بولسا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ.
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ كىتەي، ئەرگىنەقۇن كۈنىنى دەلىل قىلسىڭىز پۇت دەسسەپ تۇرالىشى ناتايىن. چۈنكى ئىلمىي ماقالىلەردە نورۇز كۈنىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرۇلۇق ئەرگىنەقۇن كۈنى بايان قىلىنمىغان، ياكى ئەرگىنەقۇن كۈنىنىڭ نورۇز كۈنى قىلىپ بىكىتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئىشەنچىلىك ماتىرىيال تاپالمايسىز.
نورۇزنىڭ پارسچە سۆز ئىكەنلىكىدىن نورۇزنىڭ ئۆزىنىڭ پارسلاردىن كىرگەنلىكىگە ئىسپات بولالمىغانلىقى بىلەن، نورۇزنىڭ پارسلارنىڭ ئىكەنلىكىگە پارسلار ۋە دۇنيا خەلقى ئىلمىي دەلىلەر بىلەن ئىتراپ قىلىدۇ.
مەن ھازىرقى زامانەمدە ئەرەبچە كالىندارنى ئىشلەتكىنىم بىلەن، ماقالە يازغۇچىسى بۇنىڭدىن 3500 يىل بۇرۇنقى مۆچەل ۋە ئاي ناملىرىنى ئەرەبچە ئاتاۋاتىدۇ. مەن شۇنىڭغا قارىتا سىلەرگە ئەڭ بۇرۇنقىسىدىن تارتىپ ئەڭ يىڭىسىغىچە ئەرەبلەر تۈزۈپ بەرگەن بولسا كىرەك دىدىم. ئەگەر سىزدە 3500 يىل بۇرۇنقى كالىندارلارنىمۇ ئەرەبلەر تۈزۈپ بەرگەنلىك دەلىل بولسا ئەكەلسىڭىز بولىدۇ. ئۇيغۇرلار شۇ كالىندارنى ئىشلەتكەنمۇ- يوق قوشۇپ بايان قىلىپ بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەگەر يۇقارقى تەلەپلەر سىزگە ئېغىر كەلسە تالاشمىغىنىمىز ياخشى. |
|