- تىزىملاتقان
- 2015-1-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2480
- نادىر
- 1
- يازما
- 165
ئۆسۈش
16%
|
«تۈركى تىللار دىۋانى»دا تۈرك (ئۇيغۇر) ھەققىدە تۆۋەندىكى بايانلار ئۇچرايدۇ:
تۈرك . تەڭرى يارلىقىغۇچى نوھنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى. بۇ ـ نوھنىڭ ئوغلى تۈرككە تەڭرى تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم...
بىز « ‹تۈرك› دېگەن ئىسىمنى ئۇلۇغ تەڭرى ئۆزى قويغان» دىدۇق. چۈنكى ... قەشقەرلىك خەلەف ئوغلى تەقۋىدار ئىمام ئۇستاز ھۈسەيىننىڭ «ئىبنۇل غەرقى» دېگەن ئادەمدىن ئاڭلاپ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، ... جەرجەرالىق ئۇستاز ئەبۇبەكرى مۇفد ئاخىر زامان توغرىسىدا يازغان بىر كىتابىدا پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇنداق بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان: ... «ئۇلۇغ تەڭرى ئېيتىدۇ: مېنىڭ بىر تائىپە قوشۇنۇم بار، ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدىم، ئۇلارنى كۈن چىقىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم...
بۇ ھال ئۇلارنىڭ باشقا خەلقلەرگە نىسبەتەن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇلارغا تەڭرى ئۆزى ئات قويغان، ئۇلارنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئېگىز، ئەڭ ھاۋالىق جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە «ئۆز قوشۇنۇم» دېگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركلەر كۆركەم، يېقىملىق، ئوچۇق چىراي، ئەدەپلىك، قېرىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان، ئاددى- ساددا، كەمتەر، دادىل، مەرت ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان سان-ساناقسىز پەزىلەتلەرگە ئىگە. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قاچان كۆرسە ئانى تۈرك (قاچان ئۇنى تۈرك دەپ تونۇسا،)
بوزۇن ئانغا ئانىڭ ئايداغى (خەلق ئۇنىڭغا شۇنى ئېيتىدۇ: )
مۇڭار تەگىر ئۇلۇغلۇق (بۇنىڭغا ئۇلۇغلۇق تېگىدۇ، )
مۇندا نەرۈ كەسلىنۈر (بۇنىڭدىن باشقىسىغا ئاشمايدۇ.)
(يەشمىسى:) بىر كىشىنى ماختاپ شۇنداق دېيىلگەن: ئەگەر ئۇنى تۈرك دەپ تونۇسا، خەلق جەزمەن «ئۇلۇغلۇق، ياخشىلىق بۇ ئادەمگە يارىشىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقىغا ئاشمايدۇ» دەيدۇ. («تۈركى تىللار دىۋانى»، 1-قىسىم، 455-، 456-، 457- ۋە 458-بەتلەر).
بىزدىكى مېھمان دوستلۇقنى «تۈركى تىللار دىۋانى»دىمۇ مەھمۇد بوۋىمىز بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن مەدھىيەلىگەن. بولۇپمۇ، «تۈركلەر(ئۇيغۇرلار) كۆركەم، يېقىملىق، ئوچۇق چىراي، ئەدەپلىك، قېرىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان، ئاددى- ساددا، كەمتەر، دادىل، مەرت ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان سان-ساناقسىز پەزىلەتلەرگە ئىگە.» دېگەن تارىخى ئىبارىنى ئۇيغۇرنىڭ ھەربىر ئەزاسى دىلىنىڭ چۇڭقۇر يېرىگە ئويۇۋېلىشى كېرەك... مېنىڭچە، مېھمان دوستلىقنى ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا ئىشلىتىپ، بىراۋ ۋە يات تائىپىلەرگە قوللانماسلىق كېرەك دېگەن ئۆلچەمنى كۆتۈرۈپ چىقىش مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ تارىخى ئىپتىخارىغا مۇخالىپ ... |
|