- تىزىملاتقان
- 2016-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2368
- نادىر
- 2
- يازما
- 143
ئۆسۈش
12.27%
|
بۇ تىمىنى يەنە يۇقىرىغا سۆرەپ چىقشتىكى مەقسىتىم:
بىر باغداش ئائىلىسى بولۇپ، مۇنبەرچىلەرگە ئۈلگە بولساق، بىر- بىرىمىزنى تىللىماي ئۆزمۇ ئۆز قېرىنداشتەك بولساق يامىنى بارمۇ؟
مەن بىر نەچچە يىل كۆزىتىپ ماۋۇ سەل بولىدىغان مۇنبەركەن دەپ تىزىملاتقان ئىدىم ئەمما بەزى- يازمىلارنىڭ بىرىنجى قۇرىنى ئوقۇۋېلىپلا گەپنى ئاخىرىغىچە تولۇق ئوقۇماستىن مەيدىسىنى كېرىپلا سەكرەپ قوپۇپ ھۇشۇق ئاتقان قىمارۋازدەك سۆزلەيدىغان ئادەملەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالدى.
مۇسۇلمان قانداق ئادەم دېسە، مۇسۇلمان تىلى ۋە قولىدىن باشقىلارغا زىيان يەتمەيدىغان ئادەم. يەنى باشقىلارنى تىل ۋە قول تەگكۈزمەيدىغان.
ئەمما بۇ مۇنبەردە بۇ ئىشنى ئورۇندىيالايدىغان ئادەملەر ئازدەك قىلىدۇ.
ئەگەر سىلەر ئادەم تىللاپ كۆڭلۈڭلار يېرىم بولمىغان بولسا، مەن تىللىغانلارغا جاۋاپ قايتۇرۇپ بولۇپ كۆڭلۈم يېرىم تۇرۇۋاتىمەن.
بۇندىن كېيىن قانداق گەپ بولسا تىمىدىكى گەپلەر ئۈستىدە بولسۇن، ئەمدى ئادەم ھاقارەتلەيدىغانلارنى پەقەتلا كۆرگۈم يوق. بىزنىڭ بىزدىن باشقا نېمىمىز بار بۇ دۇنيادا؟
ما باشقۇرغۇچىلارمۇ قاراپراق تەستىقلىمامسىلەر ئىنكاسنى. ھاقارەتلىگەن سۆزلەرنى ئېلىۋېتىپ. سىلەرمۇ بەزىدە مۇنبەر قىزىتىپ پۇل تاپىدىغاندەك ئىش قىلىدىكەنسىلەر.
مەن بۇ يەرنىڭ زىيالىلارنى بىر يەرگە توپلىيالايدىغا ۋە ئۇلارغا ئىلمي مۇنازىرە سەھنىسى سۇنالايدىغان بىر بوشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن شەخسەن.
مەسىلەن، بىرسى «مەن كاپىر» دەپ تىما يازسىمۇ شۇنىڭغا سوغۇققانلىق بىلەن ئىنكاس بىلدۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىشقا تىرىشساق.
مەخسۇس تىما قىزىتىش ئۈچۈن ئىنكاس يازىدىغانلار مېنىڭ تىمىلىرىمغا ئاشۇنداق ئىنكاس يېزىپ، مەيلى مېنى، مەيلى باشقا قېرىنداشلارنى ھاقارەتلىسە ياكى بۇنىڭغا پۇل تېپىش نىيىتى ئارىلاشقان بولسا ھازىرلا دەپ قوياي، بۇنداقلارغا «ھەققىم ھارام بولسۇن»، قىيامەتتە كۆرۈشەيلى.
بۇنداقلىرىڭلار مەندىن ئۇزاقراق تۇرۇڭلار. تىمامغا خەق ئىنكاس يازماپتۇ ياكى ئوقۇماپتۇ دەپ ئۇيقۇم كەلمەي قالمايدۇ. يازساڭلار خەققە نەپ تېگىدىغان گەپنى يېزىڭلار بولمىسا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىسەڭلار بولىدۇ. |
|