قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 974|ئىنكاس: 0

خىيانەتچىنىڭ ئوغلىغا يازغان خېتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

87

تېما

0

دوست

2459

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 557
تۆھپە : 283
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 01:47:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2000 – يىلى 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، جىياڭسۇ ئۆلكىلىك قۇرلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى شۈ چى ياۋ 20 مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق خىيانەت قىلىپ پار يېگەنلىكى ئۈچۈن، شۇ يەرلىك تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. تەكشۈرۈشتە شۈ ۋە 146 نەپەر «ئاشنا» سىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى قاتارلىق ئىسپاتلار بايقالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئوغلىغا يېزىلغان بىر پارچە خەتمۇ بار ئىدى.
خەتنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ئوغلۇم:
خېتىڭنى ئاللىقاچان تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇنىۋېرستېتتىكى ئىپادەڭدىن مەن بەك مەمنۇن بولدۇم. تېخىمۇ تىرىشقىن. مەنسەپ تۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ يولىنى تاللىغانكەنسەن، تۆۋەندىكى نەسھىيىتىمنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت:
1. ھەرگىزمۇ ھەقىقەتنى قوغلاشما. ھەرگىزمۇ شەيىئلەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئىزدەپ كەتمە.
ھەقىقەتنى ئىزدەيدىغان بۇنداق ئىشلارنى زىيالىيلار قىلسۇن. بۇ دېگەن ئۇلارنىڭ ئىشى. مۇنداق بىر ئەقىدىنى ئېسىڭ دە چىڭ تۇت: ئۆزۈڭگە پايدىلىق بولغىنى ئەڭ توغرىسى. ھەقىقەتەن ئېسىڭدە تۇتالمىساڭ ئاددىيلاشتۇرۇپ بېرەي: يۇقرى دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ تەشەببۇس قىلغىنى دەل توغرىسى.
2. يالغان گەپ قىلىشنى ئۆگىنىپلا قالماستىن بەلكى، يالغان گەپ قىلىشقا ماھىر بول.
يالغان گەپ قىلىشنى ئۆزۈڭنىڭ بىر ئادىتىگە ئايلاندۇرۋال. ياق، كەسىپ قىلىۋال. تاكى تاكى ئۆزۈڭمۇ ئىشەنگۈدەك دەرىجىگە يەتكۈچە.
3. دىپلوماڭ بولسۇن، بىراق ھەرگىزمۇ ھەقىقىي بىلىمىڭ بولمىسۇن. ھەقىقىي بىلىم ئۆزۈڭگە زىيانلىق.
بىلىمىڭ بولسا مۇستەقىل پىكىر قىلالايسەن. ئەمما مۇستەقىل پىكىر قىلىشنى ھۆكىمەت پەرز قىلغان. سەن ھازىرقى رەھبەرلەرنى ھەرگىزمۇ ئاسپىرانىت، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە دەپ قارىما. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساختا. بەزى كىشلەر دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرۈپ، مەمۇرلىققا قۇبۇل قىلىنىپ مەنسەپ يولىغا قاراپ ماڭىدۇ. ئۇ ئوقۇش باشلىغان كۈندىن باشلاپ، ئىلمىي تەتقىقات قىلىشنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقمىغان. ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى، ھەقىقىي دوكتۇر مەڭگۈ ئەمەلدار بولالمايدۇ.
4. ئەمەلدار بولۇشنىڭ مەقسىتى نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ مەنپەئەت.
ھېرىپ – چارچاشنى بىلمىگەن ھالەتتە ھەر قانداق مەنپەئەتنى قولۇڭغا كىرگۈزىۋال. بەزىلەر بۇنى ھازىر چىرىكلىك دەپ ئاتايدۇ. سەن شۇنداق قىلىپلا قالماستىن بەلكى، بىردىنبىر مەقسىتىڭ قىلىشىڭ كېرەك. رەھبىرىڭ سېنى ئۆستۈرىدۇ. چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن مەنپەئەت ئېلىپ كەلدىڭ. قول ئاستىڭدىكىلەر ساڭا بويسۇنغان. چۈنكى سەن ئۇنىڭغىمۇ مەنپەئەت ئىلىپ كەلدىڭ. ئەتراپىڭدىكى خىزمەتداش، دوسىتلىرىڭ ساڭا ئاتىدارچىلىق قىلغان. سەن ئۇلارغىمۇ مەنپەئەت ئىلىپ كەلدىڭ. سەن ئۆزۈڭگە لازىم قىلمىدىڭ. ئەمما باشقىلارنىڭكىنى سەن چوقۇم بېرىشىڭ كېرەك. ئېسىڭدە چىڭ تۇت، بۇ مەنپەئەتكە ئېرىشىش، قولغا كىرگۈزىشىڭ غۇۋا بولسا، ئۇنداقتا سەن مەغلۇبىيەتتىن قىچىپ قۇتۇلالمايسەن.
5. ئادەم بولۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويالىساڭ، ئاندىن ئىش قىلىشنى بىلەلەيسەن.
بۇ يەردىكى ئادەم بولۇش، ئىش قىلىشنى سەن ھەرگىزمۇ ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش دەپ چۈشىنىپ قالما. بۇ يەردىكى ئادەم بولۇش بولسا، مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش، ئىش قىلىش بولسا ئەمەلىي خىزمەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەرىپى ھېچ گەپ ئەمەس. ئادەم بولۇش دەل ئۆزۈڭنى مەركەز قىلىپ، تورنىڭ ئوتتۇرىدىن يۇقرى – تۆۋەن، ئوڭ – سولغا توقۇپ چىقىپ، تورنىڭ مەلۇم بىر قىسىمىغا ئايلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئېسىڭدە تۇت، كىمنىڭ ئىش قىلىش ئىقتىدارى يۇقرى دېگەندە، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئىش قىلىش ئىقتىدارى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئادەم بولۇش ئىقتىدارى يۇقرى بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
6. جەمىئيتىمىزنىڭ تاشقى شەكىلىدە قانچىلىك ئۆزگرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بىز يەنىلا يېزا ئىگىلىك جەمىئىيىتى.
كىم دېھقانلارغا يېقىنلاشسا، شۇ نەتىجە قازىنىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى كىشلەرنىڭ تاشقى قىياپىتى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممە سۆڭىكى دېھقاننىڭ. دېھقاننىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، نەزەر دائىرىسى تار بولۇپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدۇ. شۇڭا سېنىڭ ئىش قىلىش يولۇڭ، ئۇسۇلۇڭ چوقۇم دېھقانچە ئالاھىدىلىككە ئېگە بولۇشى كېرەك. قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇرنۇڭنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈشۈڭ كېرەك. ئەگەردە نەزىرىڭنى يىراققا تاشلاپ سالساڭ، ئۇ چاغدا سەن بۇ توپقا تەۋە بولماي قالىسەن، ئاقىۋىتنى ئويلاپ يەتكىلى بولىدۇ. فېئوداللىقتىن ئىبارەت بۇتەرەپنى كۆپرەك ئۆگىنىۋال. مەسلەن: قىرىندىشىڭنى بىر نېمە دەپ چوقۇنساڭمۇ، ھەرگىزمۇ ئېشىپ كەتكەنلىك بولمايدۇ.
7. خوشامەت قىلىشنىڭ بىر تۈرلۈك يۇقرى دەرىجىلىك سەنئەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىڭ كېرەك.
خوشامەت قىلىش بولسا يۇقرىنىڭ ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر. ئادەم ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان جەمىئەتتە، يۇقرىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشىش بولسا، مەنسىپى ئۆسۈشنىڭ بىردىنبىر يولى. باشقىسىنىڭ ھەممىسى شەكىل. بۇ تەرەپنى بىلمەي بولمايدۇ.
8. بارلىق قانۇن – نىزام، سىياسىي – تۈزۈلمىلەرنىڭ ھەممىسىگە چوقۇم قاتتىق بويسۇنۇش كەتمەيدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيىتقاندا، ئىجرا قىلش جەريانىدا ھەممىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
قانۇن – نىزام، سىياسىي – تۈزۈلمىلەرنى تۈزگىچىلەر ئەزەلدىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى چەكلەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يەتمەي، ئەكسىچە باشقىلارنى چەكلەشنى ئويلايدۇ. ئەمما سەن چوقۇم شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، بۇ ھەرگىزمۇ ھەممە كىشلەر خىلاپلىق قىلسا بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. قايسى ۋاقتتا قاتتىق بويسۇنۇش، قايسى ۋاقىتتا بىلىندۈرمەي خىلاپلىق قىلىش، كىم خىلاپلىق قىلىشنى ۋەزىيەت بەلگىلەيدۇ. بولمىسا كەڭچىلىك بىلەن خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىمىز.
يۇقرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلدار بولۇشنىڭ پېرىنسىپى.تەپسىلىي ئويلىشىپ كۆر. ئەگەر بەلگىلىمە بويىچە قىلالىساڭ، ئۇنداقتا ئوڭۇشلۇق بولغان بولىدۇ. ئەگەر ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوقتەك ھېس قىلساڭ، ئۇنداقتا دەرھال باشقا كەسىپنى تاللىغىن.
«نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ 2008 – يىللىق 23 - سانىدىن ئېلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى: توختى قۇربان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )