قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3482|ئىنكاس: 22

مۇقامچى ئەمەت ئىسمايىل ھاجى ۋاپات بولدى.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

0

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 556
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 13:44:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئاتاقلىق ئەلنەغمىچى،قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ يىتۈك ئورۇنلىغۇچىسى،داستانچى،قوشاقچى ئەمەت ئىسمايىل ھاجى كىسەل سەۋەبى بىلەن داۋالاش ئۇنۇم بەرمەي 2011 -يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۇنى چۇشتىن بۇرۇن 77-يىشىدا ئالەمدىن ئۆتتى،مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10دە ئىۋىرغۇل مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدا چۈشۈرۇلۈپ شۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىندى.مەرھۇمنىڭ جىنازە نامىزىغا ھەر ساھەدىن بولۇپ نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان ئاممىسى قاتناشتى.


amat ismayil.jpg

سۈرەتتە مەرھۇم ئەمەت ئىسمايىل ھاجى مۇقام ئۇستازى ئەسەت مۇختار بىلەن
 قومۇل مۇقاملىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشمەكتە 


  
        ئەلنەغمىچى ئەمەت ئىسمايىل 1935- يىلى قۇمۇل شەھەر ئىچى ئالتۇنلۇق مەھەللىسىدە دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 12 يېشىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولۇپ ساۋادىنى چىقارغان ھەمدە سوپى ئاللايار ۋە ئەخمەت يەسۋىلەرنىڭ ھېكمەتلىرى بىلەن تونۇشقان. ئەمما ئۇنىڭ ئاتىسى ئەينى ۋاقىتتا قۇمۇلدا زور تەسىرگە ئىگە ئىشان ئىدى. ئۇ ھۆكمەت ئوقۇش، ۋايىزلىق قىلىشنى ئۆگەنگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ شۇ مەزگىللەردىلا ھۆكمەت ۋە ھاپىزلىققا قارىغاندا خەلق ناخشا مۇقاملىرىغا تېخىمۇ بەك قىزىققان، شۇنىڭ بىلەن گاھى ئاشكارە گاھى يوشۇرۇن ھالدا ئەلنەغمە ناخشىلىرى ۋە قۇمۇل ئون ئىككى مۇقام چۈشۈرگىلىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەن.
    ئازادلىقتىن كېيىن، خەلق ئەلنەغمىچىلىكىگە بولغان ھېرىسمەنلىكى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئاخۇنبەگ ئاكا،ئاقپاشا قاتارلىق مەشھۇر مۇقامچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ھەرخىل توي - تۆكۈن، مەشرەپ، سەيلى - باراۋەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داپ، غېجەك، قۇمۇل راۋابى قاتارلىقلارنى چالالايدىغان بولغان، قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامىنى پۈتۈن يۈرۈشلىرى بىلەن مۇكەممەل ئۆگەنگەن. 1957 - يىلى قۇمۇل پالۋانتۇر يېزىسىغا كۆچۈپ چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ، 1957 - يىلىدىن 1976 - يىلىغىچە 6 قېتىم پالۋانتۇر يېزىلىق ئەدەبىيات - سەنئەت تەشۋىقات كۇرسىغا قاتناشقان. 1958 - يىلى قۇمۇل ناھىيىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى كۆرىكىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن. 1980 - يىلى شەرقىي شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەلق ئېغىز ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشقان. 1988 - يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان شەھەر ئىچى ۋە پالۋانتۇر يېزىلىرىدىكى داڭلىق ئەلنەغمىچىلەرنى ئاساس قىلىپ قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامىنى قايتا ئۈنئالغۇغا ئېلىش، رەتلەش، تولۇقلاش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئالاھىدە تۆھپە قوشقان.
        1981 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 1 - نۆۋەتلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان، 1986 - يىلى ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يېزىسى ئالتۇنلۇققا كۆچۈپ كەلگەن ۋە شۇ يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەلنەغمىچىلەر كۆرىكىگە قاتنىشىپ، 2 - دەرىجىلىك مول - ھوسۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئازادلىقتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچە قېتىملىق قۇمۇل مۇقاملىرىنى رەتلەش، توپلاش، سىنئالغۇغا ئېلىش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئۇ ئورۇندىغان قۇمۇل خەلق ناخشىلىرى، مۇقاملىرى ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، رادىئو ئىستانسىسى، قۇمۇل شەھەرلىك، ئاراتۆرۈك ناھىيىلىك رادىئو ئۇزىلى تەرىپىدىن ئاڭلىتىلىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. 1989 - يىلى مايدا ئاپتونوم رايونلۇق 2 - قېتىملىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قۇرۇلتىيىغا ۋە 1993 - يىلى ئاۋغۇستتا قۇمۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇمۇل مۇقاملىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان ھەمدە قۇمۇل مۇقاملىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مەشرەپ پائالىيىتىدە خۇپتى مۇقامى قاتارلىق مۇقاملارنى ئورۇنداپ، ھەر ساھە ۋەكىللىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ھەمدە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشى ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئاللا مەرھۇمنىڭ ئىمانىنى سالامەت قىلسۇن.

20

تېما

0

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 556
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 14:30:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ئاۋازى بەك يىقىملىق بولۇپ قىرائەتنى بەك چىرايلىق قىلاتتى،بولۇپمۇ ئەزاننى ئەرەپ ئاھاڭىدا بەك مۇڭلۇق ئيىتاتتى،خۇش پىئىل.چىقىشقاق.ئادەم ئىدى،ئاللا ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن.ئامىن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

0

دوست

5281

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1614
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1111
تۆھپە : 881
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 15:14:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن !

25

تېما

0

دوست

6599

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   31.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1327
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1635
تۆھپە : 928
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 15:36:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېلىمىز  دۇنياغا كېتىمىز بىر كۇن ، ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار ئىش . مەرھومنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.

0

تېما

0

دوست

55

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   18.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3260
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 33
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 15:39:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ  ئاسان بولىشىنى بىر ئاللاھتىن تىلەيمەن...     

4

تېما

0

دوست

6427

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 432
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 16:48:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرې جەننەت بولغاي ئامىن ئالاھۇئەكبەر...مەرھۇمنىڭ نامىزىغا قاتنىشالماي بەك ئەپسۇسلاندىم ....
قۇمۇل ئوغلانى::::::::

hayat zor, ama bende kolay sa

15

تېما

3

دوست

7628

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1622
تۆھپە : 1253
توردىكى ۋاقتى: 1307
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 17:24:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئۇستازىمىز بىلەن بىر قېتىملىق سۆھبەتتە بولغان. لېكىن ئۇزۇن يىل بولدى. شەھەر ئىچى باشلانغۇچ مەكتەبنىڭ ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى، پىشقەدەملەر، ئىلغار زىيالىيلار، ۋە ئۆمۈر چولپانلىرىنى زىيارەت قىلىش كۇرژىكىغا قاتنىشىپ نۇرغۇن نەپ ئالغان ئىدىم. بۇ مۆھتىرەم بوۋىمىزنىمۇ شۇ چاغدا ياخشى تونۇغانىدىم. ۋە سۆھبەت جەريانىدا بۇ كىشىگە بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشقانىدى. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!
ئالىم بولۇش ئاسان، ئادەم بولۇش تەس.

11

تېما

0

دوست

1840

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1474
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 493
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 271
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 17:26:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ يارتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ،ئۇلۇغ اللا ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن ~ئامىن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )