- تىزىملاتقان
- 2016-1-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1625
- نادىر
- 0
- يازما
- 131
ئۆسۈش
62.5%
|
پوتىن ئەپەندىنىڭ مۇشۇ تىمىدىكى ئىنكاسىنى ناھايىتى ياختۇردۇم. مۇئەلىم بولماىق ئاسان ئەمما ياش-ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقى مۇئەللىم يەنى ئەپەندى بولماق ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس،ئۇلۇغۋار ئىتقات مۇستەككەم ئىرادە ئىزچىل تىرىشچانلىق ئاساسىدا زور بەدەل تۆلەلىگەندە،ئاندىن ئەۋلاتلار قەلبىدە ئاداققىچە ھۆرمەن بىلەن تىلغا ئىلىنىپ تۇرىدىغان ئەپەندىگە ئايلىنالايمىز.بۇنۇڭ ئۈچۈن ئۆز بالىمىزغا قانداق كۆيسەك باشقىلارنىڭ باللىرىغىمۇ شۇنداق كۆيىدىغان قەلىپ روھى بولغاندىلا ،ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىدە ھۆرمەتلىنىدىغان ئوبرازىمىزنى تىكلىيەلەيمىز. ئەمدىكى مەسىلە بىچارە ئەپەندىلەر ھەققىدە بولۇپ قالماي بەلكى ئەنەشۇ قارا كۆز قارا قاش ئەۋلاتلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ،باللىرى ئۈچۈن قانداق ئۈلگە بولىشى قانداق قۇربانلارنى بىرىشى كىرەك؟بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز قانداق قىلىۋاتىدۇ؟مانا بۇ بىز ئويلۇشۇپ مۇنازىرە قىلىپ باقىدىغان ئىشتۇر.چۈنكى باللارنىڭ بىرىنچى ئۇستازى دەل شۇ ئاتا-ئانىلاردۇر.مانا مۇشۇ مەسىلە ئۇبدان ھەل بولسىلا قالغان ئىشلاردىن ئارتۇقچە غەم قىلىش يوق. ئەلۋەتتە ئاتىغا قارىغاندا ئانىنىڭ رولى تىخىمۇ چوڭ،پەرزەنتلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان قەھرىمان ئانىلار قانچە كۆپەيسە،ھەقىقى ئەپەندىلەرنىڭ رولى تىخىمۇ زور دەرىجىدە جارى قىلغۇسى. |
|