- تىزىملاتقان
- 2015-1-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1834
- نادىر
- 0
- يازما
- 53
ئۆسۈش
83.4%
|
سىز ھەقىقىي مۇئەللىممۇ
نۇرئەلى كاشغەر مۇقىمي
ئۇقۇتقۇچى- ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى.
شۇنداق، كونىلار ھەقىقەتەن توغرا ئېيتقان. ئوقۇتقۇچى چىن مەنىسى بىلەن ئىنسانىيەت روھىيىتىنى لاھيىلىگۈچى ئىنژىنىر.
كېسىپ ئېيتىشقا بولدۇكى ، ئوقۇتقۇچى -دۇنيادىكى ھەرقانداق كەسىپنىڭ بەرپاچىسى ۋە ئاساسچىسى.
مەيلى يازغۇچى، شائىر بولسۇن، ئەرباب -ئەمەلدار بولسۇن، مەيلى قازغۇچى ياكى ھۈنەرۋەن بولسۇن، ھەممىسى ئۇستاز شارائىتىدا مۇئەييەن تەربىيەنى قۇبۇل قىلغان بولىدۇ.
مۇئەللىمنىڭ تەربىيەسىسىز داڭلىق ئالىم ياكى قوماندان بولغانلارمۇ بار. بىراق بۇنداقلار ئىتايىن ئاز.
مۇئەللىم زادى قانداق ئىنسان؟
ھەقىقىي بىر مۇئەللىم - بالىلارنى پەرۋىش قىلغۇچى بىر مېھنەتكەش باغۋەن.
‹‹سىتىنا خانىمنىڭ ئائىلە تەربىيەسى ››ناملىق كىتابنىڭ بىرىنجى بابىدا : ‹‹رىم ئىمپىريىسىنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشى ئۇلارنىڭ باللىرىنى ئۆزى تەربىيەلىمەي، باشقىلارنىڭ تەربىيەلىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىشىدىن باشلانغان. پەقەت ئادەملەرلا شۇنداق قىلىدۇ. ھايۋاناتلار ھەرگىز بالىسىنى باشقىلارنىڭ تەربىيەلەشىگە تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ›› دەپ خاتىرلەنگەن. ھەقىقىي مۇئەللىم بالىلارنى ، يەنى باشقىلانىڭ بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ بالىسى قاتارىدا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىدۇ.
ھەقىقىي مۇئەللىم- بىر ناتىق ۋە سەنئەتكار.
ھەرقاچان بالىلارغا ئىنسان بولۇشنىڭ يوللىرىنى تۈرلۈك ئۇسسۇللار بىلەن سۆزلەيدۇ.. ئۆزى ھەم ئەمەل قىلىدۇ.
‹‹موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىننى قىلما›› دېگەن ماقالمۇ ساختىپەز ‹‹موللا›› ، ئۇستازلارغا بېرىلگەن نام خالاس. ھەقىقىي مۇئەللىم ئۆزى سۆزلەيدۇ، ھەمدە ئەمەل قىلىدۇ.
ھەقىقىي مۇئەللىم بىر تاڭ خورىزى. ئۇ ئاۋۋال ئۆزى ئويغىنىپ ئاندىن باشقىكارنى ئويغىتىدۇ.
شاتۇت ئەمەس، كىتابتىكى ئۆلۈك نەزەرىيەنى شۇ پېتى يادلاپ بالىلارغا قاچىلايدىغان. مۇئەللىم بىر ئەنقاكى ھەممىسىگە ئۆگەتكۈچى.
مۇئەللىم چوغ،مەشئەلكى، ئۆزى كۆيۈپ باشقىلارغا نۇر -ھارارەت بېغىشلايدىغان.
سىز ھەقىقىي مۇئەللىممۇ؟
ئۇنداقتا سىز بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئارزۇسى ئۈچۈن مەدەت-ئىلھام بەردىڭىزمۇ ياكى ئۈندۈرمە ھالەتتىلا قىزىقىشىنى قۇرۇتتىڭىزمۇ؟!
ئاارزۇ، ئادەمنى ئالغا يېتەكلىگۈچى روھىي كۈچ. بالىلارنىڭ غايىسى كۈچلۈك، ئەمما ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ بىر ئېغىز رىغبىتىڭىز بەزىدە شۇ بالا ئۈچۈن ئالەمشۇمۇل كۈچ بولسا، بىر ئېغىز تەنقىدىڭىز بەلكى نابۇت قىلىشى مۇمكىن.
ھەققىي مۇئەللىم- باراۋەرلىىك ۋە ئىناقلىق گۈلىنى تېرىغۇچى.
مىللەتنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بولۇشى، گۈللىنىشى ماھيەتتە مۇئەللىمگە باغلىق بولىدۇ. بالىلارغا باراۋەرلىك ، ئىنسانپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قامۇس كىتابلاردىنلا سۆزلەپ كۆپۈك قايناتقاندىن كۆرە بىرەر قېتىملىق ئەمەلىي ھەركەت ئەلا.
بۇ تەرەپتىن ئالغاندا سىز بىرەر قېتىم بالىلار بىلەن چۈشلۈك تاماق يەپ باقتىڭىزمۇ؟
بۇ بىر قېتىملىق تاماق ئاددىي بىر تاماق يېيىشلا بولۇپ قالماستى بەلىكى، بالىلار نى ئۆزىڭىز بىلەن باراۋەر ئورۇندا كۆرگىنىڭىزدۇر.
بالىلار كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرى . بۇنى ئەمەلىيەتتە سىز بىرەر قېتىم ھېس قىلدۇرۇپ ، بالىلارنى مۇستەقىل ئىش قىلىش ئىمكانىىيىتى يارىتىپ بەردىڭىزمۇ؟
بۇ توغرىسىدا بالىلارنى بىرەر قېتىم دەرس ئۆتكۈزۈپ ئۆزىڭىز بالىلار بىلەن بىللە دەرس ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ؟
ھەقىقىي مۇئەللىم بالىلارنى تەييار تاپ ئەمەس، ئۆزى تەييار قىلىپ چىقالايدىغان كىشلەرنى يېتىشتۈردۇ.
قېنى سىز ھەقىقىي مۇئەللىممۇ؟
|
|