- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12855
- نادىر
- 0
- يازما
- 1240
ئۆسۈش
7.14%
|
alip1924 يوللىغان ۋاقتى 2016-3-24 12:28
ئەتراپلىق مۇلاھىزە ! مۇشۇ بۇيىچە ئېيتقاندا يۇقىرى قات ...
چۈنكى تۈركىيە يۇقىرى قاتلىمى بولسا ياۋروپا بىلەن باردى -كەلدى قىلىدۇ .يەنە مۇستاپا كامال تەرىپىدىن ئەڭ ئالىي مەنپەئەت ۋە ئىمتىيازغا ئىگە .ئەردوغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنگە ئالدى كەينى 10يىل بولۇپ قالدى .ياۋروپا ئىزچىل تۈركىيەنى ناتوغا ئەزا قىلغان ،ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ كۈزەتچى ئەزا دۆلىتىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ ئەركىن چىگىرانى ئىچىپ بەرمىدى .چۈنكى تۈركىيە بولسا پۈتكۈل ئىسلام لاگىرىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي كۈچ ۋە ياۋروپا سىياسىي تۈزۈلمىسىگە دۆلەت ،ياۋروپا ئۈچۈن خىرىس ھەم بىر باش ئاغرىقى بولۇپ قالدى.ئەگەر تۈركىيەگە ئەركىن چىگرانى ئىچىۋەتسە ئوتتۇرا شەرق ۋە پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ يىرىمىدىن كۆپرەكىگە بۇ ئىشىكنى ئىچىۋەتكەن بولىدۇ .بۇ ياۋروپا ئىجدىمائى تۈزۈلمىسى ئۈچۈن قۇبۇل قىلغۇسىز بىر خىرىس .يەنە ئەگەر ياۋروپا تۈركىيەگە ئىشىكنى ئىچىۋەتسە تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەر ۋە تىرورىزىمنى ساپاق قىلىپ ،ياۋروپاغا بىسىپ ئەكىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ .بۇنىڭ مىسالى يىقىندا تۈركىيە -ياۋروپا سۈرىيە كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە يۇقىرى چىقىم تالونىنى ياۋروپاغا تاشلىدى .ئەگەر بۇ پۇل تۈركىيە كەلمىسە تۈركىيە يەنە داۋاملىق چىگىرىدىن ئۆتىدىغان كىشىلەرگە يىشىل چىراق ياندۇرۇپ بىرىدۇ .
ئەڭ مۇھىمى ياۋروپا تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئاتامانى بولۇش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىنى خالىمايدۇ .بۇ ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ .تۈركىيە پەقەت دىنسىز ھاكىمىيەت يولىنى ۋە غەرب قىممەت قارىشىنى تامامەن قۇبۇل قىلغان تەقدىرمۇ ياۋروپا تۈركىيەنى قۇبۇل قىلمايدۇ .چۈنكى تۈركىيە دەل ئوسمان تۈركلىرىنىڭ يىلتىزى .
ئەردوغان بۇ 10يىل جەريانىدا تۈركىيەنىڭ زىمىنى ئاسىيادا ،چۈشى ياۋروپادا بولغان ھالىتىدىن ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ ،ئىسلامىزىمنى تەرغىب قىلىپ ،دىنى تۈسنى قۇيۇقلاشتۇردى .بۇ ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ غەرب يۆلىنىشىدىن شەرق ۋە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ...سىتان دۆلەتلىرى ،ئاپتۇنۇم رايونىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي قەۋم لاگىرى يۆلىنىشىگە ئاغدى .ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دىن ۋە سىياسىيدىكى ئۇتۇقلىرىنى بۇ رايونلارغا چوڭ تۈركچىلىك ئىديەسى بىلەن سىڭدۈردى .ئوتتۇرا شەرققە بولسا ،ئىسلامنىڭ مەدىنىيەتلەر ۋە دىموگىراتىيەلەر بىلەن ماسلىشالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ،ئىسلام لاگىرىغا يولباشلىق قىلىپ دۇنيانىڭ ئىسلامنى باشقىچە نامايەن قىلالايدىغان بىردىنبىر تاللاش ئىكەنلىكى ھەققىدە سىلىق سالدى .
دۇنيا تارىخى ۋە جۇڭگۇ تارىخىدىكى نۇرغۇنلىغان ھاكىمىيەت ئالمىشىشلىرىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ .دىھقانلار قۇزغۇلىڭى تىز ئاغدۇرىلىدۇ .ھەربىي ھاكىمىيەت ھەربىيلەرنىڭ سىياسىي ئۆزگۈرىشىدىن ئۈزۈلمەيدۇ .پەقەت ئىقتىسادى كۈچلەر قۇرغان ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ ھاياتلىق مەۋجۇدىيىتىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىدەك ھەقىقەت .تۈركىيە يۇقىرى قاتمىلى تاللىغان يوللا تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات ۋە كۈچىيىش يولى ھەرگىزمۇ ئەردوغاننىڭ يولى ئەمەس . |
|